atella0997 يوللانغان ۋاقتى 2011-2-6 23:17:21

تورخانا خوجايىنلىرى بارمۇ سىلەر

يېقىندىن بىرى مال-باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ جان باقماق تەسلىشىپ كەتتى.ھۆكۈمەت بەرگەن ئىش ھەققىگە تەلمۈرۈپ جان توشىمايدىغاندەك قىلىدۇ.ئۆي ئالمىسا بولمىغان،بالا تەربيلەشكە ئوقۇتۇشقا پۇل تاپمىسا بولمىغان.بېرەر سودا-تىجارەت قىلاي دەپ ئويلاپ باقسام قولۇمدىن جىق ئىش كەلمەيدىغاندەك.ئويلا-ئويلا كەسپىم كومپىيوتېر بولغاندىن كېيىن يېزامدا بىر تورخانا ئېچىپ باقايمىكىن دېگەن خييالغا كەپ قالغان ئىدىم.ئەمما ئاڭلىسام بېجىرىدىغان رەسمىيىتى ۋە ماڭىدىغان يوللىرى بەكلا جىقمىش.مەيلىلا ماڭدىغان يول بولسا ماڭاي،بېجىرىدىغىنى بولسا بېجىرىپ باقاي دېگەن خىيالغا كەلگەن ئىدىم.ئەمما ئىشنى نەدىن باشلاشنى بىلەلمەي تېڭىرقاپ ئولتۇرۇپتىمەن.كومپىيوتېر دېسىغۇ ئۈلۈك كومپىيوتېرنى تىرىلدۈرۈپ،تىرىكىنى يۈگۈرتىۋېتىمەن.ئەمما كومپىيوتېر بىلدىم دەپلا بىر ئىش قىلغىلى بولمايدىكەن.تورخانا خوجايىنلىرىدىن تەجىرىبە ئۆگىنەي دەپ بۇ تىمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن.تۆۋەندىكى سۇئاللىرىم ئاساسىدا تەجىرىبەڭلاتنى تۇنۇشتۇرۇپ باقساڭلار.

1. تورخانا ئېچىشتا قايسى ئورۇنلاردىن قانداق رەسمىيەت بېجىرىمەن؟

2.تورخانىنى ئېچىپ قويۇپ باشقۇرۇشقا ئادەم سالسا ھېساب-كىتاب ئىشلىرىنى قانداق قىلىدۇ.ئاغرىنچىلىق چىقماي زىل ھەم ئادىل ھېسابات قىلغىلى بولامدۇ؟

3.تورخانا ئاچقاندا تورخانىدىكى كومپىيوتېرلاردىن پۇل تېپىشتىن باشقا يەنە قانداق پۇل تېپىش يوللىرى بار؟تورخانىغا قانچىلىك قۇشۇمچە كىرىم يارىتالايدۇ؟

5.تورخانىنى ئېچىپ بولغاندىن كېيىن يەنە قايسى ئورۇنلارنىڭ قەرەللىك ۋە قەرەلسىز تەكشۈرۈشىنى قۇبۇل قىلىمەن؟قانداق قانۇن-نىزاملارغا رىئايە قىلىمەن؟

6.توك پۇلىدىن باشقا ھەر ئايدا نىمىلەرگە قانداق چىقىم قىلىمەن؟

تورخانا بىلەن ھەپىلىشىپ باققانلار بېخللىق قىلماي بىلىدىغانلىرىڭلار بىلەن ئورتاقلىشىپ باقساق.

ziltar يوللانغان ۋاقتى 2011-2-6 23:38:05

پۇلىغۇ ياخشى بۇ ئىشنىڭ ، رەسمىيىتى بەك تەسمىش

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2011-2-6 23:40:36

http://zhidao.baidu.com/question/29976669.html  مۇشۇ بەتتە تورخانا ئىچىش نىڭ تەرتىپى چۈشەندۈرۈلگەن ، مەنمۇ تورخانا ئىچىشنى پىلانلاۋاتقان ، بىراق شۇ پۇل يوق ، پۇل بىرىپ تۇرىدىغانلار باما

