hazritili يوللانغان ۋاقتى 2011-2-5 17:38:44

تەكلىپ بىرىپ مۇكاپاتقا ئىرىشىڭ

تىما تەستىقلىغۇچىغا :

سىزنىڭ بۇ تىمىنى ئىلان دەپ چۈشەنمەي ، ئۇيغۇر تور سودىسى ھەققىدە بىر قېتىملىق قىممەتلىك پىكىر ئېلىش دەپ چۈشىنىپ تەستىقلاپ قويىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن . بەلكىم بۇ ئۇيغۇر تور سودىسىنىڭ بۈگۈنى ۋە ئەتىسى ئەتراپلىق ئويلىنىش بۇلۇپ قالغۇسى .

                                                     ھۆرمەت بىلەن : گۈلچى


ئەلچى گۈل يەتكۇزۇش مۇلازىمەتچىلىگى توردا گۈل يەتكۇزۇش مۇلازىمىتىنى يولغا قويغان بىر يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە كۆپ قېسىم خېرىدارلارنىڭ ماكان ، زامان چەكلىمىلىگى تۈپەيلىدىن ئۆزئارا ھال سوراش ، تىلەكلىرىنى يەتكۇزەلمەسلىكتەك قىينچىلىقىنى ھەل قىلىپ خېرىدارلانىڭ ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى . ھەتتا نۇرغۇن خېرىدارلىرىمىز مۇلازىمىتمىزدىن كىيىن بىز بىلەن ئالاقىلىشىپ ئاتايىن رەھمىتىنى بىلدۇرۇشتى. بىز بۇنىڭدىن ئۆزىمىزنى ناھايتى خۇشال ھېس قىلدۇق. شۇنداقلا خېرىدارلارغا تېخىمۇ ئەتراپلىق مۇلازىمەت قىلىش ، تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا خېرىدارلانىڭ تەلەپلىرىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش مەجبۇرىيتىمىزنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلاشقان ھالدا يەلكىمىزنى بېسىپ تۇرغانلىقىنى ھېس قىلدۇق.

مۇشۇنداق مەجبۇرىيەت ئاستىدا بىز ئويلاندۇق. شۇنى ھېس قىلدۇقكى  ، بىزنىڭ تور سودىسى ، يۇزلىنىشى ھەققىدىكى بىلىملىرىمىز كۆپ كەمچىل ئىكەن . بۇنىڭدىن كىيىن قانداق تەرەققىي قىلىش جەھەتتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان بولساقمۇ ،«يۇزدىكى قارىنى كۆز كۆرمەپتۇ» دېگەندەك پىكىر ، تەپەككۇر جەھەتتىن ئۆز بىلىمىمىز دائىرىسىدىلا چەكلىنىپ قالغان بولىشىمىز ، كۆپ ياقىلىمىلىق ، كۆپ تەرەپلىمىلىك ، ئىجادىيلىققا ، يېڭىلىققا ، تەسەۋۋۇرغا تۇيۇنغان پىلان تۈزەلمىگەن بولىشىمىز، تور سودىسىدا ئۆزىمىزدە كۆپ يىتەرسىزلىكلەر بولىشى تامامەن مۇمكىن.

شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئەلچى گۈل يەتكۇزۇش مۇلازىمەتچىلىگى كەڭ كەسىپداشلار، تور سودا ئەھلى، خېرىدارلار ۋە تورداشلاردىن مۇكاپاتلىق پىكىر ئېلىش پائالىيتىنى يولغا قويدى.

پائالىيەت مەقسىتى :

ئەلچى گۈل يەتكۇزۇش مۇلازىمەتچىلىگىنىڭ تور سودىسىنىڭ ھازىرقى ھالتى، تەرەققىياتى ، تۇلۇقلاشقا تىگىشلىك تەرەپلەر ھەققىدە  ، خېرىدارلار، كەڭ تور ئەھلىدىن پىكىر ئېلىش ، ئورنىمىز تور سودىسىنىڭ كەلگۇسى ھەققىدە ئىجادىيلىققا ، يېڭىلىىققا ، تەسەۋۋۇرغا  تولغان پىكىر – تەكلىپ ئېلىش .

