Oghuz-han يوللانغان ۋاقتى 2011-1-30 11:08:38

ياشلار سەمىگە

ياشلار سەمىگە

ئوغۇزخان

مەن ئادەمنىڭ ياش چېغىدا تۇرمۇش ئىشلىرىدا نىمىنى قىلىشى، نىمىدىن ھەزەر ئەيلىشى توغرۇلۇق بىر قىسىم ئىشلارنى يىغىنچاقلاپ كۆپچىلىككە سۇنۇشنى مۇۋاپىق تاپتىم. مېنىڭچە بۇ ئىشلار جەمىيەتكە ئەمدىلا قەدەم باسقان ياشلارنىڭ بىلىپ قۇيىشىغا ئەرزىيدۇ.

ئالدى بىلەن بىر ئەمىلىي ھىكايە سۆزلەپ بېرەي. بىر كىشى يىڭى خىزمەتكە چىققان چاغلىرىدا ھاياجانغا چۈمگەن ھەم پەخرلىنىش ئىلكىدە يۈرگەن. ئەمما بۇنداق سىزىم كىشىنى ئاسانلا تەكەببۇرلۇق، چوڭچىلىق، بەدخەجلىك يولىغا باشلاپ قويدىكەن. شۇ ۋاقتلاردا ئۇ پۇلنى ئانچە-مۇنچە تىجەشنى ئويلىماي ھە دىسە سورۇن قۇرۇپ، ئېسىل تاماكىلارنى چىكىپ ئابرويپەرەسلىك قىلغان. كىيىن ئۇ تۇرمۇشنىڭ بىر نەچە قىتىملىق قىيىنچىلىقىغا ئۇچراپ ئىلگىركى دوستلىرىدىن ياردەم ئالالمايدۇ. ئەينى چاغلاردا سورۇن قۇرۇشۇپ سورەن – سالا سىلىشىپ يۈرگەن تەنتەك دوستلىرى قەيەرلەرگىدۇ غايىپ بولغان. تاكى توي قىلىپ خېلى بىر مەزگىللەرگىچە ئىقتىساد ئىشىدا ئۆز ئىپىمنى تاپالماي يۈرىدۇ. بۇمۇ ئاساسلىق چوڭ خەجلەپ، ساياھەت، ئۇيۇن-تاماشىغا بېرىلگەنلىكتىن بولغان. ئادەمنىڭ ئەقلى ئالدىرىماي كىلىدىغان نەرسىكەن. خىزمەتكە چۈشۈپ يەتتە يىلدىن كىيىن بىنا ئۆي سېتۋىلىشتەك قاتتىق ۋەزىپە ئۇنى خېلى گاڭگىرىتىپ ئوڭ-سۇلىنى باشقىچىلا قىلۋەتكەن. شۇندىن كىيىن ئۇ ھەر يىلى ئۈزۈلمەي بانكىدىن قەرز ئىلىپ تۇرغان. ماشىنا سېتۋىلىپ كىراكەشلىككە بەرگەن، يەر سېتۋىلىپ قورو-جاي سالغان، يەنە تېخى سودا قىلىدىغان ئىجارە ئۆي، ئىككىنچى يۈرۈش ئولتۇراق بىنا ئۆي سېتۋالغان. ئۇ بۇلارنىڭ ھەممىدە تىجەشلىك بولغانلىقى ھەم بانكىدىن ئۈزۈلدۈرمەي قەرز ئالغانلىقىدىن قىلالىغان.

بۇ بىر ئەمىلىي ھىكايە. مەن يوقۇرقى ھىكايە ھەم ئۆزەم ئويلىغانلارنى يىغىنچاقلاپ تۆۋەندىكى ئۈچ تەكلىپكە يىغدىم.

