Ay^Tugh يوللانغان ۋاقتى 2010-12-7 07:27:25

چەۋەندازلار ھاۋا سوۋۇپ قالدى.

بۈگۈن ھاۋا شۇنداق سوغۇق، بىر كۈن  ئېشلىدىم. كەچتە ئېشتىن چۇشۇپ  بىر دوستۇمنىڭ  ئۆيىگە  پەتىگە  بېرىپ، قىزلار بىلەن پاراڭلىشىپ  كۆڭلۈم شۇنداق  ئېچىلىپ قالدى. ئۇزۇن بوپتىكەن، ئوقۇيمەن. ئشىلەيمەن دەپ  بۇنچىلىك مۇڭداشمىغىلى. كېچە 11 يېرىم بولغىنىغا قارىماي مېترودا يەنە شۇنداق   ئادەم جىق،  ئادېتىم بويىچە  قولۇمغا  ئوقۇۋاتقان  كېتابىمنى  ئالدىم..  2 بەت ئوقۇپ بوپتىمەن   بېراق   نېمە  ئوقۇغۇنۇمنى بىلمىدىم....ۋاي بولدى  ئۆزەڭنى زورلىمىغىنا.....

3        مېترودا  ئالمىشىپ ئۆيگە  ئاران كېلىۋالدىم.  كېلىپ ئۆيلەرنى  بىرەر قۇر  تازلاپلا  ئادىتىم بويىچە كومپىيۇتېرىمنى قوزغاتتىم. ئاچىدىغىنىم ئېزدىنىش...  ھەي  مېھرى ئېسسىقلىغۇ بۇ يەرنىڭ ،،مېنىڭغۇ ئۆيۈملا بوپ قالدى،،، تېمىلارنى بېرەر قۇر  چۆرگىلەۋەتكەندىن كېيىن،، تۇرۇپلامۇشۇ بىر نەرسە يازغۇم كەپ قالدى،،، ئېلھامىم يېرىم كېچىدە  كېلىدىغان  ئوخشايدۇ...

نېمە يازىمەن دەپ ئويلىسام بېرىنجىسى كاللامغا كەلگىنى چەۋەنداز›.

بۇ چەۋەنداز  دېگىنىمىز بىزنىڭ مۇشۇ شەھەردىكى   تاماق  توشۇيدىغان   بالىلارغا  قويغان نامىمىز...قايىللىقىمز بىلەن دەيمىز. جۇمۇ...

بۇ دۆلەتتە  مائارىپ ھەقسىز،  بەلكىم مۇشۇ  سەۋەبتىن بولسا كېرەك  يېقىنقى بىر نەچچە يېلدىن بۇيان  كېلىۋاتقان ئوقۇغۇچى بالىلار  كۆپىيىپ ھازىر  سانى 480  ئەتراپىدا  ئېكەن ،  ( بۇ 2 يىل بۇرۇنقى سېتاتستىكا ).ھازىر بەلكىم بۇنىڭدىنمۇ كۆپ بولىشى مۈمكىن...

ئوقۇش ھەقسىز بولغىنى بىلەن  تۇرمۇش خېراجىتى ، ئۆي  ئېجارىسى  دېگەندەك  ھەر خىل  چېقىملارنىڭ غېمىنى  ئۆزى قىلمىسا  بولمايدۇ. ئۆيدىكىلەر ئەۋەتىۋەرسىمۇ  توشىمايدۇدە  ، چۈنكى  100 قىزىل باش بۇ يەردە  ئاران  10 ،كوي،،(ھازىر خەلىق پۇلىنىڭ  پېرىۋۇت قېممىتى  سەل  ئۆسۈپ كۈچىيىپ قالدى  راسىت )

شۇنداق قىلىپ  ئوقۇغۇچى بالىلارنىڭ ھاياتى كۈندۇزلىرى  ئوقۇش، كەچلىرى  موتۇ  ھەيدەپ  چەۋەندازلىق قىلىش بىلەن  ئۆتىدۇ،،، ئۇلار كۆپىنچە  ياپۇنلارنىڭ  ھېلىقى  گۈرۈچ بىلەن   ياسايدىغان سۇشى  دەپ تامىقى بارغۇ، شۇنى توشۇيدۇ...

