بۈگۈنكى تاققا تۇققا پاراڭلار
بۈگۈن ئازراق تاققا تۇققا پاراڭ قىلغۇم كەپ قالدى.
نىمە توغۇرلۇق دىسەم بولار؟
ئەسلى خىيالىمدا ئاخشام ئاسىيا لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى كۆرۈپ،بۈگۈن شۇ توغۇرلۇق پاراڭ قىلاي دەپ ئويلىغان.كىم ئويلىغان دەيسىلەر،ئەزالار مەيدانغا كىرىپ بولغىچە ئولتۇرغان پېتىم خورەككە چۈشۈپ كەتكەن ئوخشايمەن.ئەتىگەن قوپسام بوينۇم بىر خىللا..........شۇنداق تەستە مىدىرتىپ،ئورنىغا چۈشۈرىۋالدىم.بوينۇم ھازىرمۇ سەل ئاغرىۋاتقان بولسىمۇ يەنە ئەسلىگە كەلدى دەپ تۇرايلى،ئەمما بۈگۈن قىلىدىغان پۇتبول توغرىسىدىكى پاراڭ يوق بولغان بولدى.
تېمىسى يوق پاراڭ بولغاندىن كىيىن،تاققا تۇققا قىلىپ باشلىۋالسام:بۈگۈنكى تاققا تۇققا پارىڭىمنىڭ تېمىسى پايپاق توغۇرلۇق.ئەرلەر پايپىقى دەپ قوشۇپ قويسام بولىشى كېرەكلىكىنى تېمىنى يېزىش داۋامىدا قاتتىق ھېس قىلدىم
ھەر كىم ئۆزى ياقتۇرىدىغان،ئۆزىگە يارىشىدىغان پايپاقنىڭ رەڭگى بولىدۇ.يارىشىدۇ دەپ يۈرۈپقۇ ئۈستى ئىشتاننىڭ پۇچقىقىدا،ئاستى ئاياقنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ سىرىتقا چىقىپ ئۈزىنىڭ ياراشقانلىقىنى كۆز كۆز قىلىدىغان پۇرسىتىمۇ ئانچە كۆپ ئەمەس،شۇڭا باشقىلاردىنمۇ بۈگۈنكى چاچ پوسۇنىڭىز يارىشىپتۇ،كىيگەن كاستىيومىڭىز سىزنى بەك سالاپەتلىك كۆرسىتىدىكەن......دىگەندەكلەرنى ئاڭلاپ قالىمىزيۇ،پايپىقىڭىز سىزنى تېخىمۇ جەلىپكار قىلىدىكەن دەپ ئاڭلاپ باقمايمىز(ئەرلەر پارىڭى ھە).
ھەر كىمنىڭ پايپاق ئېلىشتا ئۈزىنىڭ باھالاش ئۆلچىمى ياكى پايپاق تاللىغاندا چوقۇم كەم بولسا بولمايدىغان بىر مىزانى بولسا كېرەك.ئەمما ئۈزەم دەپ كەلسەم بەك جىق تاللاپمۇ كەتمەيمەن.نۇرغۇن ماركىدىكى پايپاقلارنى كىيىپ بېقىپ كۆڭلۈمگە ياققىنى بىر ماركا.شۇڭا نۇمۇرىنى تەخمىنەن ماس كەلتۈرۈپ 10-20 جۈپ ئەپ قويىمەن.رەڭگىگە كەلسەك بۇرۇن كۆك،كۈلرەك دىگەندەكلەرنىمۇ ئەپ قوياتتىم،ھازىر قارا رەڭ پايپاقلىرىمنىڭ ئاساسلىق رەڭگى ئىكەن.بۇنىڭ سەۋەبىنى قانداق دىسەم بولار،ئىشقىلىپ بېرى يېرى بار.
جۈمە كۈنى كىر يۇيۇپ،تۆنۆگۈن قۇرىغان پايپاقلارنى رەتلىمەيلا ساندۇققا تىقتىم.راستىمنى دىسەم ئالدىنق ىبىر قېتىم كەچتە مۇشۇ پايپاقلارنى رەتلەيمەن دەپ قېرىشىپ قېلىپ بەك كەچكىچە ئولتۇرۋېتىپتىكەنمەن،ئاچ قالدىم.يېرىم كىچە بوپ بوپتۇ،دۇكانلار تاقاق،توڭلاتقۇ قۇرۇق.......مەيلى ئىدىغۇ توغرا رەتلىيەلگەن بولسام،قانداقلا قىلسام بىر پاي پايپاقنىڭ يەنە بىر پېيى يوق،ھەممە يەرنى ئاختۇرۇپ چىقتىم.ئاچچىقىمدا،ئاچلىقىمدا رەتلىگەن پايپاقلارنىڭ رېتىنى بۇزۋېتىپ پۇرلەپ تىقتىم دەپ،شۇندىن كىيىن پايپاق رەتلىمەيمەن.پەقەت كىيىدىغان ۋاقتىمدا ئاۋال بىر پاي پايپاقنى سۇغۇرۋېلىپ،ئاندىن يەنە شۇ پايغا ئوخشىشىپ كىتىدىغان يەنە بىر پاي پايپاقنى تېپىپ چىقىمەن.ياكى ئىزدەۋاتقىنىمدا بەلكىم باشقا بىر قۈپ پايپاق قۇلۇمغا ئىلىشىپ قالىدۇ دە كىيىپلا كىتىۋېتىمەن.
قۇرۇق گەپ بەك تولا بوپ كەتتى
تېمىغا كىلەي،بۈگۈنمۇ يەنە مۇشۇ پايپاقنىڭ ئىشى توغۇرلۇق سەل جىلە بولۇپ قالدىم.
ئەتىگەن مايماق بوپ قالغان بوينۇمنى مىڭ تەستە ئوڭشاپ،يۈز كۆزلىرىمنى............يەنە قۇرۇق پاراڭ بىلەن ئۇزىراپ كىتىدىغان چىراي.پايپاقنىڭ ئىشىغىلا كىلەي.
ئادىتىم بويىچە ئاۋال بىر پاي پايپاقنى ئېلىپ ئاندىن ئوخشاپ كىتىدىغان يەنە بىر پايپاقنى سۇغۇرۋېلىپ ئەمدى كىيەي دەپ تۇرسام،پايپاقنىڭ ئەڭ ئۈستىدىكى بۇغىدىغان يېرىگە كۈزۈم چۈشۈپ قالدى،قانداقلا قارىسام ئوخشاش كۆرۈنگەن پايپاقنىڭ بۇۈىدىغان يېرىنىڭ ئۇزۇنلىقى پەقەت ئوخشىمايىتتى.قايتىدىن پايپاق تاللاشقا باشلىدىم.توۋا دەپ قاپتىمەن،بۇ ئىككى پايپاققا ئوخشايدىغان يەنە باشقا پايپاق بولسا قانداق قىلاي؟باشقا ئوپمۇ ئوخشاش پايپاقلارمۇ تۇرۇپتۇ بولمىسا..........يەنە قايتا چىشىم قېرىشىپ قالدى.چوقۇم مۇشۇ ئىككى پايپاقنى جۈپىنى تېپىپ چىقىمەن ......ئەمما پايپاق يوق........بىر پايمۇ ئوخشاش پايپاق يوق.
ئاچچىقىمدا ئوخشىمىسىمۇ مۇشۇ ئىككى پاي پايپاقنى كىيۋېرىدىغان نىيەتكە كىلىپ،كىيىۋالدىم
مانا،ھازىر پۇتۇمدىكى ئىككى پاي پايپاقنىڭ رەڭگى ئوخشىسىمۇ بىر جۈپ پايپاق ئەمەس
ئادەتتە شۇنى ھېس قىلمىسا قانداق بولىدىكىن تاڭ،بىر پۇتۇمدىكى پايپاق پۇتۇمنى بەكراق بۇقۇرۇپ كىتىپ بارغاندەك بولۇپ بەك بىئارام بولۇپ كىتىپ بارىمەن.
شۇ بىئارامچىلىققا بوينۇمنىڭ ئاغرىقى قوشۇلۇپ،يېرزىپ چىققان تاققا تۇققا پاراڭلىرىم مۇشۇنچىلىك

