izchilar يوللانغان ۋاقتى 2011-2-2 19:55:49

مەملىكەتلىك ئېنگىلىزتىلى مۇسابىقىسىگە قاتناشقان ئۇيغۇرلار

ئۇيغۇرلارنىڭ تىل تالانتىغا ھەقىقەتەن قول قويماي بولمايدۇ.ھازىرغا قەدەر مائارىپتا بىزگە ئومۇمىيۈزلۈك ئېنگىلىزتىلى ئۆتمىسىمۇ،كىچىكىدىن باشلاپ ئېنگىلىزتىلى ئۈگۈنۈپ چوڭ بولغانلار بىلەن تەڭ رىقابەتتە مەملىكەتلىك ئېنگىلىزتىلى مۇسابقىلىرىگە شان-شەرەپلەرنى كەلتۈردى.تۆۋەندە مەن ھازىرغا قەدەر مەملىكەتلىك نوپۇزغا ئىگە ئېنگىلىزچە مۇسابىقىلارغا قاتناشقان شۇنداقلىق ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن ئۇيغۇر قىرىنداشلارنى رەتلەپ چىقتىم.
مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپلەر ئېنگىلىزتىلى نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى 2002-يىلى تەسىس قىلىنىپ ئۆتكۈزۈلۈشكە باشلانغان.مۇسابىقىنى مەركىزى تىلىۋىزىيە ئىستانسى ساھىبخان بولۇپ  "CCTVلوڭقىسى" مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپلەر ئىنگىلىزتىلى نۇقۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى نامىدائۇدا 8يىل ئۆتكۈزۈلۈپ كەلگەن.بۇ 8يىل جەرياندا2002-يىلى ۋە2003-يىلى بىيجىڭغا بىرىپ قاتناشقانلار يوق.
2004-يىلى:
قاسىمجان ئابدىرىھىم،شىنجاڭ ئۇنىۋىرسىتىتىغا ۋاكالىتەن قاتناشقان ۋە مەملىكەت بويىچە 3-لىككە ئىرىشكەن.

ئەزىمەت رۇستەم،شىنجاڭ تىببىي ئۇنىۋىرسىتىغا ۋاكالىتەن قاتناشقان ۋە ئەڭ "ياخشى تەلەپپۇز مۇكاپاتى"غا ئىرىشكەن.

2005-يىلى:
ئادىلجان ئابدۇكىرىم،شىنجاڭ ئۇنىۋىرسىتىغا ۋاكالىتەن قاتناشقان ۋە مەملىكەت بويىچە 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئىرىشكەن.

مەرھابا ئىسھاق،شىنجاڭ ئۇنىۋىرسىتىغا ۋاكالىتەن قاتناشقان،كۆرۈنەرلىك ياىشى نەتىجىگە ئىرىشەلمىگەن بولسىمۇ،سەھنىدىكى جانلىقلىقى باھالىغۇچىلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئىرىشكەن.

گۇلزار،بۇ قىرىندىشىمىز ئىچكىرىدىكى بىر ئالىي مەكتەپكە ۋاكالىتەن قاتناشقان ۋە كىچىككىنە پەرق بىلەن ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرەلمىگەن.

2006-يىلى:
ساباھەت، تىيەنجىن چەتئەل تىللىرى ئۇنىۋىرسىتىتىغا ۋاكالىتەن قاتناشقان.بۇ ماھىرىمىز  مۇنازىرە باسقۇچىدە قابىلىيتىنى ئەڭ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ باھالىغۇچىلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئىرىشكەن.

مىراجىگۇل ئوسمان،شىنجاڭ ئۇنىۋىرسىتىگە ۋاكالىتەن قاتناشقان ۋە ياخشى باھالارغا مۇ يەسسەر بولغان.

2007-يىلى:

مۇتەللىپ ئەسقەر،قەشقەر پىداگوكىكا ئىنىستۇتىغا ۋاكالىتەن قاتناشقان ۋە كىچىككىنە پەرق بىلەن ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرەلمىگەن.

2008-يىلى:
فەرۇق مەردان،شىنجاڭ تىببىي ئۇنىۋىرسىتىگە ۋاكالىتەن قاتناشقان.ۋە ياخشى نەتىجىگە ئىرىشكەن.


2009-يىلى:
مۇتەللىپ ئەسقەر،قەشقەر پىداگوكىكا ئىنىستىتۇتىغا ۋاكالىتەن قاتناشقان ۋە ئازراقلا پەرق بىلەن ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرەلمىگەن.


بۇندىن كىيىن مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپلەر ئېنگىلىزتىلى نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىنى چەتئەل تىللىرى ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات كافىدارىسى ساھىبخان بولۇپ "FLTRP لوڭقىسى" نامىدا ئۆتكۈزىدۇ.
2010-يىللىق 1-نۆۋەتلىك  "FLTRP لوڭقىسى" غا قاتناشقانلار:

ئىرشات پولات،شىنجاڭ ئۇنىۋىرسىتىغا ۋاكالىتەن قاتناشقان ۋە مەملىكەت بويىچە 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئىرىشكەن.