1.ئىقتىساد ئىگىلىك تەكلىپى. مەن ياشلارنىڭ سەمىگە شۇنى سالىمەنكى، ياشلىقىڭىزغا تايىنىپ تەنتەكلىك، بەدخەجلىك، پوخۇرلۇق قىلماڭ. بۇنىڭ قىلچە قىممىتى يوق. سىز شۇنداق خەجلىۋەتكەن پۇل ناۋادا مەبلەغقە ئايلانسا بىر نەچچە يىلدىن كىيىن تېخىمۇ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيسىز. سىزنىڭ سورۇندىكى دوستلىرىڭىز تامامەن كۆڭۈل خوشى ئۈچۈن بولۇپ ئېغىر كۈنلەرگە يولۇققاندا پۇل ئارىيەت بېرىپ تۇرىدىغان، كۆكرەك كېرىپ چىقالايدىغانلىرى تايىنلىق. پەقەت ئۆزىڭىزگىلا تايانماي بولمايدۇ. يەنە بىر ئىش، بانكىدا قەرزىڭىز بولسۇن. بۇ قەرز مەبلەغ شەكىلىدە قىممىتى ئۆزلىكسىز ئېشۋاتقان ساھەگە مەبلەغ شەكىلىدە سىلىنسۇن. جاننى قىينىماي باياشات تۇرمۇشقا ئېرىشكىلى بولمايدۇ. ئىقتىساد ئۆزلىكسىز تەرەققى قىلىدىكەن سىزنىڭ مەبلىغىڭىزمۇ قاتلىنىپ ماڭىدۇ. ناۋادا پۇلنى بانكىغا قويسىڭىز بانكا ئۈسۈمى پۇل پاخاللىقىنى تولدۇرۇپ بۇلالمايدۇ. 10مىڭ يۈەن پۇلنىڭ بىر يىلدىن كىيىنكى قىممىتى 10 مىڭ يۈەن بۇيىچە تۇرىشى ناتايىن. ناۋادا ئۇنى ئايلانما مەبلەغ شەكىلىدە مۇقۇم مۈلۈك ياكى باشقا ئىشلارغا مەبلەغ سالسىڭىز ئىقتىسادقا تۆھپە قوشقاندىن سىرت يەنە قىممىتىنى ئاشۇرالايسىز. چۈنكى ئۆي باھاسى، مال باھاسى قاتارلىقلارنىڭ داۋاملىق ئۆسۈشى سەۋەپلىك پۇل قىممىتى ئالدىنقى يىلىغا قارىغاندا كۈچى ئاجىزلاپ ماڭىدۇ. سەمىڭىزدە بولسۇنكى، باشقىلارنى دوراپ ياش ۋاقتىمدا نىمە قىلىمەن جاپا تارتىپ، قىينىلىپ، ئوينىۋالاي دەپ ئويلىسىڭىز ئۇنداقتا ياش ۋاقتىڭىزدا غاجىلىمىغان قاتتىق ناننى قېرىغاندا غاجىلاپ قىلىشىڭىز مۇمكىن. ياش ۋاقتىڭىزدا يۇمشاق نان يەپ ھۇزورلانغان بولسىڭىز قېرىغاندا غاجىلىغان قاتتىق نان نەچچە ھەسسە قاتتىق تۇيۇلىدۇ. ھەزەر ئەيلەيدىغان يەنە بىر ئىش شۇكى، بەلگىلىك ئىقتىسادى ئاساسقا ئېرىشمەي تۇرۇپ بەس تالىشىپ ماشىنا سېتۋالماڭ. ماشىنا ئۆزلىكسىز قىممىتى چۈشىدىغان ھەم بىقىش خىراجىتى يوقۇرى بولغاندىن سىرت ئۇنىڭ «ياخشى ئىش قىلىش» رولىنىمۇ سەل چاغلاشقا بولمايدۇ. بۇ نۇرغۇن زېھنىڭىزنى ئىلۋالىدۇ.