  قاراملىق بىز ئۇيغۇرلارنىڭ قىنىمىزدا بارمۇ  ئېشقىلىپ مۇشۇ موتۇ دېگەننى  ئالامەت ھەيدېۋېتىدۇغۇ  . ھېلىمۇ  مېنگىنى خوندا  بوپ قالماپتۇ. كەچلىرى پىززا، سۇشى  توشۇپ كېتىۋاتقانلارنى  كۆرسەم ھەممىسىنىلا ئۇيغۇر بالىلارمىكىن دېگۈم كېلىدۇ.......  بالىلاردىن  ئاڭلىسام خوجايىنلارمۇ  سىلەر بەك  تېز توشۇيسىلەر  دەپ  بۇلارنى  ئېشلىتىشكە  ئامراقكەن..  

  ئويۇننىڭ  ئورنىدىلا  4  سائەت كەچتە توشۇپ قويسا ، بىر ئايلىق بارلىق چېقىملىرىنىمۇ قامداپ  يەنە    تېجىيەلەيدۇ... ھاۋا ئوچۇق بولسىغۇ  ياخشى  ھېچقانداق جاپا بېلىنمەيدۇ...

بىراق يامغۇرلۇق كۈنلىرى ،بولۇپمۇ ماۋۇ  بۈگۈنكىدەك  قار  ياغقان كۈنلىرى   ..سوغۇقتا بۇلارغا بەك تەس بولدى.... چەتئەلدە تۇرمۇش  ئۇنچە ئاسان ، ئەمەس  بولۇپمۇ بىر تەرەپتىن ئوقۇپ بىر تەرەپتىن ئېشلەپ ئۆزىنىڭ جېنىنى بېقىپ كېتىۋاتقان  ئوقۇغۇچىلارغا نېسبەتەن تېخمۇ شۇنداق..

ئۇلار ئۈچۈن  موھىمى  ئوقۇش. بىراق جاپالىق تۇرمۇش ئۇلارنى ئالدىغا  سېلىۋالىدىكەن.

كۆپىنچە بالىلار  تولۇقنى پۇتتۇرۇپلا  چېققاچقا  ئۇلاردا   تېخى بىر دۇنيا قاراش. مۇستەقىل ياشاش ،  دېگەنلەر  شەكىللەنمىگەچكە ، بۇ يەردىكى  جاپالار  ئاسانلا  ئېرادىسىنى بوشاشتۇرۇپ قويىدىكەن.. شۇنىڭ بىلەن  شۇ جان بېقىشنىڭ كويىغا  كېرىپ قالىدىغان گەپكەن... مۇشۇ  بالىلرىنى كېچىكلا  چەت ئەلگە  چېقارماقچى بولغان  ئاتا- ئانىلارغا  بولسا ئۇلارنى  ئالىي مەكتەپ پۇتتۇرگەندىن كېيىن  ئەۋەتىڭلار  دېگۈم  كېلىپ كېتىدۇ..  

بايا تېخى  نەۋرە سېىڭلىمنىڭ  ( ھەدە تويدۇم  چەتئەلگە نېمە جاپا بۇ ، ئاپام دادامنى سېغىنىپ كەتتىم.. ئۇلارنىڭ قېشىغا كەتكۈم  كېلىپ كەتتى،  نېمانداق تۈگىمىگەن  ئېشلار ، بىرنى قىلسام  بىر سى تۇرغان  ... ) دەپ يېغلىغىنىغا قاراپ ئېچىم  ئاغرىپ كەتتى،

ئۇنىڭغا بىرمۇنچە تەسەللىلەرنى بېرىپتىمەن...  يېغلاپ يىغلاپ  ئېچى بوشىدىمىكىن ،  ئۇخلاپ قالدى....

