تارىختا بۈگۈن (2-فېۋرال )
1958-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، «خەلق گېزىتى» ئوبزور ئېلان قىلىپ: جۇڭگو كومپارتىيىسى «مەملىكەتتە چوڭ سەكرەپ ئىلگىرلەش» شوئارىنى ئوتتۇرىغا قويدى. شوئاردا مۇنداق دېيىلدى: دۆلىتىمىز ھازىر مەملىكەت بويىچە چوڭ سەكرەپ ئىلگىرلەش ۋەزىيىتىگە دۇچ كەلدى، سانائەت قۇرۇلۇشى، سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىدە چوڭ سەكرەپ ئىلگىرلەيمىز، يېزا-ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا چوڭ سەكرەپ ئىلگىرلەيمىز، پەن-مەدەنىيەت، سەھىيە جەھەتتىمۇ چوڭ سەكرەپ ئىلگىرلەيمىز.
1943-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ستالىنگراد ئۇرۇشى پارتلىغان. دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان ستالىنگراد ئۇرۇشى 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ بىر قېتىملىق ئۇرۇش. بۇ ئۇرۇش 160 كۈنگە سوزۇلغان بولۇپ، سوۋىت ئىتتىپاقى ۋە گېرمانىيەنىڭ ئەسكەرلىرى ئىككى مىليوندىن ئاشىدۇ، بۇ ئۇرۇشتا گېرمانىيە ئارمىيىسى پۈتۈنلەي مەغلۇپ بولغان.
1935-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، «پىدائىيلار مارشى» دۇنياغا كەلگەن. مۇزىكىسىنى نيې ئېر ئىجاد قىلغان، شېئىرىنى تيەن خەن يازغان.
1913-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ پويىز ئىستانسىسى مەركىزىي پويىز ئىستانسىسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن. بۇ پويىز ئىستانسىنىڭ دەرۋازىسى تولىمۇ ھەيۋەتلىك ئىدى.
1907-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، روسىيەنىڭ خىمىكى مېندېلېۋ ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇ 1834-يىلى 2-ئاينىڭ 7-كۈنى دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ خىمىيە ساھەسىگە قوشقان تۆھپىسى-ئېلېمېنتلار دەۋرىي جەدۋىلىنى تۈزۈپ چىققان. ئۇ 1869-يىلىدىن 1871-يىلىغىچە،«خىمىيە نەزەرىيىسى»-كىتابىنى يېزىپ چىققان ھەمدە ئېلېمېنتلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەتقىق قىلغان. ئۇ ئېلېمېنتلارنىڭ ئاتوم ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىش تەرتىپى بويىچە جەدۋەل تۈزۈپ چىققان. بۇ دەل ئېلېمېنتلار دەۋرىي جەدۋىلىنىڭ ئاساسى بولۇپ قالغان.
------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------
مەنبە:جۇڭگۇ ئۇيغۇرچە رادىئو تورى
تارىختىكى بۈگۈنكى كۈن كەچلەردە پوجاڭ ھەممىنى بىزار قىلىپ.قىزىل گىلەمدىن سىسىق پۇرۇخ ھىدى كەلگەن![](\"Images/Emoticons/32.gif\")
izchilar:
تارىختىكى بۈگۈنكى كۈن كەچلەردە پوجاڭ ھەممىنى بىزار قىلىپ.قىزىل گىلەمدىن سىسىق پۇرۇخ ھىدى كەلگەن
ھەر يىلى بۈگۈنكى كەچتىلا ئاتماس بولغىيتى
ئۆتكەن يىلى 2.ئاينىڭ 2.كۈنى پوجاڭزا ئاتمىغاندەك ئېسىمدە2.ئاينىڭ 13.كۈنى ئاتتىغۇ دەيمەن
![](\"Images/Emoticons/14.gif\")