tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2011-1-31 16:04:06

چوڭ بۇغۇملار ئاغرىقىنى داۋالاش

چوڭ بۇغۇملار ئاغرىقى

بۇ كىسەللىكنى تۇنۇش:
ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلى كېلىپ چىقىدىغان ، بەدەندىكى چوڭ بۇغۇملار ئاغرىش ۋە ئىششىق بىلەن ئىپادىلىنىدىغان ، چوڭ بوغۇملار ئاغرىقى (ۋەجئۇل مۇپاسىل)دىن ئىبارەت. ئەگەر ئاغرىش پۇت-قوللارنىڭ بۇغۇملىرىدا بولسا بۇ مۇتلەق پۇت ئاغرىقى دېيىلىدۇ.

ئەگەر ئاغرىش مەخسۇس ئەزالاردا ياكى پۇت-قول بارماقلىرىدا بولسا ، ئۇنىڭ مەخسۇس ئاتىلىشى تۆۋەندىكىچە بولىدۇ؛

يەنى نىقرەس(ئۇششاق بۇغۇملار ئاغرىقى)،ۋەجئۇل ۋەرەك(ساغرا ئاغرىقى)،ۋەجئۇل رەكىبە(تىز ئاغرىقى) قاتارلىقلار بولۇپ بۇلار ئايرىم سۆزلىنىدۇ.

ساھىب كامىل بۇ ھەقتە مۇنداق كۆرسەتكەن:

ئاغرىق بەزىدە زاڭاقتا، قۇلاقتا ۋە ئۇمۇرتقىلاردا بولىدۇ ۋە بەزىدە ئۇنىڭ كېسەللىكىنى سەزگىلى بولمىغۇدەك دەرىجىدە يۇشۇرۇن بولىدۇ.

سەۋەبى:

بىرىنچىسى: بۇغۇملارنىڭ خىلىتسىز ئىسسىقتىن مىزاج بۇزۇلۇش خارەكتىرلىك ياللۇغلىنىشىدىن چوڭ بۇغۇملار ئاغرىقى كېلىپ چىقىدۇ.

ئىككىنچى : بۇغۇملارنىڭ خىلىتسىز سوغۇقتىن مىزاج بۇزۇلۇش خارەكتىرلىك ياللۇغلىنىشىدىن چوڭ بۇغۇملار ئاغرىقى كېلىپ چىقىدۇ.

ئۈچىنچىسى: بەدەننىڭ خىلىتسىز قۇرۇقلۇقتىن مىزاجى بۇزۇلۇپ ، بۇغۇملارنىڭ تارتىشىپ قېلىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

تۆتىنچى: رەئىس ئەزالارنىڭ بىرەرسىنىڭ خىلىتلىق ياكى خىلىتسىز مىزاج بۇزۇلىشىدىن چوڭ بۇغۇملار ئاغرىقى كېلىپ چىقىدۇ.

خىلىتلار غەيرىي تەبىئىي ئۆزگىرىشى ۋە مۇرەككەپ ھالەتتە ئۆزگىرىپ بۇغۇملارغا تەسىر قىلىشىدىنمۇ چوڭ بۇغۇملار ئاغرىقى كېلىپ چىقىدۇ.

ئالتىنچى: غەيرىي تەبىئىي يەل تەسىرىدىنمۇ چوڭ بۇغۇملار ئاغرىقى كېلىپ چىقىدۇ.

ئىبىنسىنا بۇ ھەقتە ‹‹ چوڭ بۇغۇملار ئاغرىقى بەزىدە يىرىڭ سەۋەبىدىن بولىدۇ›› دەپ كۆرسەتكەن.

تەكشۈرۈش:

دەسلەپتە بۇغۇملارنىڭ مىزاج بۇزۇلىشى خىلىتلىقمۇ ياكى ياكى خىلىتسىزمۇ قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئېنىقلاش كېرەك. ئاندىن يەرلىك ئورۇندا كۆپۈشۈش ۋە ئىششىق بار-يوقلۇقىنى ئېنىقلاش لازىم ۋە بۇغۇملارنىڭ رەڭگى ئۆزگەرگەن –ئۆزگەرمىگەنلىكىنى كۆزىتىش كېرەك.

ئاغرىق ئاستا-ئاستا ياكى تۇيۇقسىز يۈز بەرگەنلىكىنى ۋە ئاغرىق بىلەن ئېغىرلىق بار-يوقلىقىنى بىماردىن سوراپ ئېنىقلاش كېرەك.

ئەگەر بۇغۇملاردىكى ئاغرىقنىڭ ئورنىدا كۈيۈشۈش ۋە ئىششىق بولمىسا ۋە رەڭگى ئۆزگەرمىگەن بولسا ، ئاغرىق ئاستا-ئاستا پەيدا بولغان بولسا ۋە ئېغىرلىق بولمىسا چوڭ بۇغۇملار ئاغرىقى بوغۇملارنىڭ خىلىتسىز مىزاج بۇزۇلىشىدىن بولغان بولىدۇ.

