alipanwar يوللانغان ۋاقتى 2011-2-5 13:23:18

بالىلار ئۈچۈن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان رەسىم سىزىش دېتالى

قىزىم ئايقۇت ئۈچۈن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان بالىلارغا ماس كېلىدىغان رەسىم سىزىش يۇمشاق دېتالى. باشقا بالىلارمۇ ئىشلىتىپ خۇشاللىق تاپسۇن دەپ كۆپچىلىكنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇم.
مەشغۇلاتى ئاددى، چۈشىنىشلىك، كىچىك بالىلار ئاسانلا ئىشلىتىشنى ئۆگىنىۋالالايدۇ. بۇ دېتالنىڭ بالىڭىزنىڭ تەپەككۇرىنى ئېچىشىغا ئاز-تولا ياردىمى تەگسە ئەجەپ ئەمەس. ئەلۋەتتە چوڭلارمۇ ئىشلەتسە بولىۋېرىدۇ.


يەنە بۇ دېتال تەمىنلىگەن تەييار قېلىپلارنى ئۇستىلىق بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق بالىلار ھېكايىسىدىكى ۋەقەلىكلەرنى نەق مەيداندا ئېكران يۈزىدە نامايەن قىلغىلى بولىدۇ.
مەسلەن: مەن ئورمانلىقتا بىر توشقان دەرەخكە يۈلىنىپ ئۇخلاپ قاپتۇ، بىر پىل ئاستا كېلىپ... دېگەچ تۆۋەندىكىدەك ئورمانلىق، دەرەخ، توشقان، پىل... لارنى بىردەمدىلا قۇراشتۇرۇپ چىقتىم. بۇلار بۇ دېتالدا تەييار تەمىنلەنگەن. يەنە ئاددى كارتون فىلىم ئىشلىگىلى بولىدۇ.


چۈشۈرۈش ئادېرسى

پىرىستىن يىشىش مەخپى شىفىرى: www.alip.tk     مەخپى شىفىرىنى كۆچۈرۈپ چاپلىماي، كۇنۇپكىدىن بىر–بىرلەپ كىرگۈزۈڭلار.
پىرىستىن يىشىپ بولغاندىن كېين setup دېگەن قاچىلاش ھۆججىتىنى ئىجرا قىلدۇرساڭلار قاچىلايدۇ. قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن ئۈستەل يۈزىدىكى 金山画王2006 دېگەننى ئىجرا قىلدۇرساڭلار بولىدۇ.

مەنبەسى: ئالىپ تور بېتى

afifiya يوللانغان ۋاقتى 2011-2-5 14:16:37

جىيەن قىزىم ئۈچۈن ساقلىۋالاي.

chewendaz يوللانغان ۋاقتى 2011-2-5 14:17:39

ئالىپ تورىدا ياخشى دىتاللار بار جۇمۇ. ئۇيغۇرچە PS نى ئىلگىرى چۈشۈرۈپ ئىشلىتەلمىگەن ئىدىم، بولاپ بۇزىۋېتىلدى دىگەنمىتى ئىشقىلىپ تازا ئېسىمدە قالماپتۇ.

bapkar يوللانغان ۋاقتى 2011-2-5 14:32:50

مەنمۇ ساقلىۋالاي، ئالىپ ئەپەندى رەھمەت سىزگە

alip يوللانغان ۋاقتى 2011-2-5 15:12:15

باياتىن تېما تەستىلىقلىنىپ بولغۇچە دەپ ئاۋۇ دېتال بوشلۇققا يوللىنىپ بولغۇچە، تېما يازغانتىم. ئەمدى بوشلۇققا تۇللۇق چىقىپ بولدى. كۆرسىتىلگەن ئادېرس بويىچە چۈشۈرۋالساڭلار بولىدۇ.

arman0903 يوللانغان ۋاقتى 2011-2-6 12:58:52

ئالىپ توربېتىگە رەھمەت ئېيتماسلىققا باھانە تاپالمايمىز.

بەت: [1]
: بالىلار ئۈچۈن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان رەسىم سىزىش دېتالى