gulziba يوللانغان ۋاقتى 2010-12-5 15:31:35

چىرايلىق قىز (ھىكايە )

                                               چىرايلىق قىز

                                                ( ھېكايە)  


   
   دادامنىڭ دوستىنىڭ قىزى كەلگۈدەكمىش ئۈرۈمچىدىن !
   ئۆزۈمنى ئاجايىپ ئاقكۆڭۈل ، كەڭ قورساق قىز چاغلايتتىم ، لېكىن بۇ قېتىم تەن بەردىم ، بۇ ئۆيگە كەلمەكچى مەن بىلەن بىر ھۇجرىدا تۇرماقچى بولغان بۇ قىزنى كۆرمەي تۇرۇپ خالىماي قالدىم . ئىمتھاندىن ئۆتسە نېمە بوپتۇ ، مەمۇرىلىق ئىمتھاندىن ئۆتۈپتىغۇ ناھايىتى ! شۇنىڭغىمۇ دادامنىڭ شۇنچىۋالا قىلىشى كېتەمدۇ ؟! ئۈرۈمچى دېگەن نە ئۇ ! مەركىزى شەھەردىكى ئەڭ ياخشى مەكتەپتە ئوقۇپ تۇرۇپ بۇنچىلىك كىچىك ناھىيىنىڭ ئىمتھانىدىن ئۆتەلمىسە بوپتىكەن ئەمىسە ! مەنمۇ ئۆتكەنغۇ ئالدىنقى قېتىم ، لېكىن يۈز تۇرانە ئىمتھاندىكى رىقابەتچىم ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇردا ئوقۇغان بىر قىز بۇلۇپ قېلىپ خەنزۇتىلى سەۋىيەم ئۇنىڭغا يىتەلمەي شاللىنىپ قالدىم شۇ ! ئۇھ....مۇشۇ ئىمتھان دېگەن نەرسىدىن بىر قۇتۇلمىدى كىشى ، كىملا كۆرسە خىزمىتىمنى ، رەسمىي ياكى تەكلىپ بىلەن ئىشلەۋاتقىنىمنى سوراپلا تۇرغان ، مانا ئەمدى شەھەرلىكتىن بىرى كېلە كەلمەي تاپا – تەنىگە قالغىلى تۇردۇم ، لېكىن ئامال يوقتە !  جان دادامنىڭ جان ئاغىنىسىنىڭ قىزى بولغاندىكىن مېنىڭمۇ جان دوستۇم بولۇشى ، ياق دادامنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا جان – جىگەر ئاچا – سىڭىللاردىن بۇلۇپ ئۆتۈشىمىز كېرەككەن ، خوپ دىدىم ، مەن دادامنىڭ دادىسى ئەمەس بالىسىدە !
  ئۇ ئۆيىمىزگە كەلدى ، ۋاي – ۋۇي ، مەلىكىكەنغۇ ئۇ ! دادىسى ، ئاپىسى ، ئاكىسى ، ھاممىسى ، ھاممىسىنىڭ ئېرى ....ئىشقىلىپ پۈتۈن بىر جەمەتمىكىن ھەممىسى ئۇنى ئۇرۇنلاشتۇرۇپ قويغىلى كەپتۇ ، ئۇنداق قىلىپ كەتمىسىمۇ مىنىڭ ئادىمىگەرچىلىكنى بىرىنچى بىلىدىغان دادام ئۇلارنىڭ ئويلىغىنىدىن ئاشۇرۇپ قىلالايتتىغۇ ...لېكىن ، لېكىن ئىقرارمەن ، ئۇ قىز راسلا مەلىكىلەردەك چىرايلىقكەن ، بويلىرى ئىگىز ، تېرىسى ئاپپاق ، سۈزۈك ، قاش-كۆزلىرى سىزىپ قويغاندەك قارا ...بىر قاراپلا ھېلىقى تۈركىيىنىڭ ناخشىسىدىكى قىزغا ئوخشاتتىم ، مەن چېغىمدا كۆزۈمنى ئالالماي قالدىميۇ يىگىتلەر كۆرسە قانداق بولا ؟! بولدىلا ، ئۇنداق چىرايلىق قىز بىلەن بىر ئۆيدە تۇرۇش مەن ئۈچۈن شەرەپ ، شۇڭا ئۇ قىز كەلمەستە ئۇنىڭغا قېيدىغان بارلىق غايىۋى قېيداشلىرىمغا خاتىمە بېرەي ، ئۇنىڭ بىلەن ياخشى ئاچا- سىڭىل بولاي!
ــ جېنىم ، بۇ يەردە بۇ كارىۋات بۇرۇندىنلا بارمىتى ياكى يېڭىدىن ئالدىڭلارمۇ ، قارىسام يېڭىدىن ئالغاندەكلا .
ــ دادام بولمامدۇ ، مۇشۇ كارىۋاتقا سىغىمىز دېسەم ئۇنىمىدى ، سىزنى چوڭ – چوڭ ئۆيلەردە ياشاپ كۆنۈپ قالغان ، قىستىلىپ قالىدۇ دەپ يېڭىدىن ئالدى ، بۇلا ئەمەس ، كارىۋات ياپقۇچ ، ھەتتا بۇ پەردىدىن تارتىپ يېڭىلىدى . ( بىزنىڭ سۆھبىتىمىز مانا مۇشۇنداق تەكەللۇپسىزلا باشلاندى)
ــ ھى ھى ھى ، چوڭ ئۆيلەردە ؟! دادىڭىز بىزنىڭ ئۆيگە نەچچىنچى يىلى بارغان بولغىيتتى ، چوڭ ئۆيگە كۆچۈپ چىققىلى ئانچە ئۇزۇن بولمىدى ، سىلەرنىڭ ئۆيمۇ كاتتاكەن .
ــ شەھەرلىكلەرگە يەتمەيمىز !
ــ مۇشۇ شەھەرلىك دېگەن گەپنى پەقەت ئاڭلىمىسام دەيمەن ، نېمە ئۇ ، كىم شەھەرلىك كىم يېزىلىق ، سۈرۈشتۈرۈپ كېلىدىغان ئىش بولسا بارغۇ بىز ھەممىمىز تېگى تېگىمىزدىن سەھرالىق ، دادامنى ئانىسى ئۈرۈمچىگە ، نەنمىن خەلق مەيدانىنىڭ ئوتتۇرىسىغا تۇغۇپ قويماپتىكەن قاراڭ .
ــ ھى ھى ھى ، بولدى ، بولدى دىمىگەن بولاي ، گەپ دىگەن چىقىدىكەنغۇ سىزدىن . ــ مەن شۇ  سەل   مۇشۇنداق ، گەپكە ئامراق ، ئىشقا ئۆچ .
ــ شۇنداق چىراي .
ــ تەنە قىلىۋاتامسىز .
ــ ياق ، ئوچۇق – يورۇقكەنسىز ، چىقىشىپ كەتكۈدەكمىز .
ــ ۋۇي تېخى ،  چىقىشماي ئۆيىڭىزدىن قوغلىۋەتمەكچىمىدىڭىز .
ــ ھەددىممۇ
... ...