2. شەخسى تۇرمۇش تەكلىپى. سىز خىزمەتكە ئېرىشكەندىن كىيىن تۇرمۇشلۇق بولۇش ئىشىنى كەينىگە سۈرمەڭ. چۈنكى، بۇ ئىش قانچە كېچىكسە ئۆي سېتۋىلىش، بالىلىق بولۇش، مەبلەغ سىلىپ ئىگىلىك تىكلەشتەك ئىشلار كەينىگە شۇنچە سۈرۈلۈپ كىتىدۇ-دۇ، ئالتۇن پۇرسەتلەر بارغانسىرى ئازىيىپ ماڭىدۇ. ئارقىدىنلا سالامەتلىك، پەرزەنت تەربىيىسى، ئاتا-ئانىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئىلىش قاتارلىق مەسلىلەر كەينىگە ئۇلۇنۇپ چىقىشقا باشلايدۇ. سىز بۇلارنى ئىزىغا سىلىپ بولغىچە جەڭگىۋار ياشلىق مەزگىلىڭىز كۈز پەسلىگە قاراپ قەدەم قۇيىدۇ. شۇڭا مۇۋاپىق جۆرە تىپىپ كۆڭلىڭىزنى توختاتقاندىن كىيىن ۋاقتىدا توي قىلىڭ. توي قىلغاندىن كىيىنكى بىرىنچى ئىش ئۆي سېتۋىلىش. مەيلى سىز ئۆزىڭىز مۇقۇم ئولتۇرۇڭ ياكى ئىجارە ئىلىپ ئولتۇرۇڭ چوقۇم ئۆز ئىلكىڭىزدە تولۇق ھوقوقلۇق ئۆيىڭىز بولىشى كېرەك. شۇنداقلا بۇ ئىشنى كەينىگە سۈرۈشكە بولمايدۇ. سەۋەبى 1- مەزموندا دىيىلدى. ئۆي سېتۋىلىشتا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار شۇكى، بىرىنچى، چوقۇم رەسمىيىتى تولۇق ئۆي سېتۋىلىڭ. ئۆيگە تاپشۇرىدىغان پۇل غەملەشنىڭ يوللىرى كۆپ. ئۆزىڭىز توپلايسىز، تۇققانلاردىن ئارىيەت ئالىسىز، ئەڭ بولمىغاندا دوستلىرىڭىزنى ھەركەتكە كەلتۈرۈپ تەييارلىسىڭىزمۇ بولىدۇ. بۇ قەزردىن قورقۇپ قالماڭ. ئىقتىسادنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ مۇئاشىڭىز، كىرىمىڭىز داۋاملىق ئىشىپ بارىدۇ. بىر نەچچە يىلدىن كىيىن بۇ قەرز كىچىك سانغا ئايلىنىپ قالىدۇ. ئىككىنچى، تۇرالغۇ ئۆي قەرز پۇلى ئىلىشتا ئىككى يول بار. بىرى ئۆي جوغلىما فوندىدىن ئىلىش، يەنە بىرى بانكىدىن ئىلىش. ئۆي فوندىدىن ئالغاندا ئۆسىمى تۆۋەن. بانكىنىڭ ئۆسۈمى سەل يوقۇرى. لىكىن مەن بانكىدىن قەرز ئىلىشنى تەۋسىيە قىلىمەن. بۇنداق بولغاندا سىز قەرز ئىلىپ ھەر ئايدا بانكىغا مۇقۇم پۇل تۆلىگەندىن سىرت بىر يىل بولغاندا ئۆي جوغلىما پۇلىنى ئۆزىڭىزنىڭ ھىسابىغا ئاغدۇرۇپ نەق پۇلغا ئايلاندۇرالايسىز. بۇ نەق پۇلنى سىز قايتا مەبلەغ قىلىپ سالسىڭىزمۇ، تۇرمۇشىڭىزنى ياخشىلاشقا ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ. ناۋادا ئۆي جوغلىما فوندىدىن قەرز ئالسىڭىز ھەر ئايلىق تۆلەيدىغان پۇلنى تۆلەپلا قالماي يەنە يوقۇرقى پۇلدىن قۇرۇق قالىسىز. بانكىنىڭ ئۆسۈمى گەرچە يوقۇرى بولغىنى بىلەن ئەمما سىز يوقۇرقى پۇلغا ئېرىشىپ مەبلەغ قىلسىڭىز ئۇنىڭ پايدىسى بۇ ئۆسۈمنى نەچچە ھەسسىلەپ تۆلەپ بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا قەرز قايتۇرۇلۇپ بولۇشقا ئاز قالغاندا قولىڭىزدا قەرزنىڭ قالغان قىسمىنى تولۇق تۆلەشكە يىتىدىغان پۇل بولسىمۇ بىراقلا قايتۇرماڭ. ئىلگىركىدەك ھالەتتە تۆلەپ تۈگۈتۈڭ. چۈنكى، سىز نەچچە يىلدىن بۇيان قەرز قايتۇرۇش جەريانىدا ئاللىقاچان ئۆسۈمنىڭ ھەممىنى ياكى كۆپ قىسمىنى تۆلەپ بولغان بولىسىز. شۇڭا ئازاراق قەرز قالغاندا قايتۇرغىنىڭىز بىھۇدە بەدەل بەرگەندەك ئىش بولىدۇ. بۇنداق قايتۇرغىچە ئۇ پۇلنى باشقا مەبلەغ سالىدىغان ئىشلارغا ئىشلىتىڭ.

