بەخىتنىڭ قېلىپى بولمايدۇ
ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا بولغان مۇنۇ بىر ئىش ھېلىمۇ ئىسىمدە: قۇلىقى ئېغىر بىر ساۋاقدىشىمىز بولىدىغان ، ئۇ ھەركۈنى سەھەردە ئورنىدىن تۇرۇپلا ياستۇق ئاستىدىن بىر كارتىنى ئېلىپ . ئۇنىڭغا بىر ھازا قاراپ ئولتۇرۇپ كىتەتتى ۋە خۇددى غايىۋى كۈچكە تولغان ئادەمدەك يۈگۈرگىنىچە چېنىققىلى چىقىپ كىتەتتى. بىر كۈنى ياتاقداشلار كارتىنىڭ سىرىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن ھېلىقى ساۋاقدىشىمىز يوق پۇرسەتتىن پايدىلىنپ ئۇنىڭ ياستۇقى ئاستىدىن كارتىنى ئېلىپ كۆرۈشتۈق.كارتىغا مۇنۇ خەتلەر يېزىلغان ئىدى:«ئۆكۈنمە ، پالەچ بۇلۇپ قالمىغىنىڭ ئۈچۈن خۇشال بول، سەن ھېلىمۇ ئەڭ بەخىتلىك ئادەم.»
مۇشۇ ئىش خىيالىمغا كەلسىلا ھېلىقى ساۋاقدىشىمنىڭ جىسمانىي ئەيىبى سەۋەبلىك ئۆزىنى سۇندۇرۇشنىڭ ئورنىغا ئۆز جىسمىدىكى تۈگىمەس قۇدرەتنى ھېس قىلىپ ، ئۆز-ئۆزىگە ئىشەنچ ۋە جاسارەت بېغىشلىغىنىغا قايىل بولىمەن.
ئەمەلىيەتتە بەخىتنىڭ قېلىپلاشقان تەبىرىمۇ يوق. ئىشسىزلارنىڭ نەزىرىدە مۇقىم خىزمىتى بار كىشىلەر ، بويتاقلارنىڭ نەزىرىدە ئىللىق ئائىلىسى بار كىشىلەر ، مېيىپلارنىڭ نەزىرىدە ساغلام كىشىلەر...ئەڭ بەخىتلىك.
بەخىت – ئۇ ئۇماق پەرزەنتنىڭ چۈچۈك تىللىرى بىلەن تۇنجى قېتىم «دادا» دەپ چاقىرىشى؛ بەخىت ئۇ كۆپچىلىك ئالدىدا ئىرىشكەن شان –شەرەپ ۋە ئۇتۇق؛ بەخىت ئۇ يېڭى كىيىم كىيگەن بالىنىڭ خۇشاللىغى. بەخىت مانا مۇشۇنداق ئاددى نەرسە.
كىشىلىك تۇرمۇشتا نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزىنى بەخىتتىن مەھرۇم قالغاندەك ھېس قىلىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ كۆز ئالدىدىكى بەخىتنى ھېس قىلىپ يەتمىگەنلىكنىڭ ئىپادىسى.ھاياتتا ئىرىشىش بىلەن يوقىتىش كىشىلەرگە دائىم ھەمرا بۇلۇپ تۇرىدۇ. كىشىلەر يوقاتقانلىرى ئۈچۈن ئاھ ئۇرغاندىن كۆرە ، يوقاتقانلىرىنى قايتا قولغا كەلتۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلسىلا ئىزدىنىش ئىچىدىن بەخىت تاپالايدۇ.
بىر بۇرادىرىمنىڭ پۇتى سۇنۇپ كىتىپ دوختۇرخانىدا ياتقان چېغىدا: «ھازىر نۇرمال كىشىلەردەك ئۆزۈم مېڭىپ ئىشىكتن سىرتقا چىقىش مەن ئۈچۈن ئەڭ زور بەخىت بۇلۇپ قالدى» دېگىنى ھېلىمۇ يادىمدا . ئۇنداقتا ئېيتىپ بېقىڭچۇ؟ سىز بەخىتلىكمىكەنسىز؟!