  شۇنداق قىلىپ چىرايلىق قىز ئاشۇ كۈنىدىن باشلاپ بىزنىڭ ئۆيدە تۇرۇپ قالدى ، ماڭا نېمىتى ، ئەتىگىنى بىر كىشىلىك ئورۇننى ئارتۇق يىغىمەن ، كەچتە سالىمەن شۇ ، بۇلار مەن ئۈچۈن ھىچقانچە گەپ ئەمەس ، باشقا ئىشلارنىڭ بىر قوللۇق بىزنىڭ ئائىلىنىڭ ئايال خوجايىنى بولمىش ئاپام قىلىدۇ ، ئاپاممۇ بۇ ئاغزى تاتلىق ، چىرايى ئوچۇق قىزغا تېزلا ئامراق بولۇپ قالدى .
ھەر كۈندىكىدەك ئىككىمىز ئىككى كومپىيۇتىر ئالدىدا ئولتۇراتتۇق ، ئۇنىڭدىن سورىدىم :
ــ نادىرە ، كۆنەلىدىڭىزمۇ ؟
ــ ھەئە ، ھەممىڭلار شۇنداق ياخشى تۇرساڭلار ، نىياسەم ئاپام ، قادىر داداملارمۇ شۇنداق ياخشى .
ــ ۋۇججۇن ، ئاغزىنىڭ تاتلىقلىقىنى ، مەن بىزنىڭ ئۆينى دىمىدىم ، مۇنۇ كىچىك ناھىيىنى دەۋاتىمەن .
ــ كۆندۈم ، ئامال يوقتە ، لېكىن يىگىتلىرى ...
ــ ھە ، نېمە ؟! يىگىتلىرىمىز نىمە بوپتۇ ؟
ــ دەيمەنغۇ ئەمدى ...ھېچ يارىمايدۇ !
ــ ھى ھى ھى ، يارىسا گوپلا تېگىۋالاي دېگەنما ؟   ئاپىڭىز ماڭىدىغاندا ئەسكەرتىپ قويدى جۇمۇ ، « ئىككى يىل چىدىسىلا ئاپپاق قىزىم ، خان قىزىم ، جېنىم قىزىم . ئىككى يىلدىن كېيىن ئەكىتىۋالىمەن » دەپ !
ــ ئىككى يىلغىچە مۇشۇنداق ئۆتەمدىم ، ھېچ بولمىسا كېلىشكەن يىگىتلەرگە ئۇياق – بۇياققا ئۆتكەچ قاراپ كۆزىمىزنىڭ ئاچچىقىنى بولسىمۇ چىقارمايمىزمۇ دەيمەن .
ــ ئۇھ...جېنىم نادىرە ، يىگىتلىرىڭىزدىن ئۆرگىلەي ، ھېلىمۇ تېلفونىڭىز پارتلاپ كېتەي دەيدۇ كۈندە .
ــ شۇنى دەيمەن ، مەنمۇ شۇنىڭغا ھەيران ، بۇ تىلفۇندىن نىمە چىقىدۇ دەيمەن ، قۇرۇق پاراڭلاشقانغا !
ــ ۋۇي !  ئەمىسە نىمە قىلسا بولاتتى ( ئۇنىڭ چاخچاق قىلغانلىقىنى بىلمەي ھەيران بوپ چەكچىيىپ قاپتىمەن )
ــ دەيمەنغۇ ئەمدى ، قارىڭە كورىيەنىڭ يىگىتلىرىگە ، سېغىندىم دىيىش ئۈچۈنمۇ ئايروپىلان بىلەن ئۇچۇپلا كىلىۋاتقان ، بىزنىڭ يىگىتلەرمۇ نىمىشقا شۇنداقراق بولمايدىغاندۇ دەيمەن ، ئاغزىدا گىپىلا بار .
ــ راستىنلا يۈرىۋاتقىنىڭىز يوقما ؟
ــ يوق ! بۇرۇن بىر قېتىم تاشلانغان ، شۇندىن بىرى تاشلاپ ئۇيۇن كۆرۈش مىنىڭ خوشاللىقىم .
ــ ساراڭ !
  مانا مۇشۇنداق ، ھەركۈنى كەچلىكى تاماقتىن كىيىنلا ئىككىمىز ئىككى كومپيۇتېر ئالدىغا بارىمىز ، ئۇ كىنو كۆرىدۇ ، ھېلىقى نېمىتى ، مەكتەپ تور بېتى ئوينايدۇ ، پاراڭلىشىدۇ ، مەن بولسام بىر مۇنبەر سارىڭى ، مۇنبەردىن خاتىرەمگە بىرەر پارچە شېئىر ، بىرەر قۇر خەتيۇ  ئىشقىلىپ كۆزۈمگە چىرايلىق كۆرۈنگەننىڭ ھەممىنى كۆچۈرۈپ ئولتۇرىمەن .
  ئۇنىڭغا ھەۋەسلىنىپ قالىمەن ، كەينىدە يۈرگەن نېمە دىگەن جىق ئوغۇللار ئۇ !

داۋامى بار، بىراقلا يوللىسام  يوللانمىدى ، ئاستىغا ئىنكاس شەكلىدە تۇلۇقلىنىدۇ ،



gulziba يوللانغان ۋاقتى 2010-12-5 16:01:40

چىرايلىق ، ئۇچۇق - يۇرۇق بۇ قىزنى مەنلا ئەمەس دوستلىرىممۇ تىزلا ياقتۇرۇپ قالدى ، ئۇنى يېڭى مۇھىتقا كۈنىۋالغۇچە دىدىمۇ ئىشقىلىپ كۈن ئاتلاپ دىگۈدەك ئولتۇرۇش ، يىغىلىشلار بۇلۇپ تۇردى ، مەنمۇ  كۈن بۇغداينىڭ باھانىسىدە سۇ ئىچكەن قارا مۇچىدەك ئولتۇرۇشلاردىن قالماي  بېرىپ تۇردۇم ، قىزلار يىغىلغان ئۇنداق سۇرۇننىڭ ئاساسلىق تىمىسى يەنىلا ئۈرۈمچى ، ئۈرۈمچىدىكى دىسكوخونا ، ساڭنالار ، ھەرقايسى جايلارنىڭ يىگىتلىرى توغرىسىدا بۇلاتتى ، ئەزەلدىن قۇرۇق پاراڭ بىلەن خوشام يوق مەنمۇ بىلىپ بىلمەي  ئۇنىڭ قۇرۇق ئەمما قىززىق پاراڭلىرىغا تېلىقىپ كۈلەتتىم ، بىر كۈنى يۇرتىمىزنىڭ دىسكوخانىسىغا كىردۇق ، ئۇنىڭ تەسىراتى ئويلىغىنىمىزنىڭ ئەكسىچە بولدى :
__ ئۇسۇل دىگەننى مۇشۇنداق ئوينىمامدۇ ، ئۈرۈمچىدە بۇنداق سۇرۇنلاردىكى ئۇسۇل بىلەن پەقەت خوشۇم يوق ، دىبا خەلق ئۇسۇلى دىگەن ھەيۋاتلىك ئىسمىدىن ئۆرگىلەي ، نىمە دەيمىز ئەمدى ، قۇلى مۈرىسىدىن ئاشمىغان ، بېشى توختىماي چايقىلىپ تۇرغان ، خۇددى بىر قارىماققا \" قانداق قىلاي ، قانداق قىلاي ، ئامال يوق ، ئامال يوق دىگەندەكلا .