Comeon يوللانغان ۋاقتى 2011-2-6 23:54:08

مەدەنىيەت ئىدارىسىنىڭ رۇخسىتى ، ئورۇنلاشتۇرىشىنى ، بازار باشقۇرۇشنىڭ تورخانا تىجارەت كىنىشكىسىنى ، باج ئىدارىسىنىڭ باج كىنىشكىسىنى بېجىرىپ ، دۇكانغا ئوت ئۆچۈرۈشنىڭ ئەسلىھە تەكشۈرۈش ئەترىتىنى ئەكىرىپ مەسلىھەتىنى ئاڭلاپ ، تەۋەلىك ج خ تارماقلارنىڭ ھەممىسىگە قاتراپ ئەنگە ئالدۇرۋېلىپ ، ئاندىن دۇكاننى بېزەشكە چۈشسىڭىز بولىدۇ.

مەدەنىيەت ئىدارىسىنىڭ دەھشەت خاپا قىلىدۇ . شەھەردىكى تورخانا ئېچىشقا بەلگىلىك سان بولىدۇ ، كۆپ ئېچىشقا يول قويمايدۇ.ھازىر تورخانىلارنىڭ جىقلىقىدا شەھرىڭىزدە چوقۇم سان يوق . مەدەنىيەت ئىدارىسىنىڭ رۇخسىتىنى ئالماق بەك تەس ئىش . كونا رەسمىيەت ساتىدىغانلارنىڭكىنى ئالسىڭىز ئاسان پۈتىدۇ. بازار باشقۇرۇشمۇ شۇنداق ، سان يوق بولسا ھەرگىز تىجارەت كىنىشكا بېجىرىپ بەرمەيدۇ ، تىجارەت كىنىشكا دېگىنىمۇ ئەڭ مۇھىمى ... ئۇنى ئېلىش ئۈچۈنمۇ خېلى ھەرەج تارتىسىز...دەھشەت يولىڭىز بولسا ياكى تەييار رەسمىيەت بولسىغۇ ئوڭاي ...

تورخانىدا ئىشلەيدىغانغا ، بولۇپمۇ پۇل ئالىدىغان ئورۇنغا كومپيۇتېردىن خەۋرى يوق بىرسىنى ئولتۇرغۇزۇپ ، كومپيۇتېردا ھېساب قىلىشنىلا ئۆگىتىپ ئىشلىتىسىز . بولمىسا كومپيۇتېرغا ئۇستا بولسا ھەرقانداق ھېسابات سېستىمىسىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ ... تېخنىك مەسىلىلەرگە ، بىرەر ئۇستا كومپيۇتېرچى بىلەن چۆپقەت بولىۋېلىپ ، ئىش بولسا تېلفون چالسىڭىز كېلىپ ئوڭشاپ بېرىدۇ.چوڭراق تورخانا ئېچىپ قالسىڭىز ئامانلىق قوغدىغۇچى ئىشلەتمىسڭىز قەتئىي بولمايدۇ.

تورغا چىقىشتىن سىرىت ئىچىملىك ، يېمەكلىك ساتىسىز . سودىڭىز ياخشى بولسا ئىشلەيدىغانلارنىڭ مۇئاشى بوتۇلكا ساتىدىغان پۇلدىن چىقىدۇ . تور بانكا بېجىرىپ ، ھەرخىل تور ئويۇنى قىممەت كارتىلىرىنى ساتىسىز . ئۇنىڭدىنمۇ پۇل چۈشىدۇ .