نەگە كەلگەنتىم  ھە شۇ  چەۋەندازلىرىمىزغا  دەيدىغىنىم...   يوللار  تېيىلغان    مۇتۇنى  ئالدىرمايراق ھەيدەرسىلەر.. ھاۋا  ھەم بەك سوغۇق بوپكېتىۋاتىدۇ،، ھېلىقى   بىر قىلىن ، سوغۇق  ئۆتمەس  كېيىمىڭلار  باركەنغۇ  شۇنى كېيىۋېلىڭلار... بولسا  شارپا  دوپپا  كېيىڭلار....

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2011-1-26 10:27:00

سافا ھە .. مۇنارلىقلارنىڭ گىپىكەن..

Sevinch يوللانغان ۋاقتى 2011-1-26 10:46:56

ئەسسالامۇئەلەيكۇم،ئايتۇغ ئاچا قاچان يازغان بۇ تىمىنى؟؟تۇنۇگۇن كەچ ئاچسام ئىچىلمىغان ئىزىنىش

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2011-1-26 15:12:54

ياۋ ھەجەىپ تەستە ئىچىلدى ما ئىزدىنىش.ئىچىلىپتۇ دىگەننى ئاڭلاپ موتو بىلەنلا كىلىشىم

tvman يوللانغان ۋاقتى 2011-1-26 16:03:30

فىرانسىيەدە ئۇيغۇر باللار جىقكەندە

matu يوللانغان ۋاقتى 2011-1-26 19:27:46

ئىم،شۇ يەركەن......يازمىڭىزدىن قېرىنداشلارغا بولغان مۇھەببەت چىقىپ تۇرىدۇ.يولىڭىز ئوڭ بولغاي.....

چىگرىدا سودا قىلىدىغان بىر ئاكىمىز پاراڭ قىلىپ بېرەتتى.چوڭ يۈك ماشىنىسى ھەيدەيدىغان ئۇيغۇر،خەنزۇ،روس،قازاق،قىرغىز،ئۆزبىك شوپۇرلار ئويۇن ئوينايمىش،ماشىنىسىنى مانچە سۈرئەتتە تامغا ئۇرۇۋەتكۈدەك ھەيدەپ كېلىپ تورمۇز قىلىپ ئەڭ يېقىن توختاتقىنى يېڭەرمىش،بىزنىڭ قارام مايچاپانلار دائىم يېڭىۋالارمىش.....

Ay^Tugh يوللانغان ۋاقتى 2011-1-27 05:51:28

ئەسسالامۇ- ئەلەيكۇم.

توۋا ھازىر  ئاڭلاپ كېرىشىم ئېزدىشىنقا،

نەچچە  ئايلار بۇرۇن  يازغانتىم ئەمدى چېقىپتۇ.

ئېزدىنىشنىڭ ئېچلغىنىدىن خوش بولدۇق

destiny يوللانغان ۋاقتى 2011-1-27 06:09:56

قىزلاردىنمۇ بارمۇ چەۋەنداز ؟

matu يوللانغان ۋاقتى 2011-1-27 16:58:16

بىرخىل پەخىرلىنىش،سۆيۈنۈش ھىسسىياتى بار ھە.....

NALAN يوللانغان ۋاقتى 2011-1-28 03:30:10

مېنى يىغا باستى!

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2011-1-28 03:34:48

بىر قۇشۇق كۈلۈپ بېرىڭە

ماڭا ئەمەس يولدىشىڭىزغا

Ay^Tugh يوللانغان ۋاقتى 2011-1-28 17:52:37

ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم.

قىزلاردىن يوققۇ دەيمەن. بولسا  ئاڭلايتۇق. ئوغۇللارمۇ  ئاران چېداۋاتسا  قىزلار  قانداق قىلىدۇ  .

