30يىل بۇرۇنقى ئۈرۈمچى
بىر قۇر خەت يېزىپ قويسا تېما نورمال كۆرىنىدۇ
زىيالى
قەۋەتلىك بىنالار ئاز بولسىمۇ ، شۇ چاغلار ياخشىتىكەن .
نىمە دىگەن ئوخشىمىغان پولۇ ئاۋۇ

80-يىللاردىكى ئۈرۈمچىكەندە
ئۇ چاغلاردا ئۈرۈمچىدە بىزمۇ خېلى باركەنتۇقمىز ھە؟
مەنبەسى نۇر تورى :http://nur.cn


بۇ رەسىمنى كۆرۈپ بىر ئىش ئېسىمگە كېلىپ قالدى
ئەتىيازدا ئاچامنىڭ 5ياشلىق بالىسىنى يېتىلەپ ماسىخاڭزىدا كېتىۋاتسام ئاچامنىڭ بالىسى ئەتراپقا ھەيرانلىق بىلەن قاراپ
تاغا:بۇمۇ ئۈرۈمچىما؟-دەپ سورىغان ئىدى
بەكمۇ سۆيۈملۈك كۆرۈندى ، بۇرۇن ئىتتىپاق ئۆستىڭىدە سۇغا چۈشكەننى كۆرىدىغان ، بىر قېتىم ئىقىپمۇ كەتكەنتىم ، ئاكام قۇتقۇزۋالغان. شۇ چاغلاردىكى ئۈرۈمچىنى سىغىنىپ قالىمەن. يا ئاللا،ئۆزگىرىش نىمانچە تېز،30يىلنىڭ ئىچىدە باشقىچە بىر دۇنياغا ئايلىنىپ كەتتىغۇ.30يىل ئىلگىرى چەتئەللىكلەر بېيجىڭنى \"دۇنيانىڭ سەھراسى\"دەيدىكەنتۇق،ھازىر كۆرۈپ ھاڭ-تاڭ قالىدىكەن،بۇ رەسىمدىكى بىلەن ھازىرقى ئۈرۈمچىنىڭ پەرقى يېزا بىلەن سەھرانىڭ پەرقىدەكلا تۇرىدىكەن.بۇنداق يېزا پۇرىغى ھازىر بەزى يېزا مەركىزىدە بارمىكىن. ساقلىۋالدىم. رەھمەت يۇللىغۇچى 30يىل بۇرۇنقى ئۈرۇمچىىدىكى سامسا راست يوغانكەن جۇمۇ
باش تېمىدا ھېچنىمە كۆرۈنمەيدۇغۇ...
ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ۋاقتىمىزدا بىزگە نۇتۇق سۆزلىگەن تىىببى ئونىۋېرسىتىتىنىڭ بىر سابىق پىنسىئونىرى 1955-يىلى ئۈرۈمچىگە كېلىپ 17 ئادەمدىن يول سوراپ ئاران تەستە مەكتەپنى تېپىپ كەپتىكەن. سەۋەبى نۇرغۇن ئادەمگە مەقسىتىنى ئۇقتۇرالماي.
يەنىلا سۈيۈملۈك كۆرۈندى.قىززىق يېرى، ئوتتۇز يىل بۇرۇنقى ئۈرۈمچىنىڭ سۈرەتلىرى تولىمۇ سۈزۈك تارتىلىپتىكەن. تېخنىكا بەك ئىلغار بولسا كېرەك؟
ئاۋۇ \"ئۈرۈمچى زەن\" دېگەن خەتنى كۆرۈپ بەك كۈلۈپتىمەن.
ئۆزەمنىڭ يۈرتىدىكى 85-90-يىللارغىچە بولغان ھالەت ھازىرغىچە ئىسىمدە(خۇددى سۈرەتتەك).ئاتام رەھمىتى دەيدىغان،كەينىدىن كىلىۋاتقان كىشىنىڭ چىرايىنى كۆرمىسىمۇ،ئاۋازىدىن\"پالانچى\"دەپ تۇغرا پەرەز قىلالايتىكەنتۇن.كېيىن مىنى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن(97-يىل)پارتىكوم،ھۈكۈمەت ئىشخانىلېرىدىكى سويمىلارنىڭ بىرسىنىمۇ كۆرۈپ باقمىغانلىقىنى قاقشاپ كەتكەن ئىدى.ئاتام بەلكىم داشقازاننىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاندۇ،لېكىن شۇ گەپنىڭ ئاساسىدىن نوپوسنىڭ زىچلىشىپ كەتكەنلكىنى،\"تاش ئورمان\"لارنىڭ كېڭىيىپ كەتكەنلىكىنى ئەمدى ھېس قىلىپ يەتمەكتىمەن.