3. ئائىلە تەكلىپى. ناۋادا ياشلىقىڭىزدا بۇ ۋەزىپىنى بالدۇر ئۈستىڭىزگە ئىلىشتىن باش تارتسىڭىز ئىشلىرىڭىز راۋاجىلىنۋاتقان چاغلاردا بالىلىق بولۇش بىر باش قىتىقى بولىدۇ. ئۇ چاغدا بالىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئىلىش، تەربىيلەش ئىشلىرى سىزنى خېلى ھالسىرىتىدۇ. شۇڭا توي كىلىپ 1-2 يىل ئىچىدە بالىلىق بولۇڭ. شۇنداق بولغاندا سىز 35 ياش ۋاقتىڭىزدا بالىڭىز تولۇقسىز-تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلاردا ئوقىۋاتقان، بالىنىڭ مىجەز-خۇلقى، خاراكتىرى ھەم ئىرادىسى يىتىلگەن بولىدۇ. بۇ دەل سىزنىڭ قىران مەزگىلىڭىز بولۇپ بەھۇزۇر ئىشلىرىڭىزنى قىلالايسىز.يەنە بىر ئىش، توي كىلىدىغان قىزىڭىز بىلەن يۈرۋاتقان چاغلىرىڭىزدا جىنىسىيەت ئىشىدا ھەرگىز بىخەستەلىك قىلماڭ. كۆپ كىشىگە مەلۇمكى، يىقىنقى يىللاردا تۇغماسلىق كىسەللىكى ئەۋج ئىلىپ كەتتى. بۇ ئاساسلىق تويدىن ئىلگىرى-كىيىن كۆپ قىتىم بالا چۈشۈرۈش دىگەندەك ئىشلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. شۇڭا تويدىن ئىلگىرى جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشتىن، ئېھتىياتسىزلىقتىن قىز تەرەپنى ھامىلدار قىلىپ قۇيۇشتىن قاتتىق ساقلىنىڭ. مەن بىلىدىغان بىر كىشى مۇشۇنداق سەۋەنلىكنى ئۆتكۈزۈپ ھازىر نەيچىدە ھامىلە يىتىلدۈرۈشنىڭ قايغۇلۇق، ئازاپلىق جەبرە-جاپاسىنى قايتا-قايتا تارتۋاتىدۇ. گەرچە بۇ گەپ زىيادىدەك قىلسىمۇ ئەمما تەنتەك ياشلاردا بۇنداق ئىشلارنى يۈز بەرمەيدۇ، دىگىلى بولمايدۇ. شۇڭا ئەسكەرتىپ قۇيۇشنى لايىق كۆردۈم. يەنە بىر دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان ئىش شۇكى، مەيلى توردا ياكى مەكتەپتە بولسۇن، ئارلىقىڭلار 100 كىلومېتردىن ئىشىپ كەتكەن يەردىكى قىز-يىگىتلەر ئۆزئارا مۇھەببەتلىشىپ قىلىشتىن ئىمكان بار ئېھتىيات قىلىڭ.بۇنداق مۇھەببەت گەرچە ناھايىتى تاتلىق بىلىنسىمۇ ئەمما بىر نەچچە يىلدىن كىيىنكى خىزمەت ئورنىنىڭ ئوخشىماسلىقى، ئارلىقنىڭ يىراقلىقى قاتارلىق تۈرلۈك سەۋەپلەر بىلەن توي قىلىپ بىر ئائىلىگە كىرمىكىڭلار تولىمۇ مۈشكۈل. توي قىلغان تەقدىردىمۇ بىر تەرەپنىڭ خىزمىتىنى يۈتكەپ ئەكىلىش ناھايىتى قىيىن مەسىلە. بۇ مەسلىلەر قىزغىن مۇھەببەت بىلەن ھەل بولمايدۇ. شۇڭا ھىسىياتىڭلارنى كونترول قىلىشقا دىققەت قىلىڭلار. دەسلەپتە بىر نەچچە يىلدا ناھايىتى خوشال ئۆتسەڭلارمۇ ئەمما كىيىنكى بىر ئۈمۈرلۈك بەخت ھەم خوشاللىقتىن قۇرۇق قالماڭلا.

مۆھتىرەم دوست، بۇ مېنىڭ سەمىمى تەكلىپلىرىم. سىز يوقۇرقىدەك ئىشلاردا دىققىتىڭىزنى يىغالىسىڭىز، تۇرمۇش مۇساپىڭىزنىڭ تۇنجى قەدىمىنى توغرا باسقان بولىسىز. قالغان ئالتۇن ۋاقتىڭىزدا زېھنىڭىزنى يىغىپ ئۆز كەسپىڭىز، ئىگىلىكىڭىز ئۈچۈن خاتىرجەم كۈچ چىقىرالايسىز.30 ياشقىچە مۇقۇم ئائىلىڭىز، ئۆيىڭىز، بالىڭىز بولسۇن. شۇنداق بولغاندا 40ياشقىچە بولغان ۋاقت سىزنىڭ  مەبلەغ سىلىپ ئىگىلىك تىكلەيدىغان، ئائىلىدىكى تۇرمۇش غىمى ئاز، بالىڭىز ئوبدان چوڭ بولۋاتقان، ئاتا-ئانىڭىز ساغلام تۇرۋاتقان ئالتۇن دەۋر بولىدۇ. 40ياشتىن ئاشقاندا بالىڭىزمۇ چوڭ بولىدۇ، ئاتا-ئانىڭىزنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان ئىشلارمۇ كۆپۈيۈپ قالىدۇ، زېھنىڭىزمۇ چېچىلىشقا باشلايدۇ. .

مەنبە: ئۆز قەلىمىم.

Ochurguch يوللانغان ۋاقتى 2011-1-30 12:05:50

مەن 35 ياشقىچە خىزمەتتىن سىرت بىر ئىشنىڭ پېشىنى تۇتۇشنى ئويلاشقان ئىدىم ، ئەمما مۇشۇ توربەتچىلىكتىن باشقا ھېچ بىر يول تاپالمايۋاتىمەن !....