  بۇنىڭدىن 2 يىللار بۇرۇنقى سېتاتىستىكىغا كۆرە بۇ يەردىكى  ئۇيغۇر  ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىنى 480~500 ئەتراپىدا دېگەنتى . ھازىر بەلكىم  كۆپەيسە كۆپەيدى.

ئېشقىلىپ بۇ يەر  ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئەڭ كۆپ توپلاشقان  دۆلەت بوپ قالدى.  ياۋروپاغا نېسبەتەن.

destiny يوللانغان ۋاقتى 2011-1-31 08:04:34

نىمانچە كۆپ، قەدەمدە بىر پۇتلىشىپلا تۇرغۇدەكتە .

ۋەتەندە بولسا نۇرغۇنلىرىمىز ئاش توشۇيدىغان  ئىشخانا تازلايدىغان ئىشلارنى ياراتماي دەمدۇق ياكى كىشلەرنىڭ گەپ   - سۆزلىرىدىن قورقۇپمۇ قىلمايتتۇق ، مۇھىت تەسىر كۆرسەتسە كىرەك .

ئەمما ئۇلارنىڭ ئۆز كۇچىگە تايىنىش روھىغا ئاپرىن جۇمۇ .

Ay^Tugh يوللانغان ۋاقتى 2011-2-4 23:21:41

راسىت مەنمۇ شۇ جاپاكەشلەرگە قايىل. ئاللاھ  ئەجرىنى بەرسۇن.

تۇرمۇش  ھەممىنى قىلغۇزىدىكەنغۇ.

قەدەمدە بىر پۇتلاشمىسىمۇ  بېرە بېرە مېترولادا ،يىلدا بېرەر قېتىم  ئۇچرىشىپ قالىمىز

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2011-2-4 23:29:18

ئالدىنقى كۈنى مەنمۇ مېترودا ئۇيغۇرغا ئوخشاش چىرايلىق بىر قىزنى ئۇچرىتىپ قالدىم.

ئۇيغۇر ئەمەس بولغىيدى دەپ تىلەپ قالدىم

كاساپەت سەل جىق ئىچىۋالغان ئىكەن ئەمەسما

lukqek-m يوللانغان ۋاقتى 2011-2-4 23:57:09

زىيالى ئەپەندىم، بىرەر بانا بىلەن گەپ قىلىپ باقماي........

Ay^Tugh يوللانغان ۋاقتى 2011-2-4 23:58:13

سوراپ باقماي.. مەستلىكتە  راستىنى دەپ قالار بولغىيتى،،،

ماڭا مۇشۇ قارا تەنلىكلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ چېرايى  ئوخشاشلا كۆرۈنىدۇ.. پەقەت   ئارىيالمايمەن..

بىر كۈنى سېنگاللىق خېزمەتدىشىم بىلەن پاراڭلىشىپ تۇراتتۇق، ئاجايىپ  فگورىسى قاملاشقان،چېرايلىق بىر قىز كەلگەنتى. يېنىدا  يېگېتى بار. ھەممە  بالا قارايدۇ  ئۇ قىزغا.

شۇنىڭ بىلەن خېزمەتدىشىم ماڭا. مۇشۇ قىز  سېنگاللىق  دەيدۇ.

-سەن قانداق بىلىسەن. مەن سىلەرنى پەقەتلا  ئارىيالمايمەن. ھەممىڭلار ئوخشاشلا كۆرۈنىسىلەر  دېسەم. كۈلۈپ كېتىپ.

-خەلقىمنى تونىمامدىم. يۈرۈكۈم  تونۇيدۇ  - دېگەنتى . بەك تەسىر قىلغان ماڭا..

شۇ قىز راست سېنگاللىقكەن...

