tagnuri يوللانغان ۋاقتى 2011-1-29 15:52:20

مەن تەجىربىلىك ئانىلارنىڭ ياردىمىگە مۇھتاج

مىنىڭ قىزىم 4ئايغا قەدەم قويىدى   ئانا سۇتىنى بىر ئايلا  ئەمگەن (سۇت بەكلا ئاز ،يەنە كىلىپ كۆكسۇمنىڭ  تۈگمىسى بەكلا كىچىك بولغاچقا بىچارە قوزام ئىمەلمەي ئۆزلىكىدىن ئايرىلدى) لىدوجىڭ كالاسۈتى بىلەن بىقىۋاتقان ئىدىم. كۇنلەرنىڭ  ئۆتىشى بىلەن ئۇنىڭغا بۇلماق نان تاماق سىلىش توغرا كەلدى لىكىن قانداق قىلىپمۇ ئۇنىڭ گىلىدىن بىر قوشۇق نان ،ئاش ئۆتكۇزەلمىدىم تاتلىقمۇ كار قىلمىدى  يە تىلى بىلەن ئىتتىرىپ چىقىرىۋىتىدۇ يە ھۆ قىلىدۇ بەك زورلىسام گىلىغا  تۇرۇلۇپ تىنالماي ئادەمنى قورقىتىدۇ ئىمىزگۈ شىشىسىدىن باشقا  نىمىدە  بىر  نەرسە  بىرەلمەي بۇلماقنى سۇيۇق قىلىپ ئىچكۈزىۋاتىمەن لىكىن بۇمۇ ياخشى چارە ئەمەسكەن ھازىرچە بالا خىلى تىتىك چوڭ بولىۋاتىدۇ لىكىن يەنىلا ئەنسىرەپ قىلىۋاتىمەن قانداق قىلسام قىزىمنى بىر نەرسە يەيدىغان ئىشتىھالىق قلغىلى بولار.  بالا مىنى ئەمگەن بولسا  بەك غەم يەپ كەتمەس ئىدىم ماڭا مەسلىھەت بەرسەڭلار بوپتىكەن!!

baharxamili يوللانغان ۋاقتى 2011-1-29 17:57:27

بالىلار دوختۇرخانىسىدا قىزىڭىزنىڭ ھەزىم قىلىش يوللىرىنى تەكشۈرتۈپ كۆرۈڭ مەسىلە بولمىسىلا تاماقنى سۇيۇق چايناپ بۇلماقتەك ھالەتكە ئەكىلپ بەرسىڭىز نەچچە كۈندىلا كۆنىدۇ ، ئەينى ۋاقىتتا مەنمۇ يېڭى تۇغۇتلۇق ۋاقتىمدا قىزىمنى بىر ئاي بولغۇچە ھېچنىمە بەرمەي ئېمىتسەم چوڭ ئانام << قىزىم بالىغا 17 كۈن بولغاندا تاماق ئۇرانىنى بەرمىسەك گېلىغا تۈك چىقىپ قالىدۇ ( كونىلارنىڭ شۇنداق بىر گېپى باركەن ) دەپ 35 كۈنلۈك بولغاندا تاماق بەرسەك راس دىگەندەك ياندۇرۇپ ھەرگىزمۇ يىگىلى ئۇنىمىغان ، پەقەت ئېمىزگىنىلا ئېمىدۇ تاماقنى يىمەيدۇ ، 15 كۈندەك ھېچنىمە يىمەي يىغلاپلا چىقتى ، تەكشۈرتسەك ناھىيەلىك دوختۇرخانىدا ھەزىم قىلىش يولى پۈتەي ئوخشايدۇ دەپ بەك قورقۇتۋاتقان ئۈرۈمچىگە ئاپىرىپ بالىلار دوختۇرخانىسىدا تەكشۈرتسەك پۈتۈنلەي نورمال پەقەت ئۇزۇنغقچە تاماق بەرمەي شۇنداق بوپتۇ بۇنى بوۋاقلارنىڭ نەپەس يولىنىڭ ئىككىلەمچى يەكلىنىشى دەمدۇ شۇنداق بىر دىئاگىنوز قويغان قايتىپ كەلگەندىن كىيىن تاماقنى سۇيۇق چايناپ تۈرۈپ قېلىشىدىن قورقماي بىرىۋەردىم دىگەندەك كۆنۈپلا قالسا ياخشى بوپ كىتىدىكەن ....  ئاللاھ ئىگەم پاخلان بوۋىقىڭىزنى ئىمانلىق چوڭ بولغىلى نىسىپ قىلغاي ، سىزمۇ قورقماي ماڭا ئوخشاش سىناپ كۆرۈڭ ياخشى بوپ قالىدۇ .............

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2011-1-29 19:08:52

قوقمايلا ئاچ قويۇپ بېقىڭە ، تاماقنى ئۆزى قازاندىن ئىلىپ يەيدۇ ،

ay~chiwar يوللانغان ۋاقتى 2011-1-30 00:39:18

بوۋاقنى يۇيۇپ تۇرۇڭ ، پاكىزە بولسا بوۋاق راھەتلىنىپ ،  ئۇيقۇسى ياخشى بولىدۇ . بوۋاقنى ئوڭدىسىغا ياتقۇزۇپ بوۋاقلارنىڭ ھەركىتى بارغۇ؟ شۇنى كۈندە نەچچە قېتىم قىلىپ بېرىڭ . (بۇ ھەركەت بوۋاقلار قوللانمىسىدىمۇ بار ، بالا تۇغۇلغاندا مەسئۇل سېستىرالارمۇ ئۆگىتىپ قويىدۇ ، چوقۇم بىلىسىز بۇنى )  بوۋاقنىڭ ئۇيقۇسى قانچە  ياخشى بولسا ، ھەركەتلىنىپ تۇرسا، ھەزىم قىلىشىمۇ ياخشى بولىدۇ . ھەزىم قىلىش يولىدا مەسىلە بولمىسىلا، قورىسقى ئاچسا يىمەيدىغان ئىش يوق . ما مى ئەي دېگەنننى ئىچكۈزۈپ بېرىڭ . لى دو جىڭدىن باشقا سۈت پاراشوكلىرىنى ئالماشتۇرۇپمۇ سىناپ بېقىڭ . ئەسلى 4 ئايلىق ۋاقتى دېگەن بوۋاقنىڭ  تازا ئەت ئالىدىغان ، قورسىقى ئاچسا ئىنكاسى بەك تېز بولىدىغان ، قورسىقى تويسىلا  ئۇخلايدىغان مەزگىلى .

NALAN يوللانغان ۋاقتى 2011-1-30 03:28:03

نەق بويتاقنىڭ پىكرى بولۇپتۇ ماۋۇ~

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2011-1-30 10:08:32

ئاكامنىڭ 2 ياشلىق قىزى يېرىم تەخسە پولونى يەپ بۇلىدۇ.
بەت: [1]
: مەن تەجىربىلىك ئانىلارنىڭ ياردىمىگە مۇھتاج