تورخانىنى ئېچىپ بولغاندىن كېيىن مەدەنىيەت ئىدارىسى زېرىككەندە تەكشۈرۈپ تۇرىۋالىدۇ . تاقاشقا ، پىچەتلەشكە ، كومپيۇتېر مۇسادىرە قىلىشقا ئۇلارنىڭ ھوقۇقى يېتىدۇ . ئۇلار ئادەتتە تورخانىدا قالايمىقان ئادەملەر بارلىقىغا(كومپيۇتېر ئوينىماي لاغايلاپ يۈرۈيدىغانلار) تاماكا چېكىۋاتقانلار ، قورامىغا يەتمىگەنلەر ، شەھۋانى فىلىم كۆرىۋاتقانلار ، كىملىكى يوق تۇرۇپ تورغا چىققانلار ، بۇلارنىڭ ھەرقانداق بىر باھانىسى بىلەن تورخانىنى تاقىۋېتەلەيدۇ. ئوت ئۆچۈرۈشنىڭ قەرەللىك-قەرەلسىز كېلىپ تەكشۈرىدۇ ، ئوت مۇداپىيە سېستىمىسى مۇكەممەل بولمىسا جەرىمانە-جازا قوللىنالايدۇ. ج خ تارماقلىرىنىڭ ھەممىسى قەرەللىك-قەرەلسىز تەكشۈرىدۇ ، يول چالىغۇچىلارمۇ زېرىكسە كىرىپ تۇرىدۇ ... تاماك چېكىدىغان ئىش ئەڭ مۇھىم ... تورخانىدا تاماكا چەككىلى قويمىسا سودا ياخشى بولمايدۇ ... تاماكا چېكىدىغانلارغا پۇرسەت بېرىش كېرەك . تەكشۈرۈش سۇس چاغلاردا يول قويىۋېتىپ ، تەكشۈرۈش چىڭ چاغلاردا تاماكا چېكىش ئۆيى قۇرۇپ بېرىپ چەككۈزۈش كېرەك . ئاندىن تور پۇلىنى ، توك، سۇ پار پۇللىرىنى ، باجنى ۋاختىدا بېرىپ ماڭىسىز ... ئوبۇرنىنى قەرەللىك رېمونت قىلىپ تۇرىسىز ، كۇنۇپكا تاختىسى ، مائوس تىڭشىغۇچ ساتىدىغانلار بىلەن ئاغىنە بوپ كېتىسىز تولا بۇيرۇپ ...

توك پۇلىدىن باشقا خەجلىگۈدەك يەرنىڭ ھەممىسىگە خەجلەيسىز ... تورخانا باشقۇردىغان دائىردىكىلەرنى مېھمان قىلىپ تۇرىدىغان ئىشلارمۇ چىقىپ تۇرىدۇ ... تورخانا ئېچىپ يولىڭىز ئېچىلىپ كەتسىغۇ پۇل دېگەننى تاپىسىز ، بولمىسا باش دېگەن ئاغرىپ پۇشايمان قىپ كېتىسىز ... سىزگە ئامەت تىلەيمەن ...

nur يوللانغان ۋاقتى 2011-2-6 23:59:48

يىڭىدىن تورخانا رەسمىيتى بىجىرمىگەچكە تورخانىنىڭ رەسمىيەت باھاسى ئۆرلەپ 200 مىڭ كويدىن ئىشىپ كەتتى دەۋاتاتتى....

amanpahri يوللانغان ۋاقتى 2011-2-7 06:47:37

ئۈستۈنكى قەۋەتتە چۈشەندۈرۈش ئاساسەن تولۇق بوپتۇ، يېزىلاردىكى تورخانىلاردا ئاساسەن شۇنچىلىك دائىرەدە ئىش قىلغىلى بولار.

