Bektur يوللانغان ۋاقتى 2011-1-30 10:43:09

ئىنگلىز تىلى ئۆگەنگەننىڭ نېمىگە پايدىسى ؟

         ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك ،  ھازىر چەتئەل  تىلى ئۆگىنىش بىر دولقۇنغا ، مودىغا ، دەۋىر ئېھتىياجىغا ئايلاندى .مېنىڭچە بۇ ناھايىتى ياخشى ئەھۋال ، جەمئىيەتنىڭ مۇقەررەر يۈزلىنىشى . بۇ ھەم بىز ئۇيغۇرلارنىڭ 21-ئەسىردىكى دەۋىر  تەقەززاسىغا قايتۇرغان ئانچە-مۇنچە ئىنكاسىمىز بولسا كېرەك .  ئانا تىلىنىلا بىلىپ باشقا مىللەت تىللىرىنى بىلمەيدىغان ئادەمنىڭ  كۈنى  ھازىرلا ئەمەس ، بۇنىڭدىن كىيىن تېخىمۇ تەسلىشىدۇ .  بىر خىل چەتئەل تىلىنى بىلسەك ، شۇ تىلدىن كېلىدىغان خەۋىپتىن سەگەك تۇرالايمىز .
ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىچىدە  چەتئەل تىلى ئۆگىنىدىغانلار  ۋە ئۆگىنىۋاتقانلار  ئەڭ كۆپ  ساننى ئىگەللىسە كېرەك . شۇنچىۋالا تىل تەربىيلەش  كورسلىرىغا قارىسىڭىز  تىزىپ قويغاندەك مىغ-مىغ ئادەم . خۇددى كوچىدىكى ئادەملەرنىڭ  ھەممىسى كورسقا كىرىۋالغاندەك . شۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى .  يۈزدە 90 %  سىتۇدېنت ئالىي مەكتەپ ھاياتىدا ئىنگلىزتىلى  ئۆگىنىپ باقىدۇ . ئەڭ كامىدا يېڭى  ئۇقۇم ياكى كامبىرىج  ئىنگلىز تىلىنىڭ بىرىنچى قىسمىنى بولسىمۇ تۈگىتىدۇ .   ئەمما شۇلاردىن قانچىسى شۇ تىلنىڭ نېنىنى يىگۈدەك بولالايدۇ ؟  شۇلاردىن  نىمە زادى نېمە ئۈچۈن چەتئەل تىلى ئۆگىنىسىز ؟چەتئەل تىلى ئۆگەنگەننىڭ نېمىگە پايدىسى ؟  دەپ سورىسىڭىز ھەر خىل  جاۋابلارنى بېرىشى مۇقەررەر .  ئوقۇغۇچىلارنىڭ  شەنبە-يەكشەنبە ، دەرستىن سىرتقى قىممەتلىك ئارام ۋاقتلىرىنى چىقىرىپ   تىل ئۆگىنىشتىكى مۇددىئاسىنى مۇنداق بىر قانچە سەۋەپكە يىغىنچاقلاش  مومكىن .
1.  ھازىرقى دەۋىر ئۇچۇر دەۋرى ، ئېچىۋىتىلگەن دەۋىر . تىل ئۆگىنىش ھازىرقى زۆرۈرلەرنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ زۆرۈرى . شۇڭا چوقۇم مەلۇم خىل چەتئەل تىلىنى ئۆگىنىش كېرەك .  بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۆرلەپ ئوقۇش ۋە خىزمەت ئېھتىياجى ئۈچۈن ئۆگىنىمەن .
2. ئۆيدىكىلەرنىڭ ،  ئاتا-ئانامنىڭ زورى بىلەن ئۆگىنىمەن .
3. بىكار تۇرساممۇ تۇرىدىكەنمەن ، ۋاقىت ئۆتكۈزۈش ،كورسلاردا  يېڭى دوست تۇتۇش ئۈچۈن  ئۆگىنىمەن .
4. راستىنى ئېيتسام ، نىمە ئۈچۈن ئۆگىنىۋاتقانلىقىمنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن . باشقىلار ئۆگىنىۋىتىپتۇ ، شۇڭا مەنمۇ ئۇلاردىن قالماي ، مودا ئۈچۈن  دەپ ئۆگىنىمەن .
ئۇستاز ئابدۇقادىر جالالىدىن ئېيتقاندەك " ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىشنى باشلاش  قانداقتۇر جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتكەنلىك ئەمەس  ، بەلكى جەمئىيەت تەقەززاسىنى ئەمدى تونۇپ يەتكەنلىكىڭىز ، خالاس "  .  ئىنگلىز تىلى ئۆگەنگەن ئادەم ئايغا چىقىپ كەتمەيدۇ ، ئۆگەنمىگەن ئادەممۇ ئاچ قېلىپ ئۆلمەيدۇ . ئەمما بۇ يەردە مۇنداق  بىر مەسىلە بار . ئۇ بولسىمۇ ، ياشاش . ياشىغاندىن كىيىن ئوبدانراق  ئادەمدەك  ياشاش . سۆرەلمە پالازدەك سۆرۈلۈپ ئەمەس ، باشقىلارغا يېتىشىپ بىللە ياشاش ، ھەتتا ئۇلارنى باشلاپ مېڭىش .  تىل ئۆگىنىشمۇ  شۇنداق . ئۆگىنىش ، ئۆگەنگەندىن كىيىن راۋرۇس ئۆگىنىش .  بولمىسا شۇ ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىشكە قاراتقان ۋاقىت ، سەرپ قىلغان ئىقتىساد ۋە زېھنىي كۈچنى باشقا قوللىنىشچانلىقى يۇقىرى ، دەرھال ئۈنۈم  بېرىدىغان ، جانغا ئەسقاتىدىغان باشقا كەسىپ-ھۈنەر ئۆگىنىشكە قاراتقان تۈزۈك . چۈنكى ئۆزىنىمۇ باقالماي ئاچ  يۈرۈپ ، دەۋىر بىلەن بىللە مېڭىش ئۈچۈن زادى ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىمەن دېيىش ئەخمىقانىلىق .    شۇنچىۋالا ۋقىت ، پۇل ۋە زېھنىي كۈچنى بەرگەنگە چۇشلۇق  ھاسىلاتقا ئېرىشمەسلىك ، ئېرىشىشنىمۇ كۈتمەسلىك ئادەمنى ئېچىندۇرماي قالمايدۇ .  
شۇڭا ھازىرقى ئىنگلىز تىلى(ياكى باشقا چەت تىلى) ئۆگىنىۋاتقانلارغا دەيدىغىنىمىز ، ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىڭ ، ئەمما راۋرۇس ئۆگىنىڭ . قارغۇلاچە  ئەمەس ، مەلۇم مەقسەت-مۇددىئا بىلەن ياخشى ئۆگىنىڭ .  شۇندىلا ئۆگەنگىنىڭىزنىڭ نېنىنى يىيەلەيسز  .

