amanpahri يوللانغان ۋاقتى 2011-2-5 22:51:35

مۇبارەك توغرسىدىكى يېڭى خەۋر

3-چىسلا مىسىر زۇڭتوڭى مۇبارەك ئامرىكا مېدىيالىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا،زوڭتۇڭلۇقتىن بەك "زېرىككەنلىگىنى"،بولسا ھازىرلا ئىستىپا بېرىشنى خالايدىغانلىغىنى،شۇنىسى دۆلەتنىڭ داۋالغۇپ كەتمەسلىگى ئۈچۈن دەرھال ئىستىپا بەرمەيدىغانلىغىنى،ئۆزىنىڭمۇ،بالىسىنىڭمۇ زوڭتۇڭ سايلىمىغا قاتناشمايدىغانلىغىنى بىلدۇرگەن.

مەنبە:يەر شارى تورى

nur يوللانغان ۋاقتى 2011-2-5 23:23:47

بىلىۋالدۇق...ئوبدان خەۋەركەن....

DELL يوللانغان ۋاقتى 2011-2-5 23:57:57

新华网快讯:据埃及电视台报道,埃及总统穆巴拉克5日辞去执政党民族民主党主席职务。

DELL يوللانغان ۋاقتى 2011-2-6 00:01:20

ئەڭ يېڭى خەۋەر ماۋۇ:

新华网快讯:据埃及电视台报道,埃及总统穆巴拉克5日辞去执政党民族民主党主席职务

شىنخۇا ئاگىنتلىقى خەۋىرى: تېلېۋىزىيە ئىستانىسنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مىسر زۇڭتۇڭى مۇبارەك 5-چىسلا مىللىي دىموكراتلار پارتىيسىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسدىن ئىستپا بەرگەن.

DELL يوللانغان ۋاقتى 2011-2-6 00:03:18

ئاخىرى ئىستىپا بېرىپتۇ.

http://news.sohu.com/20110206/n279224280.shtml

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2011-2-6 00:16:44

پارتىيە رەئىسلىكىدىن ئىستىپا بېرىش بىلەن دۆلەت زۇڭتۇڭلىقىدىن ئىسىتىپا بېرىش بىر ئۇقۇم ئەمەستۇ؟

DELL يوللانغان ۋاقتى 2011-2-6 00:20:04

بىر بىرلەپ ئىستىپا بېرىدىغان چېغىۋا.

nur يوللانغان ۋاقتى 2011-2-6 00:28:07

ئىراقلىقلارغا سادامنىڭ قەدرى ئۆتۈلگەندەك مىسىرلىقلارغا مۇبارەكنىڭ قەدرى ئۆتۈلۈپ قالمىسىلا بولاتتىغۇ...تىنىچلىق بىرىنجى ئامىل..تىنىچلىق بولمىغان يەردە دىمكۈراتىيە نىمىش قىلسۇن...ئەڭ چوڭ دىمكۇراتىيە تىنچلىقتۇر....

matu يوللانغان ۋاقتى 2011-2-6 01:52:14

قۇربان بېرىشكە توغرا كېلىدۇ،دۇنيادا بەدەلسىز ياخشىلىق يوق.

taklimakan10 يوللانغان ۋاقتى 2011-2-6 01:55:04

ziyali:

پارتىيە رەئىسلىكىدىن ئىستىپا بېرىش بىلەن دۆلەت زۇڭتۇڭلىقىدىن ئىسىتىپا بېرىش بىر ئۇقۇم ئەمەستۇ؟

بۇ قارىغاندا كېلەر قېتىملىق زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتناشمايمەن دىگەن سۆزىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن قىلغان ئىشى ئوخشايدۇ.

