wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2011-2-2 11:21:42

«بىر سوم پىلانى»مېھرىبانلىق پائالىيىتىنىڭ 5-يىللىق خۇلاسىس

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  ھۆرمەتلىك تور جامائىتى ،" بىر سوم پىلانى" مېھرىبانلىق يەتكۈزۈش پائالىيتىنىڭ   بارلىق خەيىر -ساخاۋەت يەتكۈزۈش پائالىيەتلىرىدىن   ھەر يىلنىڭ ئاخىرقى كۈنىدە تور ئارقىلىق ئۇنىڭغا قاتنىشىپ ئىقتىسادى ياردەم قىلغان ساخاۋەتچىلەرگە ۋە شۇ قاتارى بارلىق تور ئەھلىگە خۇلاسە قىلىپ يېزىپ كەلگەنگە تۆت يىل بولۇپتىكەن ،مانا ئەمدى بەشىنچى يىللىق خۇلاسىنى يېزىشقا نىسىپ بولۇپتۇ .
    يېڭى يىلنىڭ تۇنجى كۈنى سىرىتتا بولۇپ قالغىنىم ئۈچۈن بىر ھەپتە كېچىكىپ  2010-يىلى بىر يىللىق ئېلىپ بارغان ساخاۋەت پائالىيەتلىرىنى خۇلاسىلەپ تور ئەھلىگە سۇندۇم .ئۇشبۇ پەيىتتە  مېھرىبانلىق پائالىيىتگە قاتناشقان بارلىق مېھرىبان تورداشلاغا ۋە تورچى بولمىغان ساخاۋەتچىلەرگە  چىن كۆڭلۈمدىن رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن!

2010-يىلى يىغىلغان پۇل سانى :4605سوم .
2009-يىلىدىن ئاشقان پۇل سانى :6659.24سوم .
جەمىئىي سومما :11264.24سوم .(ئون بىر مىڭ ئىككى يۈز ئاتمىش تۆت سوم يىگىرمە تۆت تىيىن )


    ئەمدى 2010-يىلى قىلىنغان خىراجەتلەرنى بايان قىلىمەن.  ئىزچىل ياردەم قىلىۋاتقان  ئوقۇغۇچى 5نەپەر ،ئىككى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ،3باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى .  ياردەمگە ئېرىشكۈچىلەرنىڭ نامى شەرەپلىرىنى ئاشكارايازمايمەن . ،بىلىشنى خالىغۇچىلار بولسا بورتالادا شەھرى بويىدىكىلەر مېنى ئىزلىگەي ،باشقا تورداشلار بىلمەكچى بولسا بىر سوم پىلانى پائالىيىتى ئالبومى ۋە ھېسابات خاتىرىسىنىڭ فوتو نۇسخا رەسىملىرىنى توردا ئەۋەتىپ بېرىمەن (كۆرۈپلا قالغايكى توردا قالايمىغان چىقارمىغاي،غورور بىباھا ! )

  
1. بورتالا شەھەرلىك ئوتتۇبۇلاق مەركىزى باشلانغۇچ مەكتپىدە ئوقۇتۇۋاتقان بالىغا ئىككى مەۋسۈملۈك ئوقۇش پۇل 400 سوم .
  
2.بورتالا شەھەر 9-باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئوقۇتۇۋاتقان ئىككى بالىغا (بىر قىز بىر ئوغول )ئىككى مەۋسۈملۈك ئوقۇش پۇلى 400 سوم . ئىككىنچى مەۋسۇملۇك پۇلنى بەرگىلى بارغاندا يەنە ئىككى بالىنىڭ قىيىنچىىقىنى ئوقۇتقۇچىلاردىن ئاڭلاپ ئۇ ئىككى ئوقۇغۇچىغا 200 سوم بېرىلدى .جەمىئىي 600 سوم پۇل .
  
3.مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋىرىستېتىدا ئوقۇتىۋاتقان قىزنىڭ بىر يىللىق تۇرمۇش پۇلى 3819 سوم .
  
4.بورتالا تىببى مەكتىپىدە ئوقۇتىۋاتقان قىزنىڭ بىر يىللىق ياردەم پۇلى 1000سوم . (2010-يىلى 8-ئايدا ئوقۇش پۈتتۈردى .)
  
