ئەيدىزدىن يىراق تۇرۇپ، ھاياتنى قەدىرلەيلى
مەدىنە تاھىر، دىلنۇر رېشىت
ئەيدىز 20 – ئەسىرنىڭ 90 – يىللىرىدا ئاپتونوم رايونىمىزدا تارقىلىشقا باشلىغان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى كونترول قىلىشتا نۇرغۇن ئەمەلىي خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن بولسىمۇ، ئەيدىزنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدا تارقىلىشى يەنىلا بىر قەدەر تېز بولۇۋاتىدۇ. شۇڭا، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى بولۇپ قالدى. ھەر يىلى 12 – ئاينىڭ 1 – كۈنى دۇنيا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش كۈنى. بىز ئاممىنى ئەيدىز توغرىسىدا مۇئەييەن چۈشەنچىگە ئىگە قىلىش مەقسىتىدە ئاپتونوم رايونلۇق قىزىل كرېست جەمئىيىتى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئەيدىز ئاغرىقلىرىغا غەمخورلۇق قىلىش مەركىزىدىكى رەيھانگۈل ئەركىننى زىيارەت قىلدۇق.
مۇخبىر: ئەيدىز دېگەن نېمە؟ ئەيدىزنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدا تارقىلىش ئەھۋالى قانداق؟
رەيھانگۈل: ‹‹ئەيدىز›› چەتئەل تىلىدىن كىرگەن سۆز بولۇپ، ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئادەم تېنىگە كىرىشىدىن پەيدا بولىدىغان بىر خىل ئۆتكۈر يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئومۇمىي نامى. ئەيدىز ئادەم تېنىدە تەبىئىي مەۋجۇت بولمىغان، ئىرسىيەتلىك بولمىغان، باشقىلار ئارقىلىق يۇقىدىغان كېسەلدۇر. CD4 ھۈجەيرىسى بەدەندىكى ناھايىتى مۇھىم ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئادەم تېنىدىكى سانى ئادەم تېنىنىڭ ھەر خىل كېسەللەرگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى بەلگىلەيدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسى دەل ئادەم تېنىدىكى CD4 ھۈجەيرىسىگە ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى بۇزىدۇ. شۇڭا، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى يوقاپ، ھەر خىل ئۆسمە پەيدا بولىدۇ.
ئاپتونوم رايونىمىزدا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان تۇنجى ئاغرىق 1995 – يىلى قۇمۇل ۋىلايىتىدە بايقالغاندىن باشلاپ 2009 – يىلى 6 – ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە دوكلات قىلىنغان ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار 25 مىڭ 731 گە يەتتى. بۇنىڭ ئىچىدە ئەرلەر% 72 نى، ئاياللار% 28 نى، ياش پەرقى بويىچە ئايرىغاندا، 20 ياشتىن 29 ياشقىچە بولغانلار%47 نى، 30 ياشتىن 39 ياشقىچە بولغانلار% 37 نى ئىگىلىدى.
ئاپتونوم رايونىمىزدا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار ئاساسەن تۆت ۋىلايەت، ئوبلاستقا تارقالغان. ئىلى ئوبلاستى بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرىدە يۇقۇم ئەھۋالى نىسبەتەن ئېغىر بولۇپ، ئىلى ئوبلاستىدىكى يۇقۇملانغانلار ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يۇقۇملانغانلار ئومۇمىي سانىنىڭ %48 ىنى، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يۇقۇملانغانلار %33 ىنى ئىگىلەيدۇ. ئۇنىڭدىن قالسا قەشقەر، ئاقسۇدىمۇ يۇقۇملانغانلار نىسبەتەن كۆپ.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئەيدىزنىڭ تارقىلىش ئالاھىدىلىكىدە ئۆزگىرىش بولدى. ئىلگىرى زەھەر چېكىش سەۋەبلىك يۇقۇملانغانلار كۆپ بولغان بولسا، يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان قالايمىقان جىنسىي ئالاقە سەۋەبلىك يۇقتۇرۇش ئېغىرلاشتى. يۇقۇملانغانلار زەھەر چېكىدىغانلاردىن ئادەتتىكى ئادەملەرگە قاراپ كېڭەيدى. يۇقۇملانغانلار ئىچىدە ئاياللار بىلەن بوۋاقلارنىڭ نىسبىتى ئېشىشقا باشلىدى، يەنى ئانا ئارقىلىق بالىغا يۇقتۇرۇش ئېغىرلاشتى. ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان 25 مىڭ 731 كىشى پەقەت دوكلات قىلىنغان سان بولۇپ، بۇلار تۈرلۈك كېسەللەر بىلەن داۋالىنىش جەريانىدا ئاشكارىلىنىپ ئەنگە ئېلىنغانلاردۇر. يوشۇرۇنلىرىنى، بايقالمىغانلىرىنى قوشقاندا، ھازىر ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ 60 مىڭدىن ئېشىشى مۆلچەرلىنىۋاتىدۇ.
