arek يوللانغان ۋاقتى 2011-2-6 13:50:49

تارىختا بۈگۈن (6-فېۋرال )

2001-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو پەنلەر ئاكادىمىيىسى شاڭخەي ھاياتلىق ئىلمى تەتقىقات ئورنى ئالىملىرى سۈت چىش گېنىنى غەلبىلىك كىلونلىغان. بۇ نەتىجە ئېلىمىزنىڭ ئېغىز بوشلۇقى ئېرسىيەت كېسەللىكى تەتقىقاتى ۋە ئىنسانىيەت ئېرسىيەت كېسەللىكى گېنىنىڭ كىلونلاش ساھەسىدە يېڭى نەتىجىنى قولغا كەلتۈردى. ئېرسىيەتلىك سۈت چىشى كېسەللىكى كۆپ ئۇچرايدىغان ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكى. بۇ خىل كېسەل ئەمەلىيەتتە چىشنىڭ مېنىراللىشىشىنىڭ يېتەرسىز بولۇشى بولۇپ، بۇ گېننىڭ كىلونلىنىشى بۇ كېسەلنى داۋالاشقا ئۈمىد ئېلىپ كەلدى.

1998-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، دۆلەتلىك مائارىپ كومىتېتى ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مائارىپىنى تەڭشىگەن. ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش بېسىمى بەك يۇقىرى بولۇش-مائارىپ ساھەسىنىڭ بېشىنى ئاغرىتىۋاتقان بىر مەسىلە. دۆلەتلىك مائارىپ كومىتېتى ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپتىكى بىر قىسىم مائارىپ مەزمۇنلىرى ۋە ئوقۇتۇش تەلىپىنى تەڭشىدى، ئوقۇتۇش جەريانىدىكى يېتەكچىلىك ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ساپا مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش بېسىمىنى يېنىكلەتتى.

1989-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، پولشانىڭ«يۇمىلاق ئۈستەل» يىغىنى ئېچىلغان. ئۇزۇن مەزگىل تەييارلىق قىلىنغان«يۇمىلاق ئۈستەل» يىغىنى-پولشا سىياسىي پارتىيىسى بىلەن قارشى سىياسىي ۋەكىللەر ۋە ھەر قايسى ساھەدىكى داڭلىق كىشىلەردىن بولۇپ 57 كىشى يۇمىلاق ئۈستەل ئۈستىدە ئولتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرى توغرىسىدا كېڭىشكەن. يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىنى ئېچىشنى پولشا ھۆكۈمىتى 1988-يىلى 8-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئوتتۇرىغا قويغان.

1956-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى«ئورتاق تىلنى ئومۇملاشتۇرۇش» بۇيرۇقىنى چۈشۈرگەن. ئورتاق تىل-بېيجىڭ تىلىنى ئۆلچەم، شىمالنىڭ سۆزىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە ئورتاق تىلنى ئومۇملاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان.

1908-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، شاڭخەي تۇنجى قېتىم رېلىسلىق تىرالىبۇسنى سىناق قىلغان.

---------------------------------------------------------------------------------------------------

مەنبە:جۇڭگۇ ئۇيغۇرچە رادىئو تورى

بەت: [1]
: تارىختا بۈگۈن(6-فېۋرال)