flashboy يوللانغان ۋاقتى 2011-2-1 11:44:28

مېنىڭ ئامراق شەخسىي نەرسىلىرم

كىشلىك تۇرمۇشتا ھەممىمىز تۈرلۈك پائالىيەت ۋە شەيئىلەرگە قىزىقىمىز ، ئۆزىمىز ئەڭ ياقتۇرىدىغان بەزى نەرسىلەرنى دائىم يېنىمىزدا ئېلىپ يۈرۈيمىز ياكى ساقلايمىز ،بارابارا بۇ نەرسىلەر بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزنىڭ بىرقىسمىغا ئايلىنىدۇ ، بۇ قىزىقىشلىرىمىز ۋە نەرسىلىرىمىز بىزگە بىرخىل مەنىۋىي خۇشاللىق ئاتا قىلىدۇ ، مەن يەنە بىر تېمىدىكى چەتئەللىكلەرنىڭ سومكىسىدىكى نەرسىلەردىن ئىلھام ئېلىپ ،ئۆزەم كۈندىلىك تۇرمۇشتا دائىم ئىشلىتىدىغان ۋە ساياھەتكە چىققاندا ئىشلىتىدىغان شەخسىي نەرسىلىرىمنىڭ سۈرىتىنى تورداشلارغا تونۇشتۇرۇش ۋە شەخسىي مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇم ،باشقا تورداشلارنىڭمۇ قىزىقىدىغان ،كۈندىلىك تۇرمۇشتا دائىم ئىشلىتىدىغان ئامراق نەرسىلىرىنى يوللاپ ، شەخسىي مەدىنىيىتىمىزنى بېيىتىشنى ئۈمىد قىلىمەن ،،

كومپىيۇتېرىم ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى :

1.پۇتبۇل شەكىللىك كىچىك ياڭراتقۇ

2.بارماق مائۇس (بەلكىم كۆپلىگەن تورداشلىرىمىز كۆرمىگەن بولۇشى مۈمكىن ،بۇ بارماققا ئۈزۈككە ئوخشاش سېلىۋىلىپ ئىشلىتىدىغان غەيرى مائۇس )

3.USB HUB ئېغىزى ، بەزىدە كومپىيۇتېرنىڭ USB ئېغىزى يېتىشمەي قالىدۇ ،شۇڭا بۇنى ئىشلەتسە قولايلىق .

4.زاپاس باتارىيە (سىرتلارغا چىققاندا كومپىيۇتېرىمنىڭ 2لا باتارىيىسىنى زەرەتلىۋالىمەن )

5.USB لىك كىچىك كونۇپكا تاختىسى چىرىقى ، كەچتە خەت ئۇرغاندا ئىشلىتىمەن .

6. چاڭ -توزاڭ سۈمۈرگۈچ . كونۇپكا تاختىسىنىڭ ئارىسىدىكى چاڭ توزانلارنى تازىلاشقا ئىشلىتىلىدۇ.

7. يۆتكىلىشچان قاتتىق دېسكا.

8.كامېرا (ئۈن ۋە سىنلىك)

يۇقارقىلار بولسا مېنىڭ كىچىك پىچاقلىرىم ۋە ساياھەتكە چىققاندا ئېلىۋالىدىغان سەپەر ھەمراھلىرىم.

1.كىچىك سۇ ئۆتمەس قولچىراق .

2. سائەتلىك چاقماق (گەرچە تاماكا چەكمىسەممۇ ،ئوت لازىم بولۇپ قالىدۇ،ھەم غەيرى چاقماققا قىزىقىمەن)

3. كۆپ ئىقتىدارلىق كومپاس ، (ئۇنىڭدا يەنە گىرادۇس ئۆلچىگۈچ ،پۇشتەك ،نۇر قايتۇرغۇچ ،قولچىراق سەپلەنگەن)

4.چاقماق

5.تۈگىمەس  سەرەڭگە (بۇ سەرەڭگىگەپەقەت  پات پات ماي تىمىتىپ قويىسىز)

6.قاتلىنىدىغان ئىستاكان

7. ئۈنئالغۇ لېنىتىسىمىكىن دەپ قالدىڭىزما ؟ ياق ،ئۇنداق ئەمەس ،قۇياش باتارىيلىك ھىساپلىغۇچ .پورتمالغا سېلىۋىلىشقا ئەپلىك..

