Bilig يوللانغان ۋاقتى 2011-2-1 01:19:27

ئىسسىق باسمىغان تاماق، ئوزۇقلۇق

تاماقلىنىشتىكى ئىلمىيلىك سالامەتلىككە بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ قالماي كىشىنىڭ روھى كەيپىياتى، ئۆگىنىش ۋە خىزمەتلىرىگە بەلگىلىك تەسىر يەتكۈزىدىغانلىقىنى ھەممەيلەن بىلىمىز. بۇ يەردىكى ئىلمىيلىك تاماقلىنىشنىڭ دەل ۋاختىدا قەرەللىك بولىشى، ئوزۇقلۇق تۈرلىرىنىڭ كۆپ خىل بولىشى، تاماقلارنىڭ بەدەن مىزاجغا ماسلاشقان بولىشىنى شۇنداقلا پەسىل ۋە ھاۋا كىمىلاتىغا، بەدەننىڭ ھۆل، قۇرۇق ۋە سوغۇق، ئىسسىق بولىشىغا قاراپ تەڭشەلگەن بولىشىنى كۆرسىتىدۇ.

بىزنىڭ تاماق مەدەنىيتىمىزدە تاماقلارنىڭ كۆپ خىللىقى، خەلقىمىزنىڭ تاماقلىنىش ئادىتى يۇقىرقى ئۆلچەمگە تولىمۇ مۇۋاپىق ھالدا چۈشكەن. بىزنىڭ شۇ تاماقلىرىمىز مول ئوزۇقلۇق قىممەتكە ئىگە بولۇپلا قالماي، ئۆز مەدەنىيتىمىز بويىنچە ئىلمي ئوزۇقلانغاندا بەدەنگە نىسبەتەن ئىمۇنت كۈچىنى ئاشۇرۇش ۋە ساقلىق تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاشتا بەكمۇ مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئۆز تاماقلىرىمىزنى يىگەندىلا تاماقنىڭ ئىسسىق باسقانلىقىنى ھىس قىلىمىز.

لىكىن ئوقۇش، خىزمەت ۋە باشقا تۈرلۈك سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن سىز ئۆز تاماق مەدەنىيتىڭىزدىن ھالقىغان ھالدا ئوزۇقلۇق قىممىتى بولسىمۇ لىكىن « ئىسسىق باسمىغان» تاماقلارنى يىيىشىكە مەجبۇر بولىشىڭىز مۇمكىن... بىزدە « تاماق ئىسسىق باسمىدى» دىگەن گەپ ئۇچىرايدۇ. بۇ تاماقنىڭ ھەقىقەتەن ئىسسق بولىشى ئەمەس. بەزى تاماقلار سىزدە ھىچ بىر تاماق يىگەندەك تەسىر ۋە ھوزۇر پەيدا قىلالماسلىقى مۇمكىن گەرچە يىگەنلىرىڭىزمول ۋە كۆپ خىل بولسىمۇ. دىمەكچى بولغىنىم، سىزنىڭ بەدىنىڭىزنىڭ ھارارىتىگە ماس كەلدىمۇ يوق؟