ئاندىن كېيىن سۈيدۈك،تۇمۇر ھەرىكىتى ۋە باشقا ئەھۋاللارنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق خىلىتسىز مىزاق بۇزۇلۇشىنىڭ تۈرلىرىنى ئېنىقلاش لازىم. ئەمما خىلىتسىز مىزاج بۇزۇلىشىدا چوڭ بۇغۇملارنىڭ ئاغرىقى ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ.

ئەگەر بۇغۇملاردا ئېغىرلىق بولماي ، ئاغرىق يۆتكىلىپ تۇرسا ۋە قاتتىق تارتىشىش بولسا ، چوڭ بۇغۇملارنىڭ ئاغرىقى غەيرىي تەبىئىي يەللەردىن بولغان بولىدۇ.

ئەگەر بۇغۇملار ئاغرىش بىلەن كۆپۈشۈش ۋە ئىششىق بولۇپ ، ئۇنىڭ رەڭگى ئۆزگەرگەن ۋە ئاغرىق تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن بولسا ، ئاغرىش بىلەن ئېغىرلىق بىرگە بولسا ، چوڭ بۇغۇملار ئاغرىقى غەيرىي تەبىئىي خىلىتلاردىن بولغان بولىدۇ ھەمدە ھەر قايسى خىلىتلارنىڭ ئالامەتلىرىگە ئاساسەن تۈرلىرى ۋە يەككە مۇرەككەب ھالىتىنى تەكشۈرۈش لازىم.

داۋالاش:

سۆرۈنجان بۇغۇم ئاغرىقى كېسەللىكلىرىگە مەخسۇس ئىشلتىدىغان دورا بولۇپ ، ئىسسىق-سوغۇقتىن بولغان بۇغۇم كېسەللىكلىرىنىڭ سۈرگىسى ۋە زىمادلىرىغا سۆرۈنجان قوشۇلىدۇ.

ئەگەر غەيرىي تەبىئىي خىلىت كۆپ بولسا ، زىماد تازىلاش ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن سۇۋىلىدۇ.

ئەگەر غەيرىي تەبىئىي خىلىت ئازراق بولسا تازىلاشتىن ئىلگىرىمۇ زىماد ئىشلىتىلسە بولىدۇ.

بەزى تىۋىپلار بۇ ھەقتە مۇنداق كۆرسەتكەن:

كۆيدۈرۈلگەن ئادەم سۆڭىكىنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەرقى گۈل بىلەن كۇمىلاچلاپ يىگۈزۈلسە ، بۇغۇم ئاغرىقى ئۈچۈن پايدىلىق.

مەشھۇر تېۋىپ ساھىبە تۆھپە مۇنداق كۆرسەتكەن:

كۆيدۈرۈلگەن ئادەم سۆڭىكىنى ھەر كۈنى تۆت گرامدىن تەڭ مىقداردا شېكەر قوشۇپ يىگۈزۈلسە بۇغۇم ئاغرىقى، ئولتۇرغۇچ نىرۋا ئاغرىقى، تۇتقاقلىق كېسەل ئۈچۈن ناھايىتى پايدىلىق.

جۇرجانى بۇ ھەقتە مۇنداق كۆرسەتكەن:

كۆيدۈرۈلگەن ئادەم سۆڭىكىنى ئىستىمال قىلدۇرۇشتا مۇناسىۋەتلىك تازىلاشلارنى ئېلىپ بىرىپ بولغاندىن كېيىن ئىستىمال قىلدۇرۇلىدۇ ھەمدە كۆيدۈرۈلگەن ئادەم سۆڭىكىنى ئاغرىق ئېغىرلاشقاندا ئاندىن بېرىش كېرەك. چۈنكى كۆيدۈرۈلگەن ئادەم سۆڭىكى غەيرىي تەبىئىي خىلىتلارنى قۇيۇلدۇرۇپ ، غەيرىي تەبىئىي خىلىتلارنىڭ يەرلىك ئورۇنغا چۆكۈشىنى ۋە ئېقىپ كېلىشىنى چەكلەيدۇ.

زەكەرىيا رازىمۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:

كۆيدۈرۈلگەن سۆڭەكنى بۇغۇم ئاغرىقى ئۈچۈن پايدىلىق دەپ تۇنۇشتۇرغان، ئەمما ئادەم سۆڭىكى دېگەن گەپنى تىلغا ئالمىغان.

خوجەندى بۇ ھەقتە مۇنداق كۆرسەتكەن:

بۇغۇم ئاغرىقى كېسەللىكلىرىدە كۆيدۈرۈلگەن ئۆچكە سۆڭىكىدىن تۆت گرام ئېلىپ سۆرۈنجان بىلەن بىر نەچچە قېتىم بىرىش ئارقىلىق ساقىيىپ كەتكەن دەپ كۆرسەتكەن.