ئەمدى مۇھىم نەرسە مەبلەغ سېلىشتىن بۇرۇنقى ھىساۋات،ھازىر مېنىڭچە كونا رەسمىيەتنى سېتىۋالىدىغان گەپ،ئاندىن نەچچە ئون يۈرۈش كومپىيوتېر،جوزا ،ئورۇندۇق دىگەندەك تورخانا يۈرۈشلۈك نەرسىلەر سېتىۋالىمىز،ئازراق بىزەيمىز ،ئاندىن ئايلىق توك،تورپۇلى،ئىشھەققى قاتارلىق چىقىم،ئاندىن مەدەنىيەت ،ج خ ئورۇنلىرى،ئوت ئۆچۈرۈش ئورۇنلىرى تەرىپىدىن قىلىنىدىغان ئالاھىدە چىقىم(بىزنىڭ بۇ يەرلەدە يىلىدا نەچەە تۈمەننى يەيتتى)قاتارلىقلارنى ھىساپلاپ،ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 2 يىل ئىچىدە دەسمىنى قايتۇرىۋېلىشنى ئويلاش كېرەك،ئەلۋەتتە كىرىم خامچوتىنى ئىنچىكە ئىشلەپ قويىمىزدە.ئەگەر ياندۇرۇشقا كۆزىڭىز يەتمىسە ھەرگىز تەۋەككۇل قىلماڭ،بۇرۇن ئەشۇنداق تەۋەككۇلچىلارنىڭ جىق تورخانىلىرىنى سېتىۋالغان مەن.ئەلۋەتتە تورخانا ئورنى تاللاش مۇھىم.ئەڭ يامان بىر يېرى،ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 2 يىلدا كومپىيوتېرنى بىر قېتىم يېڭىلاش ئۈچۈن قايتا مەبلەغ سېلىش،شۇڭا كىرىم چىقىم خامچوتى ئوبدان قىلىپ ئاندىن باشلارسىز.

بۇ تىجارەتنى تازا سىجىل قىلغىلى بولمايدۇ،تور ئۈزۈلۈش،يۇقۇملۇق كېسەل،ئالاھىدە ئىشلار تۈپەيلى ۋاقىتلىق تاقىلىش دىگەندەك.

ئاندىن بېسىم يەتكۈدەك بار،خالىغان ۋاختىدا چىقىدىغان كاشىلىلارنى،بولۇپمۇ ۋىروس قاتارلىقلار كەلتۈگەن تور ۋەيران بولۇش دىگەندەك كاشىلىلار تىجارەتكە ھەر ۋاقىت كاشىلا يەتكۈزىدۇ.

سىزگە ئامەت كەلسۇن.

yasen01 يوللانغان ۋاقتى 2011-2-7 10:06:06

بۇيەردە تورخانا ئېچىش ئارزۇسى بارلارخىلە كوپقۇ دەيمەن.

azharbag يوللانغان ۋاقتى 2011-2-7 10:43:37

بىزنىڭ ناھىيەدە  بىر ئاغىينەم تورخانىسىنى   ساتماقچى 90 مىڭ يۇئەنگە 30 كۇمپۇيۇتىر ساق.15  بۇزۇق بۇلامدىكەن  رەسمىيەتنى يۇتكىگىلى  بۇلسا  ئالاقىلىشىپ بىرەي

atella0997 يوللانغان ۋاقتى 2011-2-7 10:46:56

ھەممەيلەننىڭ ئەستايىدىل پىكىر قاتناشتۇرغانلىقى ۋە تەلىم بەرگەنلىكىگە رەھمەت.كومپىيوتېرنى رېمۇنىت قىلىش سېستىما قاچىلاش مەسىلىسىغۇ ماڭا مەسىلە ئەمەس.ھەتتا كۈيۈپ كەتكەن سايمانلارنىمۇ ئۆزەم رېمۇنىت قىلىپ ئوڭشىيالايمەن.ئەمما ماۋۇ مۇناسىۋەت ئىشى قايدۇردى مېنى.بۇ كەمسۆز دەلتىلىكىمدە تۇنۇمىغان ئادەملەر بىلەن مۇناسىۋەتلىشىش ئىشى قۇلۇمدىن كەلمەيدۇ.قېنى بىر گەپ بولار

nur يوللانغان ۋاقتى 2011-2-7 13:27:18

90 مىڭ يۇەنگە تورخانىنى ساتىدىغان قايسى ناھىيە ئۇ....مەن بىر ئالاقىلىشىپ باقاي...

man_sarang يوللانغان ۋاقتى 2011-2-7 13:43:46

تورخانا ئېچىپ باققان بىرىنىڭ \" تورخانا - دۇشمىنىگىمۇ سايە قىلمايدىغان ئىش\" دىگەنلىكى ئىسىمدە.

