tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2011-1-30 10:35:02

ئۆپكە – كاناي كېسەللىكلىرىگە كۆپ ئىشلىتىدىغان رېتسىپa

ئۆپكە – كاناي كېسەللىكلىرىگە كۆپ ئىشلىتىدىغان رېتسىپ تۈرى

بۇ كېسەللىكلەرگە مەخسۇس ئىشلىتىدىغان ياسالما تۈرى لۇئۇق دەپ ئاتىلىدۇ.

لۇئۇقلار مەجۈناتلاردىن سۇيۇقراق، شەربەتتىن قۇيۇقراق بولغان شىرىلىك خېمىر دورا بولۇپ،ئۇنى يالاپ ئىستىمال قىلغانلىقى ۋە شۈمۈپ يېگەنلىكى ئۈچۈن لۇئۇق(يالانچۇق) دەپ نام بېرىلگەن.

لۇئۇقلار مەخسۇس نەپەس يوللىرى ۋە كۆكرەك قىسمىنىڭ كېسەللىكلىرىگە ئىشلىتىلىدۇ.

لۇئۇق تەييارلاشتا بىر قىسىم يەككە دورىلارنى قاينىتىپ سۈزۈۋالغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە شېكەر سېلىپ قىيام قىلىنىدۇ. ئۈستىدىن يەنە ئازراق بىر قىسىم دورا تالقىنىنى ئارىلاشتۇرۇپ ياسىلىدۇ. لۇئۇقلارنى ياسىغان ھامان ئىشلىتىشكە بولىدۇ. باشقا خېمىر دورىلارغا ئوخشاش بىر مەزگىل تۇرغۇزۇپ ئىشلىتىش ھاجەتسىز.

قاچىلاش، ساقلاش ئۇسۇللىرى ۋە قۇۋۋىتىنىڭ تۇرۇش مۇددىتى باشقا مەجۈنات دورىلارغا ئوخشايدۇ. ئەمما پاتراق ئىشلىتىشنىڭ پايدىسى بار. چۈنكى جاراسىملار چۈشۈپ بۇزۇلۇش، قېتىپ قېلىش خەۋپى بار.

لۇئۇق تەييارلاشتا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:

بىرىنچى: لۇئۇق ياسالمىسىنىڭ قىيامى چىڭ بولۇشى كېرەك.

ئىككىنچى: بىيە ئۇرۇقى، ئىسپىغۇل لۇئابلىرىنى ئېلىشتا بىر ھەسسە دورىنى بەش ھەسسە قايناقسۇغا چىلاپ، لۇئابىنى سۈزۈۋېلىپ ئىشلىتىلىدۇ. ئىسپىغۇل سوقۇلمايدۇ. نۇسخىدا كۆرسىتىلگەن لۇئاب مىقدارى كەم بولۇپ قالماسلىقى كېرەك.

لوئۇقلاردىن ئۈلگىلەر:

لۇئۇقى كەتان

تەركىبى:

زىغىر 90گرام، قەردمانە 30 گرام ، ھەسەل مەلۇم مىقداردا.

تەييارلىنىشى: دورىلارنى كۆرسەتمە بويىچە تالقانلاپ ھەسەل بىلەن يۇغۇرۇپ لۇئۇق قىلىنىدۇ.

تەبىىتى : مۆدىتىل.

تەسىرى: يۆتەل پەسەيتىدۇ، كۆكرەكتىكى بەلغەمنى تازىلايدۇ. قان تۈكۈرۈشنى توختىتىدۇ.

ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر: دەم سىقىلىش، كونىرىغان يۆتەل ۋە قان تۈكۈرۈشلەرنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم ، يەتتە گرامنى ئەرقى گاۋزىۋان بىلەن يالاپ ئىشتىمال قىلىنىدۇ.

لۇئۇقى بادام

تەركىبى:

سەمغى ئەرەبى ، كەتىرا، نىشاستە ، رۇببىسۇس 15 گرامدىن، قاپاق ئۇرۇقى مېغىزى، بادام مېغىزى9گرامدىن، گۇلاپ ۋە بادام يېغى مەلۇم مىقداردا ، شېكەر 60 گرام.

تەييارلىنىشى: سەمغى ئەرەبى بىلەن كەتىرادىن باشقا دورىلارنى قائىدە بويىچە تالقانلاپ، ەۇلاپ ۋە بادام يېغى بىلەن نەمدەپ ، قەنتنى قىيام قىلىپ ئارىلاشتۇرۇلىدۇ. ئازراق سۇۋۇغاندىن كېيىن سەمغىي ئەرەبى ، كەتىرالارنى سالايە قىلىپ قوشۇپ تەييارلىنىدۇ.

تەبىئىتى : ئىسسىق.

تەسىرى: يۆتەل پەسەيتىش، گالدىكى يىرىكلىكنى يوقىتىش.

ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر: نەپەس يوللىرى كېسەللىكلىرى ، زۇكام قاتارلىقلار.

ئىشلىتىش مىقدارى : كۈنىگە بىر قېتىم 3 گرامنى ئەرقى گاۋزىۋان بىلەن كۈندۈزى يالاپ ئىستىمال قىلىنىدۇ.