شۇ ئېسىمگە كەپ قالدى..

mastura يوللانغان ۋاقتى 2011-2-5 00:03:38

تۈنۈگۈن بىر دوستۇم تېلىفون قىپتىكەن، بىر تىل مەكتىپىدە ئوقۇيتتى، سىنىپىغا يېڭى بىر قىز كەپتۇ، چىرايىغا قارىسا ئۇيغۇرلا دەيدۇ. چېچىنى بىر تال ئۆرۈۋاپتۇدەك، مۇئەللىم سوئال سورىسا لۇغەتتىن ئاختۇرۇپ جاۋاب بېرىپتۇ، تەلەپپۇزىنى ئاڭلاپ ئۇيغۇركەن دەپ تېخىمۇ جەزىملەشتۈرۈپتۇ. ئالدىغا بېرىپ «قانداق ئەھۋالىڭىز؟ يېڭى كەلدىڭىزما؟ مەنمۇ ئۇيغۇر» دېسە مەڭدەپ تۇرۇپ كېتىپ، «سىپەنىش» دەپتۇ. ئىشقىلىپ مۇشۇ خەق ئۇيغۇردەكلا كۆرۈنىدۇ دېمىسىمۇ.
ئۆتكەندە بىرسى ئارىزوناغا بېرىپ كەپتىكەن، بىر يۈك ماشىنىسىنى ھەيدەپ. ئۇ يەردىكى ھەممىسى دېگۈدەك مېكسىكىلىق، رەسمىي ئۇيغۇرلار مەھەللىسىگە بېرىپ قالغاندەك بولدۇم دەيدۇ. ئەرلىرى ئېگىز-ئېگىز، بۇرۇت قويۇۋالىدىكەن، ئاياللىرى ئۇزۇن، كەڭرى كۇلاچ يوپكىلارنى كىيىۋالىدىكەن. ئىشقىلىپ شۇلارنى سۈرەتكە ئېلىپ ئۇيغۇر دەپ بەرسىمۇ ئادەم ئىشىنىپ قالىدىكەن دەپ. بىزنىڭ ئوخشاشلىرىمىز ئاز ئەمەس ئوخشايدۇ.

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2011-2-5 00:13:23

چىرايلىق قىزلارنى كۆرسەم تىلىم ياق زۇۋانىم دىمىسەم دەدىم چىقمايدۇ مۇشۇنداق ۋاقىتلاردا، تۇتۇلۇپ قالىدىغان ئىشى بار

ئەمەلىيەتتە قىزمۇ مىنى كۆردى،مىنىڭ دېققەت قىلغىنىمنى ھېس قىلدى بەلكىم.

ئەمما ئەھۋال شۇنداق بولغاچقا،مەن بىلەن كۈزى ئۇچراشمايدىغان تەرەپكە قاراپ،قۇلىقىغا ئېرجى تاقاپ تۇرۋالدى،بىر بىكەتتىن كىيىن چۈشۈپ كەتتى.

بولغان ئىش شۇنچىلىك

مەن ئۇيغۇر قىزىنىڭ ھاراق ئىچىپ باققىنىنى كۆرۈپ باقمىغان،ھەم ھاراق ئىچىدىغان قىز بىلەن پاراڭلاشماسلىقىم ئېنىق

بەلكىم قىزمۇ يىراق بىر ياقا يۇرىتتا ئۈزىنىڭ ئۇنداق ئەھۋالىنى ئۆز مىللەتدېشىغا كۆرسىتىشنى خالىمىغان بولسا كېرەك.

lukqek-m يوللانغان ۋاقتى 2011-2-5 00:13:25

زىيالى ئەپەندىم قىزلاغا گەپ قىلالمايدىغان ئوخشايدۇ. مەن بولسام يېنىغىراق بېرىپ بىرنى سوقۇپ ، نېماندا ئادەم سوقىدۇ ماۋۇ ياپۇن دەپ ئۇيغۇرچە گەپ قىلىپ قوياتتىم.
بەت: [1] 2 3
: چەۋەندازلار ھاۋا سوۋۇپ قالدى.