تاماقتىكى ئىلميلىككە بۇرۇندىن دىققەت قىلىدىغانلاردىن ئىدىم. لىكىن يىقىندىن بۇيان تاماقلارنىڭ بىر خىللا بولىشى، پەسىل ۋە مىزاجغا قاراپ تاللاپ يىيىش پۇرسىتى بولماسلىق ھەم ئۇزۇن مۇددەت ئۇيغۇر تاماقلىرىدىن ئايرىلىش نەتىجىسىدە  تاماقلىنىش ئادىتىم پۈتۈنلەي ئاستىن-ئۈستۈن بولۇپ كىتىپ كەيپىياتىمغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلىپ يىىتىۋاتىمەن.  ئوزۇقلۇق قىممەت بولسىمۇ لىكىن پەقەتلا ئىسسىق باسمايۋاتقان بۇ تاماقلارنى ئىشتاھىمنىڭ يەكلەۋاتقانلىقىنى،  شۇنىڭ ئۈچۈن تاماقنى پەقەت زورلاپ يەيدىغان ھالەتكە كىلىپ قالغانلىقىمنى ھىس قىلىۋاتىمەن...  بوتقىسىمان، كۆركەملىكى يوق ئىسسىقلىق كالورىيسى بولسىمۇ ئىسسىقى يوق، تاتلىق سۈرە ۋە ياكى بەك ئاچچىق، خام-خۇتا تاماقلاردىن؛ يىسىۋىلەك ياپىرىقى بىلەن پىياز ۋە ئىرىمچىكنى كالاگۆشى بىلەن ئارىسىغا قىستۇرۇپ، سوغۇق ئىچىملىك بىلەن مۇساپىرسىمان ھالەتتە تۇرۇپ يەيدىغان قولاشمىغان كالامپاي تاماقلاردىن خۇيمۇ زىرىكتىم! بەزىدە ئاچچىقىمدا بىزدىن باشقىلاردا تاماق مەدەنىيتى نىمە قىلسۇن دەپ كىتىمەن...  ئۇيغۇر تاماقلىرىنى بەك سىغىندىم! بىزنىڭ تاماقلىرىمىز مەيلى كۆركەملىك جەھەتتە بولسۇن، مەيلى ئوزۇقلۇق قىممىتى جەھەتتىن بولسۇن ۋە ياكى قويۇق سۈيۈقلىقى جەھەتتىن بولسۇن، بىزنىڭ مەدەنىيتىمىزگە ماس كىلىپ قالماي ھەرقانداق كىشى يىسە ئىسسىق بېسىۋىرىشى مۇمكىنمىكىن دەپ قالىمە. سىپاگەتتى، لەغمەن نىڭ ئالدىدا نىمە؟! بىزنىڭ قورۇما چۆپلىرىمىزنى پاستا باسالمايدۇ، گۆشنان پىسسا دىن مىڭ ئەۋزەل لىكىن دۇنيادا شۇ تاماقلار ئومۇملىشىقلىق ۋە داڭقى بار. ھىچ بولمىغاندا پاكىستانلىقنىڭ چىكېن باريانى(توخۇ گۆشى بىلەن گۈرۈچ تە ئېتىلگەن زەھەردەك ئاچچىق بىر خىل تاماق)سى كۆپ يەردە ئومۇملىشىقلىق لىكىن بىزنىڭ پولۇنى كۆپ كىشىلەر بىلمەيدۇ. مەيلى ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى خەلقئارا ئايرۇدورۇملاردا بولسۇن مەيلى چوڭ-چوڭ سودا سارايلىرىدەك ئاممىۋى سورۇنلاردا بولسۇن ئاساسەن شۇ تاماقلار، كىنتاكى، ماكدونالد دىگەندەك ئەخلەت تاماقلار، پىسسا ھەتتا ياپۇنىيەنىڭ سۇشى دىگەن تامىقىمۇ راۋۇرۇس ئومۇملىشىقلىق... ئويلاپ قالىمەن، ئەلبەتتە بىزلەرمۇ بىر جاھان تونۇيدىغان كىشىلەردىن بولغان بولساق تاماقلىرىمىزمۇ تونۇلسا بىزنىڭ تاماقلىرىمىزنىڭ نوچىلىقىنى جاھان ئەھلى چۈشىنىپ كىتەر بولغىيتى دەپ...

ئەلبەتتە ئاچ قالماي تاماقنىڭ بولغىندىن مىڭ شۈكرى دىيىشىم كىرەك. نەق گەپنى قىلسام، ئۇيغۇر تاقلىرىنى سىغىنغانسىرى باشقا تاماقلاردىن بەك زىرىكىپ، راستىنلا ئىشتاھانى يوقىتىپ قويدۇم. ھەم مەندە بۇ تاماقلار پەقەت ئىسسىق باسمايۋاتىدۇ دىگەن ئىدىيە بارلا بار...  مۇشۇنداق بولىۋەرسە سالامەتلىكىمنى بۇزىۋېلىشتىن ئەنسىرەپ قېلىۋاتىمەن. ئىسسىق باسمىغان تاماقلارنى يەۋەرگەندە ھەقىقەتەن سالامەتلىككە زىيىنى بارمۇ؟ ياكى ئوزۇقلۇق قىممىتى تولۇقلىنىپ ماڭسىلا چاتاق يوقمۇ؟ بۇ ھەقتە ئاز تولا بىر نىمە دىيىشىپ باقمامدۇق!

