alshir يوللانغان ۋاقتى 2011-2-2 14:43:49

بالىلار قوشاقلىرى

تۈرى: بالىلار قوشاقلىرى

ئاپتورى: خەلق

كۇنۇپكا تاختىسىدا: باشلانغۇچ 1-يىللىق ئوقۇغۇچىسى

يوللىغۇچى: ئىزدىنىشتىن alshir

(alshir مۇناسىۋەتلىك تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارغا قىزىقسىڭىز www.alshir.com گە مەرھەمەت)

ئانام ئايدەك

ئانام ئايدەك،

دادام كۈندەك.

مېنىى باقىدۇ،

تولۇن ئايدەك.

ئانام ئايدەك،

دادام كۈندەك.

مېنىى باقىدۇ،

قىزىل گۈلدەك

قۇلۇلە

قۇلۇلە-قۇلۇلە،

بېشىڭنى چىقارە.

يامغۇردا ئۆمىلە،

ئاپتاپتا تۈگىلە.

ئاپئاق

-كىمنىڭ قولى ئاپئاق؟

-مېنىڭ قولۇم ئاپئاق.

قولنى يۇدۇم ئۈچ ۋاق،

ئىشەنمىسەڭ قاراپ باق.

تۆگە

تۆگە-تۆگە، بۇت-بۇت،

سامان يەمسەن، ئوت-ئوت؟

دۈمبىلىرىڭ دوك-دوك،

مېڭىشلىرىڭ لوك-لوك،

ياڭاقلىرىڭ توك-توك.

(داۋامى بار)

Istanbul يوللانغان ۋاقتى 2011-2-2 19:55:10

بىر ئىككى ئۈچ

ئىتتىپاقلىق كۈچ

چەيلەپ يەنجىيمىز

دۈشمەن كەلسە دۈچ

ئېلاننىمۇ ئۇنتۇپ قالماپسىز ھە ئەلىشىر ئەپەندىم ...

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2011-2-2 21:05:48

ئاقتاش، كۆكتاش، دەريادىكى سۈزۈك تاش.

ئوينايدىغان بالا بارمۇ؟ مۆرەيدىغان كالا بارمۇ؟

mayhana يوللانغان ۋاقتى 2011-2-3 10:26:06

ئوينايدىغان تالا بارمۇ؟

تاققا-تۇققا

kamal يوللانغان ۋاقتى 2011-2-3 22:01:52

ئوينىمايمەن ،

-چوينىمايمەن .

ئىشتانپايپاق كەيمەيمەن .

تارقا تارقاڭ ،

ئويگە تارقاڭ ،

ئويدە نىمەبار ،

ياغ بىلەن چۆپبار.

قېنى داۋاملاشتۇرۇمايلىمۇ !!!

بەت: [1]
: بالىلار قوشاقلىرى