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2011-2-6 01:59:35

بىزنىڭ كاڭ ۋەزىر خېلى بەرداشلىق چىقتىغۇ

ھازىرغىچە ئىستىپا بەرمىدى تېخى

يىلدا بىر ۋەزىر ئالماشتۇرۇپ كۈنۈپ قالدۇق

ئالماشتۇرۇپ تۇرسا خۇمار بولىدىكەن دەيمەن،يىڭى يىڭى

30 يىل زۇڭتۇڭ بولغاندىن كىيىن چۈشۈپ كەتسىمۇ بولىدۇ بۇ ئاداشمۇ ئەمدى

Istanbul يوللانغان ۋاقتى 2011-2-6 02:11:11

يا ئاللا ، مىدىرلاپتۇدە ئاخىرى . لېكىن ئاخىرى قانداق بولا ؟....

amanpahri يوللانغان ۋاقتى 2011-2-6 05:18:28

ئىستىپا بەرمەپتۇ تېخى،مانا كۆرۈڭhttp://world.huanqiu.com/roll/2011-02/1480249.html

Tepekkurchi يوللانغان ۋاقتى 2011-2-6 05:36:02

ھۆكۈمەتتىكى ھوقۇقىدىن ئىستىپا بەرمىدى،لىكىن پات ئارىدا ئىستىپا بىرىدىغان چىراي.  چۈنكى ئامرىكا ۋە ياۋروپا يىڭى بىر ۋاستىچىنى - مىسىرنىڭ ئۆتكۈنچى دەۋرىدە ھاكىميەتنى كونتىرول قىلىپ مىسىرنىڭ مۇسۇلمان قىرىنداشلىقىنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلالايدىغان، ئىسرائىليەگە دوستانە بولغان يىڭى تەيىنلەنگەن مۇئاۋىن پىرىزدىنىت ئۆمەر سۇلايماننى زور كۈچ بىلەن قوللاۋاتىدۇ. مۇبارەك پەقەت تۇنىس پىرىزدىنتى بىن ئالىدەك سەت كۈنگە قىلىشتىن ئەنسىرەپ سەل ئىززەت ھورمىتى بىلەن تەخىتتىن چۈشۈشنى ئارزۇ قىلۋاتقان چىغى.   

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2011-2-6 08:17:12

ئىسىرائىلىيەگە دوستانە بولغان !  ھىم...

BlueWolf يوللانغان ۋاقتى 2011-2-6 12:11:37

كانىدەك بىر ئادەمكەنغۇ ماۋۇ؟ پاررتىيە رەئىسلىكىدىن ئىسىپا بەرگەنلكىدىن تېنىۋاپتۇ.  باشقا رەھبەرلىرى ئىزا تارتىپ ئوپچە ئىستىپا بېرىپتۇ.

azharbag يوللانغان ۋاقتى 2011-2-6 14:40:33

ناۋاتتەك  گەپ  قىلدىڭىز ئەڭ چۇڭ   دىمۇگۇراتىيە  تىنىچلىق...  چاۋشەنمۇ   شۇنداق   تىنىچ  بۇلمىسا..

yurtum1028 يوللانغان ۋاقتى 2011-2-6 17:07:37

توۋا دەيمەن ، ئەلكۈيىدە قۇشقاچخاننىڭ ساياھەت خاتىرىسىگە خۇدايىم بۇيرۇسا كىلەر يىلى مىسىردا كۆرۈشەرمىز  دەپ ئىنكاس قالدۇرۇپ قويۇپتىكەنمەن ،مىسىر تىنجىپ مەكتەپنىڭ قارىسىنى كۆرۈپ بولغۇچە چاقىرىق قەغىزىم يولدا ئېزىپ قالىدىغان بولدى  ، ئالدىنقى كۈنى ئەلچىخانىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىپ بېرىپ قاراپ باقسام قارىغىلىمۇ بولمايدۇ ، ئەلچىخانا قورۇسى مىسىردىكى ھەربىي ھالەتنى يۈرگۈزۋاتقان چېغىۋا غىچچىدە ئەسكەر قاپلاپ كېتىپتۇ .

patrol يوللانغان ۋاقتى 2011-2-6 18:22:02

قالايمىقانچىلىق كۈنسىرى ئەۋج ئېلىۋاتسىمۇ مۇبارەك قارىينىڭ تەخىتتىن چۈشمەسلىكىدە ئارمىيە مۇھىم رول ئويناۋاتىدۇ،ئەگەر ئارمىيە ئوق چىقارسا ياكى مىلتىقىنىڭ زاتۋىرىنى قايتۇرۇۋىتىپ خەلىق تەرەپكە ئۆتسە ئىش ئاسان ھەل بۇلاتتى...

بەت: [1]
: مۇبارەك توغرسىدىكى يېڭى خەۋر