تورداشلار بۇ ھەقتە ئۆز تەسەۋۋۇرلىرىنى ئەركىن قانات يايدۇرۇپ ئۇيغۇر تور سودىسىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ، تەرەققىيات يۇزلىنىشى، دۇنياغا داڭلىق تور سودا بەتلىرنىڭ ئەندىزىسى ، ئۇنى قانداق قىلىپ ئويغۇر تور سودىسىغا تەدبىقلاش ، تور سودىسىدا مۇۋاپپەقىيەتكە ئىرىشتۇرىدىغان تەرەپلەر، ئەلچى گۈلچىلىكىنىڭ قانداق قىلىشى كېرەكلىكى، كەلگۇسى تەرەققىيات پىلانىنى قانداق تۇزۇش لازىملىقى ، قايسى ھالقىلارغا دىققەت قىلىش كېرەكلىكى، قانداق قىلىپ بۇ مۇلازىمەتنى ئەڭ زور دەرىجىدە تەشۋىق قىلىپ كىڭەيتكىلى بولىدىغانلىقى ...... قاتارلىق تەرەپلەردە ئازادە پىكىر –تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرغا قويسا بۇلىدۇ.

پائالىيەت ئېلىپ بېرىلىش شەكلى :

ئەلچى گۈلچىلىكى بۇ پائالىيەتنى ئېلىپ بىرىشتا باشقا تور بەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ ئېلىپ بارىدۇ. تەكلىپ-پىكىر بەرگۇچىلەر  ئۆز تەكلىپ – پىكىرلىرىنى ئەلچى گۈل يەتكۇزۇش مۇلازىمەت ئورنى تور بېتىنىڭ سۆز قالدۇرۇش ئورنىغا قالدۇرسىمۇ ياكى ھەمكارلاشقان تور بەتلەردە ئىلان قىلىنغان مەزكۇر يازمىنىڭ ئاستىغا ئىنكاس شەكلىدە قالدۇرسىمۇ بۇلىدۇم.

باھالاش ئۆلچىمى :

باھالاشتا قوللىنىلىدىغان بىردىنبىر ئۆلچەم – بەرگەن تەكلىپ – پىكىرلەرنىڭ ئىجادىيلىققا ، يېڭىلىىققا ، تەسەۋۋۇرغا تۇيۇنغان بولىشى ئۆلچەم قىلىنىدۇ. بىرىلگەن تەكلىپ – پىكىرنىڭ ئۆزگىچىلىكىگە ،ئەلچى گۈلچىلكى تور سودىسىغا بىۋاستە نەپ ئېلىپ كىلەلەيدىغانلىقىغا قاراپ تالنىلىدۇ.

پائالىيەت ئېلىپ بېرىش ۋاقىت تەرتىپى :

1. 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈندىن 3-ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە ئەلچى گۈل يەتكۇزۇش مۇلازىمىتى تور بىتى ۋە باشقا ھەمكارلاشقان تور بەتلەردە پىكىر – تەكلىپ قۇبۇل قىلىنىدۇ.

2. 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن 10-كۈنىگىچە ھەرقايسى ئورۇنلاردا بىرىلگەن تەكلىپ –پىكىرلەر رەتلەپ، مۇكاپاتقا لايىقلىرى تاللاپ چىقىلىدۇ.

3. 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 11~12-كۈنلىرى مۇكاپاتقا ئىرشكەنلەرنىڭ ئۇچۇرلىرى ئەلچى گۈل يەتكۇزۇش مۇلازىمەتچىلىگى تور بىتىدە ۋە باشقا ھەمكارلاشقان تور بەتلەردە ئىلان قىلىدۇ.

4. 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن 15-كۈنىگىچە مۇكاپات نەقلەشتۇرىلىدۇ.

مۇكاپاتلاش ئەھۋالى :

مۇكاپاتلاش ئۈچ دەرىجە بويىنچە ئېلىپ بېرىلىدۇ.

1- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئىرىشكۇچى مۇلازىمەت ئورنىمىز تەمىنلىگەن بىزنىڭ مۇلازىمەت دائىرىمىز ئىچىدە بىر قېتىملىق گۈل يەتكۇزۇش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمان بۇلىدۇ.

2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئىرىشكۇچى ئورنىمىز تەمىنلىگەن 30 يۈەنلىك قىممەت تۇلۇقلاش كارتىسى بىلەن مۇكاتلىنىدۇ.

3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئىرىشكۇچى ئورنىمىز تەمىنلىگەن 20 يۈەنلىك قىممەت تۇلۇقلاش كارتىسى بىلەن مۇكاتلىنىدۇ.

