arek يوللانغان ۋاقتى 2011-2-1 20:56:52

تارىختا بۈگۈن (1-فېۋرال )

2003-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئامېرىكا «كولومبىيە» ناملىق ئالەم ئايروپىلانى يەرگە چۈشكەندە پارتلاپ كەتكەن. «كولومبىيە» ناملىق ئالەم ئايروپىلانىدىكى يەتتە ئالەم ئۇچقۇچىسىنىڭ ھەممىسى قازا قىلغان. ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بوش شۇ كۈنى مەملىكەتلىك تېلېۋىزىيە نۇتۇقى ئېلان قىلىپ، بۇ ۋەقەدە قۇربان بولغان يەتتە كىشىگە تەزىيە بىلدۈرگەن.

1984-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئېلىمىز گوللاندىيە بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. 1954-يىلى ئېلىمىز بىلەن ۋەكالىتەن بېجىرىش دەرىجىلىك مۇناسىۋەت ئورناتقان، 1972-يىلى ئەلچى سەۋىيىسى مۇناسىۋىتىگە ئۆرلىگەن. 1981-يىلى 5-ئايدا يەنە ۋەكالىتەن بېجىرىش دەرىجىلىك مۇناسىۋەتكە چۈشۈرۈلگەن. 1984-يىلى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن.

1946-يىلى ۋېنگىرىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان. پايتەختى بۇداپېشت. ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلىتى، 1-دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇرۇن ۋېنگىرىيە ئېمپىرىيىسىنىڭ بىر قىسمى ئىدى، 1-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، ۋېنگىرىيە ئېمپىرىيىسى پارچىلىنىپ كەتتى. 1919-يىلى ۋېنگىرىيە-سوۋىت ئىتتىپاقى جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇلغان. شۇ يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى پارچىلانغان. 1946-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ۋېنگىرىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرغان. 8-ئاينىڭ 20-كۈنى دۆلەت بايرىمى كۈنى، ئېلىمىز بىلەن 1949-يىلى 10-ئاينىڭ 6-كۈنى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان.

1931-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، روسىيەنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى ھىلىتسىن سۋېردلوۋسكى شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن ھەمدە ئۇ شەھەردە 30 يىل ئىشلىگەن. 1991-يىلى 6-ئايدا ئۇ خەلقنىڭ ئاۋاز قويۇشى بىلەن روسىيە زۇڭتۇڭلىقىغا سايلانغان. 1996-يىلى 7-ئايدا يەنە بىر قېتىم سايلانغان. 1999-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەن. ھىلىتسىن زۇڭتۇڭ مەزگىلىدە نۇرغۇن قېتىم جۇڭگودا زىيارەتتە بولغان، 2007-يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى ۋاپات بولغان.

-------------------------------------------------------------------------------------

مەنبە: جۇڭگۇ ئۇيغۇرچە رادىئو تورى

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2011-2-1 21:10:51

ھەنىمە بولسا سىز تاشلاپ قويماي تۇرۇپسىز ،يەنە 10نەچچە كۈندىن كىيىن مەن تورغا چىقىش شارائىتىغا ئىگە بولىمەن .شۇ ۋاقىتتا تولۇقلىشىپ يېزىشارمز

oqmeas يوللانغان ۋاقتى 2011-2-2 14:32:04

ۋىنگىرىيەمۇ  ھونگىرىيەمۇ؟

بەت: [1]
: تارىختا بۈگۈن(1-فېۋرال)