sohrat يوللانغان ۋاقتى 2011-1-31 19:58:07

بۇنداق تېز ئېشىش ياخشىمۇ؟

جۇڭگۇدا يېڭى ئاپتوموبىل سېتىلىش مىقدارىنىڭ ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ يوقۇرى سەۋىيەگە يىتىدىغانلىقىغا نەزەر

ئەڭ يېڭى ئىستاتىستىكىدا كۆرسىتىلىشچە ، بۇيىلنىڭ ئالدىنقى سەككىز ئېيىدا ئېلىمىزدە 12 مىليونغا يېقىن ئاپتوموبىل ستىلىپ ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 39% ئاشقان .جۇڭگو ئاپتۇموبىل سانائىتى جەمئىيىتى بۇيىل ئېلىمىزدە 17 مىليون ئاپتوموبىل سېتىلىدۇ ، دەپ مۆلچەرلىدى . بۇ ، جۇڭگودا يېڭى ئاپتومۇبىل سېتىلىش مىقدارىنىڭ ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ يوقۇرى سەۋىيەگە يېتىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ .

بۇنداق ئادەتتىن تاشقىرى تېز ئېشىش جەمئىيەتنىڭ ھەر ساھەسىدىكىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى . شۇنىڭ بىلەن بىللە ، موتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ تېز كۆپىيىشى پەيدا قىلغان ئىقتىسادى ۋە ئىجىتىمائى مەسىللەر بارغانسىرى گەۋدىلەندى . بۇنداق زىيادە قىززىپ كەتكەن ئاپتوموبىل بازىرىغا قارىتا ، كىشىلەر جۇڭگو ئاپتوموبىل بازىرىنى قانداق جانلاندۇرۇش كېرەك ؟ ئۇنى ماكرولۇق تىزگىنلەش كېرەكمۇ ؟ دەپ ئويلىنىشقا باشلىدى .

ئاپتوموبىل ساھەسىدىكىلەر خۇشال بولدى ، ئەمما ماكرولۇق تەھلىل باشقىچە بولدى

بۇيىل 9- ئايدىن بۇيان بۇيان دۆلەت ئىچىدىكى ئاپتوموبىل بازىرىدا ئاپتوموبىل يەنە تېز سېتىلدى ، سېتىلىش مىقدارى يەنە 40%كە يېقىن ئېشىپ ، دۇنيا بويىچە ئۇدا 1-ئورۇندا تۇردى .

جۇڭگو ئاپتوموبىل بازىرىدىكى بۇنداق تېز ئېشىش دۆلەت ئىچىدىكى ئاپتوموبىل ساھەسىدىكىلەرنى شادلاندۇرغان بولسىمۇ ، ئالاقىدار تەرەپلەر ئەندىشە قىلىشتى . بۇنداق ئەندىشىگە ئاپتوموبىل سانىنىڭ تېز كۆپىيىشى پەيدا قىلغان شەھەردىكى  قاتناش قىستاڭچىلىقى ، ھاۋانىڭ بۇلغىنىشى قاتارلىق ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائى مەسىللارلا ئەمەس ،يەنە بۇنداق تېز ئېشىش جۇڭگو ئاپتوموبىل سانائىتىگە زادى قانچىلىك پايدا بەردى ؟ بۇ ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ھېسابلىنامدۇ ؟ دېگەن ئوينىلىش سەۋەب بولغان .

دۆلەت ئۇچۇر مەركىزى ئۇچۇر بايلىقىنى ئېچىش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى شۈ چاڭمىڭ مۇنداق دېدى : ئاپتوموبىلنىڭ كۆپىيىش نىسبىتى GDP ئېشىش سۈرئىتىنىڭ 1.5 ھەسسىسى بولۇشى كېرەك . مۇشۇنداق ھھېسابلىغاندا ، جۇڭگو ئاپتوموبىل بازىرىدا ئاپتوموبىل سېتىلىش مىقدارىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى 12%~13.5% بولسا مۇۋاپىق بولىدۇ . ھازىرقى تېز ئېشىش سۈرئىتى بىنورمال تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى نامايەن قىلدى .

موتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ شىددەت بىلەن كۆپىيىش ئەھۋالىغا قارىتا ،ئاپتوموبىل ساھەسىدىكى بەزى زاتلار 10% لىك ئېىشىش سۈرئىتى بويىچە ھىسابلىغاندا ، جۇڭگو ئاپتوموبىللىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش – سېتىلىش مىقدارى بەش – ئون يىلدا 40 مىليونغا يېتىدۇ ، دەپ ئىنتايىن ئۈمىدۋار قىياس قىلدى .

ئېنىرگىيە ، يەر ، مۇھىتتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ چەكلەش ئامىلى گەۋدىلەندى

ئاپتوموبىلنىڭ تېز سۈرئەتتە كۆپىيىشى جۇڭگونى تېزدىن ئاپتوموبىل جەمئىيىتىگە ئېلىپ كىردى ، شۇنداقلا بۇنداق تېز سۈرئەتتە ئېشىش ئۆز نۆۋىتىدە ئىقتىسادى ۋە ئىجىتمائى مەسىللەرنى پەيدا قىلدى ، بۇنىڭ ئىچىدە ، ئېنېرگىيە ئۆكسۈكچىلىكى ، قاتناش قىستاڭچىلىقى ۋە مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى ئاپتوموبىل كەسپىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئېشىشىنى چەكلەيدىغان ئۈ چوڭ ئامىلغا ئايلاندى .

مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېدى : يىلىغا 30 مىيون ، 40 مىليون ، 75 مىليون ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش –سېتىشتىن ئىبارەت ئۈمىدۋار مۆلچەر جۇڭگونىڭ يېڭى ئاپتوموبىل بازىرىغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا ، ‹‹ ئۆزىگە زىيادە ئىشەنگەنلىك ›› ھېسابلىنىدۇ ، چۈنكى ئۇنىڭدا ئۈچ ئاساسى ئاددى ساۋات تىلغا ئېلىنمىغان : بىرىنچى ، ئېلىمىزدە ‹‹ ئادەم كۆپ ، يەر ئاز ›› ، بۇنچە كۆپ ئاپتوموبىلنى سىغدۇرالمايدۇ ؛ ئىككىنچى ، جۇڭگودا بۇنچە كۆپ ئاپتوموبىلنى يېقىلغۇ بىلەن تەمىنلىگۈدەك نېفىت يېتەرلىك ئەمەس ؛ ئۈچىنچى ، شەھەر مۇھىتىنىڭ سىغىمچانلىقى ناھايىتى چەكلىك .

ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە : 2009-يىلى ئېلىمىزنىڭ نېفىتتا سىرتقا بېقىنىشى تەخمىنەن  50% بولغان ، 2010-يلى ئاۋغۇسىتتا بولسا 55% كە يەتكەن . دۆلەت تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتىتى كەسىپ ماسلاشتۇرۇش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى چېن بىن يېقىندا ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ : 11- بەش يىللىق يىرىك پىلاندا كۆپەيتىلگەن 100 مىليون توننا چاممىسىدىكى نېفىت ئايرىش ئىقتىدارنى ئاساسەن يېڭىدىن كۆپەيگەن ئاپتوموبىللار سەرپ قىلدى ، دېدى .

تەھلىلچى زاتلارنىڭ ئېيتىشىچە ، نېفىتتا سىرتقا بېقىنىش دەرىجىسىنىڭ 50% تىن ئېشىشى ئېھتىيات سىزىقى بۇلۇپ ، ئېنېرگىيە ئىستىمالى كۆپ تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەت سۈپىتىدە ، خەلقئارا نېفىت باھاسىنى بېكىتىش ھوقۇقى كەمچىل ئەھۋالدا ، نېفىتقا سىرتقا بېقىنىش دەرىجىسىنىڭ زىيادە يوقۇرى بولۇشى خەتەرلىك ئىكەن .

شۇنىڭ بىلەن بىللە ، موتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ كۆپىيىشى پەيدا قىلغان قاتناش بېسىمى شەھەر تۇرمۇشىنى قىيىنلاشتۇرغان چوڭ مەسىلىگە ئايلاندى . بۇيىل تاۋۇز چاغىنىنىڭ ئالدى-كەينىدە ، بېيجىڭ قاتارلىق شەھەرلەردە ئېغىر قاتناش قىستاڭچىلىقى كۆرۈلۈپ ، ئادەم ، ئاپتوموبىل ۋە يول ئارىسىدىكى زىددىيەتنىڭ ناھايىتى كەسكىنلەشكەنلىكىنى كۆرسەتتى .