لۇئۇقى خەشخەش

تەركىبى:

خەشخەش 150 گرام رۇببىسۇس، تاتلىق بادام مېغىزى، قاپاق ئۇرۇقى مېغىزى 15گرامدىن، قەنت 280گرام.

تەييارلىنىشى: خەشخەشنى 600مىللىلىتىر سۇغا بىر سوتكا چىلاپ ، قاينىتىپ، سىقىپ سۈزۈلىدۇ.

قەنتنى ئۇنىڭدا قىيام قىلىپ، ئۈستىگە تالقانلانغان دورىلارنى سېلىپ تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.

تەبىئىتى : ئىسسىق.

تەسىرى: كۆكرەكنى بوشىتىش، يۆتەل پەسەيتىش، بەلغەمنى سۈرۈپ چىقىرىش تەسىرىگە ئىگە.

ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر: يۆتەل، سىل كېسەللىكىدىكى قان تۈكۈرۈشلەرگە بېرىلىدۇ.

ئىشلىتىلىشى: كۈنىگە ئۈچ قېتىم ھەر قېتىمدا 15گرامدىن يالايدۇ.

لۇئۇقى زۇپا

تەركىبى:

قۇرۇق زۇپا، گۈل سەۋسەن يىلتىزى 60گرامدىن، ھەسەل 360گرام.

تەييارلىنىشى: يۇقىرىقى دورىلارنى كۆرسەتمە بويىچە ئېلىپ 1000 مىللىلىتىر سۇدا قاينىتىپ يېرىمى قالغاندا سىقىپ سۈزۈلىدۇ. سۈيىگە ھەسەلنى سېلىپ تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.

تەبىئىتى : قۇرۇق ئىسسىق.

تەسىرى: يۆتەل پەسەيتىش، ئارام بېرىش.

ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر: كونىرىغان يۆتەل، زىققە، نەپە يولى كېسەللىكلىرىگە ئىشلىتىلىدۇ.

لۇئۇقى سىپىستان.

تەركىبى: سەرپىستان 50دانە، چىلان 20 دانە، بىخسۇس ، بادام مېغىزى شىرىسى،خەشخەش شىرىسى 8گرامدىن، بىھى ئۇرۇقى، رۇببىسۇس، كەتىرا ، سەمغىي ئەرەبىي 3 گرامدىن، ئاق لەيلى ئۇرۇقى، ئىككى خىل تەرخەمەك ئۇرۇقى ئىككى گرامدىن، ئاق شىكەر 16گرام.

تەييارلىنىشى: شىرە دورىلار ۋە رۇببىسۇسلاردىن باشقا دورىلارنىڭ ھەممىسىنى قاينىتىپ ، سىقىپ ، سۈزۈپ ئۇنىڭغا شېكەرنى قوشۇپ قىيام قىلىنىدۇ. ئاندىن شىرىلەر ۋە رۇببىسۇسنى سېلىپ تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.

تەبىئىتى: ھۆل ئىسسىق .

تەسىرى: يۆتەل پەسەيتىدۇ، كۆكرەك ۋە بەلغەمنى بوشىتىدۇ. ئارقا تەرەتنى يۇمشىتىدۇ.

ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر: يۆتەل، نەپەس يوللىرى كېسەللىكلىرىگە ئىشلىتىلىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈندە بىر قېتىم، 7 گرامنى 80 مىللىلىتىر ئەرقى گاۋزىۋان بىلەن ئىستىمال قىلىدۇ.

لۇئۇقى تىن

تەركىبى:

قۇرۇق ئەنجۈر، يالپۇز، سەمغىر ئەرەبىلەر تەڭ مىقداردا.

تەييارلىنىشى: يۇقىرىقى دورىلارنى ئۆلچەم بويىچە ئېلىپ، قائىدە بويىچە لۇئۇق تەييارلىنىدۇ.

تەبىئىتى: قۇرۇق ئىسسىق.

تەسىرى: ئاۋاز پۈتۈپ قېلىشنى ياخشىلاپ، ئاۋازنى ئاچىدۇ.

ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر: ئۈنى پۈتۈپ قالغان كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈندە بىر قېتىم 8گرامنى 100مىللىتىر ئەرقى گاۋزىۋان بىلەن ئىستىمال قىلىدۇ.

ئۇيغۇر تېبابىتى داۋاسازلىق ۋە مۇرەككەپ دورىلار ئىلمىدىن ئېلىندى.

http://www.4tadu.com/?p=286

Erdewil يوللانغان ۋاقتى 2011-1-31 08:23:07

مۇشۇ كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ ئوبدان رېتسىپ---تەبىئىي يېمەكلىك---ئاقسۇنىڭ كەلپىن چامغۇرى!

elbilge يوللانغان ۋاقتى 2012-1-22 17:14:51

دەم سىقىلىشقا قارىتا يېزىلغان رىسالىلەر بەك ياخشىكەن
بەت: [1]
: ئۆپكە – كاناي كېسەللىكلىرىگە كۆپ ئىشلىتىدىغان رېتسىپ تۈرى