Pasiban يوللانغان ۋاقتى 2011-1-28 17:50:08

سۇزۇكى ياپونىيەدە MR Wagon ناملىق يېڭى ماشىنىنى ئېلان

سۇزۇكى ياپونىيەدە 5 يىل بۇيانقى يېڭى ماشىنسى بولمىش MR Wagon نى ئېلان قىلدى. بۇ 660 مىللىلېتىرلىق كىچىك 3 سېلىندىرلىق ماتور قويۇلغان ماشىنا بولۇپ، كورۇپكىسىغا CVT تېخنىكىسى قوللانغان. ماشىنا ئۇزۇنلىقى 3395 مىللىمېتىر، كەڭلىكى 1475 مىللىمېتىر، ئېگىزلىكى 1625 مىللىمېتىر كېلىدۇ. ئوق ئارىلىقى 2425 مىللىمېتىر بولۇپ، بوشلۇقى خېلىلا چوڭ.

0.7 لېتىرلىق ماتور سەپلەنگەن بۇ ماشىنىنىڭ 2 خىل تۈرى بولۇپ، نورمال ماتور ۋە تۇربولۇق ماتور. ئات كۈچى ئايرىم-ئايرىم 54 ۋە 64 . قوزغىلىش شەكلىمۇ ئالدى چاق قوزغىلىش ۋە 4 چاق قوزغىلىشتىن ئىبارەت ئىككى خىل.

باشقا ئالاھىدە سەپلىمىلىرىدىن سەزگۈلۈك ئېكرانلىق مېدىئا سېستىمىسى، ESP مۇقۇملاشتۇرۇش سېستىمىسى ۋە دۆڭگە يامىشىش ياردەمچىسى قاتارلىق ئىلغار تېخنىكىلار قوللىنىلغان.

بۇنىڭ ياپونىيەدىكى باھاسى 1 مىليون 131 مىڭ 9 يۈز يىن بولۇپ، خەلق پۇلىغا تەخمىنەن 90 مىڭ يۈەنگە توغرا كېلىدۇ.

بۇ ماشىنىلار يەنە نېمە دېگەن بىلەن ياپون پاكارلىرى لايىھەلىگەن بولغاچقا بىز كوچىدا تولا كۆرىدىغان چاڭئەن ۋە ۋۇلىڭ دېگەندەك ماشىنىلاردىن كۆپ سىپتا، نەپس چىقىدىكەن.

رەسىمدىكىسى ئەسلى ماشىنا بولماستىن ئۇنىڭغا ئالاھېدە ياسىغان Wit ماركىسىدىكى چاپان كېيدۈرۈلگەن ھالىتى.

ماۋۇسى ئەسلى زاۋۇتنىڭ ئەسلى ھالىتىدىكى سۇزۇكى ۋاگون.

DJ_MardaN يوللانغان ۋاقتى 2011-1-28 18:42:04

نېمانداق سەت ماشىنا بۇ؟ مۇشۇ ياپۇنلۇقلار ماشىنىنىڭ سىرتقى كۆرۈنىشىنى لاھىيەشتە ياۋروپالىقلاردىن بەكراق ياخشى ئۈگەنسە بولغۇدەك. بەزى ماشىنىلىرىدا بىر ئەۋلات بىلەن يەنە بىر ئەۋلات ئوتتۇرىسىدا قىلچە بىر باغلىنىشلىق تاپقىلى بولمايدۇ. ئەمما گىرمانلار ئۇنداق ئەمەس.

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2011-1-28 19:48:16

سەت ئىكەن

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2011-1-28 19:51:40

تاشقى شەكلى كۆك پىتقا ئوخشامدۇ نېمە؟

taklimakan10 يوللانغان ۋاقتى 2011-1-28 21:32:53

DJ_MardaN:
نېمانداق سەت ماشىنا بۇ؟ مۇشۇ ياپۇنلۇقلار ماشىنىنىڭ سىرتقى كۆرۈنىشىنى لاھىيەشتە ياۋروپالىقلاردىن بەكراق ياخشى ئۈگەنسە بولغۇدەك. بەزى ماشىنىلىرىدا بىر ئەۋلات بىلەن يەنە بىر ئەۋلات ئوتتۇرىسىدا قىلچە بىر باغلىنىشلىق تاپقىلى بولمايدۇ. ئەمما گىرمانلار ئۇنداق ئەمەس.