Comeon يوللانغان ۋاقتى 2011-1-30 21:12:32

ئىشنىڭ جىقلىقىدا مەن قايسىنى قىلىشنى بىلەلمەيۋاتىمەن ... لېكىن راستلام ئىش جىق ، قۇمدەك جىق ...

atella0997 يوللانغان ۋاقتى 2011-1-31 10:24:27

پەمىمچە يېشىڭىز 35ياشتىن 40ياشقىچە  باركەن.ناھايىتى ئۇرۇنلۇق گەپلەر ئىكەن. مەن ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئۆيدىكىلەر توي  قىلىشقا قىستىغاندا مەن ئالدىرىماسلىقنى ئېيىتسام ئاكام ماڭا دەل مۇشۇ گەپلەرنى دېگەن ئىدى.ھازىر بالدۇر توي قىلغانغا پۇشايمان قىلمايمەن.

amanpahri يوللانغان ۋاقتى 2011-1-31 14:37:37

ھەقىقەتەن ياخشى پىكىر بوپتۇ .

قەرىز ئىشىدا بىرنەچچە نوقتىدا چوقۇم دىققەت قىلىش كىرەك.ئەۋەل قەرىز ئېلىش يولىڭىز قانچە كۆپ بولسا شۇنچە كۆپ قەرىز ئېلىڭ،ئالغان قەرىزنى چوقۇم ئىگىلىك،سودا-تىجارەت،ئۆي-مۈلۈك قاتارلىق مۇقىم قىممىتى ئاشىدىغان ساھەگە ئىشلىتىڭ،قەرىز ئالغاندا ئىشلىتىش ئورنى ئېنىق بولۇش كېرەك،قايتۇرۇش شەكلىي،ۋاختى،ئۆسۈم نىسبىتى،مەبلەغ سالغان ساھەرىڭىزدىكى پايدا -زىيان نىسبەت ئۆلچىمى،ئورنىڭىزنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىيات ئەھۋالى توغرىسىدا ئېنىق بولغان ئۇچۇر ۋە پىلانىڭىز بولسۇن،بۇلار ئېنىق پىلانلالمىسا ھەرگىز قەرىز ئالماڭ،تاپقىنىڭىزغا شۈكۈر قىلىپ ئۆتۈڭ!

قۇربىڭىز يەتسە مەبلەغنى تىز ئابورىتلىق،ئۇزاق مەزگىللىك،تەۋەككۈل مەبلەغ،مۇقىم مەبلەغ دەپ ئايرىپ ئىشلىتىڭ،بۇنداق سالغاندا خېيىم - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلىي بولىدۇ،ھەممىدە پايدا يارىتىمەن دەپ ھىچكىم ھۆددە بىرەلمەيدۇ. ئسىڭىزدە بولسۇن، قەرىزنى قەرىز ئارقىلىق ياندۇرۇش بەك خەتەرلىك، سىز ئۇخمايلا ھاڭغا كىرىپ كېتىسىز.يۇقارقى مەبلەغنى قانداق نىسبەتتە ئايرىش مەسىلىسى ئىقتىساد ئىلمىدىكى كەسپىي مەسىلە،شۇڭا قىزىقىدىغانلار بىلەن ئايرىم تېمىدا ئورتاقلاشساق.

يەنە بىرى بىر قىسىم مۇقىم  پۇلىڭىز بولسۇن،بۇھەرقانداڭ تەسەددىپىي ئىشلارغا لازىم بولىدۇ.بەزىلەر قىزىپ كېتىپ ھازىر ماۋۇنىڭدا پايدا جىقكەن،ياكى ئاۋۇنىڭدا دەپ ئاڭلاپ ياكى شۇنداق قاراپ بىر تۈرگە ھەددىدىن زىيادە مەبلەغ سېلىپ،ئويلىمىغان ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ،چۈنكى ھازىر بازارنى ئوينىۋىتىدىغانلار بەك جىق! قىلتاق بەك جىق! . شۇنداقلا بىزدە سىياسەت ھەممىنى بەلگۈلەيدۇ(بازار بەلگۈلەيدۇ دىگەنگە بەك ئىشىنىپ كەتمەيمەن)،شۇڭا سىزگە بەرگەن سىياسەتتىن ياخشى پايدىلانسىڭىز،سىز ئويلىمىغان بايلىققا ئېرىشىسىز،بۇ بەك مۇھىم،بىز بۇ جەھەتتە خەنزۇلارغا ھەرگىز يەتمەيمىز،بىز كۆپىنچە سىياسەتتىن بىخەۋەر(ياكى تۇلۇق خەۋەردار ئەمەس)،بەزىدە بىلسەكمۇ توغرا پايدىلىنالمايمىز،بەك بولمىسا يۇچۇق ياكى ئەكسىنى تاللايمىزدە زىيان تارتىمىز. خەنزۇلار بولسا سىياسەتنى ئوبدان ھەزىم قىلىپ بەك تولۇق پايدىلىنىپ بايلىق توپلايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىرنىڭ سىياسەتلەر ئۆزگىرىش چاستوتىسى بەك تىزھەم جانلىق،شۇڭا بۇنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماڭ!

tanha19 يوللانغان ۋاقتى 2011-1-31 14:54:42

ئۆي جۇغلىما پۇلى دىگىنى نىمىسى ؟؟  قانداق ئىش ئۇ؟

amanpahri يوللانغان ۋاقتى 2011-1-31 15:03:41

ئۈزۈلۈپ قالدى..