mastura يوللانغان ۋاقتى 2011-2-1 02:05:13

ئىسسىق بېسىش تاماقنىڭ تېمپېراتۇرىسىغىمۇ قارىتىلامدىكىن دەپ ئويلايمەن، ئىشقىلىپ مەن تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى تاماقلارنى يېسەم ئىسسىق باسقاندەك ھېس قىلىدىكەنمەن.
لىللا گەپنى قىلغاندا بىزنىڭ تاماقلىرىمىزمۇ بەك مۇكەممەل ئەمەس، (باشقىلارنىڭ تاماقلىرىغا سېلىشتۇرغاندىغۇ 150 نومۇرلۇق ياخشى).ئاساسەن تاماقلىرىمىزنىڭ كالورىيەسى يۇقىرى. مەسىلەن، بىر نورمال ئايال، ئېغىرلىقىنى 60 كىلوگرام دەپ پەرەز قىلساق، كۈنىگە 1500-2000 كىلو كالورىيە ئىسسىقلىق تەلەپ قىلىشى مۇمكىن، لېكىن بىزنىڭ لەغمەن تەخسىلىرىمىزدە سالغان بىر تەخسە نورمال لەغمەننىڭ كالورىيىسى 1000 كالورىيىدىن ئابايىلا ئېشىپ كېتىدۇ. ئاندىن قورۇما تاماقلىرىمىزدا ئوزۇقلۇق يوقاپ كېتىش كۆرۈلۈشى مۇمكىن. لېكىن بىزنىڭ بەدىنىمىز ئۆزىمىزنىڭ تاماقلىرىمىزغا كۆنگەن بولۇشى مۇمكىن دەپ ئويلايمەن، سىڭدۈرۈپ كېتەلەيمىزكەن.
ھازىر باشقا مىللەتلەردىمۇ ئىسسىق تاماق يېيىش مودا بولدىمىكىن، داۋاملىق شۇنداق ئېلانلارنى كۆرىمەن، ئىسسىق، ساغلام تاماق دېگەندەك.
يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتى ئۇزۇن يىل جەريانىدا شەكىللەنگەنلىكتىن، شۇ يېمەكلىكنى يەپ چوڭ بولغۇچە بەدەن شۇنىڭغا كۆنسە كېرەك. مەسىلەن، ھىندىستانلىقلارنى تامىقىغا سېلىۋەتكەن ئىسسىقلىق دورىلىرىنى بىز بىرەر ئاي ئۇدا يەيدىغان بولساق ئاغرىپ يېتىپلا قالىمىز. ئۇ خەق شۇنى كۈندە يەپ يەنە ساپساق يۈرىدىكەن. بىزگە ئەڭ يېقىن ھېسابلايدىغان تۈركلەرنىڭ تامىقىمۇ ماڭا ئىسسىق باسقاندەك تېتىمايدۇ. ئالدىنقى ھەپتە ئاغرىپ قېلىپ ئۈچ كۈن ئۇدا تۈركنىڭ تامىقىنى بۇيرۇتۇپ ئەكەلدۈرۈپ يېگەنتۇق، ئۇ تاماقلاردىنمۇ چىقىپ كەتكەندەك بولۇپ قالدىم.
  ئىشقىلىپ، يىغىپ كەلسەك، يەنىلا ئۆزىمىزنىڭ ئىسسىق، ئوبدان تاماقلىرىمىز ياخشىكەن.

yultuzluk يوللانغان ۋاقتى 2011-2-1 08:11:52

تاماقلارنى ئۆزىڭىز قىلىپ يەشكە تىرىشقىنىڭىز ياخشى. بىلىمەن ۋاختىڭىز قىس بولىشى ئىنىق لىكىن تەييار تاماقنى سىتىۋىلىشقا كەتكەن ۋاقىتقا يەنە ئازراق ۋاقىت قوشۇپ بىر ئىككى كۇنلۇك تاماقنى بىراقلا تەررارلاپ قويۇپ يىسىڭزمۇ شۇنداق تىتىشلىق بولىدۇ. خىمىر يۇغرىيدىغان ماشىنىدىن  بىرنى سىتىۋىلىڭ بولسا ئىتالىيەنىڭ پاستا كىسىدىغان ماشىنىسىدىن بىرى سىتىۋالسىڭىزلا ھەم ۋاقىت ئىختىسات قىلىپ ھەم ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن لەغمەن، سۇيۇق ئاش، نارىنلارنى قىلىپ يەلەيسىز بولارغا پەقەت 15 ياكى 20 مىنۇتلا كىتىدۇ.

