oqmeas يوللانغان ۋاقتى 2011-2-2 15:20:45

پىنھان ۋە زىلتار بىلەن ئۆتكەن كۈنلەر

1991.يىلى: مېنى يېڭىدىنباشلانغۇچ مەكتەپكە بەرگەن ۋاقىت شۇ چاغدا يېڭى قۇبۇل قىلغان بالىلار كۆپ بىر ھەپتىلەرگىچە سىنىپ بېرىلمىدى ،تەلىيىمگە پىنھان بىلەن بىر سىنىپقا بۆلۈنگەن ئىدىم. كۈندە مەكتەپكە كېلىپ قاتار كەتكەن سىنىپلارنىڭ بىرىنىڭ ئالدىدا بىر سىنىپقا ئايرىلغان بالىلار بىلەن يىغىلىپ ئولتۇرۇشاتتۇق،گەرچە تالادا قالغان بولساقمۇ مەكتەپتە ئوقىغانغا خوشال ئىدۇق.شۇ چاغلاردا مەكتەپ ئالدىدىكى يايمىچىلار 1موچەنگە بىرتال تاۋۇز بېرەتتى،بىر كۈنى بىر تال تاۋۇزنى ئېلىپ شۆلگىيىمنى ئېقىتىپ سىنىپنىڭ ئالدىغا كېلىشىمگە پىنھان كەلگەن پېتى قولۇمدىكى تاۋۇزنى تارتىۋالماقچى بولدى،تارتىشىپ يۈرۈپ تاۋۇز يەرگە چۈشۈپ چۇۋۇلۇپ كەتتى،ئاچچقىمدا پىنھان بىلەن پومداقلىشىپ كەتتۇق،شۇ ئەسنادا تۇيمايلا قالدىم پىنھانغا قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايدىغان يەنە بىرى پەيدا بولدى شۇنىڭ بىلەن........ۋايجان...

شۇنىڭدىن كېيىن پىنھان ياكى زىلتارنىڭ بىرەرسىگە چېقىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدىم

1993.يىلى:پىنھان ئىككى يىللىق مەكتەپ تەربىيىسىدە خېلى<< چوڭ سۈپەت>> بولۇپ قالغان ئىدى،لېكىن زىلتار يەنىلا بالىلىقنى تاشلىمىغان بولۇپ،سىنىپنىڭ ئەڭ كەپسىزلىرىدىن ئىدى.شۇ چاغلاردا ئىشتان سالدۇرۋېتىش ئۇيۇنى مودا بولغان بولسا كېرەك،ياز كۈنلىكى بىز گاڭسەر ۋە كالتە ئىشتان بىلەنلا مەكتەپكە كەلگەچكە ئىشتان باغقا چىڭ بولمىساق بولمايتى،زىلتارنى بىر يەردە كۆرسەكلا ئىشتاننىڭ بېغىنى چىڭ تۇتاتتۇق.بىر كۈنى كەچلىكى خەنزۇتىلى مۇئەللىمىمىز بىزنى پىنيىن يادلاشقا بۇيرۇدى ۋە ئۆگىنىش باشلىقىنى ھەر بىر ئوقۇغۇچىنى يادلىتىپ تولۇق يادلاپ بولغانلىرىنى قويۇپ بېرىشنى ئېيتتى،مەن ئالدىدا يادلاپ بولغاچقا ئۆگىنىش باشلىقىنىڭ ئالدىدا ئۆرە تۇرۇپ يادلاپ بېرىۋاتسام بىرسىكەينىمدىن كېلىپ ئىشتىنىمنى تېقىمىمغىچە سېرىۋەتتى،ئۆگىنىش باشلىقىمىز قىز بالا ئىدى،ئۇ بېشىنى تۆۋەن قىلىپ يىغلاشقا باشلىدى،غەزەپ بىلەن كەينىمگە قارىسام زىلتار ھىجىيىپ تۇراتتى،قاتتىق ئاچچىق بىلەن ئالدىمغا ماڭدىميۇ دەرھال كۆز ئالدىمغا ئىككى زىلتار كەلدى شۇنىڭ بىلەن پەيلىمدىن ياندىم.شۇ قىزنى كۆرسەم ھازىرمۇ خىجىل بولىمەن.شۇ چاغلاردا ھەقىقەتەن زىلتارنىڭ دەستىدە كالتە ئىشتانغىمۇ كەمەر تاقاپ يۈرۈيدىغان بولۇپ كەتكەن ئىدۇق

