bapkar يوللانغان ۋاقتى 2011-2-2 20:27:38

باجىنىڭ كۈلكىلىك ئىشلىرى (رەسىملىك )

باجى تېلىفۇنىنى قولىغا ئېلىپ كىملەرگىدۇر تېلىفۇن قىلىپ پاراڭلاشماقچى بولدىيۇ، ئەمما تونۇشلارنىڭ ھەممىسىنىڭ باھار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئالدىراشلىقى تۈپەيلى ئۇزاقراق پاراڭلىشىشقىمۇ بولمىدى.

ھەي، بۇرۇنقى كۈنلىرىم، شاش كۈنلىرىم، ئۇ شۇلارنى دىگەچ ئويلاشقا باشلىدى، ئۇ چاغلاردا چوڭ بولمىسىمۇ ئەرىشتە ئەمىلىم بار ئىدى، تەمىنات تولۇق، قورساق توق، كۆڭۈل شوخ، ئىچىم پۇشسا بېرىپ كۆرۈپ كېلىدىغان چاڭئې (ئاي پەرىسى)، تاماششا قىلاي دىسەم بەزمە-مەشرەپلەر كەڭرى ئىدى، كىيىن ئىچى قوتۇر يۇرۇن سۇلتاننىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئەرىشتىن پالىنىپ ھەممىدىن ئايرىلدىم، بۇمۇ ئاز كەلگەندەك گاۋ جەمەتى قورۇقىغا كېلىپ گاۋ خانقىز بىلەن توي قىلسام ۋابا تەككۈر مىراخور نەدىن كەلدى، تالاق خېتى يازىسەن دەپ تۇرۇۋېلىپ راھىب بولۇشقا مەجبۇرلىدى، ھېلىقى ھېرىپ ھالىدىن كەتكەن قېرى راھىبنىڭ كەينىدىن مېڭىپ نىمە كۈن كۆرمىدىم، غەرىپكە بېرىپ نوم ئالىمىز، ئۇتۇققا ئىگە بولىمىز دەپ بىزنى ئالداپ، نەچچە يىل چاكار بولۇپ ئىشلەپ تويغۇدەك تاماقمۇ يىيەلمىدىم، نەچچە قېتىم ئالۋاستىلارغا يەم بولغىلى تاس قالدىم، ھازىر ئۇ ئالۋاستىلارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك چوڭ خوجايىن بولۇپ كەتتى، مەنچۇ، نەچچە يىل تىلەمچىلىك بىلەن سەپەرنى ئاران تۈگەتتۇق، بىز قايتىپ كەلگەندە بولسا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش باھانىسى بىلەن قۇرۇق ئۇنىۋان بېرىپ قويۇپلا ئىشنى تۈگەتتى، مانا خىزمەتمۇ يوق، شاسىڭ ئىنىمغۇ پاسىق سۆڭەك ئالۋاستى بىلەن توي قىلىپ، تاتىھاگاتۇ دىگەن ماياقباشنىڭ ئۆيىدە مالاي بولۇپ كۈن ئېلىۋاتىدۇ، ئۇستاز بىلەن مايمۇن ئاغاممۇ «كەسىپ ئالماشتۇردۇق، كىرىمى ياخشى ئىكەن» دەپ تېلىۋىزىيە دىكتورى بولىۋاپتۇ، قاراڭلار بۇ مىراخور مايمۇننىڭ مۇغەمبەر كۈلكىسى ھازىرمۇ بار ئىكەن، كۈلۈڭ دىسە شۇنداقمۇ كۈلەمدۇ؟

ھەي، يەنىلا زىياننى مەن تارتتىم، بۇرۇنقى چاغلار نىمىدىگەن ياخشى، بۇرۇنقى چاغلاردا ئاسمان كۆپكۆك ئىدى، سۇلارمۇ ئىنتايىن سۈزۈك ئىدى، گۆشنى خاتىرجەم ئىستىمال قىلاتتۇق، چاشقان مۈشۈكتىن قورقاتتى، توي قىلىشتا مۇھەببەتنى ئاساس قىلاتتى، ساتىراچخانىلار پەقەت چاچ بىلەنلا ھەپىلىشەتتى، دورا بىلەن كېسەل داۋالايتى، دوختۇرلار ئۆلۈمگە سەۋەب، كېسەلگە داۋا قىلاتتى، كىنوغا رولغا چىقىش ئۈچۈن رىجىسسور بىلەن توي قىلىش يوق ئىدى، قەرىزدار قەرىزنى قايتۇراتتى، نەرسە ئالسا پۇل تۆلەيتى، مەكتەپ پۇل تاپمايتى، ساراڭ پىراففىسور بولالمايتى.......