8.كۆپ ئىقتىدارلىق پولات كارتا (13كېسىش ،ھەرىدەش ،ئۆلچەش ، بۇلۇڭ بەلگىلەش،سۇندۇرۇش...قاتارلىق 13 خىل ئىقتىدارى بار پولات كارتا .جىددىي پەيتلەردە ئەسقاتىدۇ . پورتمالغا سېلىۋىلىشقا ئەپلىك )

9. ھەيۋەتمىكەن ؟ شەپەرەڭ شەكىللىك كۆپ ئىقتىدارلىق قارا پولاتتىن ياسالغان ئامبۇر ۋە ئەتىركە ...ئاستىدىكى تاپانچىنىڭ ئوقىدەك تۇرغانلىرى كۆپ خىل ئەتىركە ئۇچلىرى )

قالغانلىرىنى تونۇشتۇرۇپ يۈرمىسەممۇ ،كىچىك پىچاق ۋە قەلەمتۇراچلىرىم .

مېنىڭ گىتارلىرىم،گىتارغا تويمايمەن ،ئىمكانىيىتىم بولسا دۇنيادىكى ھەممە گىتاردىن بىر نۇسخا

ساقلىۋالسام دەيمەن . 5 گىتارىم بار، لېكىن يەنە تويمايمەن ....

ئەمدى نۆۋەت سىلەرگە كەلدى ،ئامراق بويۇملىرىمىزنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ .ئۆزئارا شەخسي مەدىنىيەت ئالماشتۇرايلى .....

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2011-2-1 12:52:31

بۇلارغا راستلا قول قويدۇم، ئىدىتلىق ئىكەنسىز. مەن سىرتقا چىقسام كىتاب ئېلۋالىدىكەنمەن . شۇنداقتىمۇ يېنىمدىن ئايرىمايدىغان(تۈركىيەنىڭ) پولاتتىن ياسالغان، كېسىش ، ھەرىدەش ئىقتىدارى بار پىچىقىم بار ئىكەن. بۇرۇن قولچىراق، چاقماق، كۆپ ئىقتىدارلىق پولات كارتا قاتارلىقلارنى ئېلىپ يۈرەتتىم.

koklam29 يوللانغان ۋاقتى 2011-2-1 15:22:36

مەن سىرىتقا چىقسام ئىلىۋالىدىغان نەرسىلەر : ئاچقۇچ ، پورتمال  ، تىلىفۇن ، سائەت ،

bughra-oghli يوللانغان ۋاقتى 2011-2-1 15:44:25

بىر نەرسىنى دىمەپسىلەرغۇ،كىملىك ،مەن ئۈزەمنى ئۇنتۇپ قالسام قانداقكىن ئىشىكتىن چىقسام چوقوم كىملىك ئىلىۋالىمەن،ھازىر ئاتا -ئانىمىزمۇ ئىشىكتىن كىملىككە قاراپ كىرگىزدىغان بولوپ قىلۋاتىدۇ

Nurbulaq يوللانغان ۋاقتى 2011-2-1 16:08:01

ئاۋۇ شىۋىتسىيەمۇ ئىشقىلىپ كىرىس بەلگىسى بار ھەربىيلەر پىچقىنىڭ رەڭگى قىزىل شۇنداقمۇ ~؟!

مېنىڭمۇ بار، يېنىمدىن ئايرىمايمەن ... بەك ئىتتىك ... بەك قولاي... كەچ قالسام پىچىقىنى چىقىرۋالىمەن، قوغدىنىش ئۈچۈن ...

flashboy يوللانغان ۋاقتى 2011-2-1 16:35:52

bughra-oghli:
بىر نەرسىنى دىمەپسىلەرغۇ،كىملىك ،مەن ئۈزەمنى ئۇنتۇپ قالسام قانداقكىن ئىشىكتىن چىقسام چوقوم كىملىك ئىلىۋالىمەن،ھازىر ئاتا -ئانىمىزمۇ ئىشىكتىن كىملىككە قاراپ كىرگىزدىغان بولوپ قىلۋاتىدۇ

ھاھ ھا ..راست توغرا ،كىملىك بولمىسا بولمايدۇ ،كىملىكىم پورتمالنىڭ يانچۇقىدا ....ئۇندىن باشقا توي قىلغانلار جۇپ سەپەرگە چىققاندا توي خېتىنىمۇ ئېلىۋىلىش كېرەك ......راست ئاچقۇچنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن ،سەپەردىن يېرىم كېچىدە،ياكى ئۆيدە ئادەم يوق چاغدا كەلسەم ئىش چاتاق ....