5.    2009-يىلى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى بورتالا 7-ئوتتۇرا مەكتىپىى تولۇق 2-سىنىپتىكى مەكتەپ بويىچە تىرىشچان بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئائىلە ئىقتىسادى سەۋەبىدىن 500 سوم ئوقۇش پۇلىنى تۆلىيەلمەي ئوقۇشتىن چېكىنش ئالدىدا تۇرغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ بۇ بالىنىڭ شۇ مەۋسۈملۈك 500 ئوقۇش پۇلىنى بەرگەن ئىدۇق  .بۇ يىل ئىككى مەۋسۇمدە بۇ بالىغا 500سومدىن 1000 سوم ئوقۇش پۇلى بەردۇق .

6. بورتالا شەھرى سېلىمھاشىم كەنىتىدىكى مەلۇم بىرەيلەننىڭ مۇراجەتنامىسى ئۈچۈن قاسىمجان رىشىت (سەھرالىخ ) ئەپەندىم ئارقىلىق 200 سوم ئەۋەتتىم .  

7.بورتالا شەھرى ئىتتىپاق يولى مەھەلىسىدە ئولتۇرۇشلۇق ئوسمانجان ئىسىملىك 31ياشلىق  ئىككى بالىسى بار بىر يىگىتنىڭ ئاق قان كېسىلىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا داۋالىنىۋاتقانلىق ئەھۋالىنى ئۇققاندىن كىيىن شەخىسنىڭ تەلىۋى بويىچە مۇراجەتنامە يېزىپ بەردىم .ۋە بىر سوم پىلانىدىن 300 سوم ياردەم قىلدۇق . (بۇنىڭدىن سىرىت ئۇلارغا ھەر ئايدا شەخىس نامىدا ئۇن ماي گۈرۈچ قاتارلىق تۇرمۇش لازىمەتلىرى ھەل قىلىپ بېرىشنى لايىق كۆرۈپ ياردەمنى باشلىدۇق ،كىچىك بالىسىغا بالىلاردىن يىغىپ كىيىم كېچەكلەرنى ئاپىرىپ بەردۇق .)
8. بانكا كارتىسىنىڭ قىسقا ئۇچۇر ھەققى ۋە يىللىق ھەققى 46 سوم .*
(بۇلتۇرقى ئېشىپ قالغان كىيىملەرنى پات يېقىندا يەنە بالىلارنى تېپىپ  ئاپىرىپ بېرىمەن )

دېمەك 2010-يىلى خىراجەت قىلىنغان پۇل جەمىئىي 7365 سوم (يەتتە مىڭ ئۈچيۈز ئاتمىش بەش سوم )


11264.24   سومدىن 7365 سومنى چىقىرىۋەتسەك  قالغان پۇل جەمىئىي  3899.24 سوم (ئۈچ مىڭ سەككىز يۈز توقسان توققۇز سوم يىگىرمە تۆت تىيىن )


  
قىستۇرما ھېسلار :