ئۇنىڭ خىيالى دەل شۇ يەرگە كەلگەندە، تۇيۇقسىز «گۈم» قىلغان ئاۋاز بىلەن ئاسماندىن بىر نەرسە باجىنىڭ يېنىغىلا چۈشۈپ ئۇنى قورقىتىۋەتتى، ئۇ قاراپ يەردە باشلىرى توپا ياتقان ۋۇكۇڭنى كۆردى ۋە خۇشال بولۇپ ۋارقىرىۋەتتى:

--مايمۇن ئاغا، بۇ سىزمۇ؟ بۇ يەرگە قانداق بولۇپ كەپ قالدىڭىز؟ بۇلۇت چاپتۇرۇش ھۆنىرىڭىز كارغا كەلمىدىمۇ ياكى...؟

--باجى، بولدى، ئادەمنى يۆلىمەي سۇئالغا چۈشۈپ كەتتىڭغۇ؟

باجى دەرھال ۋۇكۇڭنى يۆلىدى ۋە ئۇنى بىر تاشنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغۇزۇپ، يېنىغا كېلىپ ئولتۇرۇپ ئۇنىڭغا ھەيرانلىق بىلەن قاراشقا باشلىدى، ۋۇكۇڭ:

--باجى، سېنى ئىزدەپ تېپىش ئۈچۈن سورمىغان ئادەم قالمىدى، بۈگۈن بايرامنىڭ ھارپىسى بولغاندىن كىيىن، گاۋ جەمەتى قورۇقىغا بارامدىكىن دەپ ئۇلارغا تېلىفۇن قىلسام ئۇلارمۇ سېنى كەلمىدى دەيدۇ، يامان تەستە تېلىفۇن نومۇرۇڭنى سوراپ، تېلىفۇن قىلىۋەرسەم «سۆزلىشىۋاتىدۇ» لا دەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن GPSتىن پايدىلىنىپ ئورنۇڭنى تېپىپ، ئايروپىلاننىڭ قوزغىلىش ۋاقتى كېلىپ قالغاچقا، ساڭا خەۋەر قىلىشقىمۇ ئۈلگۈرمەي يېنىڭغا كەلدىم.

--نىمە؟ ئايروپىلاندا؟ بېلەت ئېلىشنىڭ تەسلىكىدە خېلى جاپا تارتىپسىز دە؟ --دىدى باجى ھەيران بولۇپ—GPSنى ئىشلەتكۈچە ئەرىشتىكى جادۇ كۆزنى ئىشقا سالسىڭىز بولماسمىدى؟ ئۇ ھەقسىز تېپىپ بېرەتتى.

ۋۇكۇڭ ئاچچىقلىغان ھالدا: --ئايروپىلانغا ئولتۇرغىلى نەدىكى پۇلكەن ئۇ، يانچۇقتىكى پۇل سېنى ئىزلەشكە ئاران يەتتى، ئۇزاق بولدى، تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىدىن ئىشتىن قالغاندىن بۇيان بۇلۇت باشقۇرۇش ھەققىنى تۆلىيەلمىگەنلىكتىن بۇلۇتنى ئېلىۋېلىشتى، شۇنىڭ بىلەن ئامال يوق، ئايروپىلاننىڭ قۇيرۇقىغا ئېسىلىۋېلىپ بۇ يەرگە كەلگەندە سەكرەپ چۈشتۈم، قارا چېچىمدىكى توپىغا؟ ھەراس، باجى، گاۋ جەمەتى قورۇقىدا تۇرماي قانداق بولۇپ شىنجاڭغا كېلىپ قالدىڭ؟