مۇھىت ئاسراش تارمىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە ، بىر قىسىم شەھەرلەردە ئاپتوموبىل قويۇپ بەرگەن ئىس ئاتموسفېراغا قويۇپ بېرىلگەن بۇلغىمىنىڭ ئاساسلىق مەنبەسىگە ئايلىنىپ ، 45% تىن كۆپرەكىنى ئىگەللىگەن ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئەھۋال كۈندىن –كۈنگە ئېغىرلىشىۋېتىپتۇ .

كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش قىيىن ، يادرولۇق تېخنىكىدا پەرق چوڭ

دۆلەت ھالقىغان ئاپتوموبىل كارخانىلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ھازىر جۇڭگونى ئەڭ مۇھىم بازار دەپ قاراۋاتىدۇ . بىراق ئاۋات ‹‹ سېتىلىش مىقدارى ›› كەينىگە جۇڭگو ئاپتوموبىل سانائىتىنىڭ ‹‹ سۈپەت ›› جەھەتتىكى ئاجىزلىقلىرى يۇشۇرۇنغان بۇلۇپ ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش ۋەزىپىسى يەنىلا مۈشكۈل .

دۆلەت ئىچىدىكى ئاپتوموبىل كەسپى ‹‹ كىچىك ، تارقاق ، ئاجىز ›› بولۇش ھالىتىدىن تېخى قۇتۇلالمىدى ، كەسىپ مەركەزلىشىش نىسبىتى ئاران 83% ، مەملىكەتتىكى 27 ئۆلكە ، ئاپتونۇم رايون ۋە بىۋاستە قاراشلىق شەھەردە ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىلىۋاتىدۇ ، ئالدىنقى قاتاردىكى ئۈچ ئاپتوموبىل كارخانىسىمۇ دۇنيا بازىرى نوقتىسىدىن قارىغاندا يەنىلا ناھايىتى ئاجىز ئورۇندا تۇرىدۇ .

جۇڭگو ئاپتوموبىل قۇرلۇش ئىلمى جەمئىيىتىنىڭ دائىمى مۇئاۋىن باش مۇدىرى ، قۇشۇمچە باش كاتىپى فۇ يۈۋۇ : ھازىر مەيلى ئەنئەنىۋى ئاپتوموبىل بولسۇن ، ياكى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل بولسۇن ، يادرولۇق تېخنىكا جەھەتتە ، خەلقئارا ئىلغار سەۋىيەگە سېلىشتۇرغاندا ، پەرق يەنىلا ناھايىتى زور ، ئاپتۇماتىك سۈرئەت ئۆزگەرتكۈچ  ۋە يېنىكلەشتۈرۈش تېخنىكىسى يەنىلا بىر بوشلۇق ، ئاپتوموبىل ئېلىېكتىرون تېخنىكىسى جەھەتتە ، خەلقئارا ئىلغار سەۋىيە بىلەن بولغان ئارلىقىمىز بارغانسېرى چوڭايماقتا ، دېدى .

مۇتەخەسسىسلەر : ئالاقىدار تارماقلار دەرھال ئىلمى تەرەققىيات قارىشىنى يىتەكچى قىلىپ ، ئېنىرگىيە ، تۇپراق ، مۇھىت قاتارلىق تەرەپلەردىكى ئومۇمىيەتنى كۆزدە تۇتۇپ ، بىر تۇتاش پىلانلاپ ، ئاپتوموبىل كەسپىنىڭ كەلگۈسى ئون يىللىق تەرەققىيات ماكانى ۋە سۈرئىتىنى ئىلمىي مۆلچەرلىشى ھەم ئورۇن بەلگىلىشى كېرەك . بولمىسا ‹‹ سۈرئىتىگە چەك قويۇلمىغان ›› ئاپتوموبىل كەسپى ئۆز تەرەققىياتىغا بارغانسېرى كۆپ سەلىبي تەسىر كۆرسىتىدۇ ، دەپ قارىدى .