ۋاقىت تولىمۇ تېز ئۆتمەكتە ،2006-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى" بىر سوم پىلانى" مېھرىبانلىق پائالىيىتى باشلانغان ئىدى ،مانا بۈگۈن 5يىللىق خۇلاسىسىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن .
    ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺸﺘﻪ ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻥ ،ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﻗﯩﻴﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﻰ ﺑﺎﺭ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭺ ﯞﻩ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﯞﻩ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﭘﯘﻟﻰ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﭗ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺱ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺟﻪﻣﯩﺌﻪﺗﻜﻪ ﻳﺎﺭﺍﻣﻠﯩﻖ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺳﻮﺗﺴﯩﻴﺎﻟﯩﺴﯩﻚ ﺋﯩﻨﺎﻕ ﺟﻪﻣﯩﺌﻪﺕ،ﺋﯩﻨﺎﻕ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﻗﯘﺭﯗﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥھەسسە  ﻗﻮﺷﯘﺷﻨﻰ ﺗﯜﭘﻜﻰ ﻣﻪﻗﺴﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ "ﺑﯩﺮ ﺳﻮﻡ ﭘﯩﻼﻧﻰ "ﻣﯧﻬﺮﯨﺒﺎﻧﻠﯩﻖ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺳﺎﺧﺎﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﺎﺭﺩﯨﻤﻰ ،ﺗﻮﺭ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯧﻬﺮﯨﺒﺎﻥ ﺗﻮﺭﺩﺍﺷﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﺎﺭﺩﯨﻤﻰ بىلەن 5يېشىنى ئۇزىتىپ ئالتىنچى يېشىغا قەدەم باستى .ئۇمۇ بەئەينى بىر بالا ئىدۇكى ئۇنى مانامەن  سىز ،ئۇ ،ھەممەيلەن  پەپىلەپ يۈرۈپ 5ياشقا كىرگۈزدۇق .بۇ جەرياندا تالاي تەسىرلىك ئىشلار بولۇپ ئۆتتى ،بۇنىڭ شاھىدى بولۇپ خاتىرە ئالبوم ۋە ھېسابات خاتىرىسى تۇرۇپتۇ .
،ئۇشبۇ قۇرلانى كۆرۈپ ئولتۇرغان ھەر بىر جان ئۇنىڭ 6ياشقا 16ياشقا 50ياشلارغا كىرىشىنى ئۈمۈت قىلىدۇ  دەپ شەكسىز ئىشىىنىمەن .
خەيىر ، ﺗﻮﺭ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﺪﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﭗ بورتالا شەھرىدىكى ساخاۋەتچىلەرنىڭ ياردىمى بىلەن بۇ پائالىيەتنى داۋام ئەتتۈرۈپ  ﺋﺎﺯ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﻣﯧﮭﺮﻯ -ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺋﯘﺭﯗﻗﻰ ﭼﯧﭽﯩﭗ ﺋﺎﺟﯩﺰ ﺩﯨﻠﻼﺭﻏﺎ ﺳﯚﻳﮕﯜ ﺋﺎﺗﺎ ﻗﯩﻠﺪﯗﻕ . "ﻣﯧﮭﺮﯨﺒﺎﻧﻠﯩﻖ ﭘﯘﻟﺪﺍ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﻳﯜﺭﻩﻛﺘﻪ " ﺩﻩﭖ ﺷﯘ ﺋﺎﺯﻏﯩﻨﻪ ﺑﯩﺮ ﺳﻮﻡ ....ﺑﯩﺮ ﺳﻮﻡ ﭘﯘﻟﻼﺭﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻳﯩﻐﯩﭗ ﺷﯘ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻣﯧﮭﺮﯨﺒﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻮﺩﯨﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﻳﺎﯕﺮﺍﺗﺘﯘﻕ .....ﺗﺎﻻﻱ ﺩﯨﻠﻼﺭ ﺳﯚﻳﯜﻧﺪﻯ ،ﺗﺎﻻﻱ ﻛﯚﺯﻟﻪﺭ ﻳﺎﺷﻼﻧﺪﻯ ......ﺋﺎﻟﻘﯩﺶ ،ﻣﻪﺩﯨﻴﮭﻪ ،ﺑﺎﺭﯨﻜﺎﻟﻼ ..... ﺳﺎﺩﺍﻟﯩﺮﻯ ﻗﯘﻻﻕ ﺗﯜﯞﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﻳﺎﯕﺮﯨﻐﯩﻨﯩﺪﺍ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﯩﻨﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ،ﺟﻪﻣﯩﺌﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﯩﺰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ،ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺋﯩﺘﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﻳﯧﯖﻰ ﺟﺎﺳﺎﺭﻩﺗﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺋﻪﺗﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﭘﯩﻼﻧﻼﺭ ﺗﯜﺯﺩﯗﻕ ....................
ﻗﻮﻟﻼﺭ ﺗﯩﺘﺮﯨﻤﻪﻛﺘﻪ ، ﺗﯧﺨﻰ ﺑﯩﺮ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺯﻩﺭﺑﯩﻠﻪﺭ ﺩﻩﺳﺘﯩﺪﯨﻦ "ﯞﺍﻱ ﻗﻮﻱ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺭﻗﯩﻐﺎ ﻳﺎﻧﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﺘﯩﻢ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ ،ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺷﺎﯕﺨﻪﻱ ﻣﺎﻟﯩﻴﻪ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺕ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﺴﻰ ﺳﻪﻳﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﯞﻩﺗﻜﻪﻥ 100 ﺳﻮﻡ ﭘﯘﻟﻨﻰ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﭖ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﺘﯩﻤﺪﺍ "ﺗﻮﯞﺍ ، ﺑﯩﺮ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻧﺎﭼﺎﺭ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺗﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﺸﯩﻨﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﺳﻮﻡ ﭘﯩﻼﻧﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺩﻩﭖ 100 ﺳﻮﻡ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﯟﺍﺗﺴﺎ ،ﺗﻮﺧﺘﺎ ﯞﺍﭘﺎﺩﺍﺭﯨﻢ ،ﺋﺎﻟﺪﯨﯖﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍ ،،،ﺑﯩﺮ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ 100 ﺳﻮﻡ ﺋﺎﺯ ﭘﯘﻟﻤﯘ ،ﺳﻪﻧﻤﯘ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ،ﺑﯩﺮ ﺗﯩﻴﯩﻦ ﭘﯘﻟﯘﯓ ﻗﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﯩﺘﻼﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ،ﻗﺎﺭﺍ ﻣﺎﯞﯗ ﺑﺎﻟﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍ ،ﻧﯩﻤﻪ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺋﺎﻟﯩﻴﺠﺎﻧﺎﭖ ..ﻧﯩﻤﻪ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﺎﻻ ﺑﯘ ،ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯧﺴﯩﻞ ﺗﻮﺭﺩﺍﺷﻼﺭ "ﺑﯩﺮ ﺳﻮﻡ ﭘﯩﻼﻧﻰ "ﻧﻰ ﻗﻮﻟﻼﯞﺍﺗﺴﺎ ﺳﻪﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﻧﯩﻤﯩﮕﻪ ﭼﯧﻜﯩﻨﯩﺘﯩﯔ ،ﺯﺍﺩﻯ ﻧﯩﻤﯩﮕﻪ ﻣﻪﻳﯜﺳﻠﯩﻨﯩﺘﯩﯔ .! ﺋﺎﻟﺪﯨﯖﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍ .ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﭗ ﻣﯧﮭﺮﯨﺒﺎﻥ ﺋﺎﻧﯩﻼﺭﻧﯩﯔ،مېھرىبان ئاتىلارنىڭ  ﺋﯩﺰﯨﺪﯨﻦ ﻣﺎﯓ ،ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﯩﺸﻪﻧﻜﻰ  سوتسىيالىستىك ئىناق جەمىئەت قۇرۇش تەكىتلىنىۋاتقان بۈگۈنكى بەختىيار كۈندە ﺗﺎﻻﻱ ﻣﯧﮭﺮﯨﺒﺎﻥ يۈرەكلەر ﺳﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ........ﺩﻩﭖ ﻣﻪﺩﻩﺗﻠﻪﺭ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﯞﺍﻗﯩﺘﻼﺭ ﺋﻪﺳﻜﻪ ﻛﻪﻟﻤﻪﻛﺘﻪ ..........

