ئىلىم كۆكىدە ئۇيغۇرلاردىن يەنە 2 يۇلتۇز چاقنىدى
ئىلىم كۆكىدە ئۇيغۇرلاردىن يەنە 2 يۇلتۇز چاقنىدى
خەلقئارالىق چىش دوختۇرلۇقى ئاكادېمىيىسى ( International College of Dentists, ICD ) نىڭ جۇڭگو رايونىدىكى ئاكادېمىكلارنى ئېلان قىلىش يىغىنى 2010 – يىلى 9 – ئاينىڭ 28 – كۈنى چۇڭچىڭدا ئېچىلغان بولۇپ، مەزكۇر يىغىندا جۇڭگودىكى نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپ ۋە ئۆلكە – ئاپتونوم رايونلاردىكى چىش دوختۇرلۇقى ئىلمىي جەمئىيەتلىرىدىن خىللانغان 40 نەپەر كىشىگە ICD›› ئاكادېمىكى‹‹دېگەن شەرەپ بېرىلگەن. كىشىنى تېخىمۇ ھاياجانغا سالىدىغىنى شۇ بولغانكى، دىيارىمىزدىن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇنەۋۋەر پەرزەنتلىرىدىن بولغان شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى 1 – دوختۇرخانىسىدىن ئادالەت ( ئەخمەتجان ) قاسىم ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىدىن ئاسىيە ياسىن ئۇشبۇ كاتتا شەرەپكە نائىل بولغان، دىللارنى يەنىمۇ ئىپتخارلاندۇرغىنى ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى ئايال ئىدى.
خەلقئارالىق چىش دوختۇرلۇقى ئاكادېمىيىسى ( International College of Dentists, ICD ) دۇنيادىكى 3 چوڭ چىش دوختۇرلۇقى تەشكىلاتىنىڭ بىرى بولۇپ، 1927 – يىلى قۇرۇلغان، باش شىتابى ئامېرىكىدا. ICD دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلىرى تېببىي ئىلمى تەشكىلاتى بولۇپ، ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلىرىنى داۋلاش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات، باشقۇرۇش ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلغان ئىلمىي تەشكىلاتتۇر. ICD دۇنيادىكى ئەڭ كۆزگە كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقان، ئەڭ مۇنەۋۋەر چىش دوختۇرى ئاكادېمكلىرىدىن تەركىبلەنگەن بولۇپ، ICD نىڭ ئاكادېمىك تاللاش بوسۇغىسى ئېگىز، تەلىپى ناھايىتى يۇقىرى، سانى چەكلىك بولۇپ ، جاھان ئىلىم ساھەسىدە كۈچلۈك تەسىرگە ئىگە. ICD بەرگەن ›› ئاكادېمىك‹‹لىك شەرىپى پۈتۈن دۇنيادىكى چىش دوختۇرلىرى ئېرىشىشنى ئارزۇلايدىغان، مۇشۇ ساھە بويىچە ئەڭ ئالىي شان – شەرەپتۇر.
بىرىنچىدىن،بۇ تېمىنىڭ ئەسلى مەنبەسى يۈكسەل بىلوگى،ئەسكەرتىشنى ئۇنتىمىغايسىز.ئىككىنچىدىن،يۈكسەل ئىزدىنىشنىڭ غوللۇق ئەزالىرىدىن بىرى.شۇڭا بۇ تېمىنى يوللاشنىمۇ يۈكسەل ئۈزى قىلسا ئەڭ ياخشى بولاتتى.
ھەي .... مەن قاچانمۇ ئىرىشەرمەن بۇ شەرەپكە ....
يېڭىدىن چاقنىدى دىيىش سەل ئارتۇق كەتتىمۇ قانداق ،مەن كىمكىن دەپتىمەن ،ئادالەت ھەدىمىز 90-يىللاردىلا تىببى پەنلەر دوكتۇرى ھەم تىببى ئىنىسىتۇتىدا دوختۇر ،ئۇقۇتقۇچى ئىكەندۇق ،بىزنىڭ مەكتەپكە چىقىپ نۇتۇق سۆزلىگەن ،ئۇئىشلارغىمۇ 15-16يىل بۇلۇپ قالدى .