sabahi يوللانغان ۋاقتى 2011-2-1 21:17:45

بۈيۈك ئۇيغۇر مۇتەپەككۇر شائىرى ئەلىشىر نەۋائىي تۇغۇلغا

ئۇلۇغ ئۇيغۇر مۇتەپەككۇر شائىرى ئەلىشىر نەۋائىي تۇغۇلغانلىقىنىڭ 570 يىللىقىنى غۇرۇر بىلەن خاتىرىلەيمىز!

ئەمىر نىزامىددىن ئەلىشىر نەۋائىي ئۇيغۇر خەلقىنىڭ خەلقپەرۋەر شائىرى، بۈيۈك جامائەت ئەربابى، مول-ھوسۇللۇق يازغۇچىسى، ئويغاق مەرىپەتچىسى. ئۇ 1441-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى خۇراساننىڭ پايتەختى ھىرات شەھرىدە دۇنياغا كەلگەن. “نەۋائىي” ئۇنىڭ ئەدەبىي تەخەللۇسى بولۇپ، “نەۋا قىلغۇچى، مەدھىيىلىگۈچى” دېگەندەك مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. نەۋائىينىڭ دادىسى ئەدەبىياتنى سۆيىدىغان، بىلىمنى قەدىرلەيدىغان، مەرىپەتپەرۋەر كىشى بولغاننىڭ ئۈستىگە، ئۇنىڭ “غەربى” ، “كابۇلى” تەخەللۇسلۇق ئىككى تاغىسىمۇ شائىر بولۇپ، نەۋائىينىڭ ئائىلسىدە ئىلمىي يىغىلىشلار پات-پات دېگۈدەك ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرغان، مۇنداق ياخشى شارائىت نەۋائىينىڭ گۈدەك قەلبىگە تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇ تۆرت يېشىدىن تارتىپلا ئىلىم ئۆگىنىشكە باشلىغان. ئۇ ئۆزىنىڭ ياشتا تولىمۇ كىچىكلىكىگە قارىماي، زامانىسىدىكى داڭدار شائىرلارنىڭ شېئىر-داستانلىرىنى يادقا ئوقۇپ بېرىپ، ھەممىنى ھەيران قالدۇرغان. نەۋائىي 15 ياش چاغلىرىدا مەشھەددە ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ، پارسىي ۋە تۈركىي تىللاردا داڭقى چىققان شائىرلاردىن فىردەۋسى، خۇسرەۋ دېھلەۋى ۋە ئاتايى، لۇتفى، سەككاكىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئۆگىنىشكە باشلىغان. بۇ مەزگىللەردە، ئەلىشىر گۈزەل ئەخلاقى ۋە كەمتەرلىكى بىلەن ئىلىم ۋە كەمالەت ئەھلىنىڭ ھۈرمىتىگە سازاۋەر بولغان.

ئەلىشىر كېيىنچە سەمەرقەندكە بارغاندىن كېيىن، ئەھمەد جامى بەگنىڭ ياردىمىدەخوجا جەلالۇدىن ئەبۇللەيس خانىقاسىدا ئىلىم تەھسىل قىلغان. ئەلىشىر مەيلى ھىرات ياكى مەشھەد ۋە سەمەرقەندلەردە بولسۇن، تۈرلۈك ئىلىم-ھۈنەر ئۆگىنىشنى ئۆزىنىڭ كۈندىلىك ھاياتىدا زۆرۈرىيەت دەپ قارىغان. تىلشۇناسلىق، تارىخشۇناسلىق، فىقىھشۇناسلىق، شېئىرىيەت بىلىملىرى ۋە ئاسترونومىيە قاتارلىق بىلىملەرنى پۇختا ئىگىلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، خەتتاتلىق ۋە مۇزىكاشۇناسلىق جەھەتلەردىمۇ چوڭقۇر ۋە كەڭ بىلىم ھاسىل قىلغان.

نەۋائىي ئۆزىنىڭ 60 يىللىق ھاياتىدا نۇرغۇن مېھنەت سەرپ قىلغان. ھاياتىنىڭ كۆپ قىسمىنى بەدئىي ۋە ئىلمىي ئىجادىيەتكە بېغىشلاپ، 60 پارچىدىن ئارتۇق ئەسەر يېزىپ قالدۇرغان. ئۇنىڭ بىزگە مەلۇم بولغان ئاساسلىق ئەسەرلىرى:

1) خەزائىنۇل مەئانى: خزائن المعانى (مەنىلەر خەزىنىسى)

دىۋانلار: ديوانلار

2) غەرايىبۇسسىغەر: غرايب الصغر (بالىلىقتىكى ئاجايىپلىقلار)

3) نەۋادىرۇششەباب: نوادر الشباب(ياشلىقتىكى نادىرلىقلار)

4) بەدىئول ۋەسەت: بديع الوسط(ئوتتۇرا ياشلىقتىكى گۈزەللىك)

5) فەۋائىدۇل كىبەر: فوائد الكبر(قېرىلىق نەپلىرى)

6) تۆھپەتۇس-سەلاتۇن:             (سۇلتانغا تۆھپە)