1999.يىلى: تۇلۇقسىز 2.يىللىققا چىققاندا پىنھان سىنىپىمىزنىڭ قىززىقچىسىغا ئايلاندى،بۇرادىرىمىز ئويۇنقېپىراق لېكىن كاللىسى ئۆتكۈر ئىدى،دەرىس ۋاقتىدا پەقەت جىم ئولتۇرمايتى،لېكىن مۇئەللىم ئۇنىڭ دەرىسكە دېققەت قىلمىغىنىنى بايقاپ ئورنىدىن تۇرغۇزۇپ سۇئال سورىسا دەرھال جاۋاب بېرەلەيتى،شۇڭا مۇئەللىممۇ ئۇنىڭغا ئارتۇق گەپ قىلمايتى،شۇ چاغلاردا ئۇ بىر قىز ساۋاقدېشىمىز بىلەن بىر پارتىدا ئولتۇراتتى،ئۇ قىزمۇ پىنھان بىلەن بىر پارتىدا ئولتۇرۇپ يۇققان بولسا كېرەك شوخلۇقنى خېلى قىلىپ قوياتتى،بىر كۈنى مۇئەللىم پىنھاننى يەنە تۇرغۇزۇپ سۇئال سورىدى،پىنھانمۇخاتىرجەم جاۋابنى بېرىپ ئادەتتىكىدەكلا ئولتۇردى يۇ سەكرەپ تۇرۇپ كەتتى،ھېلىقى قىز ساۋاقدېشىمىز پىنھاننىڭ ئولتۇرىدىغان يېرىگە ئۇچلانغان قېرىنداشنى تىكلەپ تۇتۇپ تۇرغان ئىدى،شۇ چاغدىكى دەرتنى پىنھان ئۆزى بىلىدۇ بەلكىم تارتۇقى ھازىرمۇ بارمىكىن.

كېيىن پىنھان تولۇقسىزنى پۈتتۈرۈپ ئاقسۇ دارىلمۇئەللىمىنگە كەتتى،شۇنىڭدىن كېيىن پىنھان بىلەن بولغان ساۋاقداشلىق مۇناسىۋىتىمىز ئاخىرلاشتى لېكىن زىلتار بىلەن يەنە داۋاملىق بىللە ئوقۇدۇق،پىنھاننىڭ شۇ چاغلاردا 2002.يىللىرىغۇ دەيمەن ھەسەن-ھۈسەن تور بېكىتى دەپ ئىككىسىنىڭ رەسىمىنى چىقىرىپ بىر تور بېكەت قۇرغىنى ئېسىمدە پىنھان ناھىيە بازىرىمىزغا نىسبەتەن كومپىيوتىر تېخنىكىسى ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا سانىلىدىغانلارنىڭ بىرسى،ھازىر تېما يوللاپ ئولتۇرغان pcنىمۇ پىنھاندىن ئالغانمەن