زەكەرىيا رازى بۇ ھەقتە يەنە مۇنداق كۆرسەتكەن:

بۇغۇم ئاغرىقىغا غەيرىي تەبىئىي خىلىتلار بىلەن كۆپىنچە يەللەرمۇ ئارىلاشقان ، شۇڭا داۋالاشتا يەللەرنىمۇ كۆزدە تۇتۇش كېرەك.

سۆرۈنجان بىلەن ئاسارۇن بۇ كېسەللىكنى داۋالاشتا ئەڭ مۇھىمدۇر ھەمدە قەي قىلدۇرۇشمۇ بەك پايدىلىقتۇر. بۇنىڭدا كۆپىنچە سۈرگە بېرىشنىڭ ئەھمىيىتى قالمايدۇ . ئەمما قەي قىلدۇرۇش ۋە سۈرگە بېرىش ئارقىلىق غەيرىي تەبىئىي خىلىتلار يوقالمىسا ، سۈيدۈك ھەيدىگۈچى دورىلار بېرىلىدۇ. يەنى ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ سۆڭىكىنى كۆيدۈرۈپ ئىستىمال قىلدۇرۇلىدۇ.

ئەگەر بىمار شاراب، نەشە، ئەپيۇن قاتارلىقلارغا ئادەتلەنگەن بولسا غەيرىي تەبىئىي خىلىتلارنى پىشۇرغاندا ۋە سۈرگە بەرگەندە ، شۇنداقلا داۋالاش ئېلىپ بارغاندا بۇ ئادەتلەردىن چەكلىمەسلىك كېرەك.

ئەگەر غەيرىي تەبىئىي خىلىت بەك كۆپ ھەم ھەرىكەتچان بولسا ، ئۇنىڭ پىشىشىنى كۈتمەي سۈرگە بېرىپ ، تازىلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. سۈيدۈك ھەيدىەۈچى دورىلار ھەر ۋاقىت تازىلاشتىن كېيىن بېرىلىدۇ.

بۇغۇم ئاغرىقىغا زىيان قىلىدىغان ، سۇغۇقلۇق يەتكۈزگۈچى ۋە سېزىمنى يوقاتقۇچى يېمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم.

ئىبىنسىنا بۇ ھەقتە مۇنداق كۆرسەتكەن:

‹‹بۇغۇم ئاغرىقلىرىنى دەسلەپكى باشلىنىشتا داۋالاش ئېلىپ بېرىلسا ئۈنۈمى بولىدۇ، ئەمما سۇزۇلمىغا ئايلانغاندا داۋالاش بىر قەدەر قىيىندۇر.

ئەگەر بۇغۇم ئاغرىش خىلىتسىز مىزاج بۇزۇلۇشتىن كېلىپ چىققان بولسا ئۇنى داۋالاش ئاساندۇر. چۈنكى بۇنداق ئەھۋالدا كۆپىنچە ئىششىقسىز ياللۇغلىنىش بولىدۇ. مىزاجنى تەڭشەش ۋە غەيرىي تەبىئىي سەپرا ۋەن قان خىلىتلىرى ئادەتتىكى تازىلاش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق بۇ ئەھۋال ساقىيىپ كېتىدۇ.

بەزىدە بۇ ئاغرىقى قېتىپ ۋە خىلىتسىز سۇغۇقتىن پەيدا بولغان بولسا ، ئىسسىق تەبىئەتلىك دورىلار ئىستىمال قىلدۇرۇلىدۇ ۋە قاننى قىزىتقۇچى تەدبىرلەر قوللىنىلىدۇ. غەيرىي تەبىئىي بەلغەم خىلىتى تازىلاش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ساقىيىپ كېتىدۇ.

بەزىدە بۇغۇم ئاغرىقى يىغىلىش پەيدا قىلغۇچى بۇغۇملارنىڭ قۇرۇقلۇقتىن مىزاجى بۇزۇلىشىدىن بولسا ھۆللۈك يەتكۈزگۈچى تەدبىرلەر قوللىنىلىدۇ.

ئەگەر غەيرىي تەبىئىي سەۋدا خىلىتىدىن بولغان بولسا ، ئۇنىڭ سۈرگىسىنى بېرىپ تازىلاش .ېلىپ بېرىلىدۇ. شۇنداق ئەزالارغا غەيرىي تەبىئىي خىلىت تەسىر قىلغۇدەك دەرىجىدە كۈچلەندۈرۈش ئېلىپ بېرىلىدۇ ھەمدە بىر خىل دورىلارنى ئىستىمال قىلدۇرماي دورىلارنى ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش مۇۋاپىقتۇر. چۈنكى بىر خىل دورا بىرەر ئەزاغا پايدا قىلسا ، بىر قانچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن باشقا بىر ئەزاغا زىيان قىلىدىغان بولۇپ قالىدۇ ۋە ئاغرىشنى كۈچەيتىۋېتىدۇ.