مەنمۇ سىزدەك پىكىردە. مەسىلەن2007-يىل نۇسخىسىدىكى本田雅阁 بىلەن 2010-يىل نۇسخىسى ئوتتىرىسىدىكى پەرق خېلىلا چوڭ.

بۇرۇنقى ئەۋلاد丰田皇冠بىلەن ھازىرقى نۇسخىسىدىمۇ خېلىلا چوڭ پەرق بار،ئەمما گىرماننىڭ 帕萨特قاتارلىق ئاپتۇموبىللېرى خېلى يىللاردىن بېرى سىرتقى قىياپەت جەھەتتە تۈزۈك ئۆزگۈرۈپ باقمىدى.قارىغاندا ياپۇنلۇقلار ئاپتۇموبىلنىڭ سىرتقى شەكلىنى دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرلىتىدىغان ئوخشايدۇ.

ئەمما ياپۇننىڭ ئاپتۇموبىللېرى ماي تىجەش جەھەتتە خېلى ئۈستۈنلۈككە ئىگە.بەزى ئاپتۇموبىللېرىنىڭ شەكلىمۇ خېلىلا چىرايلىق.

YELKEN يوللانغان ۋاقتى 2011-1-28 22:10:43

شەرقى ئاسيالىقلاردا لايھىيەلەش، يېڭىلىق، ئىستىتېكا، كۆرۈش ھوزۇرى دېگەندەك ئۇقۇمنى، خۇدايىم ئادەملەرنى ياراتقاندا، ئۇلارغا ئاتا قىلماپتىكەن... ما ماشىنىنىڭ بەزى ئارتۇقچىلىقلىرى بولىدىكەن، لېكىن بەك سەتكەن!.....

wasdnoasdw يوللانغان ۋاقتى 2011-1-28 22:30:08

ئەنئەنىۋى لايھىەلەر كاللاڭلارغا سىڭىپ قالغان گەپ شۇنى چىقىرۋىتىپ  يېڭى كۆز بىلەن كۆرۈپ باقساڭلار ئۇنچە سەتمۇ كۆرۈنۈپ كەتمەس .

mastura يوللانغان ۋاقتى 2011-1-28 22:37:42

مىنى كۇپېرغا ئوخشاپ قالىدىكەنغۇ. ماڭا سەت كۆرۈنمىدى، مىستىر دابليۇ گەپ قىلمىسا قورققانتىم سەت كۆرۈنمىدى دېگىلىمۇ.

YELKEN يوللانغان ۋاقتى 2011-1-28 23:22:15

گېرمانىيە فولكسۋاگېن (Volkswagen)\ئاممىباب ئاپتوموبىل شىركىتى قاتارنىڭ پايتەختى دوھادا ئۆتكۈزۈلگەن ئاپتوموبىل يەرمەنكىسىدە، يېڭى نۇسخا XL1 مودېل ماشىنىسىنىڭ پروتىتىپىنى سەھنىگە چىقاردى.

ئارتۇقچىلىقلىرى:

دېزىل موتور بىلەن بىرگە توك قاچىلاپ ئىشلىتىش ئىقتىدارى بار.

ئىككى سېلىندېرلىك، 48 ئاتكۈچىگە ئىگە 800ccلىق دېزىل موتور

27 ئاتكۈچىگە ئىگە بىر ئېلىكتېرلىك موتورى بار. لىتي باتارىيەسى ئىشلىتىلگەن بۇ موتور ھەرقانداق يەردە توك قاچىلىغىلى ۋە قاچىلانغان توك بىلەن 35 كىلومېتېر يول ماڭغىلى بولىدىكەن.

ئوتتۇراھېساب بىلەن 0.9لېتر\100 كىلومىتېر يېقىلغۇ سەرپىيات؛

قويۇپ بېرىلگەن CO2 مىقدارى 24mg/km؛

ئېغىرلىقى: 795 كىلوگرام؛

ئەڭ يۇقىرى سۈرئىتى: 160 كىلومېتىر.