مۇخبىر: ئەيدىز ۋىرۇسى قانداق يۇقىدۇ؟ يۇقۇملىنىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟
رەيھانگۈل: ئەيدىز ۋىرۇسى ناھايىتى كىچىك مىكرو ئورگانىزم بولۇپ، ئاساسلىقى يۇقۇملانغۇچى ياكى ئەيدىز كېسىلى ئاغرىقىنىڭ قېنى، تەن سۇيۇقلۇقى ئاجرالمىسى، ئانا سۈتىدە مەۋجۇت بولىدۇ. شۇڭا، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىنىڭ قېنى ياكى تەن سۇيۇقلۇقى باشقىلارنىڭ تېنىگە كىرسە، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ئايال ھامىلىدار بولسا ياكى بالىنى ئېمىتسە بۇ كېسەل يۇقىدۇ.
ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان دەسلەپكى مەزگىلدە ئادەمنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسى ئانچە چوڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىمايدۇ، ئادەم تېنىدىمۇ باشقا چوڭ ئۆزگىرىش بولمايدۇ، قارىماققا ساغلام ئادەملەر بىلەن پەرقسىزدەك كۆرۈنىدۇ. بۇ مەزگىلدىكى شۇ ئادەمنى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى، دەپ ئاتايمىز. تەخمىنەن يەتتە يىلدىن ئون يىلغىچە يوشۇرۇن دەۋردىن كېيىن، يۇقۇملانغۇچىنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ ھەم پۇرسەت خاراكتېرلىك يۇقۇملىنىش ۋە ئۆسمە كۆرۈلىدۇ. بۇ مەزگىلدىكى شۇ ئادەمنى ئەيدىز ئاغرىقى، دەپ ئاتايمىز. ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار، ئەيدىز ئاغرىقلىرى ئوخشاشلا يۇقتۇرغۇچىلاردۇر.
ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىشتىن ساقلىنىشتا، ئەڭ مۇھىمى ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ تەن سۇيۇقلۇقى ئارقىلىق يۇقىشىدىن ساقلىنىش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن زۆرۈر بولمىغاندا باشقىلارنىڭ قېنىنى سېلىشتىن ساقلىنىش، قان سالدۇرۇشقا توغرا كەلگەندە، مۇنتىزىم داۋالاش ئورۇنلىرىغا بېرىپ، قان ئىسكىلاتلىرى تەمىنلەپ بەرگەن تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەن قاننى سالدۇرۇش، شىپرىسنى ئورتاق ئىشلىتىپ زەھەر ئۇرۇشتىن ساقلىنىش، ساقال ئالدۇرۇش، قاش – كۆز چەكتۈرۈش قاتارلىق تېرە زەخىملىنىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى ئىشلارنى قىلغاندا، ئىشلىتىلگەن ئەسۋابلارنىڭ تازىلىقىغا دىققەت قىلىش، توي قىلمىغانلار ئۆزىنى پاك تۇتۇش، توي قىلغانلار جورىسىغا سادىق بولۇش كېرەك. ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ھامىلىدارلار ياكى تۇغۇتلۇق ئاياللارغا ۋىرۇسقا قارشى دورىلارنى ئىشلىتىش، تۇغۇتتا ئانا تېنى زەخىملىنىدىغان مەشغۇلاتلاردىن ساقلىنىش، بالىنى ئانا سۈتى بىلەن بېقىشنى چەكلەش قاتارلىق ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، ھامىلە ۋە بوۋاقنىڭ يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقىنى زور دەرىجىدە ئازايتقىلى بولىدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسى بىر ئۆيدە بىللە ياشاشتىن، بىللە تاماق يېيىشتىن، بىللە خىزمەت قىلىشتىن، كومپيۇتېر قاتارلىق ئەمگەك قوراللىرىنى بىرگە ئىشلىتىشتىن، بىللە سۇ ئۈزۈشتىن يۇقمايدۇ. شۇڭا، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار ۋە ئەيدىز ئاغرىقلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈش، ياردەم بېرىش، ئۇلارنى كەمسىتمەسلىك، ئۇلارنى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش خىزمىتىگە قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۇلاردىكى چۈشكۈنلۈك، ئۈمىدسىزلىك ھەتتا جەمئىيەت بىلەن ئۆچمەنلىشىش كەيپىياتىنى تۈگىتىپ، ھاياتنى سۆيۈش، جەمىيەتكە مەسئۇل بولۇشقا يېتەكلەش ئەيدىزنىڭ تارقىلىشىنى تىزگىنلەشتىكى مۇھىم تەدبىرلەر ھېسابلىنىدۇ.