  زۆھرە تۇرغۇن،شىنجاڭ تىببىي ئۇنىۋىرسىتىغا ۋاكالىتەن قاتناشقان ۋە مەملىكەت بويىچە 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئىرىشكەن.


ئۇنىڭدىن باشقا يەنە مەركىزى تىلىۋىزىيە ئىستانسى تەرپىدىن ئۆتكۈزىلىدىغان   ئېنگىلىز تىلى تىلىدا نوتۇق سۆزلەش ۋە تالانت مۇسابىقىسىدە ئالىي مەكتەپلەر تۈرىدىن :

ئۈمۈد ھاجى،شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد ئۇنىۋىرسىتىگە ۋاكالىتەن قاتناشقان ۋە مەملىكەتلىك چىمپىيۇنلۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن

مەنبە:http://www.xjabc.net/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=56&extra=

tarimi يوللانغان ۋاقتى 2011-2-2 20:54:48

قەدەملەر ئۈزۈلۈپ قالمىغاي !!!!

Sirlikdunya يوللانغان ۋاقتى 2011-2-2 20:57:25

قالتىس جۇمۇ!!!ھەقىقەتەن قايىلمەن

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2011-2-2 21:02:14

مۇشۇنداق تالانتلىق، تىرىشچان باللارغا بەكمۇ زوقۇم كىلىدۇ. ھىچقانداق ئىنگىلىز تىلى مۇھىتى بولماي تۇرۇپ، تەلەپپۇزى ۋە سۆزلىگەندىكى گىرامماتىكا توغرىلىقى ھەم ئىشلەتكەن سۆزلىرىنىڭ سەۋىيىسى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ!  
قارىغاندا راستىنلا Practice makes progress ئوخشايدۇ. بۇ باللاردىكى motivation، ئىشەنچ مىنى بەكمۇ قايىل قىلىدۇ...

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2011-2-2 21:42:47

تارىخى ئەھمىيەتكە ئىگە ياخشى ماتېرىياللاركەن، ئەمما سۈرەت چىقماپتۇ، مېنىڭكىدىلا چىقمىغانمىدۇ ؟

YELKEN يوللانغان ۋاقتى 2011-2-2 22:07:47

ئەينى ۋاقىتتا مەنمۇ ئىشتىراك قىلغانتىم...

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2011-2-3 10:00:51

رەسىملەر ئىچىلمىدىمۇ؟

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2011-2-3 10:18:22

مېنىڭ كومپيۇتېرىمدا رەسىم ئورنىدا رامكا، رامكا ئىچىدە بىر ئىكستىن باشقا نەرسە يوق.

mayhana يوللانغان ۋاقتى 2011-2-3 10:30:17

قاسىمجان بىلەن ئۈمۈد ھاجىنىڭكىنى كۈرۈپتىكەنمەن.

تىل جەھەتتە ئۈستۈنلىكىمىز بار.  تېخىمۇ كۆپ تېرىشچان ياشلارنىڭ چىقىشىغا تىلەكداشمەن.

Faith يوللانغان ۋاقتى 2011-2-3 10:30:29

Bidar-Qutlan:
مېنىڭ كومپيۇتېرىمدا رەسىم ئورنىدا رامكا، رامكا ئىچىدە بىر ئىكستىن باشقا نەرسە يوق.

مېنىڭكىدە نورمالغۇ، رەسىملەرنىڭ ھەممىسى چىقتى.تور كۆرگۈچىڭىزدە مەسىلەر بار ئىكەن.

Nurbulaq يوللانغان ۋاقتى 2011-2-3 10:40:45

ساباھەت دېگەن قىزچاقنىڭ مۇسابىقىگە قاتناشقان سۈرەتلىك ھۆججەتلىرىنى تاپقىلى بولامۇ `!؟

lonelyness يوللانغان ۋاقتى 2011-2-3 18:40:08

YELKEN:
ئەينى ۋاقىتتا مەنمۇ ئىشتىراك قىلغانتىم...

مەنمۇ شۇ  . 7-8 يىلنىڭ ئالدىدا . ئىككى قېتىم تېخى . لېكىن مەكتەپتىن چىقىپ ،شىنجاڭدىن چىقالمىغان !

Abdulla204 يوللانغان ۋاقتى 2011-2-4 09:34:23

ئەسسالامۇ - ئەلەۇكۇم

ئەجەپ ياخشى خەۋەرنى يوللاپسىز، بۇنىڭدىن كىيىنمۇ تېخمۇ كۆپ چولپانلارنىڭ چىقىشىنى ئۇمىد قىلمەن.

بەت: [1]
: مەملىكەتلىك ئېنگىلىزتىلى مۇسابىقىسىگە قاتناشقان ئۇيغۇرلار