2003.يىلى:(زىلتارنىڭ تولۇق 1.2.يىللىقتىكى ئىشلىرى ئېسىمدە قالماپتۇ)تولۇق 3.يىللىقتىكى ۋاقىتلىرىمىزدا سىنىپىمىزدا زىلتار بىلەن كەپسىزلىكتە زىلتاردىن قېلىشمايدىغان يەنە بىر بودەك ساۋاقدېشىمىز بار ئىدى،ئىككىسى نېمىشقىكىن چىقىشالمايتى.بىر كۈنى بودەك ساۋاقدېشىمىزنىڭ سىنىپنىڭ دېرىزە تەكچىسىگە تىزىپ قويغان بىر تەشتەك گۈلىنى چۈشلۈك ئارامدا سىنىپ نۆۋەتچىلىرى چېقىپ قويۇپتۇ.ئەڭ ئېچىنىشلىق يېرى تەشتەكنىڭ چېقىقلىرىنى بودەكنىڭ پارتىسىغا،بوغچىسىغا تىقىپ قويۇپتۇ(بۇ ئىشنى كىمنىڭ قىلغانلىقىنى ھازىرغىچە بىلمەيمىز)بودەك چۈشتىن كيىن بۇنى بايقاپ قاتتىق غەزەپلىنىپ مۇشتلىرىنى تۈگۈپ،چىشلىرىنى غۇچچۇرلىتىپ كىمنىڭ قىلغانلىقىنى سۈرۈشتۈرۈپ يۈرسە زىلتار سىنىپمىزنىڭ دېرىزىسىدىن(سىنىپىمىز 4.قەۋەتتە ئىدى)پەسكە قاراپ <<تەشتەكنى تۇتىۋېلىڭلار،قۇتقۇزۋېلىڭلار>>دەپ ۋارقىرىدى،شۇنىڭ بىلەن ئۇزۇندىن بۇيان پارتىلىمىغان ئۇرۇش پىلىكىگە ئوت تۇتاشتى،بودەك زىلتارغا قاراپ ئېتىلدى.زىلتارنىڭ شۇ چاغلاردا رېئاللىققا يۈزلىنىپ تەنھا دو سۈرىۋاتقان چاغلىرى بولغاچقا بودەك بىلەن يەكمۇ-يەك تۇتۇشتى،سىنىپ ئىچى قىيا-چىيا ،قىقاس-چۇقانغا تولدى،قىزلار چىرقىرىشاتتى،پارتا-ئورۇندۇقلار ئۆرۈلەتتى، ئۇلارغا ھېچكىم يېقىن كېلەلمىدى.ئىككىلىسى يوغان تومبولقى نېمىلەردىن ئىدى،شۇ ئەسنادا سىنىپ مەسئۇلىمىزنىڭ بوم بولمىسىمۇ جاراڭلىق ئاۋازى ئاڭلاندى،شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككىسى ئاجراشتى شۇ چاغدا كىمنىڭ بەكرەك يېگىنى ئېسىمدە قالماپتۇ بەلكىم ئىككىلىسى ئوخشاش يېدىغۇ دەيمەن.

(بۈگۈن قىلغىلى ئىش تاپالماي ئولتۇرۇپ بۇرۇنقىمەكتەپ ھاياتىمدىنمۇشۇ كۆرۈنۈشلەر ئېسىمگە كېلىپ قالدى،پۈتۈنلەي سەمىمىي مەقسەدتە يازدىم ئەمدى ئاچچەقىڭلار كېلىپ ئىككىڭلار بىر چىقىپ قالساڭلار 110غا تېلىفۇن قىلىمەن جۇمۇ)

بۈگۈنگە كەلگەندە بىرىمىز خىزمەت، بىرىمىز تىجارەت، بىرىمىز جەمىيەت دەپ يۈرۈپ كىچىككىنە ناھىيە بازىرىمىزدىمۇيىللاپ يىللاپ كۆرۈشمەي يۈرۈيمىز .مۇشۇ تېمىدىن پايدىلىنىپ بارلىق ساۋاقداشلارغا سالام يوللايمەن

bapkar يوللانغان ۋاقتى 2011-2-2 16:33:55

قىززىق پاراڭ بولۇپتۇ بۇ،

تېما مەزمۇنىدىنمۇ بەكرەك تېمىدىكى خەت ئىملاسىنىڭ توغرىلىقىدىن بەكلا خۇش بولدۇم، ئىملا توغرا بەكلا راۋان چىقىپتۇ.

qaynam يوللانغان ۋاقتى 2011-2-2 16:49:35

مەنمۇ سۆزلەپ باقاي :

ھەسەن - ھۈسەن ، ئاكا - ئۇكا ئىككەيلەندىن ئاكىسى ھەسەنجان ( پىنھان ) بىلەن بىرگە يۈرگەن ۋاقىتلىرىم كۆپرەك .

