hazritili يوللانغان ۋاقتى 2011-1-27 15:54:35

قۇناقگۈل ( 美人蕉 ) ھەققىدە

قوناقگۈل يەنى كاناگۈل دەپمۇ ئاتىلىدۇ.قوناقگۈلنىڭ ئەتلىك توم يېلتىزى بۇلىدۇ. يۇپۇرمىقى سۇزۇنچاق تۆمۈنە شەكلىدە بۇلۇپ ، يېشىل ياكى بېغىر رەڭدە بۇلىدۇ ، نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، پەيسىمان پاراللىل تومۇرلىرى بۇلىدۇ. شاخلانمايدۇ. ئومۇمىي گۈل رېتى غولنىڭ ئۇچىدا ئۆسىدۇ . مېۋىسى غوزا شەكىللىك مېۋە . قوناقگۈل سېرىق ، ھال رەڭ ، قىزىل ، ئوچۇق قىزىل ، ئاق ، سۆسۈن ۋە قىزغۇچ سېرىق رەڭلەردە ئېچىلىدۇ ، ئېگىزلىگى ئوخشاش بولمايدۇ.

قوناقگۈل ئىسسىق ۋە ئىللىق كىلىماتنى ، كۈن نۇرىنىڭ تولۇق چۈشىشىنى ، مۇنبەت ، نەمخۇش ، سۈيى چىقىپ كېتەلەيدىغان قېلىن تۇپراقنى ياخشى كۆرىدۇ. بوراندىن ۋە قىراۋ ئۇششۇكتىن قورقىدۇ. ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك ، تۇپراق تاللىمايدۇ ، گۈل ئېچىلىش مەزگىلى ئۇزاق ، 5- ئايدىن كۇزنىڭ ئوتتۇرلىرىغىچە ئۇزۇلمەي ئېچىلىپ تۇرىدۇ.

كۆپەيتىش : قۇناقگۈل ئۇرۇقىنى تېرىش ۋە تۈپلەندۇرۇش ئارقىلىق كۆپەيتىلىدۇ. ئۇرۇق پوستى قاتتىق بولغاچقا، ئۇرۇق پوستىنى زەخمىلەندۇرۇپ تېرىسا ، سۇنى ئاسان سۇمۇرۇپ تىز ئۈنۈپ چىقىدۇ. ئۇرۇق تېرىشتىن ئىلگىرى 25 ~30 سېلسىيە گرادۇسلۇق ئىسسىق سۇغا بىر سوتكا چىلىنىدۇ. تېرىپ بولغاندىن كىيىن تېمپېراتۇرا 25 سېلسىيە گېرادۇس ئەتراپىدا ساقلانسا ، تەخمىنەت 1~ 2 ھەپتىدە ئۈنۈپ بۇلىدۇ. . ياش كۆچەت 4 ~ 5 سانتېمېتىر ئېگىزلىگەندە كۆچۈرىلىدۇ.

تۈپلەندۇرۇش كۆپ قوللىنىلىدىغان ئۇسۇل بولۇپ ، 4- ئايدا قىشقىچە ساقلانغان يىلتىز غولى 2 ~ 3 بىخى بىلەن بۆلۈنۈپ ئايرىم تىكىلىدۇ.

قوناقگۈلنى ئۆستۇرۇش ئاسان ، باشقۇرۇش ئاددى ، ئەتىيازدىكى ئاخىرقى قىرودىن كىيىنلا يەرگە تىكىشكە بۇلدۇ. تىكىش چۇڭقۇرلىقى 8 ~ 10 سانتىمىتىر بولىدۇ. ئاساسىي ئوغۇت بەرگەندە ئورگانىك ئوغۇتنى كۆپرەك بىرىش ، گۈلى ئېچىلغۇچە بولغان ئارلىقتا1~ 2 قېتىم قۇشۇمچە ئوغۇت بىرىش لازىم . گۈلى ئېچلغاندىن كىيىن گۈل شېخى كىسىۋىتىلسە ، ئۇرۇق تۇتماي يىلتىز غولى ئوبدان تەرەققىي قىلىدۇ.قىرودىن ئاۋۋال شاخ – يۇپۇرماقلىرى كىسىۋېتىلىپ ، يىلتىز غولىنى1~ 2 كۈن قۇرۇتقاندىن كېيىن ئۆيگە يۆتكەپ ، 6 ~ 7 سېلسىيە گرادۇسلۇق شارائىتتا ، قمدا ساقلاپ قىشلىتىلىدۇ. قشلانقاندا، پات – پات ئۆرۈپ تۇرۇش كېرەك .