ئەگەر بىماردا تۇلۇق ياخشىلىنىش بولمىسا شارابنى تاشلاتقۇزۇش كېرەك. بىمار شاراب ئىچىشكە ئادەتلەنگەن بولسا ئاستا-ئاستا تاشلاشقا تەۋسىيە قىلىش كېرەك.شۇنداقلا گۆشمۇ بۇغۇم ئاغرىقى كېسەللىكلىرىگە زىيان قىلىدۇ. ھەتتاكى سۇغۇقتىن بولغان بۇغۇم ئاغرىقىدىمۇ گۆش يېيىشكە بولمايدۇ. ئەگەر يېيىشكە توغرا كېلىپ قالسا قۇش گۆشلىرى ۋە توشقان ،ېكيىك گۆشلرىنى ئاز مىقداردا ئىستىمال قىلدۇرۇش كېرەك. بۇغۇم ئاغرىقى بىلەن كسەللىنىپ ئادەتلەنگەن كىشىلەر باھار پەسلى يېقىنلاشقاندا ۋە باھار پەسلىدە سۈرگە ئىچىپ ، تازىلاش ئېلىپ بېرىش كېرەك ۋە يۇمشاتقۇچى مۆدىتىل تەدبىرلەر قوللىنىلىدۇ››.

مەجۈسى بۇ ھەقتە مۇنداق كۆرسەتكەن:

تاماقنى كۆپ يېيىش، تەستە ھەزىم بولىدىغان يېمەكلىكلەر ۋە نەشە ئىستىمال قىلىش ۋە جىنسىي مۇناسىۋەتنى كۆپ قىلىش قاتارلىقلاردىن ساقلىنىش بۇغۇم ئاغرىقى ئۈچۈن مۇھىمدۇر.

ھالۋا يېمەسلىك، ھۆل مېۋە-چىۋىلەردىن ساقلىنىش، تاماقتىن ئىلگىرى ۋە تاماق سىڭىپ بولغاندىن كېيىن بەدەن چېنىقتۇرۇشقا ئادەتلىنىش كېرەك. كۆپىنچە قەي قىلدۇرۇش ۋە سۈيدۈك ھەيدىگۈچى دورىلار بىلەن بەدەننى تازىلاپ تۇرۇش كېرەك.

بۇ خىل كېسەللىكنىڭ سەۋەبىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن ئۇنى داۋالاشمۇ تۆۋەندىكىدەك بىر نەچچە خىل بولىدۇ، بىز ئۇنى بۇنىڭدىن كېيىنكى تېمىلىرىمىزدا بىر بىرلەپ بايان ئەيلەيمىز. ئۇ تۈرلەر؛

بىرىنچىسى: خىلىتسىز كەيپىياتلاردىن كېلىپ چىققان چوڭ بۇغۇم ئاغرىقىنى داۋالاش؛

ئىككىنچى: غەيرىي تەبىئىي قان خىلىتىدىن بولغا چوڭ بۇغۇم ئاغرىقىنى داۋالاش؛

ئۈچىنچىسى: غەيرىي تەبىئىي سەپرا خىلىتىدىن بوغلان چوڭ بۇغۇملار ئاغرىقىنى داۋالاش؛

تۆتىنچىسى: غەيرىي تەبىئىي بەلغەم خىلىتىدىن بولغان چوڭ بۇغۇملار ئاغرىقىنى داۋالاش؛

بەشىنچىسى: غەيرىي تەبىئىي سەۋدا خىلىتىدىن بوغلان چوڭ بۇغۇملار ئاغرىقىنى داۋالاش؛

ئالتىنچىسى: مۇرەككەپ سەۋەبلەردىن بولغان چوڭ بۇغۇملار ئاغرىقىنى داۋالاش؛

يەتتىنچىسى: يەلدىن بولغان چوڭ بۇغۇملار ئاغرىقىنى داۋالاش؛

سەككىزىنچىسى: بۇغۇملارنىڭ قېتىپ قېلىشىنى داۋالاش؛

ئىكسىرى ئەزەمدىن تورغا يوللىغۇچى كۆكيال

تېما تەستىقلانغاندىن كېيىن داۋامى يوللىنىدۇ.