شىنجاڭ گېزىتىنىڭ 2010- يىلى 10 –ئاينىڭ 13- كۈنى (چارشەنبە ) كۈنىدىكى سانىدىن ئېلىندى .

ilyaruk يوللانغان ۋاقتى 2011-1-31 21:35:10

بۇنداق تېز ئېشىشقا مېنىڭمۇ بىر كىشلىك ھەسسەم قۇشۇلدى

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2011-1-31 23:41:31

ھازىر  قارىمايدا  ماشىنا  ئادەمدىن  جىقمۇ  نىمە .........ئشتىن چۈشۈش ۋاقتىدا شۇنداق  تەسىر بېرىدىكەن  ئادەمگە

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2011-2-1 08:54:54

ئىشتىن چۈشكەن ، ئىشقا ماڭغان ۋاقىتتا يولدىكى ماشىنىلارغا قاراپ، ماشىنا ئېگىلىرىگە بەك ئىچىم ئاغىرىپ كېتىدۇ. ئۆزۈممۇ ئازراق تەسەللى تېپىپ قالىمەن

ukar-as يوللانغان ۋاقتى 2011-2-1 08:56:07

مەنغۇ ۋېلسىپىت مىنىشكە شۇنداق ئامراق، ھەممە ئادەم ۋېلسىپىت مىنسىكەن دەپ ئويلايمەن.

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2011-2-1 12:26:45

بەلگە، ئىنكاسلىرى جەلىپ قىلىشى، يېڭى ئۇچۇرلار چىقىشى  مۇمكىن.

oqmeas يوللانغان ۋاقتى 2011-2-1 17:21:48

Bidar-Qutlan:
بەلگە، ئىنكاسلىرى جەلىپ قىلىشى، يېڭى ئۇچۇرلار چىقىشى  مۇمكىن.

ھە؟

YELKEN يوللانغان ۋاقتى 2011-2-1 19:19:26

ukar-as:
مەنغۇ ۋېلسىپىت مىنىشكە شۇنداق ئامراق، ھەممە ئادەم ۋېلسىپىت مىنسىكەن دەپ ئويلايمەن.

ئوتتۇز يىل بۇرۇن ياشىغان بولسىڭىز بوپتىكەن، ھەممە ئادەم ۋېلسىپىت مىنەتتى....

Istanbul يوللانغان ۋاقتى 2011-2-1 20:06:57

ماشىنىغا سۇ قاچىلاپ ماڭىدىغان ئىش بولسا قانچە جىقىيىپ كېتەر بولغىيتتى ...

tarimi يوللانغان ۋاقتى 2011-2-1 22:44:00

ئۈرۈمچىنىڭ كوچىسىغا قارىسىڭىز ،ماشنا ئالمىسام بولىدىكەن دەپ قالىسىز ،ئىشقىلىپ ھازىرقى دەۋىردە ئۈرۈمچىدە ياشاۋاتقانلارغا  ئۇنچە مۇھىم ئەمەستەك بىلىندى ،يۇرتلارنىڭ يولى كەڭ ،ماشىنا توختۇتۇش ئورۇنلىرى كۆپ ،ھەم ھەقسىز دىيىشكىمۇ بولىدۇ .

مۇنداق ھېساپلا] باقسام بىر ماشنىنى بېقىش ئۈچۈن بىر يىلدا 10مىڭدىن كۆپرەك پۇل كېتىدىكەن ،ئەمما تاكسى توسۇسۇام ئۇنداق جىق  پۇل خەجلىمەيدىكەنمەن ...ھەم يېنىمدا بىرسى ئولتۇرۇپ ھەيدەپ بېرىدۇ ،بىخەتەر  بېرىشىمغا كاپالەتلىك قىلىدۇ ،چارچاپ قالمايمەن ،بارار جايىمغا بارغۇچە  خىيال سۈرۈپ ماڭساممۇ ھېچقىسى يوق

mayhana يوللانغان ۋاقتى 2011-2-1 23:30:37

شەخسىي ماشىنا نۇرغۇن ئادەمگە ئاساسىي جەھەتتىن لازىم بۇلۇپ كەتمەيدىكەن.

مۇشۇ بىر ئىككى يىل ئىچىدە چاتاق چىقىدۇ بۇنداق جىق ماشىندىن...

بەت: [1]
: بۇنداق تېز ئېشىش ياخشىمۇ؟