destiny يوللانغان ۋاقتى 2011-2-1 08:14:14

لەغمەننىڭ گىپى چىقىپ قالدى . بىر چاغلاردا مەكتەپدىكى بىر مۇئەللىم  بىلەن قوشنا بولۇپ ئۆتۇپ قاپتىمىز .شۇنىڭ بىلەن قوشنىدارچىلىقنى يەتكۇزۇپ قويايلى دەپ كۇندە ، ياكى ھەپتىدە دىگۇدەك تاماق سۇنۇپ تۇردۇق .ئادەتتە گۆشنان قىلساقلا بىيتزاغا ئوخشايدۇ دەپ شۆلگەيلىرىنى ئېقىتىپ كىتەتتى . بىركۇنى لەغمەن ئېتىپ بىر تەخسە  سۇنغىنىمىزنى بىلىمىز،بىچارە مۇئەللىم  بىر ھەپتە يوقاپ كەتتى .كىيىن يولدا ئۇچىراپ قىلىپ نىمە دەيدۇ دىمەمسىلە !!

ھىلىقى ئۇزۇن ،ئۇزۇن تاماقنى ئىككىنجى ئەچىقمىساڭ بولۇپتىكەن .شۇ بىر تەخسە تامىقىڭنى بىر ئائىلە كىشلىرى كۆتۇرەلمەي بىر ئائىلىدىن 2 مىز دوختۇرخانىغا كىرىپ چىقتۇق داۋاتمامدۇ .كۇلۇپ تىلىقىپ قاپتىمەن .ئۇزۇن ئۇزۇن تامىقىڭنى دەپ ھى ھى ھى ...بىچارىنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ھالتىنى ئەسلىسەملا تىلىقىپ قالىمەن .

گەرچە بىز كۆنۇپ كەتكەن بولساقمۇ  نۇرغۇن تاماقلىرىمىز ئىسسىق باسقاندىن سىرت ھەقىقەتەن قۇۋۋەتلىك ئىكەن .

ئىسسىق باستى دىگەننى ئاچقان يېرىگە باردى دەپ چۇشەنسەك بولامدۇ قانداق ؟

Kanji يوللانغان ۋاقتى 2011-2-1 08:39:29

كەچتە ئىشتىن چۈشكەندە قۇۋۇرغا گۆشنىڭ شورپىسىغا خام قىيما قىلىپ پالاق چۆپ شۇيقاش ئىچسەم ئىسسىق باسىدۇ.

Sevinch يوللانغان ۋاقتى 2011-2-1 09:34:11

مەكتەپتە خۇيزۇلارنىڭ تامىقىنى يەۋىرىپ شۇنداق زىرىكىپ كىتىپتىكەنمەن.ئاخىرى بولماي توك قازاندىن بىرنى سىتىۋىلىپ ئوخشىمىسىمۇ تاماقلارنى قىلىپ يۇرگەن.

بىر قىتىم پولو ئەتسەم خىلى ئوخشاپتىكەن.يەنە بىر كۇنى كەچتە ئەتە چۇشكە پولوغا تەييارلىق قىلىپ قوياي دەپ ئۆزۇمچە سەۋزىلەرنى قورۇپ،سۇيىنى قۇيۇپ بىر دەم قاينىتىپتىمەن.ياتاقنىڭ توكى ئادەتتە 11 بىلەن ئۆچەتتى،توك ئۆچكەندىن كىيىن قازاننىڭ توكىنى تارتىۋىتىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن.ئەتىسى سەھەردە ياتاقدىشىم ۋارقىراپلا چاقىرىدۇ چۆچۇپ ئويغۇنۇپ نىمە بولدى دىسەم قازىنىڭغا قارا دەيدۇ،ياتاق ئىچىدە تىنغىلى بولمايدۇ كۆيۇكنىڭ پۇرىقىدىن.پالاقشىپ چۇشۇپ قازانغا قارىسام سۇدىگەندىن ئەسەر يوق سەۋزىلەر كۆيۇپ قاپقارىلا.(ياتاقنىڭ توكى 6 بىلەن ياناتتى )2كۇنگىچە ياتاقتىكى ھەممە نەرسە كۆيۇك پۇراپ.لىكىن شۇ بانىدا ياتاقتىكى پاكىزلار يوتقان كۆرپىسىنى ئاپتاپقا سىلىپ يوتقان كىرلىكلىرىنى يۇيىۋالغان كۆيۇك پۇراپ كەتتى دىگەننى باھانە قىلىپ.ھى ھى ،كارۋىتىمدا قىلىن رەخىتتىن پەردە تارتىقلىقتى،شۇڭا ھىچ نەرسىنى تۇيماي ئۇخلاپ كىتىپتىكەنمەن.شۇنىڭدىن بىرى ياتاقتا تاماق ئەتسەم مىنى باشقۇرۇپلا يۇردى ئۇ گۇزەللەر قازىنىڭنىڭ توكىنى تارىت،ئانى قىل مانى قىل دەپ.

