داۋاملىق بەرەڭگە يەپ بېرىشنىڭ پايدىسى ۋە 3
داۋاملىق بەرەڭگە يەپ بېرىشنىڭ پايدىسى ۋە ئۈچ چوڭ چەكلىمىسى
بەرەڭگە قېرىشقا قارشى تۇرغۇچى يېمەكلىك بولۇپ، ئۇنىڭ تەركىبىدە مول ۋىتامىن B1، B2، B6 ۋە پانتوتېنك كىسلاتاسى قاتارلىق ۋىتامىن گۇرۇپپىسىدىكى ئىلمېنتلار ۋە كۆپ مىقداردا ئەلا سۈپەتلىك سېللۇزا، يەنە ئاز مىقداردا ئامىنو كىسلاتاسى، ئاقسىل، ياغ، ئەلا سۈپەتلىك كىراخمال قاتارلىق ئوزۇقلۇق تەركىبلەر بار. داۋاملىق بەرەڭگە يەپ بەرگەن كىشىلەرنىڭ بەدىنى ساغلام بولۇپ، قېرىشى ئاستا بولىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا بەرەڭگىنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ ئورۇق ئادەم يېسە سەمرىتىدۇ، سېمىز ئادەم يېسە ئورۇقلىتىدۇ، داۋاملىق يەپ بەرگەندە ماينڭە سۈمۈرۈلۈشىنى كېمەيتكىلى بولىدۇ، بەدەن زىلۋا ھالەتتە تۇرىدۇ.
ئۆزىنىڭ بەدەن شەكلىنىڭ زىلۋا بولۇشىنى ئارزۇ قىلغۇچىلار بەرەڭگە يەپ بېرىشنى داۋاملاشتۇرسا بۇنىڭ ئۈنۈمىنى كۆرىدۇ، ئورۇقلىماقچى بولغانلار بەرەڭگىنى چوقۇم قوشۇمچە كۆكتات قاتارىدا ئەمەس بەلكى، ئاساسلىق يېمەكلىك قاتارىدا ئىستېمال قىلىشى كېرەك.
بەرەڭگىنىڭ يەنە تېرىنى ئاسراش، چېھرىنى نۇرلاندۇرۇش رولى بار، ئىسسىق ياز كۈنى ئاپتاپتا چىراي قارىداپ كەتكەندە، بەرەڭگە سۈيىنى يۈزگە سۈرگەندە، يۈزدىكى داغلارنى يوقىتىش ئۈنۈمى ياخشى، ئەكس تەسىرى يوق.
بەرەڭگە تەركىبىدە ۋىتامىن C بار بولۇپ، ھازىرقى دەۋردىكى جىددىي تۇرمۇش رېتىمى تەسىرىدە كىشىلەردە ئوڭايلا غەمگە پېتىپ، روھسىز، تەشۋىشلەنگەن كەيپىيات كۆرۈلىدۇ، بەرەڭگە بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىپ، كىشلەرنىڭ كەيپىياتىنى تەڭشىيەلەيدۇ.
بەرەڭگىنىڭ سەمرىتىش رولى بولۇپلا قالماستىن يەنە جارائەتنى داۋالاش، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش، سىپازمىنى بوشىتىش رولى بار. بەرەڭگە يەنە كۆك چۈشۈش، نېرۋا ئاغرىش، بۇغۇم ياللۇغى، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
ئەمما بەرەڭگە ئىستېمال قىلغاندا يەنە تۆۋەندىكى ئۈچ نۇقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك:
بەرەڭگىنىڭ پوستىنى ئاقلىۋېتىپ ئاندىن ئىستېمال قىلىش، بىخلىنىپ قالغان جايلىرى بولسا ئويۇپ ئېلىۋېتىش ) زەھەرلىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن( كېرەك.
توغراپ قويغان بەرەڭگە قەلەمچىسى ياكى ياپراقچىسىنى بەك ئۇزۇن سۇغا چىلاپ قويماسلىق كېرەك، بەك ئۇزۇن سۇغا چىلاپ قويغاندا سۇدا ئېرىشچان ۋىتامىن قاتارلىق ئوزۇقلۇق ئېلمىنتلار يوقاپ كېتىدۇ.
بەرەڭگە سېتىۋالغاندا پوستى كۆكىرىپ قالغان ياكى بىخلىنىپ قالغان بەرەڭگىنى سېتىۋالماسلىق كېرەك.
ziyali:شۇنداق ھەقىچان ياڭيۇ، زىيالىجون سىلى نىمانداق قىزىق گەپ قىلىلا دەيمەن.
نىمە ئۇ بەرەڭگە دىگەن؟
سەرەڭگە ئەمەستۇ ھە
مەنغۇ تېمىنى ئوقۇپ ياڭيومىكىن دىدىم
نىمە ئۇ بەرەڭگە دىگەن؟
سەرەڭگە ئەمەستۇ ھە
مەنغۇ تېمىنى ئوقۇپ ياڭيومىكىن دىدىم
ئورۇق ئادەم يېسە سەمرىتىدۇ، سېمىز ئادەم يېسە ئورۇقلىتىدۇ، داۋاملىق يەپ بەرگەندە ماينڭە سۈمۈرۈلۈشىنى كېمەيتكىلى بولىدۇ، بەدەن زىلۋا ھالەتتە تۇرىدۇ.
----------------------------
ماۋۇ قىززىق گەپكەن ھە...نەيزە-قالقاندەك...