مەنبە : http://www.4tadu.com/?p=313

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2011-1-31 16:15:41

بىرىنچىسى: خىلىتسىز كەيپىياتلاردىن كېلىپ چىققان چوڭ بۇغۇم ئاغرىقىنى داۋالاش؛


ئەگەرچوڭ بۇغۇملار ئاغرىش خىلىتسىز مىزاج بۇزۇلۇشتىن كېلىپ چىققان بولسا ، خىلىتلىق مىزاج بۇزۇلۇشتىن كېلىپ چىققان چوڭ بۇغۇم ئاغرىقىنى داۋالاش تەدبىرلىرى ئارقىلىق مىزاجنى تەڭشەش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
ئەگەر خىلىتسىز ئىسسىقتىن مىزاج بۇزۇلغان بولسا ، شەربىتى لىمۇن، سىركەنجىۋىل رۇمانى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا سۇغۇقلۇق يەتكۈزگۈچى دورىلار ئىستىمال قىلدۇرۇلىدۇ.
ئەگەر غەيرىي تەبىئىي سەپرا خىلىتىنىڭ تەسىرى بولسا ،ئۇنى تازىلاش لازىم . چوڭ بۇغۇملار ئاغرىقى خىلىتسىز سۇغۇقلۇق تەسىرىدىن بولغان بولسا ، قىزىتقۇچى تەدبىرلەر ۋە ئىسسىق تەبىئەتلىك دورىلار بىلەن قىزىتىشقا تىرىشىش لازىم .
ئەگەر غەيرىي تەبىئىي بەلغەم خىلىتىنىڭ تەسىرى بولسا ئۇنى تازىلاش لازىم ياكى كىلىزما قىلىنىدۇ. شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەك .
بەزىدە غەيرىي تەبىئىي بەلغەم خىلىتى بىلەن سەپرا خىلىتى بىرىكىپ مۇرەككەپ ھالەتتە يۈز بېرىشىمۇ مۇمكىن. بۇ سەۋەبتىنمۇ بەدەن ھارارىتى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.
ئەگەر خىلىتسىز قۇرۇقلۇقتىن مىزاج بۇزۇلۇش، بۇغۇم ئاغرىش يېنىك ھالەتتە بولسا ، ئىچى ۋە سىرتىدىن ھۆللۈك يەتكۈزگۈچى تەدبىرلەرنى تاللاپ قوللىنىش كېرەك.