يەنە بىرى تېما ئىگىسى جۇغلانما فوندا قەرزى بىلەن بانكا ئۆسۈم قەرزى مەسىلىسىدە،فوندا پۇلىنى قايتۇرۇپ مەبلەغ سېلىشنى كۆزدە تۇتۇپ يۇقۇرى ئۆسۈملۈك(فوندا قەرىز ئۆسۈمىنى ئىستىمال،سودا قەرزى ئۆسۈمى بىر قاتلايدۇ) سودا،ئىستىمال قەرزىنى تەۋسىيە قىپتۇ، كىرىم،چىقىم،قەرىز مۇناسىۋىتىنى توغرا ئايرىسىڭىز،نىمىشقا يۇقۇرى ئۆسۈملىگىنى تاللايدىكەنمىز. يۇقۇرى ئۆسۈمدە مۇقىم تۆلەۋاتقان پۇلمۇ شۇ تاپاۋەتتىن كېلىدىغۇ، بىر يىلدا فوندا قانچىلىك جۇغلىنىدۇ، قانچىلىك ئارتۇق ئۆسۈم تۆلىنىدۇ ،جۇغلانمىدىن يېغىلغان پۇلنى دەسمىي قىلغاندىكى پايدا-زىيان نىسبىتى قانداق، ماۋۇلارنى ئويلىشىپ قەزىر ئېلىش ئۇسۇلىنى جانلىق بەلگۈلىسەك ئاندىن توغرا بۇلار.

مەسىلەن ھازىر 200،000.00 يۇەننىڭ يىللىق ئۆسۈمى سودا،ئىستىمالدا 20،000.00 يۇئەن ئەتراپىدا،فوندىنىڭ بولسا 10،000.00 يۇئەن ئەتراپىدا،ئەر-خوتۇننىڭ يىللىق جۇغلانما فوندى 15،000.00-20،000.00 يۇئەن ئەتراپىدا، بۇنداق دىگەنلىك يىللىق جۇغلانمىڭىز بولغان مۇشۇ پۇلدا سىز باشقا ئىشقا مەبلەغ قىلىپ 10،000.00 يۇئەندىن ئارتۇق پايدا ئالالىسىڭىز ئاندىن فوندا قەرزى ئالماي باشقا يۇقۇرى ئۆسۈملۈك قەرىز ئېلىڭ دىگەن گەپ بولار؟ئەگەر ھەقىقەتەن ياخشى ھەم تىز قايتۇرۇپ يۇقۇرى پايدا ئالىدىغان تۈر بولسا،ئۆسۈمى تېخىمۇ يۇقۇرى بولغان ئامانەت - قەرىز كوپىراتىۋىدىن ياكى قەرىز شىركەتلىرىدىن ئالسا بولماسما؟ ئەلۋەتتە جازانە قەرزى ئەمەس ھە!(خودا ساقلىسۇن!)

amanpahri يوللانغان ۋاقتى 2011-1-31 15:24:56

ھەممە جاۋاپنى مۇنبەردىن ئىزدىمەي، ئەمەلىي تۇرمۇشىڭىزدىن،ئەتراپىڭىزدىن ئىزدەشكە ئادەتلىنىڭ، ياخشى يول، مەسىلەن يۇقۇرنى سوئالىڭىزنى ئورنىڭىزدىكى  بانكىلارغا بېرىپ سورىسىڭىز نىمىلىگىنى،يولىنى،ئۇسۇلىنى بىلىۋالايسىز. يەنە تېخى مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن ئىشلارنى بىلىۋالىسىز.

ئۈستى قەۋەتتتىكى تەنھا قېرىندىشىمغا جاۋاپ ھە بۇ.

Oghuz-han يوللانغان ۋاقتى 2011-1-31 15:39:34

ئۈستىدىكى توردىشىم ئىنچىكە مۇلاھىزە قىپسىز.

مېنىڭ ئوي فوندىدىن قەرز ئالماي بانكىدىن قەرز ئىلىشنى تەۋسىيە قىلىشىمدىكى بىردىنبىر سەۋەپ شۇكى، بانكىدىن قەرز ئالسىڭىز ئۆي فوندى قولىڭىزغا قالىدۇ(يەرلىك سىياسەت يول قويغان ئەھۋالدا)، يەنى سىز بىر يىل توشقاندا ئۆي جوغلانما پۇلىنى ئىلتىماس قىلىپ چىقىرىپ مۇقۇم مۈلۈككە مەبلەغ سالسىڭىز ياكى باشقا تۈرلەرگە مەبلەغ قىلىپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. بانكا ئۈسۈمىنى 10 كوي دىسەك(مەيلى قانداقلا يوقۇرى ئۈسۈملۈك بانكا قەرزى بولۇشىدىن قەتئىنەزەر) سىز مەبلەغ سىلىش ئارقىلىق ياراتقان ئىقتىسادى قىممەت چوقۇم 10 كويدىن يوقۇرى بولىشى كېرەك. بۇنىڭ ئىككى شەرتى بار، بىرى ئوي جوغلانما فوندى مەبلەغ سىلىشقا يىتەرلىك بولىشى(يەنى يىلىغا 10 مىڭ كويدىن يوقىرى بولىشى كېرەك). بولمىسا مەبلەغ سىلىپ كۆپ ئۈنۈم ياراتقىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭدىن كۆرە ئۆي فوندىدىن قەرز ئالغانغا يەتمەيدۇ. يەنە بىر شەرتى سىز مەبلەغ سالغان ساھە قىممىتى ئاشىدىغان مۇقۇم مۈلۈك ياكى توغرا مۆلچەرلەنگەن تىجارەت ساھەسى بولىشى كېرەك.