باجى: دەپ كەلسەم گەپ تولا، ئىشتىن قالدۇرۇلغاندىن كىيىن بىر مەزگىل قېينىئاتامنىڭكىدە تۇرغان، بىراق گۆش باھاسى ئۆرلەپ كەتكەندىن كىيىن ئۇ يەردىمۇ خاتىرجەم تۇرالمىدىم، دائىملا قارا باسىدىغان بولۇپ قالدى، گۆش ئېلىشقا پۇلى يەتمىگەن ئالۋاستىلارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك گاۋ جەمەتى قورۇقىنى بىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قېيىنئاتاممۇ قوشۇمچە كەسىپنى راۋاجلاندۇرىمەن دەپ ساياھەتچىلىك ئورنى قۇرۇۋالغاچقا، ئۇيەرنىڭ ئېلان تاختىسى مەن بولۇپ قالدىم، شۇڭا ئۆزۈمنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرەپ، مېنى يەيدىغانلار يوق شىنجاڭغا كېلىپ پاناھلىنىۋاتىمەن.

--ھە، مۇنداق دىگىن دىدى ۋۇكۇڭ—سېنىڭ ئىشىڭمۇ تەس بوپتۇ، ئالدى بىلەن چېچىمنى يۇيۇۋالاي، چاچ سوپۇنى بارمۇ؟

--بازاردىن سېتىۋالايلى، ئۇلار شۇنداق دىيىشىپ بىر دۇكانغا اراپ ماڭدى، ۋە دۇكاندىكى ئۇيغۇرچە خەت يېزىلغان چاچ سوپۇنلىرىنىڭ كۆپلىكىدىن قايسىسىنى ئېلىشنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدى، ئاخىرى بۇلۇڭدا تۇرغان چاچ سوپۇندىن بىرنى ئېلىپ يېنىپ چىقتى.

ۋۇكۇڭ: باجى، قارىغاندا شىنجاڭنىڭ سانائىتىمۇ خېلى تەرەققى قىپتۇ، ئۇيغۇرچە يېزىقتىكى ماللار نىمىدىگەن كۆپ؟

باجى: نىمىسىنى دەيسەن، ھەممىسى دىگۈدەك ئىستىمالچىلارنى ئالداۋاتقانلار، شىنجاڭدا سۇلتان، ئەلپاك، پاك زىمىن قاتارلىق زاۋۇتلارنىڭلا ئۆزى مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىدىغانلىقىنى بىلىدىكەنمەن، باشقىلىرى بولسا مەھسۇلاتنى ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ياساپ، بۇ يەردە ئۇيغۇرچە قاپ ياسىتىپ ئوراپلا نومۇسمۇ قىلماي بىز ياسىغان دەپ پەخىرلىنىپ داڭلاپ سېتىۋاتىدۇ، ئۇ مەھسۇلاتلارنىڭ ئۇيغۇرچە خېتىدا مەھسۇلات ئىشلەپچىقارغان ئورۇن دىگەن مەزمۇن يوق، ئەمما خەنزۇچە يېزىقتا بار، ھەي بۇنداق ئىشلار قاچانغچە داۋاملىشاركىن؟

ۋۇكۇڭ: مۇنداق دە، ھەي، ھازىرقى كىشىلەرگە بىر نىمە دىمەك تەس بولۇپ كەتتى، مەنپەئەتلا بولسا ئىستىمالچىنىڭ نىمە بولۇشى بىلەن كارى يوق.

باجى: مايمۇن ئاغا، تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىدىكى خىزمەتتتىن نىمىشقا قالدۇرۇلدىڭىز؟ ئۇستازچۇ؟

ۋۇكۇڭ: ئۇلارنىڭ دىيىشىچە مېنىڭ خەنزۇچە سۆزلىگىنىمنى ئۇلار بىلەلمەپتىمىش، تەلەپپۇز توغرا ئەمەس دەيدۇ. ئۇستاز قايسى كۈنى چەتئەلدىن تېلىفۇن قىپتىكەن، ئۇ يەردىكى سەنئەت ئىشلىرى ئاقماي، WWEدا مۇشلاش مۇسابىقىسىگە چۈشۈپ پۇل تاپىمەن دەيدۇ، مانا بۇ ئۇ ئەينى ۋاقىتتا ماڭا يوللىغان رەسىمى:

باجى: ھەي، بۇ كۈنلەر تېخىمۇ تەس كەلدى، يولدا قاتناش ساقچىللىرى يېقىلغۇ ماي قىممەت بولۇپ كەتتى دەپ قىل قالدى مېنىمۇ قاتناش قورالى قىلغىلى، ئاران قاچتىم، بىراق تۇتۇۋالغانلارنى بوش قويۇۋەتمەپتۇ

شەھەردىن قېچىپ تاغقا چىقسام جان باقماقنىڭ تەسلىكىدىن يولۋاسلارمۇ مېنى قىلتاققا چۈشۈرۈش ئۈچۈن ھىجىيىپ قاراپ تۇرىدۇ، ئاران قاچتىم

كېچىسى ئۇخلىسام چۈشۈمدە ئالۋاستىلار كېلىپ جېنىڭنى ئالىمەن دەپ تولا قارا بېسىپ قالدى، بۇنىڭدىن كىيىن قانداق قىلسام بولار؟

ۋۇكۇڭ: ئىككەيلەنگە تازا تەس بولدى، بولمىسا ئېلانغا چىقىپ باقامدۇق يا؟ سەنمۇ خېلى نامى بار شەخىسقۇ؟

باجى: ماڭا قارىغاندا سىزلا چىقمامسىز، ھازىرغۇ ئېلاندىن ھەممە ئادەم زېرىكىپ تۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىرقى ئېلانلاردا نەدە مەھسۇلاتنى ئىشلىتىپ باقمىغانلار چىقىپ بەك ماختايدىغان، مەھسۇلاتنى ئىشلىتىدىغانلار ئېتىبارغا ئېرىشمەيدىغان بولۇپ كەتتى، تېخى باشقا كەسىپتىكىلەرگە ئاق خالاتنى كەيدۈرۈپ قويۇپ، مىكروسكوپنىڭ ئالدىغا ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپلا «پالانى ساھەدىكى داڭلىق پىراففىسور بۇ مەھسۇلاتنى كەشىپ قىلدى» دەپ كەسىپ ئەھلىلىرى بىلەن كارىمۇ يوق، سىزنى ئۆزۈمنىڭ ئاپپاراتىدا تارتساممۇ تارتاي، مېنىڭچە يۈزنى ئاقارتىش مەلھىمىنىڭ ئېلانىنى ئىشلەپ كۆرۈپ بېقىپ، ئېلان ئىشلەش ئورنىغا ئېلىپ بېرىپ بىر نىمە دىيىشەرمىز، باجى شۇنداق دىدى ۋە سۈرەتكە ئېلىشنى باشلىدى، بىراق تازا كۆڭۈلدىكىدەك بولمىدى،

ۋۇكۇڭ: بولمىسا مەن كالا ئاكامغا تېلىفۇن قىلىپ باقاي، ئۇنىڭدىن پۇل قەرىز ئېلىپ تىجارەت باشلارمىز

باجى: ھەي مايمۇن ئاغا، قارىغاندا خەۋىرىڭىز يوقكەن، سىز يالقۇن تاغنىڭ ئوتىنى ئۆچۈرۈۋەتكەندىن كىيىن، ئۇلارنىڭ كىرىم مەنبەسى يوق بولۇپ، كالا دېۋە ئامرىكىغا بېرىپ WWEدا ھېلىقى كاسايا ئوغرىسى قارا ئېيىق ئالۋاستى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشۈپتىكەن، قارا ئېيىق ئۇنى بەكلا ئۇرۇۋېتىپتۇ،

شۇنىڭ بىلەن كالا دېۋە چىدىماي سىرتقا چىققاندا ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشۇپتىكەن ئېيىق ئۇنى يەنە ئۇرۇپتۇ

كالا دېۋە چىدىماي قارا ئېيىقنى ئۈسسۈپ يارلاندۇرۇپتىكەن، ساقچىخانىدىن تۇتۇپ كېتىپتۇ

