MVXVK يوللانغان ۋاقتى 2011-2-1 22:22:23

كومپيۇتېر سېتىۋېلىشتىن ياردەم سورايمەن

مەن بىر كومپيۇتېر سېتىۋالماقچى ئىدىم، لېكىن بۇ ساھەدىن تازا خەۋىرىم يوق. يېزىدا ئىشلەپ يۈرگەندە يەپ بوپتىمەن ئالىي مەكتەپتە ئۆگەنگەننى. ھازىرقى قاتتىق دېتاللارغا قارىتا ساۋاتسىز دېسەم ئېشىپ كەتمەس. ئەمىسە گەپنى قىسقارتاي، كەسپ ئەھلىلىرى مەسلىھەتىڭلارنى ئايىمىغايسىلەر.

مېنىڭ ئېھتىياجىم مۇنداق: تورغا چىقسام مۇنبەر زىيارەت قىلىمەن، كىنو كۆرىمەن، ئۇچۇر ئاختۇرىمەن. باشقا چاغدا ئويۇن ئويناپ قويىمەن، مەسىلەن،<شەرەپ ئوردېنى> نىڭ ھەر قايسى قىسىملىرى، <بۇرچ چاقىرىقى> نىڭ ھەر قايسى قىسىملىرى، بولۇپمۇ 7-قىسمىنى ئوينىسام بىمالال سۆرىيەلىسە بولدى. باشقا ئويۇنلارنى بىرمۇ-بىر دېمەي، تور ئويۇنى ئوينىمايمەن، شۇڭا بۇجەھەتتە قانداق بولسا بەرىبىر.

1-سوئال: قۇراشتۇرما كومپيۇتېر، ماركىلىق كومپيۇتېر، قول كومپيۇتېرى قاتارلىقلارنىڭ قايسىسى يۇقىرىقى ئېھتىياجىمغا مۇۋاپىق كېلىدۇ؟ ھە راست باھاسى 3000-3500 ئەتراپىدا بولسا بولار.

2-سوئال: مەشغۇلات سېستىمىسى مەسىلەن vista, win 7 قاتارلىقلارنىڭ قاتتىق دېتالغا بولغان تەلىپى ئوخشاشمۇ؟ ئەگەر ئوخشىمىسا يۇقىرىقى ئېھتىياجلىرىمغا قانداق تەسىرى بار؟

3-سوئال: يېڭىلىنىش سۈرئىتى بەك تېز بولۇۋاتقان بۇ شارائىتتا سەپلىمىلەرنىڭ ئاسان قاتاردىن قېلىشى سەل ئەنسىرىتىپ قويۇۋاتىدۇ، بۇنىڭغا قانداق ياخشى مەسلىھەتىڭلار بار؟

رەھمەت

jahanger يوللانغان ۋاقتى 2011-2-1 23:17:03

   ئەلۋەتتە قۇراشتۇرلغىنى ياخشى چىقىدۇدە. .. مەنمۇ ئۆتكەن ھەپتە تېخى قىزىل بايراقىتىن بىرنى قۇراشتۇرۇپ ئەكەلدىم..

مەنمۇشۇ قايسىسى ياخشى ھەم ئىشەنچىلىك ھەم باھاسى مۇۋاپىق بۇلار دەپ بىر ھەپتە 百度 دىن ماتىريال كۆرۇپ ئاخىرى ئالغاندىمۇ

بەك مۇۋاپىقنى تاللاپ ئالغىنىمدىن خۇش بولدۇم.

   قالغان ئەلەي بەلەي ۋە 20 سۇڭلۇق نىپىز ئىكراننى قۇشقاندا  جەمىئي ھەممىنى  3050 يۇەنگە ئالدىم .  极品飞车14  使命召唤7 دېگەنلەرنى  تاتىنمايلام ئويناۋاتىمەن.

  

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2011-2-2 10:37:32

CPU غا E5700 دىن تۆۋەننى ئالماڭ (باھاسى: 400يۈەن) ، ئىقتىسادىڭىز بولسا تەۋسىيە i3 530نى ئېلىڭ (700يۈەن)؛ سىنكارتىغا قايسى ماركىدىكى بۇلۇشىدىن قەتئىينەزەر GT220 دىن تۆۋەننى ئالماڭ (باھاسى 360-500 يۈەنگىچە)، ئىقتىسادىڭىز بولسا تەۋسىيە GT240 نى ئېلىڭ(باھاسى 400-600يۈەنگىچە). دىققەت: DDR2 ئىچكى ساقلىغۇچ چۈشىدىغان ئاساسىي تاختاينى بىكارغا بەرسىمۇ ئالماڭ

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2011-2-2 10:49:15

1. قۇراشتۇرۇپ ئېلىڭ، ئىچكى ساقلىغۇچ بىلەن ئاساسىي تاختىنىڭ ئەڭ يوقىرى چاستوتىسى چوقۇم ئوخشاش بولسۇن.
2. win7 نىڭ قاتتىق دېتالغا قويىدىغان نومۇرىدا، كۆرسىتىش كارتىسىغا ئاسان قانائەتلەنمەيدۇ، ئىمكان بولسا مۇستەقىل كۆرسىتىش كارتىسى سالسىڭىز بولىدۇ، بولمىسا، ئانا تاختىغا توپلاشقانلىرىمۇ ئېھتىياجدىن تولۇق چىقىدۇ.
3. ئامال بار كۆپرەك پۇل خەجلەپ، ئۇزۇنراق ئىشلىتىڭ، ئالغان زاپچاسلارنىڭ ئەڭ يېقىندا چىققىنى بولسۇن. ئىمكان بولسا قوش قاتتىق دېسكا بىلەن RAID 0  قىلغىلى بولىدىغان تاختا تاللاڭ. باھاسى نورمال كومپيۇتېرمۇ خېلى ئۇزۇن ئىشلەيدۇ.