ماۋۇ توربەتتە بەزى سىن كۆرۈنۈشىلىر باركەن:

http://www.zercustoms.com/news/Volkswagen-XL1.html

ھازىر بۇ ئاپتوموبىلنىڭ پەقەت پروتوتىپى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، 2013- يىلى رەسمى ئىشلەپچىقىرىلىپ بازارغا سېلىنىدىكەن. ئەڭ دەسلەپتە گېرمانىيە ۋە ئەنگىلىيەدە، ئۇندىن كىيىن ئا ق ش ۋە جۇڭگودا سېتىلىشقا باشلايدىكەن. پۇلۇڭلارنى 2013-يىلغىچە يىغىپ قويۇڭلار، بېكار بۇ سۇزۇكىغا پۇلۇڭلارنى ئىسراپ قىلغۇچە....

Pasiban يوللانغان ۋاقتى 2011-1-29 12:20:21

ماڭا سەت كۆرۈنمىدى. مەن بىرسىگە كىچىك ئىخچام ماشىنىنى، يەنە بىرىگە چوڭ بوشلۇق بار ماشىنىنى، يەنە بىرىگە يۇقىرى ئات كۈچىلىك ماشىنىنى ياقتۇرىمەن. بۇنىڭغا ئوخشايدىغان Scion دېگەن ماركىنىڭ xB ناملىق بىر ماشىنىسى بار. جۇڭگودا كىيانىڭ بازارغا سالغان Soul دېگەن ماشىنىسى بار. بۇ ئىككى خىل ماشىنا بۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدۇ. چاڭچىڭنىڭ كۇشىيوڭ دېگەن ماشىنىسىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ قالىدۇ.  مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى يېڭىلىققا ئىنتىلىدىغان، خاسلىققا ئېگە بىر قىسىم ياشلارنى ئاساسى مۇددىئا قىلىپ لايىھەلىگەن ماشىنىلار. شۇڭا بۇ لايىھە بىر قەدەر ئۆزگىچە بولغاچ، كوچىلاردىكى ماشىنىغا قاراپ كۆنۈپ كەتكەن بىر قىسىملىرىمىزغا غەلىتە تۇيۇلىشى ئېنىق.

DJ_MardaN يوللانغان ۋاقتى 2011-1-29 14:02:43

Pasiban:

ھەممە ئادەمنىڭ گۈزەللىككە بولغان قارىشى ئوخشىمايدۇ، بۇ توغرا.
ئەمدى يېڭىلىققا ئىنتىلىش، خاسلىق دېگەندەك گەپلەرنى قويۇپ تۇرۇپ نەق گەپكە كەلسەك كوچىدىكى 1000 ئادەمدىن يا بىرسى بۇ ماشىنىنى ئالىدۇ ياكى ئالمايدۇ. چۈنكى بۇ ماشىنا كۆپ قىسىم ئادەمنىڭ كۆزىگە سەت كۆرىنىدۇ. ھەم بۇ خىل لاھىيە يېڭىمۇ ئەمەس، نەچچە يىلدىن بېرى كۆرىۋاتىمىز. مەسىلەن داچىيانىڭ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ماشىنىسى بار. قىسقىسى بۇنىڭ يېڭىلىققا ئىنتىلىش بىلەن مۇناسىۋېتى يوق، بىر ئادەمنىڭ ئىستېتىكا، كۆرۈش ھوزۇرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

ئەگەر ئۆزى كىچىك، كۈچلۈك، ئىچى كەڭ، يولدا دەششەت ماڭىدىغان ماشىنا دېسىڭىز Ford C-Max نى كۆرۈپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.

                                                                                                taklimakan10:

گىرمان، ئىنگىلىز، ئىتاليان ياكى ئامېرىكان ماشىنىلىرىدا ئون يىل بۇرۇنقى مودېلى بىلەن 10 يىل كېيىنكى مودېلىدا ئاسمان-زىمىن پەرق بار. لېكىن ئۇلارنىڭ ماشىنىلىرىنىڭ يان تەرىپىگە بىر قاراپلا قايسى ماركا، قايسى مودېل ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بۇلىدۇ. قانچە تەرەققى قىلسىمۇ خاسلىقىنى ساقلاپ ماڭالايدۇ. ياپۇن، كورىيە ماشىنىلىرى ئۇنداق ئەمەس.