مەبلەغ سىلىش ئويىڭىز بولمىسا يەنىلا ئۆي فوندىدىن قەرز ئالغىنىڭىز ياخشاراق.  

بۇ مىنىڭ ئويلىغانلىرىم. ناۋادا سىز تېخىمۇ ياخشى مەبلەغ سىلىش شەكلىنى ئويلىغان بولسىڭىز داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويۇپ ئورتاقلىشايلى.

Oghuz-han يوللانغان ۋاقتى 2011-1-31 15:43:48

ئۆي جوغلانما پۇلى دىگەنلىك مۇقۇم خىزمەتچى(ئايلىقچى)لارنىڭ مۇئاشىدىن مەلۇم نىسبەتتە تۇتۇپ  ھۆكۈمەت يەنە مەلۇم نىسبەتتە قوشۇپ مەخسوس باشقۇرۇش تارمىقىغا تاپشۇرۇپ بېرىدىغان پۇل. بەزى جايلاردا ئۇنى تام سۇغۇرتا دەپ ئاتايدۇ.  بۇ پۇل شەخسلەرنىڭ تۇرالغۇ مۇھىتىنى ياخشىلاش فوندى قىلىپ ئىشلىتىلىدۇ. سىز ئۆي ئالغاندا بەئەينى بانكىدىن ئالغاندەك سىزگە قەرز بېرىپ تۇرالايدۇ ياكى بۇ پۇلنى چىقىرىپ ئۆي تۇرالغۇ مۇھىتىڭىزنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئىشلىتەلەيسىز.

tanha19 يوللانغان ۋاقتى 2011-1-31 17:14:14

amanpahri:
ھەممە جاۋاپنى مۇنبەردىن ئىزدىمەي، ئەمەلىي تۇرمۇشىڭىزدىن،ئەتراپىڭىزدىن ئىزدەشكە ئادەتلىنىڭ، ياخشى يول، مەسىلەن يۇقۇرنى سوئالىڭىزنى ئورنىڭىزدىكى  بانكىلارغا بېرىپ سورىسىڭىز نىمىلىگىنى،يولىنى،ئۇسۇلىنى بىلىۋالايسىز. يەنە تېخى مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن ئىشلارنى بىلىۋالىسىز.

يامان يىرى كىمدىن سوراشنى بىلگىلى بولمايدىكەن. يا ھەممە ساھەدە تونۇش تۇتۇپ بولغىلى بولمىغان..

amanpahri يوللانغان ۋاقتى 2011-1-31 17:49:14

قېرىندىشىم تەنھا، بىر ئىشنى قىلاي دىسىڭىز چوقۇم سوراپ،ئىزدىنىپ،بىلىپ قىلىش كېرەك، بۇنىڭغا ئالاھىدە تونۇش كەتمەيدۇ،بانكىدىكى شۇ فونكىسسيەلىك ئورۇندىن سورايسىز،ئاندىن تونۇشىسىز،ئاندىن ئىش بىجىرىشنى ئۈگۈنىسىز،ئىنىڭ يولى مۇشۇنداق ئاددى، ئەگەر چۈشۈنۈپلا قوياي دىسىڭىز،مۇشۇ تېمىدا سسزگە جاۋاپ چىقىپ بولدىغۇ.

amanpahri يوللانغان ۋاقتى 2011-1-31 21:05:29

داۋاملاشتۇراي.