Istanbul يوللانغان ۋاقتى 2011-2-1 17:42:26

2-رەسىم قاتىللىق قوراللىرىكەنغۇ ...

ziltar يوللانغان ۋاقتى 2011-2-1 18:40:51

مەن بانكا كارتىسى بىلەن تېلېفونلا ئېلىۋالدىكەنمەن

flashboy يوللانغان ۋاقتى 2011-2-1 20:42:51

Nurbulaq:

ئاۋۇ شىۋىتسىيەمۇ ئىشقىلىپ كىرىس بەلگىسى بار ھەربىيلەر پىچقىنىڭ رەڭگى قىزىل شۇنداقمۇ ~؟!

مېنىڭمۇ بار، يېنىمدىن ئايرىمايمەن ... بەك ئىتتىك ... بەك قولاي... كەچ قالسام پىچىقىنى چىقىرۋالىمەن، قوغدىنىش ئۈچۈن ...

شۇنداق ،شىۋىتسىيە ھەربىي پىچىقى ، مەنمۇ بەك ئامراق ،مەندە قىزىل ۋە قارا ئىككى خىلى بىرسى كىچىك يەنە بىرسى چوڭراق ،ھەقىقەتەن ھەربىر ئەركەكتە بولۇشقا تېگىشلىك مۇھىم نەرسە دەپ قارايمەن ،چۈنكى ئىقتىدارى كۆپ ۋە ئىنتايىن ئىخچام ... خانىم قىزلار پەقەت ئىككىلەنمەي  مۇشۇنى تۇغۇلغان كۈن سوۋغىتى قىلسا ،ھەرقانداق ئەركەك خۇش بولىدۇ ، لېكىن ،ماڭا بىرسى سوۋغا قىلمىغان ،ئۆزەم ئالغان ،مەن سېپى ئۆزىدىن قۇرال ھەۋەسكارى ، ئەمما ،دۆلىتىمىزدە تاپانچا ،ئاپتۇمات ساتمايدۇ-دە .لېكىن چەتئەلنىڭ ۋە جۇڭگۇنىڭ تۈرلۈك شەكىلدىكى پىچاقلارنى ھەممە يەردىن تاپقىلى بولىدۇ.يېڭىسارنىڭ ئېسىل پىچىقىدىن بىرسى بارئىدى ،ئەپسۇس يوقىتىپ قويدۇم.لېكىن نۇسخىسى پەيزىدىن يەنە بىرنى ئالىمەن.........قايسى بىر ئوغۇلبالا كىچىكىدە ئويۇنچۇق تاپانچا ئويناپ باقمىغان ، جىڭ تاپانچا ئوينىغىلى بولمىغاندىكىن ،ئامال يوق ،مۇشۇنداق نەرسىلەرگە ئامراق بولۇش بىزنىڭ تۇغما خاراكتىرىمىز بولسا كېرەك ......

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2011-2-1 20:47:00

ئاناڭنى دىمىسەم دەردىم چىقمايدۇ

ئالدىنقى قېتىم قايىتقاندا پىچىقىم بىلەن چاقمىقىمنى ئايدىرومدا تارتىۋالغان

YELKEN يوللانغان ۋاقتى 2011-2-1 20:47:48

ئەڭ مۇھىم نەرسىنى ئالمايدىكەنسىلەر....

پۇل.

mastura يوللانغان ۋاقتى 2011-2-1 21:00:32

شىۋىتسارىيە پىچىقىنى نەدىن ئالدىڭلار؟ ھەدەمنىڭ يولدىشى بىرنى بۇيرىغانتى، مەن نەدىن ئالىدىغاننى بىلىپ بولالماي، ئاخىرى يولدىشىمنىڭ شىۋىتسارىيىدىكى دوستىغا دېدۇق، ئەۋەتىپ بېرىڭ دەپ. لېكىن بىكارلا بىر مۇنچە كىرا ھەققى تۆلەپ، ئېشىكى بەش تەڭگە، توقۇمى ئون تەڭگە بولىدىغان بولدى.
مېنىڭ يېنىمدىن ئايرىمايدىغان نەرسەم: پورتمال، ئىچىدە پۇل بولسا-بولمىسا ئېلىۋالىمەن، تېلىفون، كىتاب ئوقۇغۇچ، MP3، بىر يۈرۈش تىرناق ياسىغۇچ--ئۆزەمگە ئەمەس، بالامغا لازىم بولۇپ قالىدۇ---، زاكىدىن ئىككى تال، بالامنىڭ ئىچ كىيىمىدىن بىرەر قۇر، ھۆل قەغەز، قىزىم ئىككىمىزنىڭ داۋالىنىش كارتىسى، ئاندىن ئۆزەم لاتىدىن تىكىۋالغان نېپىز جايناماز.
ئەسلى تېما ئامراق نەرسىلىرىمىز توغرىلىقكەن، ئۇنى ئايرىم يازاي ئەمدى، مەن يېنىمدا ئېلىپ يۈرىدىغاننى يېزىپتىمەن.

