irpan يوللانغان ۋاقتى 2011-2-5 13:53:47

ئائىلە ئەمەس ، قۇش ئۇۋىسىمۇ بۇزۇلمىسۇن


مېھرىگۈل تۇردى
    بۇ يىل يازدا قەشقەرگە تۇغقان يوقلاشقا بېرىپ، يېزىدىكى بىر تۇغقىنىمنىڭ ئۆيىگە چىقتىم. ئۇنىڭ ئېرى بالدۇرلا تۈگەپ كېتىپ، تۆت بالا بىلەن قالغانىدى. بىز كۆرۈشۈپ قىزغىن مۇڭداشتۇق. ئۇنىڭ گەپ ئارىسىدا دېيىشىچە بالىلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆي – ئوچاقلىق قىلىپ ئەمدىلا ‹‹ئۇھ›› دېگىنىدە، ئىككى بالىلىق بولغان چوڭ ئوغلى ئايالى بىلەن ئازارىلىشىپ قېلىپ، ئايالى بىلەن ئاجراشماقچى بوپتۇ. ئانىنىڭ قىلغان نەسىھەتلىرى ئۇلارنىڭ قۇلىقىغا كىرمەپتۇ، كېلىنى ئۆزىنىڭ گېپىنى راست قىلىپ، ئىككى بالىنى ئېلىپ ئانىسىنىڭ ئۆيىگە يامانلاپ كېتىپتۇ. ئانا ئوغلىنى مىڭتەستە كۆندۈرۈپ، يۇرت چوڭلىرىنى ئېلىپ كېلىنىنىڭ ئۆيىگە بارسا، كېلىنى يەنە ئۆزىنىڭ گېپىنى قىلىپ كەتكىلى ئۇنىماپتۇ. شۇ ئارىدا يۇرت چوڭلىرىدىن بىرى: ‹‹بالىلىرىم، بىر ئائىلىنى قۇرماق ئاسان ئەمەس. ئەر – خوتۇنچىلىقتا ئۇنداق – مۇنداق جېدەللەر بولۇپ تۇرىدۇ، قۇشنىڭ چاڭگىسى بۇزۇلسا تۇخۇم ساق قالمايدۇ دېگەن گەپ بار. بالىلىرىڭلارنى ئويلاڭلار، ئائىلە ئەمەس، قۇش ئۇۋىسىمۇ بۇزۇلمىسۇن!...›› دەپتۇ. بۇ سۆز ھەممەيلەنگە يېقىپتۇ. قىزنىڭ ئاتا – ئانىسىمۇ قىزىغا نەسىھەت قىلىپ ئۇلارغا قوشۇپ قويۇپتۇ. ھازىر ئۇلار بالىلىرىنى ئوبدان بېقىپ، ئېجىل – ئىناق ئۆتۈۋېتىپتۇ....
    ‹‹ ئائىلە ئەمەس، قۇش ئۇۋىسىمۇ بۇزۇلمىسۇن!›› دېگەن سۆز مېنى چوڭقۇر ئويغا سالدى. جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ئەنئەنىۋى تۇرمۇش ئادىتىمىز ۋە ئائىلە ئېتىقادىمىزدا قىسمەن غەلىتىلىكلەر باش كۆتۈرۈۋاتىدۇ. ياشلار ھازىر ئاساسەن دېگۈدەك ئۆزلىرى خالاپ، سىنىشىپ توي قىلىدىغان بولدى. ئەمما، ئاشۇنداق سىنىشىپ، ئۆزى خالاپ توي قىلغانلارنىڭ بەزىلىرى بىر ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن، يوقىلاڭ ئىشلار سەۋەبلىك ئاجرىشىشقا ئارانلا تۇرىدۇ. ‹‹توي قىپتۇ›› دېگەن سۆز قۇلاققا ياققىنى بىلەن، ‹‹ئاجرىشىپتۇ›› دېگەن سۆز كۆڭۈلنى غەش قىلىدۇ. قارشى تەرەپنى تونۇيلى ياكى تونۇمايلى، بۇ سۆزنى ئاڭلىغاندا كىشىنىڭ ئىختىيارسىز ‹‹ بالىسى بارمىكەن؟›› دەپ سورىغۇسى كېلىدۇ. چۈنكى، ھەممە كىشى ئاجىرىشىش سەۋەبلىك بولغۇلۇقنىڭ بالىغا بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلالايدۇ. چۈنكى چاڭگا بۇزۇلسا، تۇخۇمنىڭ ساق قالمايدىغانلىقى ھەممىگە ئايان. ئاتا – ئانىسى تىرىك تۇرۇپ ئانىسىز، ئاتىسىز قالغان ئاشۇ نارەسىدىلەر كىچىك تۇرۇپ جۇدالىق ئازابىنى، يېتىملىك دەردىنى تارتماسمۇ؟...
    ئائىلە ئىنسان ئۈچۈن مۇقەددەس قەسىر. ئەر – خوتۇننىڭ ئۇنى ئۆز جەننىتىگە، پەرزەنتلەرنىڭ گۈزەل يايلىقىغا ئايلاندۇرۇش مەجبۇرىيىتى بار. مېنىڭچە، دۇنيادا مۇكەممەل ئادەم بولمايدۇ. ھەممە كىشىنىڭ يا ئۇنداق، يا بۇنداق ياخشى – يامان خۇي – پەيلى بولىدۇ. ‹‹ئىسنىڭ ئاچچىقىنى مورا بىلىدۇ›› دېگەندەك، ئۆي تۇتقانلار بىر – بىرىنىڭ مىجەزىنى ئۆزى بىلىدۇ. پەقەت ھەركىم كۆزىگە كىرگەن ئىستىن ۋايسىماي، بىر – بىرىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنىمۇ، كەمچىلىكىنىمۇ ئورتاق قوبۇل قىلسا، ئۆز ئارا كەچۈرۈش، چۈشىنىش بىلەن ئۆتسە، بەخت ھەر قاچان كۈلۈپ باقىدۇ. ھەممەيلەن ئائىلىمىزگە، بالىلىرىمىزغا مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، مېھىر – مۇھەببىتىمىز بىلەن ئائىلىمىزنى جەننەتكە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن تىرىشساق، بالىلىرىمىزمۇ بۇ مۇقەددەس، ئىللىق قەسىردە خاتىرجەم ياشىسا، ھاياتتا بۇنىڭدىن ئارتۇق بەخت بولامدۇ؟! چوڭلار ناھايىتى توغرا دەيدۇ: ‹‹ئائىلە ئەمەس، قۇش ئۇۋىسىمۇ بۇزۇلمىسۇن!››   