atella يوللانغان ۋاقتى 2011-1-30 12:09:15

تور بېتىڭىزگە كۆز تەگمىگەي...

koktash يوللانغان ۋاقتى 2011-1-31 09:37:38

تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقىنىمدا، بىر دېھقان بوۋاي ماڭا مۇنداق دىگەن: \"ئوقۇپ نېمە كەپتۇ؟ بەرىبىر خىزمەتچىلىككە ئالمايۋاتسا، مەنمۇ ساۋاتسىز، ئاچ قالمىدىمغۇ!؟ باللىرىم ئوقۇشسىز قالسىمۇ بەرىبىر ئاچ قالمايدۇ!\"

ئۇنداقتا، قانچىلىك ئوقۇسا ئوقۇغان بولىدۇ؟ \" ئېنگلىزچەنى ئۆگەنگەندىكىن راۋۇرۇس ئۆگىنىش\" دىگەندەك،  چوقۇم دوكتورلۇققىچە ئوقۇسا، ئاندى ئوقۇغان بولامدۇ؟

مېنىڭچە، ھازىرقى مەجبۇرىي مائارىپتا ھەممە بالىلار ئومومىيۈزلۈك ئوقۇپ كەتكەندەك، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ \"ئېنگلىزچە ئۆگىنىش\" دولقۇنى مەدھىيلەشكە تېگىشلىك بىر ئىش. قانچىكى كۆپ ستۇدېنت ئېنگلىزچە ئۆگەنسە، ئارىسىدىن  شۇنچە كۆپ \"ئۈزۈپ چىقىدىغانلار\" ھاسىل بولىدۇ. سان ئۆزگىرىشى ھامىنى سۈپەت ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