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2011-1-31 16:27:20

ئىككىنچى: غەيرىي تەبىئىي قان خىلىتىدىن بولغان چوڭ بۇغۇم ئاغرىقىنى داۋالاش؛
ئەگەر بىمارنىڭ يېشى، تۇرۇشلۇق ئورنى ، كېسەللىك يۈز بەرگەن پەسىل قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگەللەپ ، قان ئېلىش شەرتلىرى تۇلۇق ھازىرلانغان بولسا ، ئاغرىغان تەرەپتىكى باسلىق تۇمۇردىن قان ئېلىنىدۇ.
ئاندىن بەدەن سۇۋۇتىلىدۇ ۋە سۈيدۈك ھەيدىگۈچى دورىلار ئىچكۈزۈلىدۇ. ئۇسۇڭ ئۇرۇقى شىرىسى ، ئوغرىتىكەن شىرىسى، تەرخەمەك ئۇرۇقى شىرىسى، قۇغۇن ئۇرۇقى شىرىسى ، قاپاق ئۇرۇقى شىرىسى بىرىلىدۇ.
شاھتەررە ، چىلان ، گۈلبىنەپشە، نىلۇپەر ، كاسىنە ئۇرۇقى، كاسىنە يىلتىزى،مارجان شوخلا قاتارلىق دورىلارنى چىلاپ، سۈزۈپ ، سوقۇلغان سۆرۈنجان سىپىپ ئىچكۈزۈلىدۇ.
غەيرىي تەبىئىي قان خىلىتى پىشقاندىن كېيىن ، ئۈچ خىل ھېلىلە ، سۆرۈنجان قوشۇلغان غەيرىي تەبىئىي سەپرا خىلىتىنىڭ سۈرگىسى ئارقىلىق تازىلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ، بەزى تېۋىپلار سانا قوشۇلسىمۇ بولىدۇ دەپ قارايدۇ.
ئەگەر بىماردا ھارارەت، ئېچىشىش، ئاغرىش ئېغىر بولسا ، ئارپا سۈيى ئانار سۈيى ۋە بادام يېغى بېرىلىدۇ. تەمرى ھىندى سۈيى ، ئەينۇلا سۈيى، سىركەنجىۋىل ساددە ، شەربىتى بۇزۇرى بارىد ئىستىمال قىلدۇرۇلىدۇ.
كېسەللىكنىڭ دەسلىپىدە ۋە تەرەققىيات باسقۇچىدا ، غەيرىي تەبىئىي قان خىلىتىنى تەڭشەش ۋە توختىتىش ئۈچۈن ئاق ۋە قىزىل سەندەل ، قىزىلگۈل، پۇپەل، مامسا ۋە ئاقاقىيا قاتارلىق قايتۇرغۇچى ۋە تۇتقۇچى دورىلار سىركە ۋە كۆك يۇمغاقسۈت سۈيى بىلەن زىماد قىلىنىدۇ.
ئەگەر ئغرىق ئېغىر بولسا ئەپيۈن ، زەپەر قاتارلىق سېزىمى يوقاتقۇچى دورىلار زىمادقا قۇشۇلىدۇ ۋە ئاخىرقى باسقۇچىدا ئاق لەيلى ئۇرۇقى ، بىنەپشىگە ئوخشاش تارتىشىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە دورىلار قۇشۇلىدۇ.
ئۇنىڭدىن كېيىن بابۇنە ۋە ئىكلىلمىلىك قوشۇلىدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا تۆۋەندىكى زىمادمۇ بۇ ھەقتە پايدىلىق:
سۆرۈنجاندىن تۆت گرام، يەرلىك شوخلىدىن تۆت گرام ئېلىپ سوقۇپ ، ئۇنىڭغا گۈل يېغىدىن ئالتە گرام ، ۋە تۇخۇمنىڭ ئېقى ئارىلاشتۇرۇلۇپ سۇۋىلىدۇ. ئاخىرقى باسقۇچتا شۇمشا ئۇرۇقى 12گرام، سىركە 18گرام ۋە ھەسەلدىن ئالتە گرام ئېلىپ بۇلارنى قاينىتىپ زىماد قىلىنىدۇ.
تۆۋەندە تېۋىپ ئۇستازلارنىڭ غەيرىي تەبىئىي قان خىلىتىدىن بولغان بۇغۇم ئاغرىشى ئۈچۈن قوللانغان رېتسىپلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ پايدىلانسا بولىدۇ؛
كاسىنە ئۇرۇقى شىرىسى، ئوغرىتىكەن شىرىسى ئالتە گرامدىن، ئەرقى گۈل، ئەرقى كەييۇرە 24گرامدىن، شەربىتى بۇزۇرى بارىد 24گرام قاتارلىق دورىلارنى بىرلەشتۈرۈپ ئىچكۈزۈلىدۇ؛
رەۋەن ئۇسارىسى ئۈچ گرام، قىزىل سەندەل ئىككى گرام سۆرۈنجان بىر گرام ئېلىپ ، سوقۇپ ، گۈل يېغى بىلەن زىماد قىلىنىدۇ؛
سوقۇلغان سۆرۈنجاندىن بىر گرامنى بىر گرام ئىتتىرىفىل سەغىرگە ئارىلاشتۇرۇپ يېگۈزۈلىدۇ. كەينىدىنلا كاسىنە ئۇرۇقى شىرىسى توققۇز گرام ۋە قەنتتىن 12گرام ئېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ ئىچكۈزۈلىدۇ؛
ئوغرىتىكەن شىرىسى ئالتە گرام بىلەن ئەرقى شاھتەررىدىن مۇۋاپىق ئېلىپ بىرلەشتۈرۈپ ئىچكۈزۈلىدۇ؛