  ئۇنىڭ يىگىتلەرنىڭ ئۇسۇلىنى دورىغان ھەرىكىتىنى كۆرۈپ يەنە كۈلكە كۆتۈرۈلدى .
__ قىزلىرىڭلارمۇ قېلىشمايدىغۇ ، قۇلىغا قارىسا ئۇيغۇرچە ئۇسۇل ، پۇتىغا قارىسا تانسا . ئۇلار نىمە دەيدۇ نادىرە ؟
__ ئۇلارچۇ ؟ ئۇلار مۇنداق ئوينايدۇ ھە ، قۇلىنى ئىككى تەرەپكە يېيىپ - ئېچىپلا ، بۇ چۇ ؟   بۇ قىزلارنىڭ \"خىزمىتىڭ بولمىسا نېرى كەت ، نېرى كەت ، پۇلۇڭ بولمىسا نېرى كەت ، نېرى كەت \" دىگىنى ،،،
    ئەتىسى بىر كۈن ئۇنىڭغا بازار ئايلىنىشىپ بەردىم ، قايتىدىغاندا كىتاپخانىغا كىردۇق :
__ جېنىم خوش بۇلاي ، تىزراق بۇلۇڭ ھە ، ھېلىمۇ بەك ھېرىپ كەتتىم ، __ دىدى ئۇ كىتاپخانا ئىشىكىدىن پۇتىنى ئالا-ئالماي .
__ سىزگە سەرىپ قىلىشىپ بەرگەن ۋاقتىمنىڭ تۆتتىن بىرىنى سەرپ قىلسىڭىزلا بۇلىدۇ . __ دىدىم كىتاپ جازىسىدىن كۆزۈمنى ئۈزمەي تۇرۇپ .
  بىر چاغدا بىرى نۇقۇيدۇ قارىسام نادىرە ، مەن تېخى مىنى ئالدىرىتىۋاتامىكىن دەپتىمەن ، قارىسام  ھىچ ئۇنداق ئەمەس .
__ ئۇنى تۇنۇمسىز ؟ ، __ دىدى ئۇ كۆزىنى نۇقتىدىن ئۈزمەي تۇرۇپ ئاۋازىنى بوش چىقىرىپ .
__ ھەئە .
     ئۇنىڭ رازىمەنلىك بىلەن كۈلۈپ قويغىنى كۆردۈم .
__ ئىسمى مىرادىل ، ئاپىسى دوختۇر ، دادىسى ئۇقۇتقۇچى ، بىرلا بالا ، بىزدىن بىر قارار يۇقىرى ئوقۇغان ، ئالى مەكتەپنى ئىچكىرىدە ئوقۇغان . بۇ يىل ئۇقۇش پۈتتۈردىغۇ دەيمەن .
__ ئاران مۇشۇنچىلىك ، ئۇنىڭ تىلفۇن نۇمىرى ، كوت - كوت نۇمىرى دىگەندەكلەر يوقما ؟ ئۇ سىزنىڭ بىرەر يېقىن دوستىڭىز بىلەن ياخشى ئۆتمەمدا ؟
__ ياق ، ئۇنىڭ ئاپىسى ئاپام بىلەب سالام - ساھەت قىلىشىدۇ شۇ ، باشقا بىرەر يېقىن دوستىنىمۇ تۇنۇمايدىكەنمەن ، سىز ئاشۇنداق ئاقپىشماق يىگىتلەرگە ئامراقما ؟ ئويلىماپتىمەن ،،،
__ نىمىشقا ئەمدى ؟
__ قارىسام تۈركىيىنىڭ كىنولىرىنى كۆپ كۈرىسىز ، چەتئەلنىڭ ھېلىقىدەك دىۋىدەك ناخشىچىنىڭ ناخشىسىنى بەك ئاڭلايسىز م شۇنىڭغا قاراپ ساقاللىق ، تۈكلۈك ، يوغان بەستلىك ، قارىمۇتاق يىگىتلەرگە
__ ۋاي ، ۋاي بولدى ، بولدى ، ئېيىقمۇ ئادەممۇ دىگىنىڭىز ، مىنى ئېيىقتەكلەرگە قىزىقىسىز دىمەكچىغۇ سىز ئاخىرى ؟
__ ھى ھى ھى ، چاخچاق قىلدىم .
__ ھەي ، بۈگۈن كىتاپخانىدا ئۇ پەقەت ماڭا دىققەت قىلمىدىدە بولمىسا ھازىر مەن ئۇنى ئەمەس ، ئۇ مىنى سۈرۈشتۇرۇپ ئولتۇرغان بۇلاتتى .
__ ئۆزىگە ئىشىنىش روھىڭىز ئۆگىنىشىڭىزگە ئەرزىيدۇ  .
  ئەنە شۇ كۈندىن باشلار بىلىپ - بىلمەي شەخسى رازۋىتچىكقا ئايلاندىم .
__ ۋۇخەن ئۇنىۋېرسىتىتىدا ئوقۇپتىكەن ، يۈرگەن قىزى يوقكەن ، بۇ يىل سىزگە ئوخشاش مەمۇرلۇق ئىمتاھانىدىن ئۈتۈپتۇ ، لىكىن خەق سىزدەك تەلەيلىك ئەمەس  ، ئاساسىي قاتلامغا ئۈتۈپتۇ ، ئىككى ئايدىن كىيىن تەربىيىلىنىشكە بارىدىكەن . ھازىرچە بىلىدىغىنىم مۇشۇ .
__ تىلفۇن نۇمىرىچۇ ؟
__ ۋاي خېنىم ، بىراقلا بىر ئادەمنىڭ ئۇنچە جىق ئۇچۇرىنى ئىگەللىسەم ئەتىلا ما يۇرتتا باشقىلارنىڭ ئاغزىدا مىرادىل قارىغا كۈيۈپ قالغان زۇلپىيە خېنىم بۇلۇپ قالامەن ، بىزمۇ مۇسۇلمان بولغاندىكىن ئاستا - ئاستا ھە ،،،
  ئۇ بىردەم جىمىپ قالدى ۋە تۇرۇپلا دىككىدە ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى .
__ تاپتىم ، ئۇ چۇقۇم مەكتەپ تور بېتى ئوينايدۇ ، ھەرقانچە بولسىمۇ بۇ يىل پۈتتۈرىدىغان ۋۇخەن ئۇنىۋېرسىتىدا ئوقۇغان مىرادىلدىن نەچچە يۈزى بولماس ، ئىىىىي ، ئەجەپ ياخشى ، لاي لى لاي لاي ، لاي لى لاي .
  ئۇ دىمىقىدا ناخشا ئېيتقىنىچە كومپىيۇتېرىنىڭ ئالدىغا ئۈندى ، خۇددى كومپىيۇتېرنى قوزغاتسىلا مىرادىل ئىچىدىن يۈگرەپ چىقىدىغاندەك  . مەن بولسام دادامنىڭ يوقلىقىدىن پايدىلىنىپ ئاپامغا ھەمرا بۇلۇپ تىلىۋىزۇر كۈرۈش ئۈچۈن ياندىكى ئۆيگە چىقىپ كەتتىم .