كۆپ قىسىم زىيالىلارغا ئايان، خەنزۇ تىلى بولسا نەزىرىمىزنى دۇنيادىن ئايرىپ تۇرغان بىر تام بولۇپ، بىز دۇنيانى ئاساسەن خەنزۇچەدىن تەرجىمە قىلىنغان ماتېرىياللار ئارقىلق تونۇۋاتىمىز. يەرنام ۋە كىشى ئىسىملىرى خەنزۇچە بولغانلىقتىن، ئۇيغۇرچىدا ئەسلىسى بويىچە ئېلىش مۇمكىن بولمايۋاتىدۇ. لېكىن ھازىر ئېنگلىزچە، ئەرەبچە ۋە ئوردۇچە ماتېرىياللاردىن بىۋاستە ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلدىغان تەرجىمانلار مەيدانغا كېلىپ، پەقەت خەنزۇچىغىلا مۇراجەت قىلىدىغان ھالەت قىسمەن بولسىمۇ ئۆزگىرىۋاتىدۇ.  بۇرۇن 电脑سۆزى \"ئېلېكترونلۇق مېڭە\" دەپ قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، بىر قانچە يىللار گېزىت ۋە ژورناللاردا ئىشلىتىگەن،  黑客 دىگەن سۆز \"قارا مېھمان\" دەپ تەرجىمە قىلىنغان ئىدى. بۇنىڭدىكى سەۋەب، دەل ئازراق چالاپ-بۇلا بولسىمۇ ئېنگلىزچە بىلىدىغان زىيالىلارنىڭ يوقلىقىدىن بولغان.

تۆنۈگۈن ئالىي مەكتەپتىكى ساۋاغدىشىم يانغوندىن ئىككى تال ئىنگلىزچە سۆزنى سوراپ ماڭا ئۇچۇر قىلىپتۇ، تەرجىمىسىنى يېزىپ ئەۋەتىپ بەردىم. ئەمەلىيەتتە مەندىن سورىغان ئاشۇ 2 تال سۆزلۈكنى بىلىش ئۈچۈن، يېڭى ئۇقۇم ئېنگلىز تىلىنىڭ 1- قسىمىنىڭ يېرىمىنى ئۆگىنىشلا كۇپايە قىلاتتى ....

radiofan يوللانغان ۋاقتى 2011-1-31 10:34:30

بىزنىڭ بىر مۇئەللىمنىڭ گىپى بولىدىغان ، << ئنگىلىز تىلى ئۆگىنىمەن دەپ ، نۇرغۇن ۋاقىت ،زىھىن ۋە ئقتىساد سەرىپ قىلدىم ، لېكىن ئنگىلىز تىلى ئۆگىنىپ 2 موچەن پۇل تېپىپ خەجلەپ باقمىدىم >> .

كالىنىڭ بىشىغا كەلگەن كۇن موزاينىڭ بىشىغىمۇ كەلدى ، ئنگىلىز تىلىدا شۇ چەتئەلنىڭ كىنولىرىنى بىۋاستە كۆرۇپ چۇشىنىپ ، ئاندا -ساندا BBCنىڭ خەۋەرلىرىنى ئاڭلاپ يۇرگەندىن باشقا ئشقا ئاساسەن ئشلىتىپ باقمىدىم .

بىر كۇن دۇنياغا يۇزلىنىپ قالسام ، ئشلىتەرمەن دېگەن ئومۈد بىلەن ئۇنتۇپ قالماسلىققا تىرىشىۋاتىمەن .

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2011-1-31 10:55:07

بالىمىزنى تەربىيىلىگەندە لازىم بولىدۇ.

lonelyness يوللانغان ۋاقتى 2011-1-31 11:23:18

خىزمەت چىقمىسا ياكى خىزمەت خوشياقمىسا ،ماڭا ئوخشاش تىلدىن پايدىلىنىپ باشقىلار ماڭغان ھەم ئون يىلدا ئاران ئېرىشىدىغان ئىقدىسادى مەنپەتكە ئدېرىشىشكە پايدىسى بولىدۇ .  ئىچكىردە كۈرمىڭ مەندەك بالىلار

koktash يوللانغان ۋاقتى 2011-1-31 11:32:53

رادىئو ھەۋەسكارى ئەپەندى!

ئېنگلىز تىلىنىڭ پايدىسى پەقەت پۇل ئارقىلىقلا ئۆلچىنەمدۇ؟!