ھەرقايسى خېرىدارلارنىڭ ۋە تور ئەھلىنىڭ ئۆزىنىڭ پايدىلىق تەكلىپ –پىكىرلىنى ئايىماي بۇ پائالىيەتكە ئاكتىپ پىكىر قاتناشتۇرىشىنى سەممىيلىك بىلەن ئۈمد قىلىمىز .

ھۆرمەت بىلەن :

     ئەلچى گۈل يەتكۇزۇش مۇلازىمەتچىلىگى  (www.gulqi.biz)

2011-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى

سەمىمىي ئۆتۇنۇش :
بۇ تىمىنى زىيارەت قىلغان ھەربىر تورداشنىڭ ئىمكانىيتى يار بەرگەن دائىرە ئىچىدە بۇ تىمىنى باشقا ئۆزلىرى تىزىملاتقان تور بەتلەرگە يۇتكەن قۇيۇشىنى ئۈمد قىلىمىز    ئۈمىدىمىز : ئۇيغۇر تور سودىسىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە ئەتىسى ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ پىكىر - تەكلىپ قۇبۇل قىلىش ، بۇ يالغۇر ئەلچى گۈلچىلىكى ئۈچۈنلا پايدىلىق بۇلۇپ قالماسىتىن پۇتكۇل ئۇيغۇر تور سودىسىنىڭ بۈگۈنى ۋە ئەتىسى ھەققىدىكى ئەتراپلىق ئويلىنىش بۇلۇپ قالغۇسى .
                                                                                   ھەمكارلاشقۇچىلارغا رەھمەت
                                 ھۆرمەت بىلەن : گۈلچى

lonelyness يوللانغان ۋاقتى 2011-2-5 17:53:16

ۋاي ،مەن ما يۇمشاق سافادىن ئورۇن ئەپقاپتىمەن .

ماقۇل ،چۇقۇم ياخشى پىكىر بېرەلەيمىز . ئەمما مەن ھازىر تۇرپاندىكى بىر تويغا ماڭدىم . كېلىپ جاۋاپ بېرەي . خېلى جىق گەپلىرىم بار .

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2011-2-5 18:14:28

lonelyness:

ۋاي ،مەن ما يۇمشاق سافادىن ئورۇن ئەپقاپتىمەن .

ماقۇل ،چۇقۇم ياخشى پىكىر بېرەلەيمىز . ئەمما مەن ھازىر تۇرپاندىكى بىر تويغا ماڭدىم . كېلىپ جاۋاپ بېرەي . خېلى جىق گەپلىرىم بار .

شۇ تويغا بىر دەستە گۈل ئالغاچ بارسىڭىز پىكىر دىگەن شۇ

tvman يوللانغان ۋاقتى 2011-2-5 19:19:44

شۇ تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ (مانا مۇشۇنداق) ماركاڭلارنى ۋە مۇلازىمىتىڭلارنى تېخىمۇ كۆپ ئادەمگە بىلدىرىڭلار .

RawajTap يوللانغان ۋاقتى 2011-2-5 21:26:14

تەشۋىقات مۇھىم. يەنە بېرى تەشۋىقات شەكلىنى قانداق تاللاشمۇ ھەم مۇھىم......

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2011-2-5 21:40:30

شۇ ئەمەسمۇ بالدۇرراق بىلگەن بولسا شۇ گۈلدىن بىر دەستە ئېلىپ لونلىينېس بۇرادەرنىڭ ئالدىغا چىقاتتىمكەنمەن...ئاتايىن چاڭتۇ تويغا كەپتۇ ئەمەسمۇ....

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2011-2-5 23:39:39

تور بانكىسىدىن بىرقانچىنى ئېچىپ قويۇڭ، ئالىپاي دېگگنلەرنىمۇ ئېچىڭ، مۇشۇنداق بولسا يىراقتىكى بىرەر تورداشقا گۈل سوۋغا قىلماقچى بولساق سىلەرنى QQ دەك مۇڭداشقۇ ياكى تېلېفۇندىن دەرھال تاپايلى - دە پۇلنى گاچچىدە سېلىپ ئۆزىمىزمۇ، دوستىمىزمۇ شۇنداقلا سىلەرمۇ خۇشھاللىقا ئىرىشەيلى.

