arek يوللانغان ۋاقتى 2011-2-3 11:16:24

تارىختا بۈگۈن (3-فېۋرال )

1995-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئامېرىكىنىڭ«بايقاش» ناملىق ئالەم ئايروپىلانى قويۇپ بېرىلگەن. سەككىز كۈنلۈك ئالەم ساياھىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2-ئاينىڭ 11-كۈنى يەر شارىغا قايتىپ كەلگەن. بۇ 1975-يىلى ئامېرىكىنىڭ ئاپوللو ئالەم ئايروپىلانى بىلەن سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ تۇنجى قېتىم ئالەمدە ئالەم ئايروپىلانىنىڭ تۇتۇشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرغاندى كېيىنكى ئىككىنچى قېتىملىقى.

1969-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئارافات پەلەستىن قوراللىق كۈچىنىڭ رەھبىرى بولغان. ئارافات 1929-يىلى 8-ئاينىڭ 4-كۈنى ئېرۇسالىمدا تۇغۇلغان. 1950-يىلى قاھىرە ئۇنۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان. 1959-يىلى ئارافات «پەلەستىن مىللى ئازادلىق ھەرىكىتى» نى قوزغىغان. 1989-يىلى 4-ئاينىڭ 2-كۈنى ئۇ پەلەستىننىڭ زۇڭتۇڭى بولغان. 1994-يىلى 7-ئايدا، ئۇ نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2004-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى ۋاپات بولغان.

1959-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئېلىمىز ۋېيتنامغا زور ياردەم بەرگەن. ئېلىمىز ۋېيتنام سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى بىلەن«جۇڭگونىڭ ۋېيتنامغا ئىقتىسادىي تېخنىكا ياردىمى بېرىشتىكى كېلىشىمى»،«جۇڭگونىڭ 1959-يىلى ۋېيتنامغا ياردەم بېرىش كېلىشىمنامىسى» قاتارلىق كېلىشىملەرنى بېيجىڭدا ئىمزالىغان. 10 نەچچە يىل جەريانىدا، جۇڭگو ۋېيتنامغا 30 مىليارد يۈەن قىممىتىدىكى ياردەم بەرگەن.

1899-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، داڭلىق يازغۇچى لاۋ شې تۇغۇلغان. ئۇ پۈتۈن ئۆمرىنى ۋەتەننىڭ ئەدەبىيات ئىشلىرىغا بېغىشلىغان، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە شەھەردىكى تۆۋەن قاتلام كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇشى ۋە ئارزۇلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.«شياڭزى تۆگە» ئۇنىڭ داڭلىق ۋەكىللىك ئەسەرلىرىنىڭ بىرى. لاۋ شې 1966-يىلى 8-ئاينىڭ 26-كۈنى بېيجىڭدا ۋاپات بولغان.

-------------------------------------------------

مەنبە: جۇڭگۇ ئۇيغۇرچەرادىئو تورى

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2011-2-3 12:08:02

لاۋشى دىگەن <قۇشقاچ>نىڭ ئاپتۇرى شۇغۇ .بۇنى نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ نامزاتىغا كۆرسىتىلگەن دەپ بىر ژورنالدىن ئوقۇۋىدىم.

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2011-2-3 18:46:36

1783-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ئىسپانىيە ئا ق ش نىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلغان .
1830-يىلى بۈگۈنكى كۈندە گىرىتسىيە لوندۇن يىغىنىدا،ئەنگىلىيە،روسىيە،فىرانسىيەنىڭ ھامىيسى ئاستىدا مۇستەقىللىق جاكارلىغان.
1917-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ئامېرىكا گىرمانىيە دېپلۇماتېك مۇناسىۋتى ئۈزۈلگەن.
1918-يىلى بۈگۈنكى كۈندە نىيو-يورىك ۋاقىت(The New York Times) گېزىتى ئامېرىكدا تارقىتىلىشقا باشلىغان.
1996-يىلى بۈگۈنكى كۈندە يۈننەننىڭ لىجىياڭدا يەتتە بال يەر تەۋرىگەن.
1997-يىلى بۈگۈنكى كۈندە جەنۇبى ئافرىقىنىڭ مەڭگۈلۈك ئاساسى قانۇنى كۈچكە ئېگە بولغان .

مەنبە:ۋېكپىديە قامۇسى

بەت: [1]
: تارىختا بۈگۈن(3-فېۋرال)