ئورۇق ئادەم يېسە سەمرىتىدۇ، سېمىز ئادەم يېسە ئورۇقلىتىدۇ، داۋاملىق يەپ بەرگەندە ماينڭە سۈمۈرۈلۈشىنى كېمەيتكىلى بولىدۇ، بەدەن زىلۋا ھالەتتە تۇرىدۇ.--------------------------------------------------------------
زىيالى ئىككىمىز يەپ بەرسەك بولامدۇ نىمە
چاخچاق قىلىۋاتامدۇ قانداق ؟
مەنمۇ قوشۇلاي راست بولسا
سەرەڭگە يەپ بەرسە يۈرەكتىكى ئوتى كۈچىيىپ بەدەندە قان ئايلىنىشنى ياخشىلايدۇ ...
ئۇچىدىكى گوڭگۇرتنى باڭباڭتاڭ شۈمىگەندەك، ئىستىمال قىلسا ئومۇمىي بەدەننى قۇۋەتلەيدۇ ...
ھەممە نەرسىنىڭ ئۆزىگە لايىق ئارتۇقچىلىقى ۋە كەمچىلىكى بولىدۇ، بىلىشىمچە بەرەڭگە يەنە \"يەللىك\" دەپ قارىلىدۇ، بۇ جەھەتتىن ئالغاندا يەنىلا ئىستىمال قىلىش مۇۋاپىق بولغان ياخشى. ئۇنىڭدىن باشقا قولنىڭ تېرىسى قۇرغاقلىشىپ ياكى يېرىلىپ سەتلىشىپ كەتسە، بەرەڭگىنى ئۇششاق توغراپ، سۇ قۇيۇپ ئوتتۇراھال ئوتتا ئۇزاقراق قايناتقاندىن كىيىن، مۇزلىتىپ قولنى چىلاپ بەرسە قولنىڭ تېرىسىنى سىلىق ۋە پارقىراق قىلىدۇ.
بەرەڭگىنىڭ تېرىنى گۈزەللەشتۇرۇش خۇسۇسيتىنى مەن كوپ ئاڭلىغان. ئەمما ئورۇقلارنى سېمىرتىپ،سېمىزلەرنى ئورۇقلىتىدۇ دىگەننى ئاڭلىماپتىكەنمەن.
تاماق قىلغاندا ماي چاچراپ كېتىپ قالسا، چاچرىغان يەرگە بەرەڭگىنى نىپىز قىلىپ چاپلاپ قويسا داغ بولماسمىش!
بەرەڭگىنى جىق جىق يەپ بەرسە يەلنى ھەيدەپ ، ئولتۇرغاندا قوساقنى كوكىراتماسمىش.بەرەڭگىنى قانداق يېيىشكە باغلىق مەسلەن بەرەڭگە قەلەمچىسى قىلسىڭىز سەمىريسىز پەمىدۇر قىيامىغا سۈركەپ يېسىڭىز شىددەت بىلەن سەمىرىسىز
ئورۇقلىتىشكە كەلسەك باشقا نەسە يېمەي شۇنىلا يەيسىز شۇڭا ئورۇقلايسىز
بارغانچە ئۇيغۇرچە سۆز مەتۇ ئاڭلىنامدۇ - نېمە؟ قايسى گەپ مەتۇ . ئاڭلىنىۋاتىدۇ؟ بەزىلەرنىڭ بەرەڭگىنى دەرھال بىلەلمىگەنلىكىنى يازغانغا قاراپ دەۋاتىمەن.
راستىنلا بىلمىدىم ئاداشلار ھوي
قانداق گەپ بۇ
مەن يەرلىك شىۋەمدە پاراڭ قىلسام قانچىلىك ئادەم بىلىدىكەن يەنە
بىر گەپنى بىلمىدىم دەپ قويسام خائىنغا چىقارماڭلار مىنى
ھېلىمۇ تېمىنى تەپسىلىي ئوقۇپ مۇشۇ نەرسىمىكىن دەپ پەرەز قىلغىنىمنى يېزىپ قويدۇمغۇ
ئۇنچە سېسىق گەپ كەتمەيدۇ ھە
ئورۇق ئادەم سەمىرىدۇ،سىمىز ئادەم ئورۇقلايدۇ دىگىنىنى ئوزۇقلۇق تەمپۇڭلىقى ياخشى دەپ چۈشەندىمغۇ
مىنىڭچە بەرەڭگە (ياڭيو) ئادەمنى سەمىرىتىدىغىنى راست ، ئورۇقلىتىغىنى يالغانمىكىن دەيمەن . نىمىشقا دىگەندە مۇشۇ خوشنىمىز بولغان ئورۇسلار (رۇسىيە) بەرەڭگىگە زىيادە ئامراقكەن ، بۇ خەققە قارىسڭىز ھەر سېمىز ھەر يوغان ، شۇڭا بولارنى ئېيىققا ئوخشىتىدۇ . تەركىۋىدە كراخمال زىيادە كۆپ بولغاچقا ككپ ئىستىماق قىلىش توغرا ئەمەس، يەنىلا مۇۋاپىق بولغىنى ياخشى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاسانلا ئاشقازاندا يەل پەيدا قىلىدۇ . «يەل پادىشاھى» بولىمەن دىسىڭىز توسىمايمىز .مۇشۇ ياڭيو يىيىشنىڭ ئاران تۆت خىل ئۇسۇلىنى بىلىمەن دىسە...
كىچىكمدىن ئامراق بۇ ياڭيوغا، زىيان قىلغاننى بىلمەيمەن.
كۈلگە كۆمۈپ يىيىش دانادۇر... تۇلۇقسىزدا ئوقۇۋاتقاندا بىر ئاخشىمى فىزىكا مالىمىنىڭ گەرىمىدىكى بەرەڭگىنى ياتاققا ئەكىرىپ مەشنىڭ كۈل چۈشىدىغان يىرىگە سېلىپ پىشۇرۇپ يىگەن، بىر گەرەم بەرەڭگە بىر كېچىدە تۈگەپ كەتكەن.