گۈل ۋە گۈلچىلىككە ئائىت تېخىمۇ كۆپ بىلملەرنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2011-1-27 17:21:56

ئاپام بەك باقاتتى بۇنى باغچىمىزدا.

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2011-1-27 20:13:57

مەن تېخى سىلەرنىڭ ئۆيدە ئۆستۈرىدىغان گۈللەرمىكى دېگەن ئىدىم. ساپلا ياشباللاغا ماس كىلىدىغان گۈللەر ئىكەن.

hazritili يوللانغان ۋاقتى 2011-1-27 22:10:48

Birzat:
مەن تېخى سىلەرنىڭ ئۆيدە ئۆستۈرىدىغان گۈللەرمىكى دېگەن ئىدىم. ساپلا ياشباللاغا ماس كىلىدىغان گۈللەر ئىكەن.

ياش باللارغىلا ئەمەس ، ئۆزىنى ياش چاغلايدىغانلارغىمۇ ماس كىلىدۇ ، بىرزاتكا ،

olive يوللانغان ۋاقتى 2011-1-28 06:23:26

ھېلىقى تىكىنى بار گۈلنى نىمە دەيىتتى،تىكەنگۈل دەمدۇ شۇنىمۇ قۇرۇتۇپ ئۆلتۈرۈپ قويىمەن

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2011-1-28 07:33:25

لىكىن مۇلازىمىتىڭلار نوچى ئىكەن. مۇلازىمەتتە سەمىمى، راستچىل بولساڭلار ئىشلىرىڭلار روناق تاپقاي! ئۆيدە ئۆستۈرىدىغان گۈللەردىنمۇ ساۋات بەرمەمسىز، بىنا ئۆيگە ماس كىلىدىغان، قىش كۈنلىرى پارنىڭ ئىسسىقىدا ئۆلۈپ قالمايدىغان دېگەندەك.

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2011-1-28 10:09:35

بىرەر پارچە رەسىمىنى قىستۇرۇپ قويسىڭىز بولمامدۇ، قوناقگۈل دىگەن قانداق گۈلدۇ دەپ تور بېتىڭىزگە كىردىم، قارىسام يوغانراق رەسىمى يوقكەن، گوگىلدىن ئىزدەپ قوناقگۈلنىڭ رەسىمىنى ئاران تاپتىم.

hazritili يوللانغان ۋاقتى 2011-1-29 03:40:18

Birzat:
لىكىن مۇلازىمىتىڭلار نوچى ئىكەن. مۇلازىمەتتە سەمىمى، راستچىل بولساڭلار ئىشلىرىڭلار روناق تاپقاي! ئۆيدە ئۆستۈرىدىغان گۈللەردىنمۇ ساۋات بەرمەمسىز، بىنا ئۆيگە ماس كىلىدىغان، قىش كۈنلىرى پارنىڭ ئىسسىقىدا ئۆلۈپ قالمايدىغان دېگەندەك.

ماختىغىنىڭىزغا رەھمەت ، بىرزاتكا ، ئاللا خالىسا سىز دېگەن \" سەممىي ، راسىتچىل \" ماڭغايمىز . ئىشلىرىمىزمۇ رۇناق تاپقاي ، سىز بىلەن تۇنۇشقانلىقمدىن خۇشالمەن

سىز دېگەندەك ئۆيدە ئۆستۇرىدىغان گۈللەردىنمۇ ساۋات بىرىشنىئەلچى گۈلچىلىكى پارلامنت يىغىنىنىڭ مۇھىم كۈنتەرتىپ قاتارىغا قويۇپ ئېلىپ ئورۇندايلى

hazritili يوللانغان ۋاقتى 2011-1-29 03:42:08

Bayawan:
بىرەر پارچە رەسىمىنى قىستۇرۇپ قويسىڭىز بولمامدۇ، قوناقگۈل دىگەن قانداق گۈلدۇ دەپ تور بېتىڭىزگە كىردىم، قارىسام يوغانراق رەسىمى يوقكەن، گوگىلدىن ئىزدەپ قوناقگۈلنىڭ رەسىمىنى ئاران تاپتىم.

بىزمۇ شۇنداق قىلىشنى ئويلىغان ، ئەمما ئىزدىنىشتە رەسىم يوللاشنى بىلەلمىدىم . ئۆگىتىپ قويامسىزيا ، (بىرەر دەستە گۈل ئايىمايمەن جۇمۇ؟)

بەت: [1]
: قۇناقگۈل ( 美人蕉 ) ھەققىدە