2006    -يىلى 12-نويابىر كۈنى بىر سوم پىلانىغا يىغىلغان كىيىم-كېچەكلەرنى ئېلىپ  ﭼﺎﭘﭽﺎﻝ ﻧﺎﮬﯩﻴﻪ ﻗﺎﻳﻨﯘﻕ ﻳﯧﺰﯨﺴغا ئېلىپ بارغان ئىدۇق .ئەنە ئەشۇ مەسۇم بالىلارنىڭ خوشاللىقلىرى كۆز ئالدىمدا ....
ﺋﻪﻧﻪ ﮬﯧﻠﻘﻰ "ﺋﺎﻛﺎﺷﻼﺭ ،ﻳﻪﻧﻪ ﻗﺎﭼﺎﻥ ﻛﯩﺘﺎﭖ ﺋﻪﻛﯩﻠﯩﺴﯩﻠﻪﺭ ....ﺩﻩﭖ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺳﻮﺋﺎﻝ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ .........
ﺋﻪﻧﻪ ﮬﯧﻠﻘﻰ :ﺭﻩﮬﻤﻪﺕ ﺑﺎﻻﻡ ،ﻣﻪﻥ ﭘﺎﻻﻧﯩﻨﯩﯔ ﻣﻮﻣﯩﺴﻰ ،ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻣﯩﯔ ﺭﻩﮬﻤﻪﺕ ،ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﻧﻪﯞﺭﻩ ﻗﯩﺰﯨﻢ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﺪﺍ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻮﻗﯘﯞﺍﺗﯩﺪﯗ .............ﺧﯘﺩﺍ ﻳﻮﻟﯘﯕﻼﺭﻧﻰ ﺋﺎﻕ ﻗﯩﻠﺴﯘﻥ ...ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺋﻮﺗﻠﯘﻕ ﺗﯩﻠﻪﻛﻠﻪﺭ .....
ﻗﻪﺩﯨﺮﺩﺍﻥ ﺗﻮﺭﺩﯨﺸﯩﻢ -ﺑﯩﺮ ﺳﻮﻡ ﭘﯩﻼﻧﻰ ﺳﺎﺧﺎﯞﻩﺗﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ،ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﯩﺸﻪﻧﻜﻰ ﺑﯩﺰ ﺷﯘ ﺋﺎﺯﻏﯩﻨﻪ ﺑﯩﺮ ﺳﻮﻡ ﭘﯘﻟﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ مېھرى مۇھەببەت زەنجىرى ياسىماقتىمىز .ﻣﯧﮭﺮﯨﺒﺎﻧﻠﯩﻖ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺗﺎﻻﻱ ﻗﻪﻟﯩﺒﻠﻪﺭ ﮔﻪ ﮬﻪﻗﯩﻘﻰ ﺳﯚﻳﮕﯜ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﺩﻩﺭﺱ ﺑﻪﺭﻣﻪﻛﺘﻪ .............
ﻣﯧﮭﺮﯨﺒﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻮﺩﯨﻴﻪﺳﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﻳﺎﯕﺮﯨﻤﺎﻗﺘﺎ ................