ئۈچ كۈن ئىلگىرى ئاغىنەمگە ئەپ كېتىشكە قىزىل بايراقتىن بىرنى قۇراشتۇردۇم، ئىنتىلنىڭ i3 بىر تەرەپ قىلغۇچى ئاساسىدا، ViewSonic نىڭ 24 سۇڭلۇقى بىلەن، 3600 لەردىن ئاشتى. (23.6 سۇڭلۇق بۇ ئېكىراننى قىزىل بايراقتىن قانداقلارچە 1200 سومغا سېتىۋالالىغىنىمنى بىلمىدىم)

مەن سېتىۋالغان ئاساسىي تاختىدا كۆرسىتىش كارتىسى ئۈزىكى يوقتەك قىلىدۇ، لېكىن كۆرسىتىش كارتىسى سالمىدىم، بۇ ۋەزىپىنى بولسا، كۆرسىتىش كارتىسى مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن بولغاچ، i3 دىگەن CPU لا ئورۇنلاپ كېتىدىكەن. بۇ مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ 6.9 نومۇر ئالىدىكەن، لېكىن كۆرسىتىش كارتىسى ئاران 4.3 نومۇر ئالىدىكەن.

Intel نىڭ CPU سى چۈشىدىغان ئاساسىي تاختىلارنىڭ Raid قوللايدىغىنى 850 تىن تۈۋىنى يوقكەن، بۇنى قىلالمىدىم. لېكىن AMD نىڭ CPU سى چۈشىدىغان تاختىلارنىڭ ئەرزانلىرىدىن Raid نى قوللايدىغىنى (بۇنى بەك سۈرۈشتۈرۈڭ، قوللانمىسىدا raid0,1,2,3,4,5 دىگەن خەت بارمۇ- يوق) بار ئىكەن، ئەگەر AMD دىن ئالماقچى بولسىڭىز ماشىنا ئەرزان چۈشىدۇ،Win7 دە ھازىر قى قاتتىق دېسكىلار پەقەت 5.9 نومۇرلا ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ،  ئىككى قاتتىق دېسكا قىلىۋالالىسىڭىز، بۇ نومۇرنى بۆسۈپ ئۆتۈشىڭىزدە گەپ يوق.

ھازىرقى چۈشۈرۈش قۇراللىرىنىڭ ھەممىسى ئاساسەن سىزگە چۈشۈرۈپ تۇرۇپ باشقىلارغىمۇ يوللايدىكەن، ھەتتا توردىن كىنو كۆرۈش قۇراللىرىمۇ بىرلا ۋاقىتتا نەچچە جايغا سىزنىڭكىنىمۇ يوللاپ تۇرىدىكەن، بىچارە قاتتىق دېسكا.. بىزنىڭ ۋاقتىمىزنى رۇخسەتسىز ئالىدۇ.

不见不散، بۇ ئاۋاز ساندۇق بەك ئەرزان، 45 سوم، لېكىن سۈزۈك، تۈۋەن ئاۋازمۇ تولۇق، ئوبدان ئىشلەنگەن، يارايدۇ، بىر بولسا مۇشۇنى، بىر بولسا تازا قىممەت كۆپ يوللۇقنى ئالسا بولىدىكەن دەپ ئويلاپ قالدىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاز دىگەندە 50 يۈەننى باشقا زاپچاسقا ئۇرۇشقا بولىدۇ. ئوقۇغۇچىلار ۋە ئائىلە ئېھتىياجىدىن چىقىدۇ.

www.pconline.com.cn دىكى باھادىن ئادەتتە قىزىل بايراقنىڭ باھاسى قىممەت چىقمايىتتى، بۇدا ھەممىسىگە 5 يۈەندىن چاپلاندى، بايرامدىن كېيىن قانچە ۋاقىتتا ئەسلىگە كېلىدۇ، ئۇقمايمەن.

MVXVK يوللانغان ۋاقتى 2011-2-2 17:43:11

رەھمەت، قارىغاندا بايرامدا ئالالمايدىغان ئوخشايمەن جۇمۇ، بۇ خەق دۇكانلىرىنى تاقاپلا يوقاپتۇ.

Istanbul يوللانغان ۋاقتى 2011-2-2 20:16:11

چانغان دىن كېيىن بۇ خەقنىڭ مال باھاسىنى ئۆستۈرىۋالىدىغان بىر سەت قىلىقى بار . بولسا ئوبدانراق سۈرۈشتۈرۈپ ئالاسىز ...

يا چاغاندىن بۇرۇن ئالماپسىز ...

بەت: [1]
: كومپيۇتېر سېتىۋېلىشتىن ياردەم سورايمەن