abral333 يوللانغان ۋاقتى 2011-2-7 14:01:14

مەن ئازراق پىكىر قاتناشتۇرۇپ قوياي، 2008- يىلدىن باشلاپ تورخانا رەسىمىيىتىنى بىجىرىش توختىتىلدى، باشقا رەسىمىيەتلەرنى ھەر ھالدا بىجىرگىلى بولىدۇ، بىراق سودا - سانائەتنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ كىنىشكىسىنى يەنى تىجارەت كىنىشكىسىنى بىجىرگىلى بولمايدۇ، مەن 2008-يىلى ئاران بىجىرىپ ئۈلگۈرگەنمەن. سىزنىڭ ھەققى ئىچىش نىيىتىڭىز بولسا شۇ ناھيىنىڭ باشقا يېزىلىرىدا بار تورخانىلارنى ساتامدۇ يوق ئۇقۇشۇڭ، بىر ناھىيىدە بولسا رەسىمىيەتنى يۆتكىگىلى بولىدۇ، سىرت ناھىينىڭكىنى يۆتكىمەك جاپا، باشقىلارنىڭ گىپىگە ئىشىنىپ رەسىمىيەتنى بىجىرگىلى بولىدۇ دەپ ھەرگىز ئالدىراپ كومپىيۇتېرلارنى سېتۋالماڭ، مىنىڭمۇ ئىككى ئاغىنەم ئالىدا كومپىيۇتېر ئىلىپ ئاندىن رەسىمىيەت بىجىرىمەن دەپ (2008- يىلى ) ھازىرغىچىلىك رەسىمىيىتى پۇتمىدى ھەم پۇتمەيدىكەن ، نۇرغۇن يول ماڭدى ( باشقا رەسمىيەتلىرنىڭ ھەممىسى پۇتتى شۇ بازار باشقۇرۇشنىڭ تىجارەت كىنىشىكىسى پۇتمىدى ). ئەگەر بىزنىڭ ناھيىلەردە بولسىڭىز مەنلا تۇرخانامنى سىزگە سېتىپ بىرەتىمكەن، پۇلىمۇ قىممەت ئەمەس 20 دانە كومىيۇتېر بىلەن 70000 يۇەنگە، ھەممە رەسمىيەتلىرى تولۇق ھازىر تىجارەت قىلۋاتىمىز. بىراق مەن غۇلىجىدا........

elwida يوللانغان ۋاقتى 2011-2-7 14:43:29

ئىشقىلىپ تورخانا ئاچىدىغانلارنىڭ ئوقىتى بوپ قۇيىدىكەن ! قىلغىلى ئىشى يوق بىكار تەلەتلەر ئاساسەن تورخانىدا يۇرەمىش ئىنىمنىڭ دەپ بىرىشىچە .......

oqmeas يوللانغان ۋاقتى 2011-2-7 14:46:31

2006-يىلى مەدەنىيەت مېنىستىرلىكى تورخانىغا رەسمىيەت بېرىشنى توختاتقان

lonelyness يوللانغان ۋاقتى 2011-2-7 18:00:56

1. رەسمىيەت بىجىرىلمەيدۇ . ئاللىقاچان توختىتىلغان  .

2.كىنىشكىلەرنى سېتىۋالسىز . ساتقۇچى تەرەپ نامىڭىزغا يۆتكەپ بېرىدۇ .

3. باشقا يەرنى بىلمەيمەن .ئۈرۈمچىدە كىچىك 70-80 كومپىيوتۇرى بارلار 250،000-300،000 غىچە سورايدۇ .

4. پايدىسى ياخشى . ياخشى قىلالىسىڭىز 1يېرىم يىلدا پۇلنى قايتۇرۋالغىلى بولىدۇ . كيىن پەقەت ئىجارىلا تۆلىىسڭىز بولىدۇ .

5. بۇ كەسىپ بەك زىل كەسىپ . ئەمما ھىساباتتا ھەرگىز خاتالىق چىقمايدۇ . ھەممە نەرسىنى خاتىرلەپ ماڭىدىغان يۇمشال دىتال ھەر قانداق تورخانىدا بار  .