  قايتىپ كىرگىنىمدە ئۇ كومپىۇيتېرنىڭ ئالدىدا ئۆز- ئۆزىگە \" مۇمكىنمۇ ، تازىمۇ ...\" دەپ سۆزلەپ ئولتۇراتتى .
__ نىمە ؟ بىرەر يىپ ئۇچى بارمۇ ؟
__ تازا بىر مەتو بالىمۇ نىمە ئۇ ، سۆلىتىگە قارىسا پويىز سۆرىيەلمىگۈدەك ... نەدە ۋۇخەندە مىرادىل دەپ بىرى بۇلىدۇ ، پۈتۈن مىرادىللارنى ئاختۇرۇپ بولغاندىمەن ؟
  __ ئۆزىنىڭ ئىسمى ئەمەستۇ ؟
__ ئۇنداق كىلىشكەن بالا ئۆزىنىڭ ئىسمى ، ئۆزىنىڭ رەسىمىنى چىقارمىسا بارغۇ سىزگە قۇلىقىمنى كىسىپ بىرەرمەن ،
__ مانا يوقكەنغۇ شۇ ، بولدى يېتىڭە . زىرىكىپ ئىش تېپىۋاتىسىزدە ،
__ ئىككى يىللىق ياشلىقىم مۇشۇنداق ئۈتۈپ كىتەرمۇ دەيمىنا ،،،. __ يوتقىنىغا كىرگەچ چاخچىقىنى باشلىدى ئۇ ، __ ئاھ ياشلىق ، گۈزەل ياشلىق ، رومانتىكىغا ، گۈزەللىككە ، جۇشقۇنلۇققا ، مۇھەببەتكە تۇيۇنغان ، يىگىتلەر كەم ياشلىق ...ھى ھى ھى .
  ئەتىسى خىزمەت ۋاقتىدا  ئۇنىڭغا ئۇچۇر يوللىدىم \"  مانا بۇ تىلفۇن نۇمىرى ، بۇ كوت - كوت ...\"
  ئۇ تىزلا تىلفۇن قايتۇردى :
__ جېنىم ، سىز بەك ياخشى ھە ، كەچتە ئىشتىن چۈشكەندە سىزنى بەيفۇ دا مىھمان قىلاي ھە ، قالدى گەپنى شۇ چاغدا دىيىشەيلى .
__ نە ئۇ ؟
__ خەلق مەيدانىنىڭ يېنىدىكى ھېلىقى يەرچۇ ؟
__ ھە ...ھېلىقى يىگەن نىمىسىنى خەققە كۆز- كۆز قىلىدىغانما ؟ مەن تېخى بىرەر مەخسۇس سېتىش دۇكىنى بولسا ماڭا خېلى كاتتا سوۋغا بارمىكىن دەپتىمەن ،
__ دەپ قاپسىز جېنىم ، ھەممە نىمە سىزدىن ئايلانسۇن ، خوش ، مەن سەل ئالدىراش ، كەچتە كۈرۈشلى .
  ئۇنىڭ جېنىم بىلەن باشلىنىپ جېنىم بىلەن ئاخىرلىشىدىغان گەپلىرىگە كۈنۈپلا كەتكەنىدىم .
  ئۆيگە خوشال قايتىپ كەلدۇق ، ئۇ كومپىيۇتېرنىڭ ئالدىغا يۈگۈردى .
  نادىرە ماڭا راستىنلا ئامراق بۇلۇپ قېلىۋاتامدۇ ياكى خوشامىتىمۇ بىلمىدىم  ، ئۆزىنى ياساشنىلا بىلىدىغان بۇ قىز ھازىر ماڭىمۇ باشقىچە كۆڭۈل بۈلۈپ كىتەتتى . ئالىي مەكتەپتە بەش يىل يۈرۈپ ئۆگەنمىگەن گېرىم قىلىشنى ، قانداق كىيىم  كىيىشنى ئۇنىڭدىن ئۆگىنىۋاتاتتىم . ئۈزۈمگىمۇ كۈندىن كۈنگە ئىسكەت كىرىپ قالغاندەك ھىس قىلىپ قالدىم .
  لىكىن ئۇنىڭ بىر ئىشقا كۆڭلى يېرىم . مىرادىل بىلەن بولغان ئىشى تېخىچىلا شۇ پېچىتىچە ئىدى ،
  بىر كۈنى كەچتە ئۇ مىنىڭ كومپيۇتېرىمدا كىنو كۈرۈۋاتاتتى . مەن ئۇنىڭ كومپىيۇتېرىسىدا ماقالەمنى تەرجىمە قىلماقچى بولدۇم .

gulziba يوللانغان ۋاقتى 2010-12-5 16:09:58

ئۇنىڭ كومپىيۇتېرىدا ئۇيغۇرچە خەت كىرگۈزگۈچ يوقكەن ، بىردەم جېدەللىشىپ توردىن ئەلكاتىپنى پەقەتلا چۈشۈرەلمىدىم ، قېرىشقاندەك ھەممە نىمەم ئىشخانىدا قالغان ئىدى ، قارىسام ئۇنىڭ ئېچىقلىق كوت - كوتىدا بىرلا ئادەم باركەن ، ئۇنىڭغا قاراپ كۈلگۈم كەلدى ، چۈنكى بۇ مىرادىلنىڭ ئىدى ، بىچارە دوستۇم ئۇنىڭغا ھېلى ئۇ ھېلى بۇ كوت - كوتىدا گەپ قىلىپ گەپ ئالالمىغانىدى ، ئارتۇق ئويلىمايلا ئۇنىڭغا ئۇچۇر يوللىدىم :
\" كەچۈرۈڭ ، ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم ، سىزدە ئەلكاتىپ بارمۇ ؟ توردىن ھىچ چۈشۈرەلمىدىم ؟\"
\" بار ، مەنمۇ ئادەتتە شۇنى ئىشلىتىمەن ، ئۇيغۇرچە خەت يازماقچىمىدىڭىز ؟\"
\" ھەئە ، ئەجەپ ياخشى بولدى ، ئەۋەتىپ بىرەلەرسىزمۇ؟\"
\"ماقۇل ، ساقلاپ تۇرۇڭ \"
  ئۇنىڭ ئەۋەتىپ بەرگەن ھۆججىتىنىڭ قۇبۇل قىلىنىشىنى ساقلىغاچ ئولتۇراتتىم ، ئۇ خەت يىزىپ قالدى :
\" بۇ كەچتە نىمە زۆرۈر بۇلۇپ قالدى سىزگە \"
\" بىر نەرسە تەرجىمە قىلماقچى ئىدىم ، بۈگۈن تۈگىتىشىم كېرەك \"
\"تەرجىمانمۇسىز \"
\" ياق ، مەن دىگەن باج \"
\" ھى ھى   باجگىر دەڭ ، دۆلەتنىڭ سىياسەت - پەرمانلىرىنى تەرجىمە قىلىۋېتىپسىزدە ؟\"
\"ياق ، ئۈزۈم ياخشى كۈرىدىغان ھىكايىلەرنى \"
\" ھە.....ئەمىسە نىمىشقا بۈگۈن كەچتە تۈگەتمىسەم بولمايدۇ دەيسىز ؟\"
\" پىلانىمدا شۇنداق تۈزۈلگەن \"
\" سىز ئاقسۇنىڭ قايسى ناھىيىسىدىن ؟
\" xxxnناھىسىيىدىن \"
\"بىر ئائىلە كىشىلىرىكەنمىز دەڭە \"
\" ھە... ...\"
ئۇنىڭغا ئالدىراپ خوش دەپ سېستىمىنى ئورنۇتۇپ تەرجىمە قىلىشقا كىرىشىپ كەتتىم . بىر چاغدا نادىرە گە پاراڭلىشىش خاتىرىسىنى كۆرسەتتىم :
__ توۋا ، __ دىدى ئۇ نارازى بۇلۇپ ، __ نەچچە كۈندىن بىرى بىردەم ئۇ تىمىدا ، بىردەم بۇ تىمىدا گەپ قىپ باقىمەن ، ھىچ زۇۋان چىقمىغان ئاۋۇ گاچىدىن ، بۈگۈن نەدىن تىل كىردىكىنە ؟