ماۋۇ ماشىنا بەلكىم قىزلارغا ئۇماق كۆرۈنىشى مۈمكىن. لېكىن ئۇلارغا ھەرقانداق ماشىنىنى قىزىلغا ياكى سۆسۈنگە بوياپ بەرسە چىرايلىقكەن يا بولمىسا مۇشۇنى ئالايلى دەۋېرىدۇ. ئۇلارنىڭ بىرىنچى ۋە بىردىن-بىر شەرتى بولسا ماشىنىڭ كىچىك، ئۇماق ۋە رەڭلىك بۇلىشى .
مەستۇرە خانقىز، بۇنىڭ مىنى كاپىر بىلەن ئارىسىدا ئاسمان-زىمىن پەرق بار. ئىككىسى بىللە كۆرسىڭىز بىلىسىز.

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2011-1-29 17:06:30

توي كۈچۈردىغانغا ئەمەس، ئائىلىدە ئىشلىتىدىغان ماشىنا بولغاندىن كىيىن مۇشۇنداق قىلسا كەينىدىكى ئىشلەتكىلى بولىدىغان بوشلۇق چوڭ بولىدۇ.قۇلايلىق دەپ شۇنى دەيمىز.

ھېس قىلسام كوچىدا يۈگۈرەپ يۈرگەن ماشىنىلارنىڭ 70-80% تى مۇشۇنداق سەت ماشىنىلاركەن.

شۇ

بىرلا گەپ

قولاي

bahwan0998 يوللانغان ۋاقتى 2011-1-29 18:31:07

ئەگەر دۆلتىمىزدە بۇ ماشىنا ئىشلىنىپ قالسا نەچچە پۇل بولا باھاسى، ياپۇندىكى باھاسى 90 مىڭ ئىكەن، 150 مىڭ يۈەندىن تۆۋەنرەك چىقامۇ ؟

BAHWAN يوللانغان ۋاقتى 2011-1-29 20:07:52

بەك سەتكەن بۇ  ماشىنا'

NALAN يوللانغان ۋاقتى 2011-1-30 03:39:26

ماڭىمۇ سەت كۆرۈنمىدى.  كەينىدىكى بوشلۇققا بالىڭىزنىڭ ھارۋىسى، ساياھەتكە چىقىپ قالسىڭىز ئالىدىغان چىدىر، ئۇششاق- چۈششەكلەرنىڭ ھەممىسى پاتقۇدەك~ قوللىنىشچان بىلىندى~   

Pasiban يوللانغان ۋاقتى 2011-1-30 21:51:14

دوستۇم جانابى مەردان (DJ_MardaN نى ئۆزۈمچە...)

سىز ياپونىيە ۋە ئامېرىكىدىكى كۆپ قىسىم ياشلارنىڭ بۇ خىلدىكى ماشىنىلارغا بولغان كۆز قارىشىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟ مەن مىسالغا ئېلىپ ئۆتكەن Scion دېگەن ماركىنىڭ مۇشۇ خىلدىكى ماشىنىسى ياپونىيە ۋە ئامېرىكىدىكى دەل مەن دېگەن كاتىگورىيەگە كىرىدىغان ياشلار ئارىسىدا ۋەھشى مودا. بۇ خىلدىكى ماشىنىنىڭ سىز سىرتىغا قاراپلا باھا بەرمەڭ. ئىچىگە كىرىپ ئىچكى بېزىلىشىنى بىر كۆرۈپ بېقىڭ. ھەيدىگەندىكى كونترول زادى قانداقكەن بىر ھېس قىلىپ بېقىڭ. گوروھ-گوروھ بولىشىپ ماشىنا چاپتۇرۇپ ئوينايدىغان گۇيلارنىڭ لاۋدا لىرى دەل مۇشۇنداق ساندۇقسىمان ماشىنىلاردا يۈرۈيدۇ. مەن Scion نىڭ xB غا ئوخشىتىپ ياسىغان چاڭچىڭنىڭ كۇشيۇڭ دېگەن ماشىنىنى ئالغاندىن كىيىن  بىزنىڭ ئەترەتتىكى ئىككەيلەن ئالدى. بۇنىڭ بىرى بىزنىڭ ئەترەت باشلىقى. مەن ئۇ سۆزلەرنى ئۆزۈم بىلىپ شىپى كەلتۈرگەن ئېدىم

