arek يوللانغان ۋاقتى 2011-1-31 17:36:57

تارىختا بۈگۈن (31-يانۋار )

1995-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، توختىماي ياغقان يامغۇر رېيىن دەرياسى، سېيىن دەرياسىنى تاشتۇرۇۋەتتى. كەلكۈن گېرمانىيە، گوللاندىيە، ئەنگلىيە ۋە فرانسىيەدىكى ئويمانلىققا ھۇجۇم قىلىپ، نۇرغۇن كىشىلەر قازا قىلدى، نەچچە يۈز مىڭ كىشى ئۆيىدىن ئايرىلدى، بۇ 1955-يىلىدىن بۇيانقى غەربىي شىمالىي ياۋروپادىكى ئەڭ ئېغىر بىر قېتىملىق كەلكۈن.

1972-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئېلىمىز مالتا بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت تۈزگەن. مالتا دېگەن سۆز «پاناھ جاي» دېگەن مەنىدە. ئوتتۇرا دېڭىزغا جايلاشقا ئارال دۆلەت، بەش ئارالدىن تەركىب تاپقان. پايتەختى ۋاللېتتا. مالتانىڭ بايلىقى كەمچىل بولۇپ، ئاساسلىقى ساياھەتچىلىككە تايىنىدۇ.

1961-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، قارا ئورانگوتان خام ئالەمگە چىققان. بۇ ئامېرىكىنىڭ تۇنجى ئالەمگە چىققان ئورانگوتانى. يەر شارىدىن 241 مىڭدىن ئارتۇق يىراقلىقتىكى ئالەم بوشلۇقىدا 18 مىنۇت ساياھەت قىلغاندىن كېيىن يەرشارىغا بىخەتەر يېتىپ كەلگەن. خامغا بىر تال ئالما مۇكاپات بېرىلدى. خامنىڭ ئالەمگە ساياھىتى ئىنسانىيەتنىڭ سۈنئىي ھەمراھ ئوربېتىسىغا بىۋاستە كىرىشىگە يول ئېچىپ بەردى. 

1954-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، بېيجىڭ-موسكۋا بىۋاستە پويىزى رەسمىي قاتناش باشلىدى.

1927-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئەنگلىيە ئارمىيەسى شاڭخەيگە كىرگەن، جۇڭگو خەلقى قارشى تۇرغان. ئەنگلىيە 12 مىڭ ئەسكەرنى شاڭخەيدە بازا قۇرۇشقا بۇيرىغان. جياڭ جيېشى رەھبەرلىكىدىكى گۇاڭجۇ ئارمىيىسى شاڭخەيدە ئەنگلىيە ئارمىيەسىگە قارشى تۇردى.

-------------------------

مەنبە: جۇڭگۇ ئۇيغۇرچە رادىئو تورى

MAN_DAP يوللانغان ۋاقتى 2011-1-31 22:16:56

http://www.anatuprak.net/mazmun.asp?action=hawar&id=6790

ئانا تۇپرا ق تورىنى زىيارەت قىلىدىكەنسىز ھە ؟!

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2011-2-1 19:59:46

مەنبەسى ئاناتۇپراق تورىمىدى ؟ بولمىسا بۇ يەردە ئېلان بەرمەڭ !
بەت: [1]
: تارىختا بۈگۈن(31-يانۋار)