koklam29 يوللانغان ۋاقتى 2011-2-1 09:34:24

يەنىلا ئۆزى ئەتكەنگە يەتمەيدىكەن ، كىچىكىمدىن قازان بىشىغا بىرىپ باقمىغان بەندە مانا ھازىر ئامالسىز ئۈگىنىۋاتىمەن ، پولۇ نى يامان ئەمەس ئەتتىم ، ئۇن تاماقلىرىنى پەقەت قاملاشتۇرالمايۋاتىمەن ،

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2011-2-1 09:35:14

ئىچكىرىگە تەربىيلىنىشكە بېرىپ قالسام تاماقنى قانداق قىلارمەن. ئالىي مەكتەپتىكى ۋاقتىمدا ئىچكىرىگە  ئۈچ ھەپتە پىراكتىكا قىلغىلى بارغان. شۇ چاغدا چېچىم چۈشۈپ، ماڭسام ئولتۇرغۇم، ئولتۇرسام ياتقۇم، ياتسام ئۇيقۇم كىلىدىغان بۇلۇپ قالغان ئىدى.

matu يوللانغان ۋاقتى 2011-2-1 09:44:49

ھەر يەرنىڭ تامىقى شۇ يەرنىڭ مۇھىتىغا ماسلاشقان،شۇ يەردىكى تائام قىلىشقا بولىدىغان ئەشيالاردىن جەۋھەرلەنگەن،كەم دىگەندىمۇ نەچچە يۈز يىللار داۋامىدا يەكۈنلىنىپ چىققان تەجرىبە.شۇڭا يېنىكلىك بىلەن باشقا مىللەتلەرنىڭ،باشقا رايونلارنىڭ تائام مەدىنىيىتىنى كەمسىتسەك قاملاشماس.

قىسقىسى شىنجاڭ ئىچىدىمۇ شىمال بىلەن جەنۇپنىڭ يىمەك-ئىچمىكىدە خېلىلا پەرىق بار.جەنۇپتا كاۋاپ كۆپ يىيىلىدىكەن،ئاندىن قېتىق ئىچىلىدىكەن ،ئاشلەمپۇڭ يىيىلىدىكەن،شۇنداق قىلىپ تەڭشىۋالىدىكەن.شىمال سوغوق ھەم نەمرەك بولغاچقا كاۋاپ يىيىشنىڭ ياخشى مەۋسۇمى قىسقاراق، قېتىقنى جىق ئىچمەيمىز،نان چىلاپ ئىچىدىغان ئىشلار تېخىمۇ ئاز.قەشقەر تەرەپلەردە قوي گۆشىدىن باشقا ھالال جاندارلارنىڭ گۆشلىرىنى ياقتۇرۇپ كېتىشمەيدۇ،ھەتتا يىمەيلا قويىدۇ.يەل دىيىشىدىكەن،سوغوق كىلىدۇ دىيىشىدىكەن.شىمالدا بولسا كالا-ئات گۆشلىرىنى تارتىنىپ كەتمەي يەپ قويىدۇ.قىشتا تۇزلاپ قۇرۇتۇپ سوقۇم قىلىدۇ.دىققەت قىلسام تۇزلاش،قۇرۇتۇش جەريانىدا گۆش تەركىۋىدىكى كىسلاتا چىقىپ كېتىپ نىيىتراللىشىدىكەن،شىمالدا قىش بەك سوغوق بولغاچقا يوقۇرى ئېنىرگىيىلىك نەرسىلەرنى يىيىشكە توغرا كېلىدىكەن.ھەم سۇدا پىشۇرۇش،قورۇش ئاساس قىلىنىدىكەن.

