يېڭى يۇلتۇز، «شىرئېلى سەلەي! »
ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدىن چىققان ئاتاغلىق گىتتار ماھىرى <غېنى سەلەي>نىڭ ئىنىسى<شىرئېلى سەلەي>ئۆزىنىڭ ئۆزگىچە ئۇسلۇبى ۋە ئۆزگىچە گىتتارچېلىش ماھارىتى بىلەن مەملىكەت ئچىدە زور تەسىر قوزغىدى!
شۇ مۇناسىۋەت بىلەن كەڭ مۇنبەرداشلارنىڭ ھۇزۇرىغا تۆۋەندىكى ناخشىنى سۇندۇم،بىلدىغانلار ھۇزۇرلانسۇن،يەنە بىرقېتىم ئەسكە ئا لسۇن،بىلمىگەنلەر بىلۋالسۇن،ھەم ھۇزۇرلانسۇن!(ئۆزىمىز نىڭكىدىن ئۆزىمىز بەھىر ئالايلى!)
ئۇزۇن چاچلىق باھالىغۇچى يۇقۇرى باھا بېرىپتۇ،بەك خوش بولدۇم.
بىلمىدىم ئاخىرىدا بۇ مۇسابىقىدە نەچچىنچى بولغاندۇ؟
چېمپىيۇن بولدىغۇ دېيمەن بۇ بۇرادەر قاچانقى مۇسابىقىدۇ بۇ؟ 98.76 نومۇر ئالدى، قانچىنچى بولغاندۇ؟ ئايالى بىلەن بىللە سەھنىدە ئوقۇپ چىققانتى بۇ ناخشىنى شۇنداق ياخشى ئىكەن. بۇ سەھنىدىمۇ ياخشى ئوقۇپتۇ. يېقىندىن بۇيان خېلى كۆپ ئوينىلىۋاتىدۇ بىزنىڭ نۇمۇرلار بۇنداق سەھنىلەردە . تېخىمۇ كۆپ ئۇتۇقلار يار بولسۇن.2010-يىلى يىل بېشىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇساببىقە.3-بولدى .
ئۇنىڭ شۇ ۋاقتىدا ئېيتقان يەنە بىر ناخشىسى بولىدىغان .
پەيزىتى .
بۇ ئاداشتا ئاكىسى غىنى سەلەينىڭ تەسىرى ۋە ئۇسلۇبى ئانچە مۇنچە باركەن ،ئۇل زامانىسىدا مەكتەپتىكى پائالىيەتلەردىمۇ گىتتار چىلىپ ناخشا ئىيتىپ قوياتتى.ئاكىسى غىنى سەلەينىڭ ئۇيغۇر ھازىرقى زامان مۇزىكىچىلىقىغا قوشقان توھپىسىنى ھىچكىم ئىنكار قىلالمايدۇ.
ھازىرقىدەك ئىسىمدە،90 -يىلى غىنى يىڭى ئوقۇش پۇتتۇرپ كىلىپلا(مەركىزى مىللەتلەر ئىنېستۇتىنىڭ مۇزىكا كەسپى) ماخمۇت سۇلايمان ئىجراسىدىكى <<سالام دوسلار>>،گۇلباھار رېھىم ئىجراسىدىكى <<خوش جانان>> دىگەن ئىككڭ قاپلىق ئۇنئالغۇ لىنتىسىغا ياۋرۇپا ئۇسلۇبىدا گىتتار چىلىش بىلەن ئۇيغۇر ھازىرقى زامان مۇزىكىچىلىغىنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلىغان ئىدى.شۇ چاغلاردا قەشقەردىلا ئەمەس،پۇتۇن شىنجاڭدا ھەتتا ئوتتۇرا ئاسىيادىمۇ زور غولغۇلا قوزغىغان ئىدى.شىنجاڭدا غىنى سەلەينىڭ مۇزىكا ئىددىيسى ئۇيغۇرلاردىن 20 -30 يىل ئالدىدا دەيدىغان گەپلەرمۇ چىققان.
غىنىنىڭ گىپىنى قويۇپ تۇراي،ئۇ گەپنى قىلسام گەپ بەك ئۇزۇن،ھەتتا ئابدۇللانىڭ <<جانانە>> دىگەن ناخشىنىمۇ تۇنجى سەھنىگە ئىلىپ چىىققان ئادەم دەل غىنى سەلەي،كىيىن ئابدۇللانىڭ 1 -لىنتىسى (ئىسمىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن،ھىلقى پاتىمەم بىلەن مەجنۇنتالنى ئوقۇيدىغان)غا گىتتار چىلىپ تىخىمۇ غۇلغۇلا قوزغىغان.
ئۆتكەن يىلى غىنى قەشقەرگە تۇققان يوقلاش بىلەن كەپتىكەن،بىز خىلى كۆپ پاراڭلاشقان،ئىنىسىنىڭ گىپى چىقىپ،غىنى ئىنىسىنىڭ گىتتار چىلىش ماھارىتىنىڭ ئۆزىنىڭكىدىنمۇ ئۇستۇن ئىكەنلىگىنى،ئىنىسىنىڭ ئۇيغۇر ھازىرقى زامان مۇزىكىچىلىغىغا زور توھپىلەرنى قۇشۇشىنى بەك ئارزۇ قىلدىغانلىغىنى ئىيتىتقان ئىدى.