مۇخبىر: ئاپتونوم رايونىمىزدا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا قانداق خىزمەتلەر ئىشلەندى؟
رەيھانگۈل: ئاپتونوم رايونىمىز ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش خىزمىتىگە ئىزچىل ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. ئاپتونوم رايونلۇق قىزىل كرېست جەمئىيىتى قاتارلىق تارماقلارنىڭ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشى بىلەن ئاۋسترالىيە قىزىل كرېست جەمئىيىتى ۋە ئەنگلىيە قىزىل كرېست جەمئىيىتىنىڭ 10 مىليون يۈەندىن ئارتۇق ياردىمى قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە تۆت ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش ۋە ئەيدىز ئاغرىقلىرىغا غەمخورلۇق قىلىش مۇلازىمەت مەركىزى قۇرۇلدى. بۇ مۇلازىمەت مەركەزلىرىنى باشقا ۋىلايەت، ناھىيە، شەھەرلەرگىمۇ كېڭەيتىشنىڭ تەييارلىقلىرى قىلىنىۋاتىدۇ. ھازىر يېزا، كەنت ئاھالىلىرى بىلەن شەھەرلەردىكى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشمىغانلار، ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بارلار ئارىسىدىكى ئەيدىز كېسىلى ئاغرىقلىرىنى ۋىرۇسقا قارشى دورىلار بىلەن ھەقسىز تەمىنلەش، ئەيدىز كېسىلى توغرىسىدا ئۆزلۈكىدىن مەسلىھەت سورىغان، ئۆزلۈكىدىن تەكشۈرتكەن كىشىلەرنى دەسلەپكى تەكشۈرۈش ۋە مەسلىھەت بىلەن ھەقسىز تەمىنلەش، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ھامىلىدار ئاياللارنى ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ بالىغا بولغان تەسىرىنى ئازايتىش بويىچە داۋالاشتىن ھەقسىز بەھرىمەن قىلىش، ئەيدىز كېسىلى ئاغرىقلىرىنىڭ بالىلىرىنىڭ ئوقۇش پۇلىنى كەچۈرۈم قىلىش، تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقى بار ئەيدىز كېسىلى ئاغرىقلىرىنى ھۆكۈمەتنىڭ قۇتقۇزۇش، پاناھلاندۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈش، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى بار ئەيدىز كېسىلى ئاغرىقلىرىنى كەسىپ بىلەن ھەقسىز تەربىيىلەش، خىزمەتكە تونۇشتۇرۇش قاتارلىق تۈرلەر يولغا قويۇلدى. بۇ بىر قاتار خىزمەتلەرنىڭ ئىشلىنىشى نەتىجىسىدە، 2008 – يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ كۆپىيىش سۈرئىتى 2006 – يىلىدىكىدىن كۆرۈنەرلىك ئاستىلىدى.
شىنجاڭ گېزىتىدىن ئېلىندى غەيرى مۇلازىمەتتىكى تىجارەت سورۇنلىرىنىمۇ تاقايلى.
مۇشۇ توغرىسىدكى بىلىملەرنى راۋرۇس ئومۇملاشتۇرمىسا بولمايدىغان يەرگە يېتىپ قالدى . بىزمۇ قايسى كۈنى دۆلەتلىك ئەيدىز سىتاتىستىكا تەشۋىقات پائالىيىتىگە قاتنىشىپ كەلدۇق . بۇ يەردە ھەممەيلەن قانداق قىلىشنى ئوبدان بىلىدىكەن (ساۋاقداش يولداشلارنى دەيمەن) . ئاۋۇ بىنورمال تىجارەت قىلىدىغان يەرلەرنى تاقاش ئىمكانىيىتى يەتمىگەندە يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغا تەشۋىق -تەربىيە خىزمىتىنىڭ رولى ئىنتايىن كۆرىنەرلىك بولغان بولاتتى .
بەت:
[1]