ھازىر قارا ئېيىق باي بولۇپ كەتتى، قايسى كۈنى ساياھەتكە كەپتىكەن ئۇچرىشىپ قالدىم، ئۇنىڭغا سىزنىڭ ئىنىسى ئىكەنلىكىمنى ئېيىتسام سىزنىڭ يۈزىڭىزنى قىلىپ، ماڭا بىر ۋاق تاماق ئېلىپ بەردى ۋە تېلىفۇن نومۇرىنى بەردى

ۋۇكۇڭ: --بۇمۇ بىر ھىسابتا بولدى،  ئەينى ۋاقىتتا ئۇنى ئۆلتۈرمەي ئىشىك باقارلىققا توختاملىق ئىشچىلىققا تونۇشتۇرۇپ قويغان ئىدىم، شۇنىڭ يۈزىنى قىلىپ بىزگە پۇل بېرىپ تۇرار، ئەگەر ئۇ پۇل بەرسە بىز ئۆي-مۈلۈك سودىسى قىلايلى.

ۋۇكۇڭ شۇنداق دىدى ۋە قارا ئېيىققا تېلىفۇن قىلىپ ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئۆسۈملۈك قەرىز ئالدى، ئۇ ئىككەيلەن يامان تەستە بىر ئائىللىك قورۇسى سالدى ۋە سېتىپ چىقىرىش ئۈچۈن ئېلان بېرىشكە توغرا كېلىپ، باجى خەت ئۇردىغان بىر دۇكانغا بېرىپ ئۇيغۇرچە ئېلان باستۇرۇپ كەلدى، يەنىلا شۇ باجى پەملىك، ئۇ ئېلان ۋاراقلىرىنى چاپلايدىغان شىلىمنى تىجەش ئۈچۈن، ھەر بىر ئېلاننى تۈكۈرۈپ چاپلىدى، ئۇلارنىڭ سودىسى قانداق بولار؟ ئېلان مەزمۇنىنى بېسىپ چىقىرىپ بەرگەن ئادەمنىڭ سەۋىيىسى قانچىلىك؟ بىزدە بۇنداق خاتالىقلار بارمۇ يوق؟ بۇنىڭ ئۈچۈن قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟

ئۇنداقتا تۆۋەندىكى ئېلان مەزمۇنىنى كۆرۈپ بىر نىمە دەرسىلەر

شىركىتىمىز يېقىندا پوقتا سېلىنغان تۆت يۈرۈش بىنانى سىرتقا قارىتا ساتماقچى، بىنالارغا ئىشلەتكەن ماتېرىياللار چىداملىق بولۇپ سېلىنىشىى پوقتا، كۆرۈنىشى كۆركەم ، ئادەم ئۆلتۈرىدىغان ئۆيلەرنىڭ سايمانلىرى پۈتۈنلەي ئىمپورت قىلىنغان . ھەممىدىن قولايلىق يېرى شۇكى ، ھەر بىر بىنادا كىچىك ۋە ئوتتوراھال ئۆلتۈرۈشلەرنى قىلىدىغان ئىككى ئېغىزلىق ئۆي بار . بۇ ئۆيلەرنىڭ ئۆلتۈرۈش قىلىدىغان سايمانلىرى پۈتۈنلەي زامانىۋىي بولۇپ ، سىز قاچاندا ئۆلتۈرۈش قىلىمەن دېسىڭىز ،شۇ ھامان ئىشقا چۈشەلەيدۇ . پوقتا سېلىنغان تۆت يۈرۈش بىنانىڭ يەنە بىر ئارتۇق يېرى شۇكى ، ھەر بىر بىنانىڭ ئالدىدا 500كۋادرات مېتىرلىق كىچىك گۈللۈك باغچە بار . باغچىنىڭ ئىچىدە بىر قانچە يەردە ئادەم ئۆلتۈرىدىغان ئورۇندۇق قويۇلغان . ئادەم ئۆلتۈرىدىغان بۇ ئورۇندۇقلار پۈتۈنلەي سىرتقى دۆلەتتىن كىرگۈزۈلگەن بولۇپ ، ئادەم ئۆلتۈرسە بىر خىل خاتىرجەملىك ھېس قىلىدۇ .  كەڭ خىرىدارلار ! پۇرسەت غەنىمەت ، سىلەرگە رەھمەت !