2004-يىلىنىڭ ئاخىرى ئىدى ، تۇيۇقسىز پۇرسەتتە كومپىيۇتېر يەنە كىلىپ ئېنتېرنېت دىگەن نەرسىگە تاساددىپىي قىزىقىپ قالدىم .

شۇ چاغلاردا تۇللۇق ئوتتۇرنىڭ 2-يىللىقتىكى ۋاقتىم ئىدى ، مەن دىمەتلىك ۋە ساۋاقداشلىرىم ئۈچۈن ئېنتېرنېت ناتۇنۇشمۇ ئەمەس ئىدى ، ئۇلار ئۈچۈن چ چ ئويناش ۋە توربىكەت ، چايخانا ، مۇنبەر دىگەندەك بۇرۇن ئاڭلاپ باقمىغان جايلاردا مەشخۇلات قىلىش تەس ئىشمۇ ئەمەس ئىدى .

لىكىن مەن ئۈچۈن ئاسمان چىقىشتىنمۇ تەس ئىش ئىدى ، ئىزدىنىش ۋە تىرىشىش ئارقىلىق نەچچە ئاي ئۆتمەي مەلۇم بىلىملەرگە ئىرىشتىم ، چايخانىلاردا مەلۇم ئىناۋەتلەرگىمۇ ئىرىشتىم ، بىراق كۈندە كوت - كوت پاراڭ قىلىپ چايخانىدا ۋاقىت ئۆتكۈزۈشكە ۋاقتىم ھەم يانچۇقۇمدىكى مەبلىغىم يار بەرمەيتى ، نىمە دىمىگەن بىلەن مەن دىگەن ئوقۇغۇچىدە ....

توربىكەت قۇرۇش ئىشتىياقىم تازا ۋايىغا يەتكەن ۋاقىتلار بولسا كېرەك ، ئاقسۇدىن بىكەت قۇرغانلارنى ئىزدىدىم شۇ ئارقىلىق مەنمۇ مەلۇم بىلىمگە ئىرىشىپ توربىكەت قۇرۇش ئارزۇتۇمغا يىتەتتىم .

شەھەر ئىچىدىن شۇ ۋاقىتتا چىقمىدى ھەم يوق ئىدى ، كىيىن تاساددىپىي پۇرسەتتە كىچىك ھالەتتىكى ( پىنھان تورى ) نى ئۇچراتتىم ، لاتارىيىدىن 5 -مىليۇن چىققاندەك خوش بۇلۇپ كەتتىم .....

چ چ سىنى قۇشۇپ سالام سائەتتىن كىيىن ، گەپ - سۆزىدىن چ چ دىكى ئوغۇل بالا بولماستىن قىز بۇلۇپ چىقتى ، يەنە كىلىپ پىنھاننىڭ شۇ ۋاقىتتىكى قىز دوستىكەن .

شۇنداق قىلىپ ئۆزەمنىڭ ئارزۇ - ئارمان ، دەرىت پەرىيادلىرىنى بىرنىمۇ قويماي تۆكتۈم ، قىز بالا دىگەن ئۆچكە يېغى دەپ بىكار ئېيىتماپتىكەن ، تەسىرلىپ گەپ سۆزىمدىن ئۇ قىز ئوغۇل دوستىغا دەپ ماڭا بىر توربىكەت قۇرۇپ بىرىشكە ماقۇل بولدى ، بىراق بىر شەرىت قويىدى .........