سۆرغنجان تالقىنىدىن بىر گرامنى 24گرام قىزىل گۈلقەنت بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ يېگۈزۈلىدۇ.
كەينىدىنلا ئەرقى شوخلا، ئەرقى ئوغرىتىكەن 60گرامدىن، شەربىتى بۇزۇرى 24 گرامنى بىرلەشتۈرۈپ ئىچكۈزۈلىدۇ؛
ئەگەر بۇغۇم ئاغرىش بىلەن قىزىتما بولسا 120گرام ئەرقى شوخلىغا ئالتە گرام ياۋا سىمىز ئوت ئۇرۇقىنى سېلىپ بىر قېتىمدىلا قاينىتىپ ، ئالتە گرام تەرخەمەك ئۇرۇقى شىرىسى ۋە شەربىتى بىنەپشىدىن 24 گرام قۇشۇپ ئىچكۈزۈلىدۇ؛
سۆرۈنجان تۆت گرام ، گۈل بىنەپشە ، قارا ھېلىلە ، كاسىنە ئۇرۇقى ئالتە گرامدىن ئېلىپ قاينىتىپ، قەنتتىن 18 گرام قۇشۇپ ئىچكۈزۈلىدۇ.
سوقۇلغان سۆرۈنجاندىن بىر گرام ، ئىتتىرىيفىل سەغىردىن 12 گرامنى ئارىلاشتۇرۇپ يېگۈزۈلىدۇ. كەينىدىنلا ئەرقى شوخلىدا ئالتە گرام قۇغۇن ئۇرۇقى بىلەن كاسىنە ئۇرۇقىنىڭ شىرىسىنى چىقىرىپ ، قەنتتىن 18 گرام، ياۋا سىمىز ئوت تالقىنىدىن تۆت گرام سېلىپ ئىچكۈزۈلىدۇ. قەۋزىيەتلىك بولسا ئۇنىڭغا تۆت گرام سانا قوشۇلىدۇ؛
تازىلاشتىن كېيىن 120 گرام سۇپۇپى سۆرۈنجان ئەرقى شاھتەررە بىلەن بىر نەچچە كۈن ئىستىمال قىلدۇرۇلىدۇ؛
ئاغرىق ئېغىرلاشقاندا ئەپيۈن يەتتە گرام ، ئاق لەيلى ئۇرۇقى 36گرام ، ئارپا يارمىسى 72 گرام قاتارلىق دورىلار ئەرقى شوخلا بىلەن زىماد قىلىنىدۇ؛
شوخلا ، كاسىنە ئۇرۇقى، ئاق لەيلى ئۇرۇقى، يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى ، بىنەپشە يەتتە گرامدىن ، ئارپا يارمىسى 14گرام، ئۇسۇڭ ئۇرۇقى ، خەشخەش پوستى، قىزىلگۈل، فۇپەل، ئاچچىق سۆرۈنجان، گىل ئەرمىنى ئاقاقىيا، زەنجىۋىل، قىزىل سەندەل ئۈچ گرامدىن، ئەپيۇن ئىككى گرام قاتارلىق دورىلارنى چالا سوقۇپ ، سۇغا چىلاپ زىماد قىلىنىدۇ؛
ئەپيۇن، زەپەر قاتارلىق دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، كالا سۈتىگە چىلاپ، گۈل يېغى بىلەن زىماد قىلىنسا ۋە ئالماشتۇرۇپ تۇرۇلسا ئاغرىق توختىتىش ئۈچۈن تەڭداشسىز پايدىلىق؛
دەسلەپتە قىزىل سەندەل، ئاق لەيلى گۈلى، مەككى، ھېزەر ھىندىدىن ئالتە گرامدىن ئېلىپ سوقۇپ ، شوخلا سۈيى بىلەن زىماد قىلىنىدۇ. ئاخىرىدا ئىششىقنى تارقىتىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا خىياشەنبەر قوشۇلىدۇ؛
ئەگەر بىلەكتىن بارماققىچىلىك چىڭقىلىپ ئاغرىش بولسا ، تەرخەمەك شىرىسى ، ئوغرىتىكەن شىرىسى ۋە شەربىتى بۇزۇرىلارنى قوشۇپ ئىچكۈزۈلىدۇ؛
ئىكلىلمىلىك ، ئارپا يارمىسى، گىل ئەرمىنى ، قىزىل سەندەل قاتارلىق دورىلارنى سوقۇپ ، كۆك شوخلا سۈيى بىلەن زىماد قىلىنىدۇ؛
ئەگەر ئېغىزماندا ئاغرىش بولسا تازىلاشتىن كېيىن ئىتتىرىيفىل سەغىر داۋاملىق بېرىلىدۇ. چوڭ بۇغۇملار ئاغرىشىدا قەي قىلدۇرۇش ناھايىتى پايدىلىق؛
ئاغرىق تۆۋەنكى مۈچىلەردە بولسا قەي قىلدۇرۇش، سۈرگە بېرىش نىسبەتەن پايدىلىقتۇر.بىر نەچچە قېتىم قەي قىلدۇرغاندىن كېيىن سۈرگە ئىشلىتىشكە يۈزلىنىش لازىم؛
شۇنىڭغا دىققەت قىلىش لازىمكى ، بارلىق سېزىم يوقاتقۇچى سۇۋالمىلار ۋە زىمادلار زىيانلىقتۇر، چۈنكى ئىسسىق تەبىئەتلىك سۇۋالمىلار ۋە زىمادلار غەيرىي تەبىئىي خىلىتلارنى سۈمۈرىدۇ ۋە چەكلەيدۇ، غەيرىي تەبىئىي خىلىتلارنىڭ پىشىشىغا يول قويمايدۇ. شۇڭا كېسەللىك ئۇزىراپ كېتىدۇسىركەنجىۋىلمۇ ئۆزىنىڭ چۈچۈمەللىكى بىلەن مۇۋاپىق ئەمەس؛
بەدىيان، كەرەپشە ئۇرۇقى تەركىبلىك ئۇرۇق دورىلار چۈشكەن پىششىق دورىلار بەزىدە بەدەندە قىزىش پەيدا قىلىپ ، غەيرىي تەبىئىي خىلىتلاردا قېتىشىش پەيدا قىلىدۇ؛