شىنجاڭ گېزىتىن ئېلىندى.

awagul يوللانغان ۋاقتى 2011-12-31 14:31:19

شۇنداق، ئائىلە تۇگۇل قۇش ئۇۋسىمۇ بۇزۇلمىسۇن

gulhekim يوللانغان ۋاقتى 2011-12-31 16:53:00

ئەتراپىمىزدىكى بىر قىسىم ئاياللار ،يەنە بىر قىسىم ئەرلەر قارشى تەرەپ ئۆيۈمنى تۇتۇپ قالىمەن دەپ قاتتىق تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنسېرى مەندىن يوغان ئادەم يوق دەمدىكىن، ئېگىلگەنسېرى شۇنچە غادىيىدۇ! ئەمما رېئاللىق شۇ قەدەر ئادىلكى ئۆز ھالال جۈپتىگە غادايغانلارنىڭ بوينىنى ئېگىپ، روھىنى پۈكلەپ، چىرايىنى كىشىنىڭ ئىچى ئاغرىتقۇدەك دەرىجىدە سارغايتىپ قويىدۇ...ھەركىم بولسا ئۆزىنىڭ بالىسىنى ئۆزى باققاي...
بەت: [1]
: ئائىلە ئەمەس ، قۇش ئۇۋىسىمۇ بۇزۇلمىسۇن