مەن ھەسەنجاننىڭ ئۆيىگە تىلىفۇن قىلىپ ، ھەسەنجانغا**** قىزغا دەرھال تىلىفۇن قىلىشىمنى ئۇختۇرىدىكەنمەن ، شۇ ئارقىلىق ئۇ قىز پىنھانغا ئۆزىنىڭ يۈرەك سۆزلىرى بىلەن مىنىڭ ئارمانىمنى ئېيتىدىكەن ، مەنمۇ ئىككىلەنمەي شۇنداق قىلدىم .

شۇنداق قىلىپ 2005-يىلى ئاقسۇ شەھەردىكى تۇنجى ئۇيغۇرچە توربىكەت ( قاينام توربىكىتى ) kaynam。adu。cnشۇنداق قىلىپ ، مەنمۇ ھىچنىمە بىلمەي تۇرۇپ بىكەت باشلىقى بۇلۇپ قالدىم .

داۋامى بار ......

aman121 يوللانغان ۋاقتى 2011-2-2 17:03:18

زىلتار تىخىچە چوڭ بولغىنى يوق !

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2011-2-2 17:20:05

ئەستاغپۇرۇللا .... ما گۇيلار ئادەمنىڭ چاۋىسىنى چىتقا يېيىپ

sharaf يوللانغان ۋاقتى 2011-2-2 17:26:30

ياختى بۇ تېما، ناھىيىتى سەمىمى، قىزىقارلىق يېزىلىپتۇ. كىنودەكلا...

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2011-2-2 18:05:03

كەپسىز باللاركۆپىنچە چىچەن، سەزگۈر كىلىدىكەن ھەم بۇنداق باللار، ئۆز سەزگۈرلىكى بويىنچە، يامان مۇھىت تەسىرىگە ئۇچىرىماي چوڭ بولسا چوڭ بولغانسىرى ئېغىر-بېسىق نوچى بولۇپ كىتىدىكەن...
بۇ يازما ماڭىمۇ ياختى.

Comeon يوللانغان ۋاقتى 2011-2-2 18:46:04

ھەم كۈلدۈم ، ھەم تەسىرلەندىم ... كىچىكىمدە ئاكام مېنى باشقىلار بىلەن ئۇرۇشقا سېلىپ ، تاياق يېسەم مېنى تىللايتتى ...

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2011-2-2 19:08:57

ۋاقتىم بولسا مۇشۇ ھەسەنجان دىگەن بالا بىلەن كۈرۈشۈپ باقمىسام

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2011-2-2 19:37:39

ئىزدىنىشتىكى ئاكا-ئۇكا شاتۇرلار

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2011-2-2 20:04:36

بۇدا بىزمۇ دىققەت قىلساق بولغىدەكتە

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2011-2-2 20:26:11

مۇنداق ئىشلارمۇ بارتى دەڭ.

aman121 يوللانغان ۋاقتى 2011-2-2 21:14:56

زىلتارنىڭ ئالي مەكتەپتىكى ئىشلىرىنى ئوبدان بىلىدىغان بىرى بار ئىدى مۇشۇ مۇنبەردە ... شۇ بۇرادەر يوللىسىمۇ بەك سەمىمي چىقاتتى ...

Teddy يوللانغان ۋاقتى 2011-2-2 22:09:37

مەن ئىككىسى بىلەن كۆرۈشكەندە سامسا بىلەن مېھمان قىلغان، سىزنى ساۋىغاندەك ساۋاپ كەتمىگەنتى

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2011-2-2 22:53:40

ئوسال گۇيلار ، بىرگە ئىككىسى چىققاندىن كېيىن ، سىزمۇ ئايرىم يەردە يالغۇز تۇتىۋىلىپ گىلىغا تازا دەسسەپ شاپاق قىلىۋەتسىڭىز بولمامتى

Comeon يوللانغان ۋاقتى 2011-2-2 23:05:27

زىلتارغا پىكىر بار !