6.ئەگەر سىز بۇ ئىشنى قىلىپ باقمىغان بولسىڭىز،ياكى بۇرۇن بۇ ئىشنى قىلىپ باقمىغان بولسىڭىز ،بىراقلا بۇ ئىشنى قىلماڭ . قارىغاندا سەل كەمسۆز،ئىچ مىجەز كەنسىز . مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنى ۋاقتى ۋاقتىدا يوقلاپ تۇرىسىز ، سىز قىلالمىسىڭىز چۇقۇم مۇشۇ ئىشقا ئېپى بار ئادەم بۇلۇشى كېرەك . بۇ بەك بەك مۇھىم !!!

7.  كومپىيوتۇرنى رىموت قىلىش بىلەن بىر ئىگىلىكنى ياخشى باشقۇرۇش پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان ئىككى ئۇقۇم .  سىز چۇقۇم بىر ياخشى ئەستايدىل خىزمەتچى ، ئەمما تەۋەككۇلچى ۋە ياخشى خوجايىن بۇلۇشىڭىز ناتايىن !!!

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2011-2-7 18:05:52

تورخانا ئاچقان ئادەمنىڭ سالامەتلىكىدە ئاسانلا مەسىلە چىقمادىكى دەيمەن. كۆزۈمگە بەك مىسكىن، كۆزلىرى نۇرسىز، سېرىق، ئاۋاق كۆرىنىدۇ، ھېچ تورخانا ئىچىپ پۇل تاپقان چىراي ئەمەس

sohrat يوللانغان ۋاقتى 2011-2-7 20:36:47

مىنىڭچە تورخانا ئېچىش تاڭسىڭنىڭ 81مىڭ مۈشكۈلاتنى يېڭىپ نوم ئەپكىلىشىدەكلا مۈشكۈل شۇنداقلا ھەراقىت تاقىلىش ،ۋەيران بولۇش خەۋپىدىن ساقلىنالمايدىغان كەسىپ (جېنىڭىز ھەرۋاقىت ئالۋاستىلارنىڭ قولىدا )

تەكلىۋىم تۇرخانا ئاچقۇچە شۇ پۇلىڭىزغا پايچېكى ئېلىڭ ، چۈنكى ئىككىلىسىلا ئەتسىنى پەرەز قىلغىلى بولمايدىغانلا كەسىپ.

ziltar يوللانغان ۋاقتى 2011-2-7 20:46:48

بۇنداق تەس ئىشنى قىلغۇچە ئۆلۈپلا كېتىڭە

خەقنىڭ گېپىگە ھە دېسە بۇ دۇنيادا ياشىغاننىڭ ئەھمىيىتى يوق ھەممىسى جاپا ، ئاچىمەن دەيدىغان نىيىتىڭلا بولسا ئېچىڭلا كومىيۇتېردىن خەۋىرىڭلارمۇ  ئوبدانلا باركەن، قىينىلىپ قالمايسىلەر ، يولدىن چىقما خاندىن قورقما

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2011-2-8 08:48:58

يەسلى ياكى بالىلار باغچىسى ئېچىشنى ئويلاشمىدىڭىزمۇ؟  بۇنىڭغا قانداق رەسميەتلەر كىتەركىن؟ تورخانىنىڭ رەسمىيىتىدىن قېيىن بولماسمىكىن دەيمەن.

Comeon يوللانغان ۋاقتى 2011-2-9 14:06:07

تايىنى يوق يەسلىلەر كۆپىيىپ كېتىپتۇ ، ئاسان بولۇشىمۇ مۇمكىن ... مەنمۇ كۆڭلۈمگە پۈككەن ئىشنىڭ بىرسى مۇشۇ ... لېكىن مەن بىر ئەسكى ئۆيگە تۆت ئويۇنچۇق قويۇپلا يەسلى ئاچقۇم يوق ... ئۆز پىلانىمدىكىدەك ئېچىشقا پۇرسەت پىشىپ يېتىلمىدى ... لېكىن بۇ يەسلى ئېچىشمۇ ئەڭ نوچى ئىشلارنىڭ بىرسى ... ئاچالىسا ...

بەت: [1] 2
: تورخانا خوجايىنلىرى بارمۇ سىلەر