سۆرۈنجان ۋە بوزىدانغا ئوخشاش دورىلار ئارقىلىق تازىلاشنى غەيرىي تەبىئىي خىلىت پىشقاندىن كېيىن ئېلىپ بارىمىز؛
دەسلەپتە سۈرگە بەرگەندە يەڭگىل سۈرگىلەرنى بەرمەسلىك كېرەك ، چۈنكى يەڭگىل سۈرگىلەر ئارقىلىق توختاپ قالغان غەيرىي تەبىئىي خىلىتلار ھەرىكەتلىنىپ قالىدۇ ۋە بىمارنىڭ ئىچىنى سۈرگۈزۈپ غەيرىي تەبىئىي خىلىتلارنى چىقىرىپ تاشلىيالمايدۇ ھەمدە قېتىپ قالغان غەيرىي تەبىئىي خىلىتلارنى سۇيۇلدۇرۇپ كېسەللەنگەن ئەزا تەرەپكە يەتكۈزىدۇ؛
بۇغۇم ئاغرىقىنى پەيدا قىلغۇچى خىلىتلارنى چىقىرىپ تاشلاش ئۈچۈن سۈيدۈك ھەيدىگۈچى دورىلارنى بېرىش ناھايىتى پايدىلىق؛
ئۇنىڭدىن باشقا بۇغۇم ئاغرىقىغا گىرىپتار بولغۇچىنىڭ مىزاجى كۆپىنچە ھۆل سوغۇق بولىدۇ،بۇنداق مىزاقلىقلارغا كىلىزما ۋە سۈرگە بېرىشنىڭ پايدىسى يوق، ئەمما سۈيدۈك ھەيدەش ئارقىلىق بۇنداق مىزاجلىق كىشىلەرنىڭ بۇغۇم ئاغرىقى ساقىيىپ كېتىدۇ؛
بەزى بەدىنى ئاجىز بىمارلار سۈيدۈك ھەيدىگۈچى دورىلارنى بېرىشكە بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىمارنىڭ قېنىدا كۆيۈش پەيدا بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنداق ئەھۋاللارنىمۇ كۆزدە تۇتۇش لازىم؛
ئەگەر غەيرىي تەبىئىي خىلىت كۈچلۈك يۆتكىلىپ ھەرىكەت قىلىۋاتقان بولسا ، ئۇلارنى چەكلەش ۋە قايتۇرغۇچى تەدبىرلەرنى قوللىنىش توغرا ئەمەس، چۈنكى بۇنداق تەدبىرلەر بىلەن ئاغرىق كۈچىيىپ كېتىدۇ؛
دەسلەپتە قايتۇرغۇچى تەدبىرلەر ئارقىلىق غەيرىي خىلىتلارنىڭ ھەرىكىتىنى توختىتىش لازىم؛
بەزىدە ئاغرىق ناھايىتى ئېغىر بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى داۋالاشتا يۇمشاتقۇچى تەدبىرلەر قوللىنىلىدۇ. بۇنداق ھالەتتە قايتۇرغۇچى تەدبىر قوللىنىلسا ، غەيرىي تەبىئىي خىلىتلار رەئىس ئەزالار تەرەپكە كېتىپ قالىدۇ؛
ئەگەر غەيرىي تەبىئىي خىلىتلارنىڭ مىقدارى مىقدارى كۆپ بولسا ، ھەرىكىتى يەڭگىل بولسا ،توختاتقۇچى تەدبىرلەر قوللىنىلسا بولىدۇ ھەمدە شۇنى ئەستە تۇتۇش مۇھىمكى، ئولتۇرغۇچى نېرۋا ئاغرىقىدا قايتۇرغۇچى تەدبىرلەر ئارقىلىق غەيرىي تەبىئىي خىلىتلار چوڭقۇر جايلارغىچە كېتىپ قالىدۇ . شۇڭا، ناھايىتى يەڭگىل دەرىجىدىكى قايتۇرغۇچى دورىلار ئىستىمال قىلدۇرۇلىدۇ ياكى تازىلاشقا باشلاش لازىم؛
ئاخىرىدا تارقاتقۇچى ۋە يۇمشاتقۇچى ، غەيرىي تەبىئىي خىلىتلارنى ئىچىدىن سىرتىغا چىقارغۇچى تەدبىرلەر قوللىنىلىدۇ. لوڭقا قويۇش، زۈلۈك قۇرتى قويۇش ۋە قىزارتقۇچى زىمادلار سۇۋىلىدۇ. سامساق ، مەغەز گۈلى، بالادۇر، ئەنجۈر شىرىسى قاتارلىق دورىلار ئارىلاشتۇرۇپ سۇۋىلىدۇ. غەيرىي تەبىئىي خىلىتلارنى ئۈستىگە چىقارغۇچى دورىلار بىلەن بىر ئاز يۇمشاتقۇچى دورىلارمۇ قوشۇلىدۇ. ئۇنداق قىلمىغاندا بۇغۇم ئاغرىقىغا قۇرۇقلۇق يىتىپ قالىدۇ.

Jeck يوللانغان ۋاقتى 2011-1-31 17:12:43

مىنىڭ ئانامدا بوغۇم ياللۇغى ئېغىر، داۋالىيالامسىز؟

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2011-1-31 17:19:47

Jeck:
مىنىڭ ئانامدا بوغۇم ياللۇغى ئېغىر، داۋالىيالامسىز؟

مەن داۋالىيالمايمەن(يەنى بۇ خىل كېسەللىكلەرنى داۋالاپ باقمىغان)ئەمما  ئانىڭىزغا سالامەتلىك تىلەيمەن.

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2012-5-5 11:14:30

ئەمدى داۋالىشىم مۇمكىن.
بەت: [1]
: چوڭ بۇغۇملار ئاغرىقىنى داۋالاش