سىزنىڭ ئېنگلىزچە كىنولارنى بىۋاستە چۈشىنەلىسىڭىز، چەتنىڭ رادىئولىرىنى ئاڭلاپ بىلەلىشىڭىزنىڭ، ھەتتا توردا ئېنگلىزچە ماتېرىياللاردىن پايدىلىنالىشىڭىز، گىزى كەلگەندە، چەتئەللىكلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرالىشىڭىزنىڭ ئۆزى بىر پايدا ئەمەسمۇ!؟ بۇ ئارقىلىق سىزنىڭ نەزەر دائىرىڭىز كېڭىيىدۇ، بىلىدىغان نەرسىلىرىڭىز كۆپىيىدۇ، كېيىن ئاشۇ بىلىملەر ۋە چۈشەنچىلەر تۇرمۇشىڭىزغا ۋە كۆز- قارشىڭىزغا تەسىر قىلىدۇ، بەلكىم پۇل تېپىشىڭىزغا يېڭىچە پىكىرلەرنى ئاتا قىلىشىمۇ مۇمكىنغۇ!!!

خەنزۇچە مەكتەپتە ئوقۇغان بىر ئۇيغۇر بالا ئۇيغۇرچە ئۆگىنىپتۇ، لېكىن خىزمەتكە چىققاندىن كېيىن ئۇيغۇرچە ئۆگەنگىنىنى پەقەت ئىشلىتىپ باقماپتۇ، يەنى ئۇيغۇرچە ئارقىلىق بىر موچەن تېپىپ باقماپتۇ! شۇڭا، بۇ مىنكوخەن بالىنى ئۇيغۇرچە ئۆگىنىپ پايدا ئالمىدى ، دىيىشكە بولامدۇ؟

ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس، ئۇ بالا ئۇيغۇرچە ئارقىلىق ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇشلۇق سالاھىيىتىنى ساقلاپ قېلىش بىلەن بىرگە، ئۆز مىللىتىنى بىۋاستە چۈشىنىش پۇرسىتىگە ئىگە بولدى. ئەجبا بۇنىڭ ئۆزى بىر پايدا ئەمەسمۇ!!!

نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى تىل ئۆگىنىشنى ئىقتىسادى پايدا ۋە چەتئەلگە چىقىش بىلەن باغلىۋالىدىغاندۇ، دەيمەن!!!

تىل ئۆگەنسە، كىشىنىڭ نەزەر دائىرىسى ۋە بىلىم ئېلىش دائىرىسى كېڭىيىدۇ، كىشى بىلىملىك بولسا، شۇ مىللەتتە بىر بولسىمۇ بىلىملىك ئادەمنىڭ بولۇشىغا سەۋەب بولىدۇ. ئىسىڭىزدە بولسۇن، ئۆزىڭىزنىڭ بىلىم سەۋىيىڭىزنى كۆتەرگىنىڭز، دەل ئۇيغۇرنىڭ بىلىم سەۋىيىسىنى كۆتەرگىنىڭىزدۇر!

afifiya يوللانغان ۋاقتى 2011-1-31 13:46:12

ماڭ بىر پۇڭ بەپ تەگىمىسىمۇ مۇشۇ ئىنگىلىستىلىنى ئانا تىلىمنى بىلگەندەك بىلىپ كەتسەم ئارمىنىم يوق.

جىق ئىشلارغا پايدىسى بار، ئۇنى ئۆگەنگەن بىلەن توغرا پايدىلانمىغان ئوخشايدۇ بىر قىسىم قېرىنداشلار.

amanpahri يوللانغان ۋاقتى 2011-1-31 15:18:03

بىر شۇئار توۋلىۋالاي: كۆپ تىللىق بولۇش شەرەپ،ئانا تىلنى بىلمەسلىك نومۇس!!!

يەنە بىرى بار: ئىنسانغا 72 ھۆنەر (تىل) ئارتۇق ئەمەس!!!

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2011-1-31 15:22:41

yurtum1028 يوللانغان ۋاقتى 2011-1-31 16:56:04

  بىر  پۇڭ پايدىسى تەگمىسىمۇ مەيلى  ،ئېنگلىز تىلى ئۈگەنگىنىم ئۈگەن .

Sirlikdunya يوللانغان ۋاقتى 2011-2-1 11:53:45

قالتىس ئۆگەنمەي بولمايدۇ
بەت: [1]
: ئىنگلىز تىلى ئۆگەنگەننىڭ نېمىگە پايدىسى ؟