يەنە ھەر يەرنىڭ سۇ مەنبەسى ئوخشىمىغاچقا شۇنىڭ سۈپىتىدە خېلىلا پەرىق بولسا كىرەك.كىچىكىمدە چوڭ ئانام \"ئۇنداق كۈندە يۇيۇنىۋەرمە،سوغوق كىلىدۇ .\"دەيتتى،نىمىشقا شۇنداق دەيدىغاندۇ،مەدىنىيەتلىك ئەللەرنىڭ ھەممىسىدە كۈندە يۇيۇنىدۇ،بىز نىمىشقا ئۇنداق قىلمايمىز دەپ ئىدىيەمدىن ئۆتمەيتتى.كېيىن ئويلاپ باقسام سۇنىڭ مەسىلىسىكەن.شىمالنىڭ مەن تۇرغان رايونىدا ئاساسلىقى يەر ئاستى سۇيى ئىشلىتىمىز،تەڭرىتىغىدىن ئېرىپ يەر ئاستىغا سىڭگەن سۇلار رايونىمدىكى تۇپراق تەسىرىدە كىسلاتالىقى يۇقۇرىراق بولىدىكەن،شۇڭا كۈندە يۇيۇنىۋەرسە بەدەننىڭ كىسلاتالىقى ئېشىپ كېتىدىكەن،بۇنى سوغوق كىلىش دەيدىكەنمىز.

lonelyness يوللانغان ۋاقتى 2011-2-1 10:17:11

مەن ئىچكىردە توي قىلمىغان ۋاقىتلىرىمدا بىر ھەپتنىنىڭ 5 كۈنى پولو بىلەن كاۋاپ يەيتىم . كەچتە شورپا . نەچچە يىل ھىچ نىمە بولمىغان . بىر قېتىم  ئۈرۈمچىگە قايتىم بىرىنجى كۈنى پولو ،ئىككىنجى كۈنى باچكا شورپا كەچتە كاۋاپ يىسەم ئەتىسىدىن باشلاپ ئاغزىم قۇرۇپ، ئاۋازىم پۈتۈپ،تاس قالغان قاتتىم ئاغرىپ قالغىلى  .  

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2011-2-1 18:12:56

سىز ھېرىپ -چارچاپ كىرگەندە ئۆيدە سىزنى تەرلەتكۈدەك سۇيۇق -سەلەڭ تاماق ئىتىلگەن بولسا بۇ ئاش <<ھاردۇق ئىشى>> دىيىلىپ چارچىغان نېرىپلارغا ئارام بىرىدۇ. ھاردۇقنى ئالىدۇ.

پىژغىرىم ئىسسىقتا سىرتتا ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىپ ئىسسىق زىيادە ھالسىرتىۋەتتى، بۇ ۋاقىتتا غورا، يۇمغاقسۈت دېگەندەك ئىسسىقنى ئالىدىغان سوغۇق تەبىئەتلىك خۇرۇچلارنى سىلىپ سۇيۇق ئاش ئىتىپ ئىچىپ ئىسسىق ئۆتۈپ كىتىشنىڭ ئالدى ئىلىنىدۇ.

بەزى سوغۇق تەبىئەتلىك تاماق بولمىسىمۇ، ئېغزىغا تېتىغان بولسا، مىجەزىگە ياققان بولسا << بۇ تاماق ھەجەپ ئىسسىق باستى>> دەپ قويىمىز. بۇ يۇقۇردا دەستىنىي ئېيتقانداق <<ئاچقان يېرىگە باردى>> دەپ چۈشۈنىمىز.

خوتەندە تېۋىپتا  شاگىرت بولۇپ تۇرغان مەزگىلدە ياز كۈنلىرى ھەپتىدە بىرەر كۈن سەھراغا چىقىپ ئۇستامنىڭ ئېتىزلىقىدا ئىشلەپ قوياتتۇق. كەچتە ئۇستامنىڭ ئۆيىگە بارساق چامغۇر كۆكى، غورا دېگەنلەرنى سىلىپ سۇيۇق ئاش ئىتەتتى، تاماقتا تۇخۇم، گۆش دېگەندەك ئىسسىقلىق خۇرۇچلار پەقەتلا يوق. ۋاي ئاللا، بۇ تاماقنى ئىچىپ ئەتتىگەنلىككە شالىم قۇيۇلۇپ، بېشىم ئاغرىپ ئورنۇمدىن قانداقمۇ تۇرالامەن دەپ ئەندىشە قىلىپ تۇرۇپ بىسمىللا بىلەن ئىككى چىنە ئىچىۋىتىدىغان گەپ. لىكىن ئەتتىگىنى ئورنۇمدىن تۇرغاندا شۇنداق بىر يەڭگىللىك ھېس قىلاتتىم. سۇيۇق ئاش سوغۇق كىلىپ شالىم قۇيۇلۇپ قالىدىغان ئىش بولمايتتى. مانا بۇ تاماق ئىسسىق بېسىپ مىجەزگە ياققان ئىدى.