__ بالدۇرۇق مەنلا پاراڭلاشسام بوپتىكەن ھە ، بۇ چاغقىچە يۈرۈپمۇ بۇلاتتىڭلاركەن ، ھى ھى ھى .
__ قاراپ تۇرۇڭ ، ئىككى ئايغا قالماي ئۇ سىلەرنىڭ بۇ بىنانى چۆرگىلەيدىغان بۇلاپ قالىدۇ .
__ ئادەم چۇقۇم ئۆزىگە ئىشىنى كېرەكتە ئاخىر . بۇ روھىڭىزدىن چۇقۇم ئۆگىنىمەن .
__ چاخچاق قىلمىدىم مەن ، قاراپ تۇرۇڭ .
__ ئىشىنىمەن ، لىكىن نادىرە ..
__ ھە ؟
__ ھىچنىمە ، بولدى ئۇخلايلى .
 __ دەڭا ؟
__مىرادىل بۇرۇنمۇ كىتاپ بىلەن ھەپىلىشىدىغان ، قىزلارغا سەپ سالمايدىغان بالىتى ، شۇڭا دەيمەن . ئەگەر ئۇنى ياخشى كۆرمىسىڭىز ئەڭ ياخشىسى بولدى قىلىڭ ، بولمىسا كىيىن ئۇنىڭغا ئازار بىرىپ قۇيىسىز .
__ قېنى قاراپ باقايلى ، مەن ئەزەلدىن ئوغۇللارغا ئۇنچە قىزىقىپ كەتمەيتتىم ، بۇ بالىدا بىر خىل سېھىر بار ، كىيىن نادىرە راست دەپتىكەن دەپ قالىسىز ، قاراپ تۇرۇڭ .
بەزى ئىشلارغا راستلا بىر نەرسە دىمەك تەس ئىكەن ، نادىرەنىڭ كىچىككىنە قىزىقىشى تۈرتكىسىدە كۆڭۈلنى مەيلىگە قۇيىۋەتكىنىنى توغرا دەپ قارىمىساممۇ بۇ خېنىمنى تۇسۇش مىنىڭ قۇلۇمدىن كەلمەيتتى ، ئۇخلاپ قالدىم  . بەلكىم تەقدىر بۇ ئىككىسىنى راست ئۇچراشتۇردىمۇ تېخى ؟

  ئەتىسى نادىرەنىڭ تەكلىۋى بۇيىچە كومپىيۇتېر ئالدىغا كەلدىم ، ئۇ سائەت توققۇزلاردا ئاندىن پەيدا بولدى :
  __ تېز بولۇڭ ، __ دىدى نادىرە ، __ ئۇ چىقتى .
  __ بىردەم ساقلاپ باقايلى ، __ دىدىم ئۇنىڭغا ، __ مېنىڭچە مۇنداق يىگىتلەر تەشەببۇسكار قىزلارنى ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەيدۇ .
__ قىززىق ، __ دىدى نادىرە ھەيرانلىق بىلەن ، __ ئەمىلىيەتتە مەن ئارىلاشقان ئوغۇللار سىزدىن جىقيۇ،سىز ئەجەپ بىر بىلىدىكەنسىز  ؟
__ مىنىڭ يىگىتلىرىم جىق بولمىغان بىلەن ، دوستلىرىم جىق ، بىلەمسىز ، ئوغۇللار ئادەتتە ئۆزىنىڭ قىز دوستىغا دىيەلمىگەن گەپ - سۆزلىرىنى ئۆزىنىڭ يېقىن دوستىغا دەيدۇ ، ئويلاپ باقسام بۇرۇن ، بۇلۇپمۇ تۇلۇق ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپ ھاياتىمدا قىز دوستلىرىمدىن ئوغۇل دوستلىرىم كۆپكەنتۇق .
__ ھازىرچۇ ؟
__ ئادەم چوڭ بولغانسىرى قىز- ئوغۇل ئارىسىدا تازا ساپ دوستلۇق قالمايدىكەن  قاراڭ .
__ ئۇغۇ شۇ .
__ بىلمەيسىز ، __ دىدىم مەن ئۇنىڭغا بۇرۇلۇپ ، __ بىر قېتىم تېخى يېقىن بىر دوستۇمنىڭ ھېلىقى نىمىسىدىن تاياقمۇ يىگەن دەڭە ، يىمىگەن مانتىنىڭ پۇلىنى تۆلەپ ، شۇنىڭدىن كىيىن ئوغۇلبالا بىلەن بولغان دوستلۇقۇمغا ئاساسىي جەھەتتىن خاتىمە بىرىلدى .
__ ۋاي خۇدايىم ، مۇنداق ئىش بار دەڭ تېخى .
__ شۇڭا ، بۇ قېتىم مىنىڭ دىگىنىمگە ماقۇل دەڭ ، مىرادىلدەك يىگىتلەرنىڭ ئالدىدا بەك تەشەببۇسكار بۇلۇپ كەتمەڭ .
__ ماقۇل جېنىم .
  شۇنداق قىلىپ ساقلا ، ساقلا يا مىرادىل بىزگە گەپ قىلمىدى ، يا بىز ئۇنىڭغا .
  سائەت 12بۇلاي دىگەنىدى ، ئۇنىڭدىن خەت كەلدى ، بۇ چاغدا نادىرە ئاللىقاچان ئۇخلاپ بولغانىدى :