7) بەدايئۇل بىدايە: بدايع          (بەدىئىيلىك باشلانمىسى)

8) نەۋادىرۇن نىھايە:                (نادىرلىق چوققىسى)

پارسچە دىۋانى

9) دىۋانى فانى: ديوان فانى

خەمسە: خمسە نوائى

10) ھەيرەتۇل ئەبرار: حيرت الابرار (ياخشى كىشىلەرنىڭ ھەيرانلىقى)

11) پەرھاد ۋە شېرىن: فرحاد و شيرين ( پەرھاد ۋە شېرىن)

12) لەيلى ۋە مەجنۇن: ليلى و مجنون ( لەيلى ۋە مەجنۇن)

13) سەبئى سەييارە: سبع سيارە ( يەتتە سەييارە)

14) سەددى ئىسكەندەر: سد اسكندر (ئىسكەندەر سېپىلى)

تەزكىرىلەر: تذكير لار

15) مۇفرەدات:

16) مەجالىسۇن نەفايىس: مجالس النفايس (گۈزەللەر يىغلىشى)

17) نەسائىمۇل مۇھەببەت: نصائم المحبت ( مۇھەببەت خۇش پۇراقلىرى)

تىل ۋە ئەدەبىياتقا دائىرلىرى: تيل و ادبيات كا داير لار

18) رىسالەئى مۇئەمما: رسالە معما ( تېپىشماقلار)

19) ھىلالىيە:

20) مىزانۇلئەۋزان: ميزان الاوزان(ۋەزىنلەر ئۆلچىمى)

21) تۇھفەتۇل ئەفكار:

22) ھەسبى ھال:

23) مۇھاكىمەتۇللۇغەتەين: محاكمە الغتين ( ئىككى تىل توغرىسىدا مۇھاكىمە)

دىنىي، ئەخلاقىي، پەلسەپىۋى ئەسەرلىرى: دينى اخلاق و فلسفوى اثرلار

24) مۇناجات: مناجات (ئاللاھتىن تىلەك تىلەش)

25) ئەربەئىن ھەدىس: حدث اربعين(مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ قىرىق جۈملە(ئابزاس) سۆزى ياكى قىرىق ھەدس

26) نەسايىمۇل مۇھەببەت: نسايم المحبت

27) نەزمۇل جەۋاھىر: نظم الجواھر (نەزمىلەر جەۋھەرلىرى)

28) لىسانۇتتەير: لسان الطير ( قۇشلار تىلى)

29) سىراجۇل مۇسلىمىن: سراج المسلمين(مۇسۇلمانلارنىڭ چىرىغى)

30) مەھبۇبۇل قۇلۇب: محبوب القلوب(كۆڭۈللەر مەھبۇبى)

تارىخىي ئەسەرلەر: تاريخ اثرلار

31) تارىخىي ئەنبىيا ۋە ھۆكۈما: تاريخ انييا و حكماء (ئەۋلىيالار ۋە ھۆكۈمالار تارىخى)

32) تارىخى مۇلكى ئەجەم: تاريخ ملك عجم(ئىران شاھلىرىنىڭ تارىخىي)

33) زۇبدەتۇت تەۋارىخ: زبدە التواريخ(تارىخ جەۋھەرلىرى)

تەرجىمىھال ئەسەرلىرى

34) ھالاتى سەئىد ھەسەن ئەردەشىر: حالات سيد حسن اردشير (ھەسەن ئەردەشىرنىڭ ئەھۋالى)

35) خەمسەتۇلمۇتەھەييىرىن: خمسە المتحيرين (ھەيرەتتە قالغان بەش كىشى)

36) ھالاتى پەھلىۋان مۇھەممەد: حالات پھلوان محمد(مۇھەممەد پالىۋاننىڭ ئەھۋالى)

ۋەسىقىلەر: وثيقە لار

37) ۋەقفىنامە: وقفەنامە(ۋەخپەنامە)

38) مۇنشەئات: منشاءت(يېزىشمىلار)

39) تۆھپەتۇس-سەلاتۇن: تحفە الثلاطين(سۇلتانغە تۆھپە)

40) نەۋادىرۇن نىھايە: نوادر النھايە(نادىرلىق چوققىسى)

41) مۇفرەدات: مفردات(سۆزلۈكلەر)

42) ھىلالىيە: ھلاليە(ئورغاق ئاي)

43) تۇھفەتۇل ئەفكار: تحفە الابگار(مەجروھلار سوۋغىسى)

44) ھەسبى ھال: حسب حال

45) بەدايئول بىدايە: بدايع البدايە(باشلاش گۈزەللىكى)

يۇقىرقىلاردىن باشقا يەنە، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئۆز قەسىدىلىرىنى توپلاپ «فۇسۇلى ئەربەئە»(تۆرت پەسىل) ۋە «ستەئى زەرۇرىيە»(ئالتە زۆرۈرىيەت) ناملىق توپلام تۈزۈشكە تەرەددۇت قىلغانلىقى مەلۇم.

