arek يوللانغان ۋاقتى 2011-1-30 16:36:43

تارىختا بۈگۈن (30-يانۋار )

1993-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئامېرىكا ئارمىيەسى سومالىدىن چېكىنگەن. 1993-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى، سومالىدىكى ئاساسلىق مەزھەپلەر خەلقئارا تەشكىلاتلار بىلەن تىنچلىق يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ۋەتىنىنى قايتىدىن قۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئامېرىكا 1-ئاينىڭ ئاخىرىدا سومالىدىن چېكىنىپ چىقىشقا باشلىدى.

1978-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، كانادا ھۆكۈمىتى سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ يادرو ئېنىرگىيەسىدە ھەرىكەتلىنىدىغان جاسۇسلۇق سۈنئىي ھەمراسىنىڭ كاناداغا چۈشكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان. بۇ سۈنئىي ھەمراھ ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنى ئىز قوغلاپ ماڭىدىغان، تەخمىنەن 45 كىلوگراملىق رىئاكتىپ ماددىدىن ياسالغان يادرو رېئاكسىيىسى ئىكەن.

1964-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ۋېيتنامدا سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بەرگەن. ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت ئاغدۇرۇلغان. بۇ سىياسىي ئۆزگىرىشنى ۋېيتنام قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ باش قوماندانى قوزغىغان، ئۇ ئۆزىنى دۆلەتنىڭ رەھبىرى دەپ قارىغان.

1946-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنى لوندۇندا تۇنجى قېتىم يىغىن ئاچقان. بۇ قېتىمقى يىغىن دۇنيا تىنچلىقى ۋە ھەمكارلىقىنى قوغداشتىكى يېڭى نەتىجە. بۇ يىغىنغا 51 دۆلەتنىڭ ۋەكىلى قاتناشقان.

1943-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئەنگلىيە ۋە ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيىسى بېرلىنغا ھۇجۇم قىلغان. شۇ كۈنى دەل ئادولف گېتلىرنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنىڭ 10 يىللىقى تەبرىكلىنىۋاتقاندا، دۇنيادىكى ئەڭ تېز سۈرئەتلىك يېڭى تىپتىكى ئايروپىلان بېرلىن ئاسمىنىدا پەيدا بولدى. بېرلىننى ئىككى قېتىم پارتلاتتى، بۇ ئامېرىكىنىڭ ھاۋا ئارمىيىسى قىسمى بولۇپ، ئۈچ كۈندىن كېيىن ناتسېسلارنىڭ مۇھىم بازىسىنى پاچاقلىدى.

ھۇجۇمغا ئۇچرىغان بېرلىن

----------------------------------------------------------------------------

مەنبە: جۇڭگۇ ئۇيغۇرچە رادىئو تورى

oqmeas يوللانغان ۋاقتى 2011-1-31 01:35:05

12.يانۋارنىڭكىنى بەك بىلگۈم بار ئىدى

ئوغلۇم شۇ كۈنى دۇنياغا كۆز ئاچتى20110112

بەت: [1]
: تارىختا بۈگۈن(30-يانۋار)