__ سالام تەرجىمان .
__ سالام .
__ بۇ كېچىدە يەنە بىرەر ئەسەرگە تۇتۇش قىلىۋاتامسىز نىمە ؟ دەخلى قىلدىممۇ ؟
__ بۇنداق كاتتا سۆزلەرنى بىزدەك ئاددى ئىنسانلارغا ئىشلەتمىسىڭىز ئەپەندىم ، كىنو كۆرىۋاتىمەن .
__ ھى ھى ، ماقۇل . قارىسام كوت - كوتىڭىز ئىزچىل يېنىق ، مەن تېخى ئالدىراش باشقىلار بىلەن پاراڭلىشىۋاتسا كېرەك دەپتىمەن .
__ ياق ، مەن ئادەتتە ئېزىپ - تېزىپ كوت - كوتتا پاراڭلاشمايمەن .
__ ئەمىسە مەن بىلەن پاراڭلاشتىڭىزغۇ ؟
__ ئۆزىڭىز دىدىڭىزغۇ بىز بىرئائىلە كىشىلىرىكەنمىز دەپ .
  گىپىمىز بىردەم ئۈزۈلۈپ قالدى ، ئۇنىڭدىن يەنە ئۇچۇر كەلدى :
__ بۇنچە كېچىدە ئولتۇرۇپ كۆرگەن قانداق كىنوكەن ئۇ ؟ كورىيەنىڭ بىرەر تىلىۋىزىيە تىياتىرىنىڭ مانچە يۈز مانچىنچى قىسمىغا كەلمىگەنسىز ؟
__ ياق ، كومپىيۇتېردا ئۇنداق ئۇزۇن كىنو كۆرىدىغانلارغا ھەيرانمەن . بۇ پەقەت كىنو خالاس .
__ ؟
__ ماڭا مۇشۇ پەش ، چىكىت بىلەن قورچاقنى گەپ ئورنىدا ئەۋەتمىسىڭىز ؟ ، __ دىدىم ئۇنىڭغا خاپا بولغىنىمنى چاندۇرماي .
__ ماقۇل . قايسى كىنو ؟
__ سىرلىق ئۈلۈم ، ھىندىستاننىڭ .
__ ھەئە . راستىنى دىسەم مۇشۇ ھىندىستاننىڭ كىنولىرى بىلەن پەقەت خوشۇم يوق .
__ ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەيسىزدە .
__ بىلمىدىم ، بۇرۇنمۇ باشقىلار بىرقانچە كىنونى تەۋسىيە قىلغان ، نىمىشقىكىن پەقەت ئاخىرىنى چۈشۈرەلمىدىم . قان بىلەن كىرگەن خۇيدە !
  ئۇنىڭ بۇ گىپىدىن كىيىن سۆھبىتىمىز ئۈزۈلۈپ قالدى ، ئورتاق تىما بولمىسا نەدىن كەلگەن ئورتاق پاراڭ ئۇ . ئۇنىڭغا خوشمۇ دىمەپتىمەن ، ئۇ بۇرۇن چۈشتىمۇ مەنمۇ بىلمىدىم ، ئىشقىلىپ مەن ئۇخلىماقچى بۇلۇپ يېتىپ بولغانىدىم .
  ئەتىسى نادىرە پاراڭ خاتىرىمىزنى كۆرۈپ \" قىززىقكەنسىز ، ئاران بىر پاراڭلاشقاندا نىمىشقا كۆپرەك پاراڭلاشمايسىز\" دەپ سورىدى .
__ ئەمدى خېلى ئۆزلىشىپ قالدىڭلار ، __ دىدىم ئۇنىڭغا ، __ بۇنىڭدىن كىيىن سىلەر پاراڭلاشساڭلار بۇلىدۇ .
__ راستما ؟
__راست .
  لىكىن قانداق بولدى بىلمىدىم ، ئۇلارنىڭ پارىڭى پەقەت نەچچە قۇر دىئالوگ ۋە نەچچە مىنۇتتىن ھالقىپ ئۈتەلمىدى . نادىرەمۇ بۇرۇنقىدەك ئۇنىڭ گىپىنى قىلمايدىغان ، ئۇنىڭغا گەپ قىلىپ كەتمەيدىغان بولدى . قارىسام خېلىلا سوۋۇغاندەك . ئارىلىقتا خېلى كۈنلەر ئۆتتى بولغاي بىر كۈنى ئۇ نادىرەگە \"سىرلىق ئۈلۈم\"نى ئەۋەتىپ بىرىش توغۇرلۇق گەپ قىلىپ قالدى ، نادىرە دەرھال مىنى چاقىرىپ كومپىيۇتېرىنىڭ ئالدىنى بوشاتتى .
__ ن پەقەت ياقتۇرمايتتىڭىزغۇ ھىندىستاننىڭ كىنوسىنى ؟ ، __ دىدىم گەپنىڭ بېشىدىلا .
__ قارىسام توربەتلەردە ماختاپ كىتىپتۇ ھەممە ئادەم ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەممىسى \" پەقەت ھىندىستاننىڭ بۇرۇنقى كىنولىرىغا ئوخشىمايدىكەن \" دىيىشىپ كىتىپتۇ ، توربەتتىن كۆرىۋىدىم ، خېلى بولدى قېتىۋالغىلى .
__ ماقۇل . ساقلاپ تۇرۇڭ .ھەراست ، ماۋۇ نۇمۇرنى قېتىۋېلىڭە ، __ ئۇنىڭغا ئۈزۈمنىڭ كوت - كوت نۇمۇرۇمنى ئەۋەتىپ بەردىمدە ئۈزۈمنىڭ كومپىيۇتېرى ئالدىغا باردىم . چۈنكى نادىرەنىڭكىدە ئۇ كىنو يوقتى . كىنو چۈشۈپ بولغۇچە بىز تەبىيلا پاراڭلىشىپ قالدۇق :
__ سىزمۇ مۇنبەر كۆرىدىكەنسىزدە گىپىڭىزدىن قارىغاندا ؟، __ دىدىم مەن بۇ قېتىم ئاۋال گەپ باشلاپ .
__ ھەئە ، تورغا چىقسام مۇنبەر كۆرىمەن شۇ ، ئەدەبىياتقا قىزىققان ئادەم شۇنداق بۇلىدىغان ئوخشايدۇ ، نەدە بىرەر قۇر ياخشى گەپ ، بىرەر كۇپلىت ئىسىل شېئىر باركىن دەپ پۇراپ يۈرۈيمەن .
__ بۇ جەھەتتە ئوخشاشكەنمىز .
__ ئەدەبىياتقا قىزىقامسىز ، __ سورىدى ئۇ ھەيران بۇلۇپ .
__ ھەئە .
__ ئۇنداقتا سىزمۇ مۇنبەرگە بىر نەرسىلەرنى يىزىپ تۇرامسىز ؟
__ ياق ، __ دىدىم مەن يالغان ئېيتىپ ، __ پەقەت ئۇقۇيدىغىنىدىن مەن .
__ ھە ، مۇنداق دەڭ .
__ قارىغاندا سىز يازىدىكەنسىزدە ؟
__ مەنمۇ ئۇقۇيدىغىنىدىن خالاس  ، ھە راست ، يېقىندىن بىرى \"كاپىتان \" نى ئوقۇۋاتىمەن ، سىز ئوقۇغانمۇ ؟
__ ياق ، نىمىشقىكىن چەتئەل ئەدەبىياتى بىلەن پەقەت ئېپىم كىلىشمەيدۇ .
__ بۇ ياخشى بولماپتۇ ، چەتئەل ئەدەبىياتىنىڭ بىزگە تەرجىمە قىلىنىپ كەلگىنىنىڭ ئارىسىدا ياخشى ئەمەسلىرى يوق ، بىر-بىرىدىن ئىسىل ئەسەرلەر ، پەقەت ئۆزىمىزنىڭكىنىلا ئوقۇمسىز ؟
  قارىغاندا ئۇنىڭ نەزەر دائىرىسى مەن ئويلىغاندىنمۇ كەڭ ئىدى ، ئۈزۈممۇ بىلىپ بىلمەي پاراڭلىشىپ تىمىنىڭ ئىچىىگە كىرىپلا كىتىپتىمەن :
__ تۈرۈك ، ئۆزبىك يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى ياخشى كۆرۈپ ئوقۇيمەن ، بۇلۇپمۇ كەرىمە نادىرنىڭ سادىق ئوقۇرمىنى مەن .
