arek يوللانغان ۋاقتى 2011-1-27 11:44:13

تارىختا بۈگۈن (27-يانۋار )

2000-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، نېگىرىيەنىڭ پايتەختى لوگوستا پارتلاش يۈز بېرىپ، 2000 كىشى قازا قىلغان. بۇ قېتىمقى پارتلاشنىڭ كىشىلەرنىڭ ھاياتى ۋە مال مۈلكىگە سالغان زىيىنى تولىمۇ چوڭ بولدى. بۇ قېتىمقى پارتلاشنىڭ سەۋەبى توغرىلىق ئۈچ خىل قاراش بار، بىرىنچى:ھەربىي لاگىردىكى ھەربىي ئائىلىلىكلەرنىڭ بازىرىغا ئوت كېتىپ، پارتلىغان. ئىككىنچى:ھەربىي قورال-ياراغ ئىسكىلاتى ئۇزۇن تۇرۇپ كەتكەچكە، ئۇنىڭ ئۈستىگە لاگوسنىڭ تېمپىراتورىسىنىڭ يۇقىرى بولۇشى ئوق دورىنىڭ ئۆزلىكىدىن پارتلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئۈچىنچى:ھەربىي لاگىر ئەتراپىدىكى ماي قاچىلاش پونكىتىغا ئوت كېتىپ، ئوت ئۇچقۇنلىرى ھەربىي ئىسكىلاتقا تۇتىشىپ كەتكەن. بۇنىڭ بىلەن كەينى-كەينىدىن پارتلاش يۈز بەرگەن.

1973-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ۋېيتنام بىلەن ئامېرىكا ۋېيتنام مەسىلىسى توغرىسىدا پارىژ كېلىشىمى تۈزگەن. كېلىشىمنىڭ مەقسىتى ۋېيتنام ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، تىنچلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش. 1965-يىلى ئامېرىكا ۋېيتنام ئۇرۇشىغا قاتناشقان. ئۇرۇشتا جەمئىي 45997 كىشى قازا قىلغان، 303640 كىشى يارىلانغان، 600 گە يېقىن كىشى ئەسىرگە چۈشۈپ قالغان، 1300 دىن ئارتۇق كىشى يوقاپ كەتكەن. 109 مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئۇرۇش چىقىمى كەتكەن. ۋېيتنام تەرەپنىڭ سىتاتىستىكىسىدا جەمئىي 183 مىڭ كىشى قازا قىلغان. 1967-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئاپوللو 1-نومۇرلۇق ئالەم كېمىسىدىكى ئۈچ ئالەم ئۇچقۇچىسى پارتلاشتا قازا قىلغان. بۇ بىر مەيدان 1-نومۇرلۇق ئالەم كېمىسىنىمۇ ۋەيران قىلغان. ئەسلىدىكى پىلان بويىچە 2-ئاينىڭ 21-كۈنى بۇ ئالەم كېمىسى يەر شارى ئوربېتىسىغا چىقىرىلماقچى ئىكەنتۇق، بىراق بىر قېتىملىق مانىۋېردا ئۇلار يەر ئۈستىدىلا قازا قىلغان. بۇ قېتىملىق پارتلاشنىڭ سەۋەبى: ئېلېكتىر ئۇچقۇنى ئالەم كېمىسىنىڭ ئارقىدىكى ئوكسېگىنغا تۇتىشىپ كەتكەن.

1893-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئۇلۇغ ۋەتەنپەرۋەر زات، ئىنتېرناتسىئونالىزىمچى، كوممۇنىزىم جەڭچىسى سۇڭ چىڭلىڭ شاڭخەيدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ كىچىك ۋاقتىدا ئامېرىكىدا ئوقۇغان. 1915-يىلى سۈن جۇڭشەن بىلەن توي قىلىپ، سۈن جۇڭشەننىڭ ئەڭ يېقىن سىردىشى ۋە ياردەمچىسىگە ئايلانغان. 1925-يىلى سۈن جۇڭشەن ۋاپات بولغاندىن كېيىن، سۇڭ چىڭلىڭ ئىزچىل ئادالەت مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، جياڭ جيېشىنىڭ ئىنقىلابقا ئاسىيلىق قىلىشىغا قارشى تۇردى. جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش ۋە تىنچلىقنى قوغداش خەلقئارا ھەرىكىتىگە ئاكتىپ قاتناشتى ھەمدە دۇنيا فاشىزىمغا قارشى كومىتېتنىڭ ئاساسلىق رەھبىرى بولدى. ياپونغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە، ئۇ مەيدىسىنى كېرىپ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ، دىموكراتىيەنى قوغدىدى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مەركەز خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قاتارلىق مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆتىدى. سۇڭ چىڭلىڭنىڭ ئۆمرى پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ قەدىرلىشىگە، ماختىشىغا سازاۋەر بولدى. 1981-يىلى 5-ئاينىڭ 29-كۈنى كەچ سائەت 8 دىن 18 مىنۇت ئۆتكەندە بېيجىڭدا ۋاپات بولدى.

1756-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئاۋسترىيەنىڭ داڭلىق مۇزىكا پېشىۋاسى موزات دۇنياغا كەلگەن. موزاتنىڭ دادىسىمۇ مۇزىكانت بولۇپ، ئوغلىنى مۇزىكا جەھەتتە ئەتراپلىق يېتىشتۈرگەن، ئوغلىنىڭ مۇزىكا جەھەتتىكى تالانتى دىن كۈچلىرىنىڭ باستۇرۇشىغا ئۇچرىغان. موزات كىچىكىدىنلا ئەقىللىق بولۇپ، ئۈچ يېشىدىلا مۇزىكىنى ئاڭلاپ چۈشىنەلەيدىغان بولغان، تۆت يېشىدا گارمون چېلىشنى ئۆگەنگەن. ئالتە يېشىدا دادىسى بىلەن ۋىيېناغا بېرىپ ئويۇن قويغان. ئۇنىڭ سەھنىدىكى ئاجايىپ قابىلىيىتى كىشىلەرنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرغان. 1763-يىلى ئۇنىڭ پارىژدا ئۆتكۈزگەن مۇزىكا كېچىلىكى ئىنتايىن قالتىس بولۇپ، پۈتكۈل پارىژنى بويسۇندۇرغان. موزات پەقەت 36 ياشلا ياشىغان، نۇرغۇن دۆلەتلەرگە بېرىپ ئۇستاز تۇتقان. 49 سىمفونىيە ۋە نۇرغۇن مۇزىكا ئىجاد قىلغان، كىشىلەر موزاتنى «18-ئەسىردىكى مۆجىزە» دەپ تەرىپلىگەن.

--------------------------------------------------------------------------------------

مەنبە :جۇڭگۇ ئۇيغۇرچە رادىئو تورى

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2011-2-12 00:13:59

بۇ كۈنى ، كىنو ۋە سىندەرسلەرنى تەشۋىق قىلىدىغان دىتال «ئىنتىل تور كىنوخانىسى» ئېلان قىلىندى.
بەت: [1]
: تارىختا بۈگۈن(27-يانۋار)