yusran يوللانغان ۋاقتى 2011-2-1 21:24:23

كىچچىككىنە سومكامنىڭ ئىچىدىن تاس قالىدۇ بىر چاۋشى چىققىلى

flashboy يوللانغان ۋاقتى 2011-2-1 21:33:42

ئۇنى قەشقەرنىڭ چوڭ سودا سارايلىرىدىن تاپقىلى بولغان يەردە ،ئۈرۈمچىدىن ئەلۋەتتە تاپماق تەس ئەمەس ، تاۋباۋدىن سېتىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ ،

ماۋۇ بەتتە بر ئىكەن :

http://yszippo.tmall.com/shop/view_shop.htm?prc=1

ئىشەنچ قىلالمىسىڭىز ، ئەڭ ياخشىسى تۇرۇشلۇق ئورنىڭىزنىمۇ سارايلارنى ئارىلاپ بېقىڭ ،چوقۇم تېپىلىدۇ .........

abdulehed يوللانغان ۋاقتى 2011-2-1 22:41:15

مەن كىتابتىن بەش- ئالتە پارچە، تەييار چۆپ، تاماق قاچىسى، زاپاس كىيىم ۋە يوغان سومكا... نى ئېلىۋېلىشقا دىققەت قىلىمەن. كىملىك، پۇل، زاپاس يانفون مېيى قاتارلىقلارمۇ بار ئەلۋەتتە.

Baghrim يوللانغان ۋاقتى 2011-2-1 22:57:29

سەپەرگە چىققاندا ئۆزەمنى ئۇنتۇپ قالساممۇ ، گىرىم سومكام بىلەن بىر قاتار يۇيۇنۇش بۇيۇملىرىنى چوقۇم ئۇنتۇپ قالمايمەن ، ئاندىن ئامىرىكىنىڭ ھەربىي پىچىقىمۇ بار ...

tarimi يوللانغان ۋاقتى 2011-2-1 23:22:18

مېنىڭ بارىدىغان يېرىمگە قاراپ ئالىدىغان نەرسىلىرىم ئوخشىمايدۇ ،ئەمما قايەرگىلا بارسام پۇل ،كىملىك ،گىرىم بويۇملرىنى ئالماي قويمايمەن .

مەنمۇ يېڭسارنىڭ پىچىقىنى ساقلايمەن ،تېلفۇننى ئۇنتۇمايمەن (ئەمما ھەر ۋاقىت باتارىيسىنى  تاشلاپ قويۇپ تاقاق ھالەتتە تۇرىدۇ)قەلەم قەغەز ،تېلفۇن خاتېرىسى قاتارلىقلارنى ئۇنۇتمايمەن .

سەپەر جەريانىدا تەنھەركەتچىلەر كىيىمى بىلەن مېڭىشنى ياقتۇرمەن ،بارغان يەرگە بارغاندىن كىيىن كىيىشكە كىيىم ئېلىۋالىمەن ،يۇيۇنۇش بويۇملىرىنى تولۇق تەييارلايمەن ...ئەممازا يەيدىغان نىمىدىن جىق ئالمايمەن ،پەقەت توغۇرلاپ تۇرۇپ \"ناۋادا ماشنا توختاپ قالسا \"دەپ ئولتۇرۇپ ،بىر كۈن 3 ۋاققا توغۇرلاپ ئاز ئازدىن يىمەكلىك  ئېلىۋالىمەن ،مىۋە چىۋىنىمۇ ئۇنۇتمايمەن ،شۇنداقراق .

ھەر قانداق يەرگە بارسام گېزىت كۆتۈرۋالىمەن ،كىتاپ ئەمەس .

mayhana يوللانغان ۋاقتى 2011-2-1 23:46:34

ئاياق كىيىپ ئاندىن ماڭىمەن

lonelyness يوللانغان ۋاقتى 2011-2-2 13:04:42

4 بانكا كارتام ھەم تورغا چىققىلى بولىدىغان تېلىفونۇمنىلا ئېلىۋالمەن .پورىتمال بىلەنلا نۇرغۇن يەرگە كېتىپ قالىمەن .

joshua يوللانغان ۋاقتى 2011-2-2 13:24:16

مېنىڭ شەخسىي تۇرمۇشۇم يوق ئىكەن شۇنىڭغا قارىغاندا.

بەت: [1] 2 3
: مېنىڭ ئامراق شەخسىي نەرسىلىرم