balasahun يوللانغان ۋاقتى 2010-12-5 23:22:50

ئىپپەتسىز كوزۇر ۋە ئىبرەتسىز ھوزۇر

       رۇڭ خانى يۇيۇكنى چىن بەگلىكىگە ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتى. يۇيۇكنىڭ ئاتا-بوۋىسى جىن بەگلىگىدىن بولۇپ، سەرسانلىقتا روڭ ئېلىگە بېرىپ قالغانىدى. شۇڭا يۇيۇك جىن بەگلىگىنىڭ تىلىدا سۆزلىيەلەيتتى. رۇڭ خانى چىن بېگى مۇگۇڭنىڭ ئەخلاق-پەزىلىتى ياخشى دەپ ئاڭلىغانلىقى ئۈچۈن، يۇيۇكنى چىن بەگلىكىنى زىيارەت قىلىپ كېلىشكە ئەۋەتتى. مۇگۇڭ يۇيۇكقا ئۆزىنىڭ قەسر-ئايۋانلىرىنى ۋە خەزىنىسىدە توپلانغان ئاشلىق، قۇرال-جابدۇقلارنى كۆرسەتتى. بۇلارنى كۆرگەن يۇيۇك: << ئەگەر بۇنى جىن-ئەرۋاھلار قىلغان بولسا، ئۇلارمۇ چارچىغان بولاتتى؛ ئەگەر خەلق قىلغان بولسا، خەلق ئىنتايىن ئازاپ تارتىپتۇ>> دىدى. بۇنى ئاڭلاپ ھەيران بولغان مۇگۇڭ: <<ئوتتۇرا جۇڭگۇدىكى بەگلىكلەر ھاكىميەت ئىشلىرىنى <<نەزمنامە>>، <<ئەدەپنامە>>، <<نەغمىنامە>> ۋە قانۇن ئاساسلىرى بويىچە بىر تەرەپ قىلىدىكەن. لېكىن ھەمىشە ئىسيان چىقىپ تۇرىدىغۇ ؟ ھازىر رۇڭلارغا ئوخشاش يات قەۋملەردە بۇ ئىشلار يوق. ئۇلار نېمە ئارقىلىق ئەلنى باشقۇرىدۇ ؟ بۇ تەس گەپ ئەمەسمۇ ؟>> دەپ سورىدى. يۇيۇك كۈلۈپ كېتىپ: << ئوتتۇرا جۇڭگۇدىكى بەگلىكلەردە ئىسيان تۇغۇلۇشنىڭ سەۋىۋى دەل مانا مۇشۇ. ئەخلاق-پەزىلىتى يۈكسەك بولغان دانىشمەن خۇاڭدى قائىدە -قانۇننى تۈزۈپ، موزىكا ئىشلىرىنى يولغا قويۇپ ھەمدە ئۇنى ئۆزىگە تەدبىقلاپ، خەلققە ئۆلگە كۆرسەتكەن ھالدىمۇ، مەملىكەتنى ئاران-ئاران تىنچىتالىغان. كېيىنكىلەر كۈندۈن-كۈنگە ئەيشى-ئىشرەت، كەيپى-ساپاغا بېرىلىپ تۇرمۇش كەچۈردى، قانۇن-تۈزۈملەرنىڭ كۈچ-قۇدرىتىگە تايىنىپ، پۇخرا ۋە ۋەزىرلەرگە نازارەتچىلىك قىلدى ھەم جازالىدى. پۇخرا ۋە ۋەزىرلەر چارچاپ ھالىدىن كەتتى. ئۇلارنىڭ ئازاپ-ئوقۇبىتى چېكىگە يەتتى. شۇنىڭ بىلەن مېھرىۋانلىق، ئىنساپ تاشلاپ قويۇلدى، دەپ خاندىن نەپرەتلەندى. بۇ سەۋەپتىن، يۇقۇرى بىلەن تۆۋەن ئوتتۇرىسىدا كۆرەش، ئۆچمەنلىك پەيدا بولۇپ، ھۆكۈمدارنىڭ ئورنىنى تارتىۋالىدىغان، ھۆكۈمدارنى ئۆلتۈرىدىغان بالايى-ئاپەتلەر تۇغۇلدى. ھەتتا پۈتكۈل جەمەتى قىرىپ يوقۇتۇلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسىگە مانا شۇلار سەۋەپ بولغان. رۇڭ ئەللىرىدە ئەھۋال مۇنداق ئەمەس. ھۆكۈمدارلار ۋەزىرلەرگە مۇلايىملىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ. ۋەزىرلەر ھۆكۈمدار ئۈچۈن ساداقەتمەنلىك بىلەن