pidaman يوللانغان ۋاقتى 2011-2-2 09:05:03

قەشقەر شەھرى بۇلاق بېشى مەھەلىسىدە نەچچە ئونلىغان بولاق بار ئىدى ،ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىسىملىرى بار ئىدى ،زەر بۇلاق ، مارجان بۇلاق ،قازان بۇلاق ،چەشمە بۇلاق ،ناۋايى بۇلاق ...دىگەندەك .كىچىك ۋاقتىمدا قارىخانىدا ئوقۇۋاتقان چاغدا بىز شۇ بۇلاقلاردىن سۇ تۇشۈيتۈق ،بۇدا بارسام ناۋايى بۇلاق ناۋاي بۇلاق دەپ تاختىغا يىزىلىپ تۈرۈپتۇ، مۇشۇ بۇلاقلارنىڭ تارىخىنى ياخشى بىلدىغانلارنىڭ توغرىسىنى بىلدۇرىشىڭلارنى سورايمەن . ناۋايى بۇلاق ،ناۋاي بۇلاق دەپ قارالغان بۇلاقنىڭ ئەلشىر ناۋايى بىلەن بىرەر باغلىنىشى بارمىدۇ ؟

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2011-2-2 10:58:52

www.arbuz.com تورىداناۋايىنىڭ ئەسلى نەسەبى توغرىلىق بىر ماقالە يوللانغان ئىدى ( يەنى ئالىمىمىز ئىمىن تۇرسۇن ئاكىنىڭ )

http://www.arbuz.com/showthread.php?t=51174&highlight=Navoiy

بۇنىڭ بىلەنسوقۇش باشلىنىپ كەتتىلەر .

شۇڭا ئۇيغۇر دىمەي ئۆزبەك دەپ ئاتىساق بولارمىكىن دەيمەن .

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2011-2-2 13:14:36

كىچىك چاغلىرىمىزدا، ناۋايىنىڭ چاغاتاي يېزىقىدا، ئانام دايىم ئوقۇيدىغان بىر كىتابى بولىدىغان، بۇ كىتاپنىڭ باشلىمىسىدىكى مۇنداق 2 مىسرا ئېسىمدە قاپتۇ:

ئەشرى قەتمىن ئەكسى شەمسى كەئەسى ئەنۋارۇلھۇدا،

يارى ئەكسىن مەيدە كۆردەپ جامىدىن چىقتى سادا.

ناۋايىنىڭ كىتابى دېسىلا مۇشۇ بىر كىتابى كۆز ئالدىمغا كىلەركەن، ناۋايىنىڭ ئاشۇ كىتاپلىرى ئىچىدىكى قايسى كىتاپ بولغىيتى رەھمەتلىك ئانام ئوقۇغان كىتاپ.

turkzad يوللانغان ۋاقتى 2011-2-2 14:19:51

ئۆزبېك-ئۇيغۇر تالاش-تارتىشى زاماندىن بۇيان داۋاملىشىپ كىتىۋاتىدۇ!! ئەمەلىيەتتە ئەينى زاماندا بوۋىمىز ئۆز نەسەبىنى تۈرك دەپ قالدۇرغان، شۇڭلاشقا ئايىغى چىقمايدىغان قۇرۇق تالاش-تارتىشلارنى ئاز قىلىپ، 9-چىسلادا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان پائالىيەتتەك ئەھمىيەتلىكراق ئىشنى جېقراق قىلغىنىمىزنى ئەھمىيىتى زورراق!!...

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2011-2-2 16:18:47

بۈگۈن ھەپتىگە ئىككى دىسە ياق بۈگۈن سەيشەنبە دەپ ئۇرۇشقاندەكلا بىر ئىش شۇ.....

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2011-2-2 21:51:04

ماتېرىيال ئىزدەۋىتىپ http://sakal13579.qupan.cc/?page=2 دىن تۆۋەندىكى يۇمتاللارنى ئۇچرۇتۇپ قالدىم، كىلاسسىكلىرىمىزنىڭ ئىسىملىكى تۇرىدۇ، 7- رەتتە ناۋايىنىڭمۇ باركەن.

LUTFI(UYghur ,ajdatlar,tarjimhal).exe

KALANDAR(UYghur ,ajdatlar,tarjimhal).exe

HIRKITI(UYghur ,ajdatlar,tarjimhal).exe

GUMNAM(UYghur ,ajdatlar,tarjimhal).exe

ATAYI(UYghur ,ajdatlar,tarjimhal).exe

BILAL(UYghur ,ajdatlar,tarjimhal).exe

NAWAYI(UYghur ,ajdatlar,tarjimhal).exe

SAKKAKI(UYghur ,ajdatlar,tarjimhal).exe

TAJALLI(UYghur ,ajdatlar,tarjimhal).exe

ZALILI(UYghur ,ajdatlar,tarjimhal).exe

SABURI(UYghur ,ajdatlar,tarjimhal).exe

NIZARI(UYghur ,ajdatlar,tarjimhal).exe

بەت: [1]
: بۈيۈك ئۇيغۇر مۇتەپەككۇر شائىرى ئەلىشىر نەۋائىي تۇغۇلغانلىقىنىڭ 57