بىر سوم پىلانى خاتىرە رەسىملىرى ،ئالبوم ۋە ھېسابات خاتىرىسىنىڭ فوتو نۇسخسىنى كۆرۈشنى خالىغۇچىلار بولسا مەن بىلەن ئالاقىدە بولغاي :
ئالاقىلاشقۇچى :ۋاپادارىم 912
تېلىفون :13565777257
چ چ :1227493241

2011-يىلى 9-يانۋار كەچ
شەھرى بورتالادا ۋاپادارىم خانىسىدە يېزىلىپ بېقىلدى .

kanat520 يوللانغان ۋاقتى 2011-2-2 20:25:13

ۋاپادارىم باركەنسىز ھە ؟ ئۇزۇن بوپتۇ يازمىللىرىڭىزنى كۆرمىگىلى

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2011-2-2 20:48:38

مۇشۇ ئىشنى باشلاپ، شۇ ۋاقىتقىچە داۋاملاشتۇرۇپ كىلىۋاتقان سىزگە ۋە قوللاپ كىلىۋاتقان ياخشى كىشىلەرنىڭ قىلغان ئەجىرلىرى نائۈمۈدسىز قالمىسۇن، تىلەكلىرى قوبۇل بولسۇن، ياخشى ئىشلار ئەۋج ئالسۇن!

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2011-2-2 22:29:39

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ۋاپادارىم ئۇكام.

ئاشۇ بىرسوم پىلانىغا پۇل يوللىنىدىغان كارتىنى چىقىرىپ قويماپسىز، مېنىڭچە ھەرقېتىم مۇشۇنداق خۇلاسە قىلغاندا بىرگە چىقىرىپ قويسىڭىز ياخشى بولارمىكىن؟ يىلمۇ - يىل يېڭى كىشىلەر سەپكە قېتىلماقتا، ئىزدىنشنىڭ ئەزالىرىنىڭ سانى ئاۋۇماقتا.

MVXVK يوللانغان ۋاقتى 2011-2-3 00:44:08

كارتا نومۇرى، ئىسىم فامىلىنىڭ خەنزۇچە يېزىلىشى چىقىرىپ قويۇلسا!

mayhana يوللانغان ۋاقتى 2011-2-3 10:11:52

ئەيساجان، ياخشى ئىشقا تۇتۇش قىلىۋاتىسىلە، تاۋ باۋ توردىن بۇلامىدۇ بىر سوملۇق رەھمەت ساتىدىغان دۇكاندىن بىرنى ئېچىپ قۇيساڭلا بۇلاتتى. ئىشخانىدا ئىشلەۋاتقاچ كىرىپ رەھمىتىڭلىدىن  بىرنەچچىنى سېتىۋالساق، بىزگىمۇ قۇلايلىق بۇلاتتى ئەمەسمۇ...

ھازىر بىر ئادەمگە 5-10 يۈەن ھىچقانچە گەپ ئەمەس. لىكىن مۇشۇ 10 يۈەننى سىلنىڭ قۇلۇڭلىغا يەتكۈزۈش بەك ئاۋارىچىلىق.

مۇشۇنى بىر ئويلىشىپ باقساڭلار بوپتىكەن.  