خىزمەت قىلىدۇ. پۈتكۈل ئەلنىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى خۇددى ئۆزىنى باشقۇرغاندەك باشقۇرىدۇ. ئىشنى تەبىئى يوسۇندا ساپ باشقۇرىدۇ. ئارتۇقچە تەدبىر قوللىنىپ ئولتۇرمايدۇ. بۇ خۇددى ئەۋلىيالارنىڭ خالىس ئىدارىچىلىك دېگىنىگە ئوخشاپ كېتىدۇ>> دېدى. شۇ ۋەقەدىن كېيىن مۇگۇڭ دىۋان بېگى لىياۋدىن: خوشنا ئەلدىن دانىشمەن چىقسا، ئۇنىڭغا رەقىپ بولغان ئەلگە بالايى- ئاپەت كېلىدۇ، دەپ ئاڭلىغانىدىم. مانا ئەمدى يۇيۇك ئەنە شۇنداق دانىشمەن بولغانلىقى ئۈچۈن، ماڭا ئاپەت بولىۋېتىپتۇ. قانداق قىلىشىم كېرەك ؟>> دەپ سورىغانىدى، دىۋان بېگى لىياۋ: <<رۇڭ خانى خىلۋەت-ياقا جايدا تۇرىدۇ. ئوتتۇرا جۇڭگۇدىكى بەگلىكلەرنىڭ نەغمە-ناۋالىرىنى ئاڭلاپ باققان ئەمەس. جاناپلىرى ئۇنىڭغا سازەندە قىزلارنى ھەدىيە قىلىپ، رۇڭ خانىنىڭ ئىرادىسىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋەتكەيلا. يۇيۇك نەسىھەتكويلىقىنى قىلىۋەرسۇن، بىر ئۇلارنىڭ ئارىسىنى بۇزايلى؛ يۇيۇكنى ياندۇرماي تۇتۇپ قالايلى، ئۇنىڭ قايتىپ بارىدىغان قەرەلى ئۆتۈپ كەتسۇن، رۇڭ خانى ئەجەپلىنىپ يۇيۇكتىن چوقۇم گۇمانلىنىدۇ. ھۆكۈمدار بىلەن ئەمەلدارنىڭ ئوتتۇرىسىنى يىراقلاشتۇرساق، ئاندىن ئۇلارنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، رۇڭ خانى سازەندە قىزغا قىزىقىپ كەتسە، ھۆكىمەت ئىشنى چوقۇم قايرىپ قويىدۇ>> دەپ مەسلەھەت بەردى. مۇگۇڭ: << خوپ>> دىدى. شۇنداق قىلىپ، مۇگۇڭ يۇيۇك بىلەن زىياپەتتە بىللە بولىدۇ. مۇگۇڭ ئۆز قولى بىلەن يۇيۇكنىڭ ئالدىغا چوكا-تەخسىلەرنى قويۇپ، يۇيۇك بىلەن بىللە تاماق يەيدۇ ۋە رۇڭ ئېلىنىڭ يەر شەكلى، ئەسكىرى كۈچىنى سوراپ بىلىۋالىدۇ. ئاندىن دىۋان بېگى لىياۋغا 16نەپەر سازەندە قىزنى ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنى رۇڭ خانىغا ھەدىيە قىلىشنى بۇيرۇيدۇ. رۇڭ خانى مەمنۇنىيەت بىلەن قوبۇل قىلىپ، سازنى بىر يىل ئاڭلىغان بولسىمۇ، قىزلارنى قايتۇرىۋەتمەيدۇ. جىن بەگلىكى يۇيۇكنى شۇ جاغدىلا قايتۇرىدۇ. يۇيۇكنىڭ ۋەز-نەسىھەتىگە رۇڭ خانى قۇلاق سالمايدۇ. مۇگۇڭ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، بىرنەچچە قېتىم ئادەم ئەۋەتىپ يۇيۇكنى تەكلىپ قىلىدۇ. يۇيۇك ئاقىۋەت رۇڭ خانىدىن يۈز ئۆرۈپ، چىن بەگلىگىگە تەسلىم بولىدۇ. مۇگۇڭ يۇيۇكنى ھۆرمەت بىلەن كۈتۈپ ئالىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن رۇڭ ئېلى ئۈستىگە يۈرۈش قىلىشنىڭ تەدبىرلىرىنى سورايدۇ...