پىتەكنىڭ رەڭگىچۇ

يېڭى ئەزالارنىڭ ئىنكاسىنى تەستىقلامدۇ يوق، رۇخسەت قىلساڭلار مۇناسىۋەتسىز گەپنى بىرنى قىلاي.
ئىككىنجى مۇناسىۋەتسىز گەپ : ئۇزۇن بولدى ئىزدىنىشنىڭ تېمىسىنى سىرتتىن كۆرۈپ يۈرگىلى، قارشى ئالساڭلار مەنمۇ مۇشۇ يەرگە ماكانلىشىپ قالسام.
بىر جۈمە كۈنى ئۇقۇشماسلىقتىن ئىككى پۇتۇمغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئىككى خىل پايپاقنى كىيىۋاپتىمەن. ناماز باشلىنىپ شۇنداق رۇكۇغا بېرىپ پۇتۇمغا قارىسام پايپاق ئىككى خىل تۇرماسما ! شۇنىڭ بىلەن ئىچىمگە چىۋىن كىرىۋالغاندەك بولۇشقا باشلىدىم، خۇددى ھەممە ئادەم مېنىڭ يەكەپاي پايپاق كىيىۋالغىنىمنى سېزىپ قالغاندەك بولۇپ ... شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ھەر قېتىم پايپاق ئالسام ئاساسەن ئوخشىشىپ كېتىدىغانلىرىنى ئالماس بولدۇم ياق، ئالماقچى بولدۇم . بۇ تېخى يېقىندا بولغان ئىش ، ئۇنىڭدىن كىيىن تېخى پايپاق ئېلىشنى ئويلاشماپتىمەن .قارىغاندا تەستىقتىن ئۆتمىسە ئىنكاسلىرىم كۆرۈنمەيدىغان ئوخشايدۇ.
باش تېمىمۇ شۇ تاققۇ پاراڭكەن، شۇ بانادا جىقىراق تاققۇ سۆزلەپ تېزىراق ماۋۇ ھوقۇققا ئېرىشىۋالاي.

ھا ھا ھا!... باشقۇرغۇچىلارنىڭ تەستىقلاش سۈرئىتى بەئەينى چاقماق! سورىۋالسام: دەرىجەم قانچىلىك بولغاندا تەستىقلاش كەتمەيدۇ؟
مەتۇغا رەھمەت!
باشقۇرغۇچىلارنىڭمۇ ئىنكاسى تەستىقلىنىپ چىقىدۇ
ياشىسۇن چۈشىنىش
سىمىنۇترەڭ پايپاق ئىلىڭ! كىرلاشقىنى بېلىنمەيدۇ ھەم يۇيۇپمۇ ئاۋارە بولمايسىز، ئۈچى يىرتىلىپ كەتمىسىلا بىر ئاي كىيەلەيسىز، سىناقتىن ئۆتكەن رىتسىپ
ئا يىڭى كەلداخۇننىمۇ قارشى ئالىمىز



چۈشىنىشتە چاتاق يوق.