__ دىمەك ئىجتىمائىي تۇرمۇش ، مۇھەببەت تىمىسىدىكى ئەسەرلەرگە قىزىقىمەن دەڭ .
__ شۇنداق دىسەكمۇ بۇلىدۇ ، يېقىنقى زامان تارىخى ، پىسخىلوگىيەگە ئائىت ئەسەرلەرگىمۇ ئالاھىدە قىزىقىمەن .
  ئۇزاقتىن -ئۇزاق پاراڭلاشتۇق ، ئوقۇغان - ئوقۇۋاتقان كىتاپلىرىمىز توغۇرلۇق .
  ئەتىسى سائەت توققۇزدا ئۇ يەنە توردا پەيدا بولدى :
__ رەھمەت سىزگە ، __ ئۇنىڭ تۇنجى ئۇچۇرى مۇشۇنداق باشلانغانىدى .
__ نىمىگە ؟
__ شۇنداق ياخشى كىنوكەن . ئەتىگەنلىك تاماقتىن كىيىن كۆرىۋىدىم ، چۈشتىن كىيىن كاللامدا پەقەت شۇ كىنولا .
__ بۇنىڭدىن كىيىن ھىندىستاننىڭ كىنوسىنى پەقەت كۆرمەڭ ، ئىچىدىن شۇنداق بىر مەخلۇق چىقىپ ھاپلا قىلىپ يەپ كىتىدۇ سىزنى !
__ ھى ھى ھى ، __ يۈزلىرى قىزىرىپ ھىجىيىپ تۇرغان چىراي ئىپادىسىنى ئەۋەتتى ئۇ ، __ بولسا يەنە ئەۋەتىپ بىرىڭە ئاشۇنداق ياخشى كىنولاردىن .
__ بارلىقىغۇ بار ، لىكىن ھەممىسى ئۆز تىلىدا .
__ مەنمۇ شۇنداق بولسىكەن دەيمەن .

gulziba يوللانغان ۋاقتى 2010-12-5 16:10:54

يەنە پارىڭىمىز باشلاندى .
  نادىرە ھازىر بۇرۇنقىدەك مىرادىلنىڭ گىپىنى قىلمايدۇ ، توردا مىنىڭ پاراڭلىشىۋاتقىنىمنى كۆرسىمۇ ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمەيدۇ . ئۇ نىمە ئويلاۋاتىدۇ بىلمىدىم .
  مانا شۇنىڭدىن كىيىن ھەركۈنى سائەت توققۇزدا تورغا چىقىش مەن ئۈچۈن ئادەت .
بىر كۈنى يەنە ئەدەبىيات توغرىسىدا توختىلىپ كىلىپ مۇنداق دىيىشتۇق :
__ مەن سىزنىڭ تەۋسىيىڭىز بۇيىچە بىر ياخشى كىنوغا ئىرىشتىم ، __ دىدى ئۇ ، __ بىر ياخشى كىنو خۇددى بىر ياخشى كىتاپقا ئوخشايدۇ ، ئەمدى دىمەكچى بولغىنىم سىزمۇ مىنىڭ تەۋسىيەم بۇيىچە بىر كىتاپنى ئوقۇپ بېقىڭە ، قانداق ؟
__ چەتئەل يازغۇچىسىنىڭمۇ ؟
__ \"مىنىڭ ئىسمىم قىزىل \" ئاڭلىغانمىدىڭىز ؟
__ كىتاپخانا جازىسىغا تىزىقلىق تۇرۇپتىكەن ، كۆرگەن .
__ قانداق ، ئوقۇپ باقامسىز ؟ چۇقۇم قىزىقىپ قالىسىز ؟
__ ماقۇل .
يەنە بىر كۈنى مۇنداق دىيىشتۇق :
__ نىمىشقا بىر ناھىيىدە تۇرۇپمۇ بىرەر قېتىم مىنىڭ ئىسمىمنى سوراپ قويمايسىز ؟ ، __ دىدى ئۇ .
  نىمە دىيىشىمنى بىلمەي تۇرۇپ قالدىم ، ئەلۋەتتە \" مەن سىزنى تۇنۇيمەن ، سىز بىلەن مەقسەتلىك پاراڭلاشقان دىيەلمەيمەندە !
__ \" سىزچۇ \" دەپلا سورىمامسىز ، __ دىدى نادىرە سۆزۈمنى ئاڭلىغاندىن كىيىن ، شۇنداق سورىدىم .
__ راست گەپنى قىلسام نىمە دەپ قالارسىز ؟
__ ئاۋال دىمەمسىز ، مىڭ ئېغىز يالغان گەپتىن بىر ئېغىز راست گەپ ئەۋزەل .
__ دىسەم گىپىم ئۇزىراپ كىتىشى مۇمكىن ، __ دەپ سۆزنى باشلىدى ئۇ ، __دەسلىۋىدە ئىسمىڭىزنى سوراش خىيالىمغىمۇ كەلمىدى ، چۈنكى ئەزەلدىن توردا سوت تۇتۇپ يۈرمەيتتىم ، ھەم ئىسمىڭىزنى سورىساممۇ راست ئىسمىڭىزنى ئېيتىپ بىرىشىڭىز ناتايىن ، كىيىن كۆپ پاراڭلاشتۇق ، سىز باشقا قىزلارغا ئوخشاش قۇرۇق پاراڭ قىلمايدىكەنسىز  ، ئەخلاقلىق ، بىلىملىك قىز ھىس قىلدىم ، ئىسمىڭىزنى سورىغۇم كەلدى ، لىكىن يالتايدىم ، نىمىشقا دىسىڭىز ، بەلكىم ياش قۇرامىمىز تەڭ بولغانلىقى ئۈچۈن سىزنى تۇنۇشۇم ، سىزمۇ مىنى تۇنۇشىڭىز مۇمكىن ، بەلكىم ئەمەلىيەتتىكى مەن ، توردىكى مەندىن ، ئەمەلىيەتتىكى سىز توردىكى سىزدىن پەرقلىق بۇلىشىمىز مۇمكىن ، شۇڭا قەلبىمدىكى ھازىرقى ئوبرازىڭىزنى ساقلاپ قالغۇم بار ، سىزگىمۇ پەقەت مۇشۇ ئوبرازنىلا بەرگۈم بار .
  بىز ئادەتتە خەنزۇچە خەت يىزىشاتتۇق ، لىكىن بۇ قېتىم ئۇ پىنيىن بۇيىچە يىزىپتۇ ، ھەجىلەپ يۇرۇپ ئىككى قېتىم ئوقۇۋەتتىم :
__ ساراڭ .
  ئۇنىڭغا پەقەت شۇنداقلا دىيەلىدىم .
__ كۆپ رەھمەت سىزگە ، شۇنچە ئەستايىدىل يازغان ئۇچۇرۇمغا جاپا تارتىپ ئۇنچە كۆپ ھەرىپ بىلەن جاۋاپ قايتۇرمىسىڭىزمۇ بۇلاتتى ، __ ئاچچىق تەنە قىلدى ئۇ .