زىلتار تورىڭىز دەسلەپكى ۋاقىتلاردا مەزمۇنى خېلى ياخشى ئىدى . ياخشى ماقالىلەر چىقىپ تۇراتتى ، <قارا ھىجران><يىراق قىرلاردىن ئانا يۇرتقا سالام> دېگەندەك ئاسان تېپىلمايدىغان نوچى ئەسەرلەرنى تاپقىلى بولاتتى . نادىر ناخشىلار ئۈزۈلمەيتتى ، ئۇ چاغدا مەن كۈندە نەچچە نۆۋەت زىيارەت قىلاتتىم . كېيىنچە ئۇچۇر ، تور مۇلازىمەت تۈرىگە ئۆزگەرتكەندەك قىلدىڭىز ، ئۇنىڭدىن كېيىن كۆپ زىيارەت قىلمىدىم . بىر چاغدا ئېچىپ باقسام ساپلا 56 كومدىن يۆتكىگەن قىسقا سىنلار بىلەن توشۇپتۇ ، يېقىندا بىر تېمىدا ئېلانىڭىزنى كۆرۈپ قايتىدىن ئېچىپ باقسام ، ئۈچ تال تېلىۋىزىيە قانىلىدىن باشقا ھېچنەرسە يوق ؟ باشقا سەھىپىلەر نەدىكىن دەپ ئىزدەپمۇ تاپالمىدىم ، ... بۇ نېمانچە كۆپ ئۆزگىرىش ؟ تور بەت باشقۇرۇشتا ئىزچىللىق ۋە خاسلىق مۇھىمغۇ ؟ باشتىكى مەزمۇنلار نېمىشقا يوق ؟ ئۇنى ئايرىم بىر سەھىپە ، ئۇچۇر ،مۇلازىمەت بېتىڭىزنى ئايرىم بىر سەھىپە ، تېلىۋىزىيە قانىلىنى ، قىسقا سىنلار بېتىنى ئايرىم سەھىپە قىلىپ ئېچىپ قويسىڭىز خېلى داڭلىق چوڭ توربەت بولۇپ قالمامتى ؟ بۇنداق قىلىشقا سىزنىڭ تېخنىكىڭىز تامامەن يېتىدىغۇ دەيمەن ؟ ئىشقىلىپ مەن سىزنىڭ زىلتار تورىغا تۇتقان پوزىتسىيەرىڭىزدىن رازى ئەمەس ... توربەتنى نوچى ئېچىشىڭىزنى ئۈمىد قىلاتتىم ...

Mehmut يوللانغان ۋاقتى 2011-2-2 23:10:49

مەن يازمايلا قۇياي.. ئىشقىلىپ مۇشۇنداق ئاكا-ئۇكىلار بۇلار.. لىكىن يېقىننىڭ ياقى سەل ئۇقۇشماسلىق كۆپۈيۈپ قېلىۋاتىدۇ.. ئىزدىنىشتىكى باشقا ئۇششاق چۈششەك توڭ پىششىقلار بىلەن ئازارلىشىپ قالسامغۇمەيلىتى.. لىكىن مۇشۇ ئاكا ئۇكىدەك يېقىن ئەل ئاغىينىلىرىم بىلەن ئۇششاق ئىش تۈپەيلى نۇرغۇن ئىشلار بۇلۇپ باشقا مىنى تۇنمايدىغان ناتۇنۇشخەقلەرنىڭ نەزىردەقارىغا كىتىپ قېلىۋاتىمەن.