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2011-2-3 12:17:48

تاۋباۋدىن دۇكان ئېچىش دېگەنلەرنى تازا بىلىپ كەتمىدىم ،كۆڭلۈڭلار بولسا كارتىدىن كارتىغا  ئىئانە ئاغدۇرۇشمۇ بەلەن چارە .

يېزا ئىگىلىك بانكىسى :

9559982980538213019

نامدا :ئەيساجان نىزامىدىن .

艾沙江.尼扎木丁

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2011-2-3 13:38:04

wapadarim912:

تاۋباۋدىن دۇكان ئېچىش دېگەنلەرنى تازا بىلىپ كەتمىدىم ،كۆڭلۈڭلار بولسا كارتىدىن كارتىغا  ئىئانە ئاغدۇرۇشمۇ بەلەن چارە .

يېزا ئىگىلىك بانكىسى :

9559982980538213019

نامدا :ئەيساجان نىزامىدىن .

艾沙江.尼扎木丁

بانكا ئادرىسىنى تولۇق قالدۇرۇڭ، بولمىسا باشقا بانكىدىن توردا پۇل يۆتكىگىلى بولمايدۇ.

Sevinch يوللانغان ۋاقتى 2011-2-3 17:25:01

ئاللاھ ئىشلىرىڭلارنى تىخىمۇ ئاسان قىلغاي.بولسا جىفۇباۋدىن بىرەر ئەزالىق نامى ئاچساڭلار شۇ يەرگە پۇل يۆتكىسەكمۇ ئاسان ئىدى.

lonelyness يوللانغان ۋاقتى 2011-2-3 18:43:57

ھەش پەش دىگۈچە بەش يىل بۇلۇپ كەتتىما  ؟ ئىشلرىڭىزغا بەركەت بەرسۇن !

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2011-2-3 20:07:03

يېزائىگلىك بانكىسىنىڭ كارتىسىغا باشقا بانكا كارتىسىدىن پۇل يۆتكىگەندە، كارتا بىجىرگەن بانكا(يېزائىگىلىك)نىڭ تارماق ئادىرىسىنى سورايدىكەن.

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2011-2-3 20:07:48

中国农业银行博尔塔拉蒙古自治州博乐市建国路分行

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2011-2-3 20:20:30

يېزا ئىگىلىك بانكىسى :

艾沙江.尼扎木丁

中国农业银行博尔塔拉蒙古自治州博乐市建国路分行

9559982980538213019

ئەمدى تولۇق بوپتۇ.

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2011-2-3 21:39:02

wapadarim912:
中国农业银行博尔塔拉蒙古自治州博乐市建国路分行

قايتا قاراپ باقسىڭىز،  تۆۋەندىكى تىزىملىكنىڭ قايسىسى تاللىنىدۇ؟

蒙古自治州 بارىدا 博乐市建国路分行 يوقكەن، 建国路分行 بارىدا 兵团 باركەن. قايسى توغرا؟  

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2011-2-5 09:17:36

ئىۋۇبىڭتۈەن دېگىنى توغرا

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2011-2-6 00:21:46

دېمەك بۇ توغرا بولدىمۇ؟

يېزا ئىگىلىك بانكىسى :

艾沙江.尼扎木丁

中国农业银行博尔塔拉兵团支行建国路分理处

9559982980538213019

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2011-2-6 09:14:38

تۈنۈگۈن چۈشتىن كىيىن بۇ كارتىغا 100 سوم كىردى .كىم ئەۋەتتى خەۋەر قىلساڭلار ؟

nur يوللانغان ۋاقتى 2011-2-6 10:31:43

مەن ئازراق بولسىمۇ پۇل يۆتكىۋىتەي دىسەم '' پۇل تاپشۇرۋالىدىغان  تەرەپنىڭ ماتىرىيالىدا خاتالىق  بار '' دەپ چىقىۋالدى....نىمە ئىشتۇ بۇ...

يىزا ئىگىلىك بانكىسىنىڭ  ئىدى...

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2011-2-7 22:08:16

艾沙江.尼扎木丁

中国农业银行博尔塔拉兵团支行建国路分理处

9559982980538213019

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2011-2-8 09:31:46

بۈگۈن تور ئارقىلىق سودا بانكىسىنىڭ كارتىسىدىن سىناق قىلىپ 2 سوم يوللاپ باقتىم. مۇۋەپپىقىيەتلىك بولغاندەكمۇ؟
بەت: [1] 2
: «بىر سوم پىلانى»مېھرىبانلىق پائالىيىتىنىڭ 5-يىللىق خۇلاسىسى