qaynam يوللانغان ۋاقتى 2011-2-6 01:03:54

توربىكىتىڭىزلارنى كۆرۈپ چىقتىم ، مۇشۇ كەسىپ بۇيۇنچە توردا دۇكان ئاچقان رايۇنىمىزدىكى مەن بىلىدىغان تۇنجى ئورۇن ئىكەنسىز ، سىزلەرگە بىرىدىغان تەكلىۋىم تۆۋەندىكىچە :

گۈللەرنىڭ باھاسى ۋە پوچتا يوللاش ھەققى ئىنىق يېزىلىشى بىلەن بىرگە ، توربىكىتىڭىزلاردا مەزكۇر كەسپىڭىزلەرگە ماس مەزمۇنلار كۆپ بۇلىشى كېرەك .

ھەر بىر سېتىلماقچى بولغان گۈللارنىڭ چۈشەندۈرىلىشى ئېنىق يېزىلىشى بىلەن بىرگە ، كىشىنى جەلىپ قىلىدىغان سۆز - ئىبارىلەرمۇ قۇشۇپ قۇيىلىشى ، كىشىگە ئىسسىتىكىك زوق بىرىدىغان مۇزىكا بىزەك دىگەنلەر بىلەن بىكىتىڭىزلارنى بىزەپ ، بىكىتىڭىزنىڭ زىيارەت سانىنى ئاشۇرۇش ، شۇ ئارقىلىق مۇشۇنداق بىر توربىكەتنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرۈشكە تىرشساڭلار .

ھازىر كىشىلەر ھۇرۇنلىشىپ كەتتى ، شۇڭلاشقا بىرقىسىم ھەق تۆلەش ئالاقە ئۈسكىنلىرى دىگەننى ئامالنىڭ بىرىچە كۆرىنەرلىك ئورۇنغا چىقىرىپ ، مەشخۇلاتنىڭ  ئاسانلاشتۇرۇشقا تىرىشساڭلار .

مۇمكىن بولسا ، تاۋباۋ ، پەيپەي دىگەنىدەك تورداشلارغا ئۇمۇملىشىپ كەتكەن توربىكەتلەردە دۇكان ئېچىپ ، مەشخۇلاتنىڭ تېخىمۇ ئاسانلىشىغا تىرىشىپ باقساڭلار .

باشقا توربىكەتلەر بىلەن ئالاقىنى كۈچەيتىپ ، ئۆز - ئارا ئۇلىنىش ، ئېلان ھەمكارلىقى ئورنۇتۇپ توربىكەتنىڭ كۆپرەك تەشۋىق قىلىشقا كۈچىسەڭلار ......

bahwan0998 يوللانغان ۋاقتى 2011-2-6 15:45:59

گۈل ئەۋەتكۈچى ۋە تاپشۇرۋالغىچىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ساقلاڭلار.

hazritili يوللانغان ۋاقتى 2011-2-9 20:51:23

lonelyness:

ۋاي ،مەن ما يۇمشاق سافادىن ئورۇن ئەپقاپتىمەن .

ماقۇل ،چۇقۇم ياخشى پىكىر بېرەلەيمىز . ئەمما مەن ھازىر تۇرپاندىكى بىر تويغا ماڭدىم . كېلىپ جاۋاپ بېرەي . خېلى جىق گەپلىرىم بار .

تېخى قايتىپ كەلمىدىلىمۇ ؟ خېلى جىق گەپلىرىنى ئاڭلىغۇمىز بار ئىدى

hazritili يوللانغان ۋاقتى 2011-2-13 21:26:27

پىكىرىڭلارنى بەكلا ئاياۋاتىسىلەر جۇمۇ

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2011-2-13 22:11:04

hazritili:
پىكىرىڭلارنى بەكلا ئاياۋاتىسىلەر جۇمۇ

يۇقارقى تەكلىپلەرگە قارىشىڭىز قانداق؟

hazritili يوللانغان ۋاقتى 2011-2-16 05:12:28

yolyar:

hazritili:
پىكىرىڭلارنى بەكلا ئاياۋاتىسىلەر جۇمۇ

يۇقارقى تەكلىپلەرگە قارىشىڭىز قانداق؟

تەكلىپلەرگە پائالىيەت ئاخىرلاشقاندا باھا بىرىلىدىغان بولغاچقا، بۇيەردە بىرمۇ بىر باھا بىرىشنى بىئەپ كۆردۇم

بەت: [1]
: تەكلىپ بىرىپ مۇكاپاتقا ئىرىشىڭ