       مىلادىدىن بۇرۇن 623-يىلى چىن بېگى مۇگۇڭ يۇيۇكنىڭ پىلانى بويىچە ئەسكەر چىقىرىپ، رۇڭ خانى ئۈستىگە يۈرۈش قىلىپ، 12ئەلنى ئۆزىگە قوشۇۋېلىپ 1000چاقىرىملاپ يەر ئاچىدۇ. شۇنىڭ بىلەن غەربى رۇڭ ئەللىرىگە ھۆكۈمران بولىدۇ.

Neshter يوللانغان ۋاقتى 2010-12-6 10:47:52

تاكتىكا ، تەدبىر ۋە ھىيلە دىگەن بۇ سۆزلەر ئەسلىدە تەڭداش ئۇقۇمدىكى سۆزلەر بۇلۇپ ، ھۈكۈمران سىنىپ ئىدىيىسىدىكى ئىجادىيلىق ۋە ئىنسانىيلىقنىڭ چاقنىشى ئىدى . ھالبۇكى ، ئىنسانىيلىق سەلبىي تەرەپتىن كەلسە << ھىيلە >> دىدۇق . قارشى تەرەپتىن كەلسە تەدبىر ياكى تاكتىكا دىدۇق . مانا بۇ سىياسىينىڭ رەزىللىكى .

ozhal يوللانغان ۋاقتى 2010-12-6 10:54:08

بۇ كىملەر بولدى ئەمدى ؟

matu يوللانغان ۋاقتى 2010-12-6 11:38:39

战国

Neshter يوللانغان ۋاقتى 2010-12-6 12:03:21

ozhal:
بۇ كىملەر بولدى ئەمدى ؟

كىم بولاتتى ، ئۇلۇغ خۇاڭ بىلەن يەننىڭ ئەۋلادلىرى

balasahun يوللانغان ۋاقتى 2010-12-6 13:16:37

بۇ باياننىڭ ئەسلى مەنبەسى: سىماچەننىڭ << تارىىخى خاتىرىلەر>> دېگەن كىتاۋنىڭ 71-72-73-بەتلىرىدىن ئەينەن ئلېندى.

<رۇڭ خانى>- ھونلارنىڭ پادىشاسسىنى كۆرسىتىدۇ. <يۇيۇك> ھون خانىنىڭ ۋەزىرى. گۇگۇڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى چىن سولالىسىنىڭ پادىشاسى.

   بۇ ۋەقەنى تارىختا تۇنجى<<سەتەڭلەر ھېلىسى>> دەپ ئاتايدۇ. <<سەتەڭلەر ھېلىسى>>دېگەن بۇ نام پەقەت، شۇخىل تاكتىكىنى قوللانغۇچى تەرەپنىلا كۆرسىتىپ، قارشى تەرەپنى نەزەردە ئالمىغان. ئەگەر ھەر ئىككى تەرەپنى نەزەرگە ئالغاندا، بىر تەرەپنى <ئىپپەتسىز كوزۇر> نى لاھىيەلىگۈچى دېسەك، يەنە بىر تەرەپنى <ئىبرەتسىز ھوزۇر> ئالغۇچى تەرەپ دېيىش كېرەك. <<ئۇرۇشنىڭ توققۇزى رەڭ، بىرى جەڭ>>دېگەن ماقالنىڭ <توققۇز رېڭى> رەقىبىنى ھالاك قىلىش ئۈچۈن گېزى كەلگەندە، ئىپپەتنىمۇ قايرىۋېتىدىغانلىقى، ئاتالمىش<<نادانلار>> ئۈچۈن <بىرى جەڭ>نىڭ ماھىتى پەقەت ۋە پەقەت <ئبرەتسىز ھوزۇر> ئىكەنلىگىدۇر...  

yurtum1028 يوللانغان ۋاقتى 2010-12-6 13:41:33

دىمەك ئەمىنىيە يېغىلىق  دەۋرىكەن .

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2010-12-6 23:31:59

پىلتىكۈچ

abdulehed يوللانغان ۋاقتى 2011-10-6 02:07:29

\"\"

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2011-10-6 06:26:33

گفخخ
بەت: [1]
: ئىپپەتسىز كوزۇر ۋە ئىبرەتسىز ھوزۇر