ئەتراپلىق پىلان تۈزۈڭ،ياشلىق زور بايلىق،بۇۋاقىتتا ئادەمنىڭ جىسمانى قۇۋۋىتى،ئەقلىي قۇۋۋىتى،پىكىرى نەھايتى كۈچلۈك ،قورىقماس،دادىل،تەۋەككۇلچى بولىمىز،خۇددى كېچە بولمىسا تېخمۇ جىق ئىشنى قىلسام دىگەندەك ھىسسىياتتا ئىشلەپ كېتىدىغان گەپ،قىلىدىغان ئىشنىڭ جىقلىغىدا بەزىدە قايسىسىنى قىلسام بولار دىگەندەك گاڭگىراپمۇ قالىدۇ بەزىدە، بۇلار ئەلۋەتتە بەك ياخشى ، لېكىن ئىشلىگەنچە تەجرىبىلىك بولىمىز،بۇ تېخمۇ زور بايلىق،شۇڭلاشقا پىلانلىق ئىش قىلىشقا چوقۇم ئادەتلىنىش كېرەك،مەيلى دەسلەپتە قانچە ئاددى بولسۇن مۇشۇ ئادەتنى يېتىلدۇرسەك،تەجرىبىمىز ئاشقانچە تېخىمۇ ئەتراپلىق پىلان تۈزۈشنى ئۈگۈنىمىز،پىلان بولغانىكەن يۈنۈلۈش يولى بولىدۇ،نەتىجە بولىدۇ،خۇلاسە بولىدۇ،تېخىمۇ ياخشى تەجرىبە توپلىنىدۇ.مۇشۇنداق ياخشى دەۋىرلىنىش بولسا ئاندىن مۇقىم،سىجىل ھالدا ئىشلارنى يۈرۈشتۈرگىلى بولىدۇ.

ھەم شۇنداق بولغاندا بەزىدە بەك كۆپ ئىشلارنى يۈرۈشتۈرۈپ كېتىشىڭىز مۈمكىن،ھەم ھەممىسىدىن ئوخشىمىغان نەتىجىگە ئرىشىشىڭىز مۈمكىن،ئېسىڭىزدە بولسۇن تەجرىبىڭىز ئاشقانچە ئىشنى ئاز ھەم ساز قىلىش يولىنى يەكۈنلەپ چىقىڭ،بۇمۇ بەك مۇھىم،سىز ئەلۋەتتە بىر مەزگىللىك ئىش تەۋرىتىش جەريانىدا پىلانلىق ئاساستىكى ئېرىشكەن تەجرىبىلىڭىزگە ئاساسەن چوقۇم بۇ يولنى تاپالايسىز.سىز ئاز ھەم ساز ئىش بىلەن،تېخىمۇ ئاز ۋاقىت ھەم كۈچ بىلەن بۇرۇنقى كۆپ ئىشتا ئېرىشكەن ئىقتىسادى ئۈنۈمدىن يۇقۇرى ئۈنۈم كۆرەلەيسىز.

ھازىرقى دەۋىردە ئىگىلىك،سودا -تىجارەتتە بىر كوللىكتىپ تۇرغۇزۇش ئىنتايىن مۇھىم،ھەقىقى بىر ئىشنى تەۋرىتىمىز دەيدىكەنمىز، چوقۇم بىر كوللىكتىپ قۇرۇش لازىم،ئېنىق ئىش تەخسىماتى بويىچە قىلغان ئىشىنى يۈرۈشتۈرۈش،كوللىكتىپنىڭ ئەقلىي،تەسەۋۋرۇرىدىن،پىكرىدىن تولۇق پايدىلىنىش كېرەك. \"يالغۇر ئاتنىڭ چېڭى چىقماس،چېڭى چىقسىمۇ دېڭى چىقماس\".بۇ ھازىرقى زاماندىكى ئەڭ توغرا يول بولۇپ قالدى.

Oghuz-han يوللانغان ۋاقتى 2011-2-3 09:07:31

كوللىكتىپ بولۇپ بىرەر ئىش قىلىش ياخشى ئىش.بۇ نۆۋەتتىكى ياشلارنىڭ بىر ياقىدىن باش چىقىرىشىدىكى توغرا يول.  چېچىلاغۇ ئىقتىسادنى توپلاپ ئۈنۈملۈك ئىشلەتكىلى بولىدۇ.

ئەمما خىزمەت قىلۋاتقان يەككە ئادەملەرگە تازا ماس كەلمەسلىكى مۇمكىن.

amanpahri يوللانغان ۋاقتى 2011-2-3 10:39:04

Oghuz-han:

كوللىكتىپ بولۇپ بىرەر ئىش قىلىش ياخشى ئىش.بۇ نۆۋەتتىكى ياشلارنىڭ بىر ياقىدىن باش چىقىرىشىدىكى توغرا يول.  چېچىلاغۇ ئىقتىسادنى توپلاپ ئۈنۈملۈك ئىشلەتكىلى بولىدۇ.

ئەمما خىزمەت قىلۋاتقان يەككە ئادەملەرگە تازا ماس كەلمەسلىكى مۇمكىن.

بولىۋېرىدۇ،بۇنىڭغا ئۇيۇشتۇرۇش كۈچىگە ھەم ئىشەنچىگە ئىگە بولغان قابىل باش كىرەك،ئىقتىسادى مۇناسىۋەتنى توغرا ھەل قىلىش ئالدىنقى شەرت،كوللىكتىۋىزىملىق ئاڭنى يېتىلدۇرۇش ھازىر ئەڭ تەس!
بەت: [1]
: ياشلار سەمىگە