راس دەيسىز. يۈزۈمدىن يۈزۈمگە نەچچە ئادەم ماشىناڭ بەك سەتكەن دېدى. لېكىن ئۇلارغا چىرايلىق ياكى سەت كۆرۈنىشىنىڭ مېنىڭ ھەيدىگەندىكى ۋە ئولتۇرغاندىكى ئالغان راھىتىم بىلەن قەتئىي مۇناسىۋىتى يوق.  چۈنكى ئۇلار مېنىڭ نېمىنى ئويليدىغىنىم بىلەن ئىشى يوق. مەن ئۈچۈن بولسا ماشىنا بەك ياخشى ئىكەن. ئازراق ئۆزگەرتىش ئېلىپ باردىم. شۇ ماشىنا بىلەن تاغدا چاپتۇرۇپ قويىمىز تېخى. ئىشقىلىپ ماشىنا تاللاشتا ئىستىتىك زوقتىن باشقا تەلەپ قىلىدىغان كۆپ نەرسىلەر بار. بۇ نەرسىلەرنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان ئادەم پەقەت ناھايىتى ئاز بىر قىسىملا خالاس. 90% تىن يۇقىرى كىشىلەر دەل سىرتقى كۆرىنىشىدىكى ئستىتىك زوق بىرەلەيدىغان قىسمىنى 1-ئورۇنغا قويىۋېلىپ ماشىنىغا باھا بېرىدۇ. بۇنىڭغا ئامال يوق.

بىز بۇ ماشىنىنى سىرتىغا قاراپلا چاڭئەن ياكى ۋۇلىڭ ماشىنىلارغا ئوخشىتىۋېلىپلا ناچار ماشىنىدەك كۆرۈنۈپ قالغان بولىشى مۇمكىن. لېكىن مۇشۇ خىل سەپلىمىلىرى بىلەن دۆلەت ئىچىدە سېتىلىۋاتقان 200 مىڭ يۈەنلىك ماشىنىلارنىڭ راھىتىنى مۇتلەق بېرەلەيدۇ سىزگە.  

Pasiban يوللانغان ۋاقتى 2011-1-30 21:58:52

ھە راس. سىز تەۋسىيە قىلغان ئاۋۇ ماشىنا مەن دېگەن تۈرگە كىرىدىكەن. لېكىن ھەم كىچىك، ھەم چوڭ، ھەم چوڭ ئات كۈچى دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى بىر ماشىنىدا بولمايدۇ.

ئىخچام، كىچىك دېگىنىمدە مىنى كوپىر ياكى سمارتقا، ياكى سۇزۇكىنىڭ SWIFT ، فوردنىڭ فىيېستاغا ئوخشاش؛ بوشلۇقى چوڭ، يوغان دېگەندە خاممېر H2 ، لېنكولننىڭ يول باشلىغۇچى، تويوتا پرېۋىيا ... غا ئوخشاش؛ ئات كۈچى يۇقىرى دېگەندە بەك فەرارى ئىتالىيەدەك، پاجانى زوندادەك، بۇجادى ۋيروندەك بولمىسىمۇ سۇبارۇنىڭ ئېمپرېزا STI دەك ماشىنىلارغا ئامراق. بۇنىڭدىن باشقا ئارىلىقتا قالغان ماشىنىلارنى پەقەت ئۆتكۈنچى ماشىنىلار دەپ قارايمەن.

Bughra1902 يوللانغان ۋاقتى 2011-1-30 22:07:53

Volkswagen نىڭ cc بىلەن ئوۋدىنىڭ tt پېچەت كۆرىنىدۇ.

ئارزۇيۇم BMW نىڭ X6 نى ھەيدەپ شىنجاڭنى ئايلىنىپ ساياھەت قىلىش

Pasiban يوللانغان ۋاقتى 2011-1-30 22:12:23

ئەگەر مېنىڭ پۇلۇم بولۇپ 1 مىليون ئەتراپىدا ماشىنا ئېلىشقا توغرا كەلسە ئازراق كۈچەپ X6 نى ئالاتتىم. مايغىلا چىدىسا مۇزدەك ماشىنا لىكىن... ئەگەر ئەتە ئۆگۈن ئارىلاش كۈچ مەنبەلىك نۇسقىسى چىقىپ قالسا پەچەت ئىش بولاتتىدە...

Bughra1902 يوللانغان ۋاقتى 2011-1-30 22:33:15

ماشىنىغا قىزىقىدىغانلار توردىن Bugatti توغرۇلۇق ئىزدەپ كۆرۈپ بېقىڭلار، يىغلىتىۋەتكۈدەك ماشىنا
بەت: [1] 2
: سۇزۇكى ياپونىيەدە MR Wagon ناملىق يېڭى ماشىنىنى ئېلان قىلدى