arek يوللانغان ۋاقتى 2011-1-26 18:51:29

تارىختا بۈگۈن (26-يانۋار )

2001-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ھىندىستاندا 50 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ زور يەر تەۋرەش يۈز بەرگەن. ھىندىستاننىڭ غەربىدە 7.9 بال يەر تەۋرەپ، 20 مىڭدىن ئارتۇق كىشى قازا قىلغان. تۆت مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرى زىيان بولدى. بۈ كۈن دەل ھىندىستاننىڭ دۆلەت كۈنى ئىدى. بۇ جاينىڭ ئىقتىسادى يەر تەۋرەش تۈپەيلى 20 يىل ئارقىغا سۈرۈلۈپ كەتتى. يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، خەلقئارا جەمئىيەت ھىندىستانغا ياردەم قولىنى سۇندى.

1953-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئامېرىكىلىق دوكتۇر جوناس سالك بالىلار پالەچلىك كېسىلىنىڭ ۋاكسىنىسىنى كەشىپ قىلغان.

بالىلار پالەچلىك كېسەللىرى ئىنسانلار تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان تۇنجى تۈركۈمدىكى كېسەل بولۇشى مۇمكىن

1934-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، گېرمانىيە بىلەن پولشا «ئۆزئارا تاجاۋۇز قىلماسلىق شەرتنامىسى» نى تۈزگەن. شۇ يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى كۈچكە ئىگە بولغان. ئاساسلىق مەزمۇنى: قورال كۈچى ئىشلەتمەي، تىنچ يولدا ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى توقۇنۇشنى تۈگىتىش، 10 يىل ئىچىدە تاجاۋۇز قىلماسلىق، زېمىن ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش. 1939-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى، گېرمانىيە پولشاغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلغان، بۇنىڭ بىلەن 2-دۇنيا ئۇرۇش پارتلىغان.

1910-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، پارىژ لۇۋرا مۇزىيى كەلكۈندە قېلىپ، 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرى زىيان سېلىنغان. شۇ كۈنى پارىژغا كەلكۈن كېلىپ، بىر ھەپتە داۋاملاشقان. لۇۋرا مۇزىيىدىكى ئاسارە ئەتىقىلەرگە خەۋپ يەتكەن. نۇرغۇن ئاھالە ئۆيلىرىنى تاشلاپ كەتكەن. نۇرغۇن يوللار توسىلىپ قېلىپ، يېمەكلىك قىس بولۇپ، باھاسى ئىنتايىن قىممەتلەپ كەتكەن. سۇمۇ ئىنتايىن كەمچىل بولغان.

بۈگۈن خەلقئارا تاموژنا كۈنى. 1953-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، تاموژنا ھەمكارلىق كېڭىشى قۇرۇلغان، ھەر يىلى 26-يانۋارنى خەلقئارا تاموژنا كۈنى قىلىپ بېكىتكەن. تاموژنا ھەمكارلىق كېڭىشى دۇنيادىكى بىردىبىر ھۆكۈمەتلەر ئارىسىدىكى خەلقئارالىق تەشكىلات، ئۇ ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ كەسپ جەھەتتىكى پىكىر ئالماشتۇرۇشىنى ياخشى مەيدانى. دۆلىتىمىز 1992-يىلىنىڭ بېشىدا تاموژنا ھەمكارلىق كېڭىشىنىڭ رەسمىي ئەزاسى بولغان.

----------------------------------

مەنبە:جۇڭگۇ ئۇيغۇرچە رادىئو تورى

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2011-1-26 19:01:43

ئىزدىنىش ئىچىلماي تارىختىكى نۇرغۇن كۈنلەرنى بىلەلمىدۇق

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2011-1-29 17:16:33

خەۋە تاپماپتۇق ئىزدىنىشنىڭ ئېچىلغىنىدىن ،ھازىر بىلىپ تىز سۈرەتتە يۈگۈرۈپ كىرشىم
بەت: [1]
: تارىختا بۈگۈن(26-يانۋار)