arek يوللانغان ۋاقتى 2011-2-5 10:53:48

تارىختا بۈگۈن (5-فېۋرال )

1998-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، گوۋۇيۈەن 6-نۆۋەتلىك چېرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتى يىغىنى ئاچقان. ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ چېرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى. لى پېڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇ چېرىكلىكنى يوقىتىشنىڭ يەنىلا ئۇزۇن ۋە ئېغىر ۋەزىپە ئىكەنلىكىنى، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مەركەزنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، خىزمەت كۈچىنى زورايتىشىنى تەلەپ قىلدى.

1964-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگودىكى تۇنجى ئۆز تېنىدا يىلىك يۆتكەش ئوپىراتسىيەسى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان. ئېلىمىز ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارغا قوش كېزەك سىڭلىسىنىڭ يىلىكىنى يۆتكەش ئارقىلىق يىلىك يۆتكەش ئوپىراتسىيەسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قىلغان، بۇ يىلىك يۆتكەش ئوپىراتسىيەسى-كىشىلەر تەرىپىدىن ساقايماس كېسەل دەپ قارىلىپ كەلگەن ئاق قان كېسىلىنىڭ ساقىيىشىغا ئۈمىد ئېلىپ كەلدى.

1900-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، مورگان بىر مىليارد قىممىتىدىكى پولات تۆمۈر شىركىتىنى، كارنېگېنىڭ بارلىق پولات-تۆمۈر سودىسىنى سېتىۋالغان ھەمدە قايتىدىن قۇرغان. ئۇ شۇنىڭدىن ئېتىبارەن بۇ شىركەت دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ پولات تۆمۈر شىركىتىگە ئايلانغان.

1949-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى شەخسىي تىجارەت زاۋۇتلىرىنىڭ ئىشنى قايتىدىن باشلىشى توغرىسىدا يوليورۇق بەردى. «كاپىتالىستلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش جەريانىدىكى پاسسىپ قىلمىشلىرىگە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش بېرىش كېرەك. جازا بېرىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھەر قايسى زاۋۇتلارنىڭ ئىشچىلىرىنىڭ مائاشى ۋە باشقا تەمىناتلىرى تۆۋەنلىمەسلىكى كېرەك.

1922-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، دۇنياغا داڭلىق ئامېرىكا ژۇرنىلى «ئوقۇرمەنلەر» نەشىر قىلىنغان. ئامېرىكا مىنىسسۇدا شىتاتىدىن كەلگەن ئەر ئايال ۋاللىسلار ژۇرنال ماقالىلىرىغا ئىنتايىن قىزىقىدىغان بولۇپ، يېزىقچىلىقتا ئىنتايىن تالانتلىق. ئۇ ئايالى بىلەن بىرلىشىپ«ئوقۇرمەنلەر» دەپ ئاتىغان ژۇرنالنى نەشىر قىلىشنى ئويلىغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار نيۇ-يوركتىكى بىر قانۇنسىز مېھمانخانىدا ئىشخانا ئىجارە ئالدى. ئوقۇرمەنلەرنى تىزىملىتىشقا باشلىدى. ئۇلار بۇ 1500 پارچە ژۇرنال ساتقان. 1-قېتىملىق ژۇرنال 2-ئاينىڭ 5-كۈنى تۇنجى كىتابى نەشىر قىلىندى.
------------------------------------------------------

مەنبە:جۇڭگۇئۇيغۇرچە رادىئو تورى

بەت: [1]
: تارىختا بۈگۈن(5-فېۋرال)