قەشقەردە خەلق ئىچىدىن چىققان بىر تېۋىپ كىشى بار. ئالدىغا كىرگەن كىشىنىڭ 90% گە شۆۋگۈرۈچ ئىچىشنى بۇيرۇيدىكەن. شۆۋگۈرۈچنىڭ خۇرۇچلىرىنى ھەممىمىز ئاساسەن بىلىمىز، قارا ئۈرۈك، چىلان، يۇمغاقسۈت، تۇرۇپ دېگەندەك -ھەممىسى ھارارەت پەسەيتىپ، سوۋۇتىدىغان، قان -تومۇرلارنى، جىگەرنى ئاسرايدىغان خۇرۇچلار.  مۇشۇ تاماق نۇرغۇن ئادملەرگە پايدا قىلىدىكەن. چۈنكى ھازىر كىشىلەرنىڭ تاماق ئىستىمالىدا مايلىق، قورۇما تاماقلار زىيادە بولۇپ قان تومۇر كېسەللىكلىرى، جېگەر ، ئۆت، تالنىڭ خىزمىتىدە مەسىلە ئېغىر بولماقتا. زىيادە ئىسسىق، كۆچلۈك تاماقلار بەدەنگە كىرگەندىن كىيىن يىتەرلىك ھەركەت بولماسلىق سەۋەبىدىن بەدەندە تولۇق پارچىلانماي جىگەر ۋە باشقا قان تومۇرلاردا توسۇلۇش يۈز بىرىپ بۆرەك، يۈرەك، مېڭە دېگەندەك رەئىس ئەزالاردا ئاجىزلاش كۆرۈلىدۇ. چۈنكى قان تومۇرلارنىڭ تارىيىشى بىلەن رەئىس ئەزالارنىڭ سۈمۈرۈش خىزمىتى ئاجىزلايدۇ.  بۇنداق ئەھۋالدا شۆۋگۈرۈچ قاينىتىپ ئىچىش ئەلۋەتتە ئاجايىپ شىپالارنى بىرىدىكەن.

mayhana يوللانغان ۋاقتى 2011-2-1 23:48:11

كۆڭۈل تاتقاننى يىسە ئىسسىق باسىدۇ.

lonelyness يوللانغان ۋاقتى 2011-2-2 13:07:05

mayhana:
كۆڭۈل تاتقاننى يىسە ئىسسىق باسىدۇ.

كۆڭۈل تاتقاننى ئىچىسچۇ  ؟

Sirlikdunya يوللانغان ۋاقتى 2011-2-2 21:33:57

ھەممىدىن كۆڭۈلنى خاتىرجەم تۇتۇپ نىمىلا يىسە ئوخشاشمىكىن دەيمەن . لىكىن    ئەلۋەتتە كۆڭۈل تاتقاننى يىسە ئىسسىق باسىدۇ،ھەي ،نىمە ئامال بار...

mayhana يوللانغان ۋاقتى 2011-2-3 11:18:41

lonelyness:

mayhana:
كۆڭۈل تاتقاننى يىسە ئىسسىق باسىدۇ.

كۆڭۈل تاتقاننى ئىچىسچۇ  ؟

تاماق يىيىش ئاساس، كىينىكى ئىچىش قۇشۇمچە. ئاۋۋال تاماق يەيمىزمۇ دەپ ئاندىن سۇيۇقئاش ئىچەمدۇق دەيمىزغۇ...

ھەممىسى يەنىلا مۇشۇ(كۆڭۈل تاتقاننى يىسە ئىسسىق باسىدۇ) نىڭ ئىچىدە.

تاماقتىن باشقىسى زىيان قىلىپ قالامىكىن

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2011-2-4 19:44:48

كۆڭۈل تارتقان تاماق بولسىغۇ...

بەت: [1]
: ئىسسىق باسمىغان تاماق، ئوزۇقلۇق