ئاشۇ ئەھۋالنى چۈشەنمەي ئوتتۇرلۇقتا ئۈچىمىزنىڭ ئارسىغا ئازارچىلق سېلۋاتقان كىشلەرگە :

پىنھان.زىلتار ئۈچىمىزنىڭ ئارلىقىغا ئازارچىلىق سېلىپ تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرۈپمۇ بېشىڭ كۆككە يىتىپ كىتىشمىدى.ئەھۋالنى ئۇقۇشمىغاندىن كىيىن بۇندىن كىيىن قالايمىقان بىلجىرلاپ ئارلىقتا ئۇششاق گەپ سۆز تېپىشما..نوچى بۇلۇشساقبايغا كىلىپ ئالدىمدا گىپىڭنى قىلىش، ئۆلتۈرۋېتىشسەڭمۇ ئۆلۈشتىن بۇرۇن ئالدىڭغا بىرەر پىيالە ئىسسىق چاي قۇيۇشنى بىلىمەن. ھېلىمۇ تاپمىغان گەپلىرىڭ ، قىلمىغان قىلىقلىرىڭ قېلىشمىدى.سەۋىر تاقەتنىڭمۇ چېكى بۇلىدۇ..ئەمدى يىتەر يەنە ئاشۇرۋېتىشسەڭ مىنىڭمۇ تېشىپ چىقىدىغان ۋاقتىم كىلىپ قالىدۇ.بۇنىڭدىن كىيىن يەنە شۇنداق ئىشلار يۈز بېرىپ قالسا ھەرگىز يۈز خاتىرە قىلىپ ئولتۇرمايمەن. يۈزۈمنىڭ چۈشۈپ كىتىشىدىنمۇ قورىقمايمەن. سويمىلار.. بۇ يەردە كونا خاماننى سورۇپ ئولتۇرغۇم يوق .ھەم ئەھۋالدىن خەۋەرسىز تورداشلىرىمىزمۇ سوراپ ئولتۇرمىغاي ، يۇقارقى گەپلىرىم شۇ پىتنە ئېغىۋا تارقىتىپ ئوتتۇرلۇقتا ئازارچىلىق سېلىۋاتقان سويمىلارغا تەگكەي.

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2011-2-3 02:25:36

ئاۋۇ تەشتىكى سۇنغان بودەك مەھموت بولۇپ قالسا ئىشنىڭ قىزىقى چىقاتتى

Faith يوللانغان ۋاقتى 2011-2-3 09:04:09

ئاكا-ئۇكا قوشقېزەك ھەسەن-ھۈسەنلەر دەڭلار؟ ئاڭلىماققا يېقىملىق ئاڭلىندىكەن.

forever يوللانغان ۋاقتى 2011-2-3 09:42:28

مەن ئالىي مەكتەپتە زىلتار ۋە گۇدلاك(بۇرۇنقى قاينام) بىلەن قوشنا ياتاق ئىدۇق ھەم 3 يىلدەك دەرىسنى بىللە ئاڭلىغان.مەكتەپتە ئالا تاغىل بىرنىمىلەرنى دەپ ھەممەيلەننى كۈلدۈرىۋېتەتتى.بەزىدە مۇئەللىملەرگىمۇ چاقچاق قىلىپ قويىدىغان.ئىشقىلىپ سىنىپنى زىلتار قىززىتاتتى.

بىر كۈنى ياتاقتا ئولتۇرساق(زىلتار ئالدىدا بىر ئىش ئۈچۈن كىرىپتىكەنتۇق) ئۇلارنىڭ ياتىقىدىن بىرسى كىرىپ(بىز ئىككى ياتاق ئىنتايىن يېقىن ئۆتەتتۇق ھەممەيلەن بىر تۇققاندەكلا)ھۈسۈننىڭ ئاكىسىنىڭ ھۈسەنگە ئىنتايىن ئوخشايدىغانلىقىنى ئېيتتى.مەن گۇدلاك بىلەن كۆرۈشكەچ كىرىپ چىقاي دەپ قارىسام كومپىيوتىرنىڭ ئالدىدا زىلتارنىڭ فۇيىنى تۇرمامدا.توۋا چىرايى ئولتۇرىشىدىن تارتىپ ئوخشاش .ئەگەر ياتاقتا زىلتارنىكۆرمەيلا كىرگەن بولسام كۆزىمگە ئىشەنمەيلا قالاتتىم.

بەت: [1] 2 3 4
: پىنھان ۋە زىلتار بىلەن ئۆتكەن كۈنلەر