ماۋۇ ئىنىمىزنىڭ گىپى چىقىپ قىلىپ تىمىغا مۇناسىۋەتسىز كۆپ سوزلەرنى قىلىپ قويدۇم،كەچۇرگەيسىلەر!
گىتتار ماھىرلىرىمىزدىن شىرئەلى ، غېنى سەلەيلەر ھازىر نېمە ئىشلار بىلەن مەشغۇل ؟ tarimi:
2010-يىلى يىل بېشىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇساببىقە.3-بولدى .
ئۇنىڭ شۇ ۋاقتىدا ئېيتقان يەنە بىر ناخشىسى بولىدىغان .
پەيزىتى .
توغرا ئۇنىڭ يەنە ئىككى ناخشىسىنى ئاڭلاپ باقايلى! ئىسىڭىزگە كېپقالا!
غېنى سەلەي شىنجاڭ ھەربى رايۇن سەنئەت ئۆمىگىدە ئىشلەيدۇ.
شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مەشرىپىدە بىر ناخشا ئېيتىپ چىقتى ، ھازىر تېلېۋىزوردىن كۆردۈم . نەق ئاكىسى يازغان ناخشا ئاشۇ،غېنىنىڭ <<بورە رېۋايىتى>>دىگەن لىنتىسىدا باتى.ئۇيغۇر گىتارچىلار ئىچىدە مەن ئەڭ قول قويىدىغىنى ئەخمەتجان مەمتىمىن بىلەن غېنى سەلەي ئەلۋەتتە شېرئەلى ئابدۇرىشىت ،مەردانلارنىڭ ۋە باشقا گىتارچىلارنىڭ مۇزىكىلىرىنىمۇ ياقتۇرىمەن ، ،لېكىن يەنىلا ئاۋۇ ئىككەيلەنگە تەڭ قىلمايمەن ،چۈنكى ئۇلارنىڭ مۇزىكىلىرىدا ئاجايىپ بىر سېھرى كۈچ بار ....باشقىچە پەرقلىنىپ تۇرىدۇ ، غېنى سەلەي گىتارنى يۈرەكنى تىترىتىپ چالىدۇ ،بەك يېقىملىق ،راستلا ئۆزگىچە ...ئىنسىى ئۇسلۇبتا ئاكسسىنى سەل دوراپتۇيۇ ،لېكىن زە ...غېنى سەلەينىڭ چېلىش ئۇسلۇبىغا نىمە دىسەك بولا ، دۇنيا لاتىن روك پىشۋاسى سانتانا كارلوس بىلەن تەڭ ئورۇندا قويىمەن مىلودىيىسى بەك مۇرەككەپ ئەمەس ، لېكىن بەك يېقىملىق ،ۋايىغا يەتكۈزۈپ چالىدۇ ....
ئەخمەتجان بىلەن غەنى سەلەي مېنىڭ گىتار جەھەتتىكى ئۈلگەم ،مېنىڭ نەزىرىمدە تېخى ئۇلارنى بېسىپ چۈشكىدەك گىتارچى چىقمىدى ،ناۋادا چىقىپ قالسا مانا مەن چىقارمەنمىكىن ...(چاخچاق ھە )
flashboy:
ئۇيغۇر گىتارچىلار ئىچىدە مەن ئەڭ قول قويىدىغىنى ئەخمەتجان مەمتىمىن بىلەن غېنى سەلەي ئەلۋەتتە شېرئەلى ئابدۇرىشىت ،مەردانلارنىڭ ۋە باشقا گىتارچىلارنىڭ مۇزىكىلىرىنىمۇ ياقتۇرىمەن ، ،لېكىن يەنىلا ئاۋۇ ئىككەيلەنگە تەڭ قىلمايمەن ،چۈنكى ئۇلارنىڭ مۇزىكىلىرىدا ئاجايىپ بىر سېھرى كۈچ بار ....باشقىچە پەرقلىنىپ تۇرىدۇ ، غېنى سەلەي گىتارنى يۈرەكنى تىترىتىپ چالىدۇ ،بەك يېقىملىق ،راستلا ئۆزگىچە ...ئىنسىى ئۇسلۇبتا ئاكسسىنى سەل دوراپتۇيۇ ،لېكىن زە ...غېنى سەلەينىڭ چېلىش ئۇسلۇبىغا نىمە دىسەك بولا ، دۇنيا لاتىن روك پىشۋاسى سانتانا كارلوس بىلەن تەڭ ئورۇندا قويىمەن مىلودىيىسى بەك مۇرەككەپ ئەمەس ، لېكىن بەك يېقىملىق ،ۋايىغا يەتكۈزۈپ چالىدۇ ....
ئەخمەتجان بىلەن غەنى سەلەي مېنىڭ گىتار جەھەتتىكى ئۈلگەم ،مېنىڭ نەزىرىمدە تېخى ئۇلارنى بېسىپ چۈشكىدەك گىتارچى چىقمىدى ،ناۋادا چىقىپ قالسا مانا مەن چىقارمەنمىكىن ...(چاخچاق ھە )
كۆڭۈلدىكى گەپنى قىلدىڭىز.
23:33:132011年2月7日