         xx  قۇرۇلۇش شىركىتى

(بۇ تېمىنىڭ ئاخىرىدىكى ئېلان مەزمۇنىنى مەن توردىن ساقلىۋالغان، قالغىنىنى كۈلۈشمەك بولسۇن ئۈچۈن يېزىپ قويدۇم، خاتا يېرى بولسا ئەيىپكە بۇيرۇماڭلار)

مەنبە: قەلىمىم

urra604 يوللانغان ۋاقتى 2011-2-2 20:40:47

ياخشى تېما ئىكەن رەھمەت سىزگە

Sirlikdunya يوللانغان ۋاقتى 2011-2-2 20:50:40

تەسەۋۇرىڭىز قالتىس

tarimi يوللانغان ۋاقتى 2011-2-2 20:51:35

ئېلاننىڭ مەزمۇنى ۋەھشىيكەن .

ئەسىرىڭىز يامان ئوبدان ئىجادى ئەسەر بوپتۇ ........شۇنچىلىك تەبئىي.

جەمىئەتتىكى نۇرغۇن مەسلىلەرنى ئېچىۋېىپسىز .

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2011-2-2 21:09:28

توردىن ھوزۇر ئالمىغىلى ئۇزۇن بوپتىكەن ،يېنىك تېما بوپتۇ .

Comeon يوللانغان ۋاقتى 2011-2-2 21:30:51

بۇرۇنقى چاغلار نىمىدىگەن ياخشى، بۇرۇنقى چاغلاردا ئاسمان كۆپكۆك ئىدى، سۇلارمۇ ئىنتايىن سۈزۈك ئىدى، گۆشنى خاتىرجەم ئىستىمال قىلاتتۇق، چاشقان مۈشۈكتىن قورقاتتى، توي قىلىشتا مۇھەببەتنى ئاساس قىلاتتى، ساتىراچخانىلار پەقەت چاچ بىلەنلا ھەپىلىشەتتى، دورا بىلەن كېسەل داۋالايتى، دوختۇرلار ئۆلۈمگە سەۋەب، كېسەلگە داۋا قىلاتتى، كىنوغا رولغا چىقىش ئۈچۈن رىجىسسور بىلەن توي قىلىش يوق ئىدى، قەرىزدار قەرىزنى قايتۇراتتى، نەرسە ئالسا پۇل تۆلەيتى، مەكتەپ پۇل تاپمايتى، ساراڭ پىراففىسور بولالمايتى.......

taklimakan10 يوللانغان ۋاقتى 2011-2-2 22:21:35

كۈلكىلىك ۋە مەزمونلۇق چىقىپتۇ،كۈلدۈرۈپ تۇرۇپ نۇرغۇن ئىشلارنى قامچىلىۋېتىپسىز.

mayhana يوللانغان ۋاقتى 2011-2-3 10:43:31

راس، ھەممىمىزگە يارىدى.   ئاستىدىكى ئىملا خاتالىغى دەھشەتكەن.

Istanbul يوللانغان ۋاقتى 2011-2-3 15:34:19

نىمە؟ ئايروپىلاندا؟ بېلەت ئېلىشنىڭ تەسلىكىدە خېلى جاپا تارتىپسىز دە؟ --دىدى باجى ھەيران بولۇپ—GPSنى ئىشلەتكۈچە ئەرىشتىكى جادۇ كۆزنى ئىشقا سالسىڭىز بولماسمىدى؟ ئۇ ھەقسىز تېپىپ بېرەتتى.

yarkin92 يوللانغان ۋاقتى 2011-2-3 17:31:04

بازاردىن سېتىۋالايلى، ئۇلار شۇنداق دىيىشىپ بىر دۇكانغا قاراپ ماڭدى، ۋە دۇكاندىكى ئۇيغۇرچە خەت يېزىلغان چاچ سوپۇنلىرىنىڭ كۆپلىكىدىن قايسىسىنى ئېلىشنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدى

===================  

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2011-11-5 19:48:28

قالتىسكەن
بەت: [1]
: باجىنىڭ كۈلكىلىك ئىشلىرى(رەسىملىك)