__ ھى ھى ھى ، دەيمىنا ، سىزگە شۇنچە بۈيۈك تەسىر قالدۇرالىغىنىمدىن خوشالمەن .
__ ئانچە بۇيۇكمۇ ئەمەس ، لىكىن ھازىر كىتاپ بىلەن ھەپىلىشىدىغان قىزلار ئاز قالدىدە ، شۇ تەرىپىڭىزگە مەن ئامراق .
__ ئامراق ؟
__ ھەئە . يەنە ياخشى مالنى پەرقلەندۈرەلەيسىز ، يەنە تەرجىمانلىق قىلىسىز جاپا تارتسىڭىزمۇ ؟
__ ھى ھى ھى ، __ كالچىيىپ ھىجايغان چىراي ئىپادىسىنىمۇ قىستۇردىم ، __ بۇنداق ماختىسىڭىز ئۇچۇپ كەتمەي يەنە .
__ ئۇچۇپ كىتىڭ ، ماختىغانغا ئۇچۇپ كىتىدىغان ئىش بولسىدى ، ما يەر يۈزىدە نەچچىمىزلا قالار بولغۇيتتۇق .
  مانا مۇشۇنداق ، پارىڭىمىز بارغانسىرى چوڭقۇرلاشماقتا ، ئارىمىزدىكى ياتسىراش بارغانسىرى كۆتۈرۈلمەكتە ، چاخچاقلار بارغانسىرى كۆپەيمەكتە ، بەزىدە نادىرە يېنىمدا ئولتۇرۇپ مەن بىلەن تەڭ پاراڭلىشىدۇ ، بەزىدە زىرىكىپ قالامدۇ ، ئۆزىنىڭ كومپىيۇتېرى ئالدىغا كىتىدۇ .
  __ قىزلار نىمىشقا ئۆزىنى باشقىلارنىڭ \"مەلىكە \" دەپ چاقىرىشىنى ياخشى كۆرىدۇ ؟ ، __ دەپ سوراپ قالدى ئۇ بىر كۈنى .
__ كىم شۇنداقكەن ؟ قىززىق ، مەن ئەجەپ \"باشقىلار مىنى مۇنداق چاقىرسا دەپ ئويلاپ باقماپتىمىنا ؟\"
__ بايام قارىسام ئاپام كۆرىۋاتقان كورىيىنىڭ ھېلىقى ئۇزۇن كىنوسىدا شۇنداق چىقىدىكەن .
__ ھە ...ساراڭ ، نىمە دەيدىكىن دەپتىمە ، بەزى قىزلار بار ئۆز ئۈيىدە خۇددى مەلىكىنىڭ ئۆزى ، ئاتا - ئانىسى خۇددى ئۇنى مەلىكىنى كۈتكەندەك كۈتىدۇ ، ئۇنداق قىزلار ئەركىلىتىش - ئەركىلىنىش ئىچىدىلا چوڭ بۇلىدۇ ، بەلكىم شۇنداق مۇھىتتا چوڭ بولغانلىقى ئۈچۈن باشقىلارنىڭ ئۆزىگە شۇنداق مۇئامىلە قىلىشنى كۈتۈپ شۇنداق ئويلىسا كېرەك .



  بىر كۈنى تۇرمۇشىمىز توغۇرلۇق پاراڭلىشىپ قالدۇق .
__ بۇ يىل مەمۇرىلىق ئىمتاھاندىن ئۆتتۇم ، تەقسىم قىلىنىشنى كۈتۈپ ئولتۇرىمەن شۇ ، __ دىدى ئۇ راستىنى ئېيتىپ .
__ مەن تېخىچە قۇتۇلۇپ بۇلالمىدىم مۇشۇ مەمۇرلۇق ئىمتاھان دىگەندىن ئىمتاھاننىڭ ئېتىنى سوراپ يۈرۈپ بىرىۋاتىمەن ، بىرىۋاتىمەن ، لىكىن ھىچ ئۈتەلمەيمەنغۇ تاڭ .
__ دۆت !
__ ھە ؟
__ ھى ھى ھى ...
__ دىمىسىڭىزمۇ دۆت مەن ، يۈزۈمگە سالمىسىڭىزمۇ بۇلاتتى .
__ ئۇييۇ ...راستقا ئېلىپ كەتتىڭىزھە ؟ ، __ دەپ يازدى ئۇ ئەستايىدىلىللىق بىلەن .، __ چاخچاق قىلدىم ساراڭ .
__ ھە .
__ خاپا بولدىڭىز ؟
__ ھەددىممۇ  دۆلەت مەمۇرىلىرىدىن خاپا بۇلۇشقا !
__ بۇلۇپ بەردىغۇ بۇنىڭغا ، ھەي ، ھەي مەن بىر گەپ قىلاي ، بىز مۇشۇنداق قاچانغىچە بىر-بىرىمىزنى ھەي - ھەي دەپ چاقىرىشىمىز ؟
__ ئىسمىڭىز نىمە دىمەكچىمۇسىز ؟ ، __ راستىنى دىسەم ئۇنىڭ مۇشۇ سۇئالنى سورىشىنى پەقەت خالىمايتتىم . چۈنكى مەن نادىرەنىڭ رولىدادە ، بۇ رولنى ياخشى كۆرۈپ قېلىۋالاتتىم .
__ مەيلى خالىسىڭىز ، بىرەر چىرايلىق ئەركىلەتمە ئىسىم قۇيۇپ بەرسىڭىزمۇ بۇلىدۇ بولمىسا . مەسىلەن مەلىكە دىگەندەك ...ھى ھى ھى .
__ ھە ؟
__ سىزنى مەلىكە دەپ چاقىرايچۇ ؟ مىنى شاھزادە دەڭ ...ھى ھى ھى ...
__ قاشاڭلىقىڭىزدىن ئۆرگىلەي ، بۇلىدۇ شاھزادە .
  مانا مۇشۇنداق . كۈنلىرىمگە مەنا قۇشۇلدى دىسەممۇ بۇلىدۇ ، بۇنىڭ ئۈچۈن نادىرەگە رەھمەت ئېيتىشىم كېرەك ، لىكىن نىمىشقىدۇر كۆڭلۈم ...بولدىلا ،،،قېنى ۋاقتى كەلمىسۇنمۇ ...دەپ ئويلايمەن دائىم .
ئۇنىڭ بىلەن بارا- بارا تۇرمۇشىمىز توغرىسىدا پاراڭلىشىشقا ، پىكىر ئالماشتۇرۇشقا چۈشتۇق . ئۇ نىمىشقىكىن مەندىن باشقا ئوغۇللاردەك \" مۇھاببىتڭىز بارمۇ \" دەپ سوراپ يۇرمىدى ، مەلىكە دەپ چاقىرىشى مەلىكەمگە ئۆزگەردى ، بۇرۇن كەچ سائەت توققۇزدا تورغا چىققان بولسا مانا ھازىر ھەرئىككىلىمىز كۈندۈزلىرىمۇ چىقىمىز ، ئۇ سىرتتا بولسا تىلفۇنىدا تورغا چىقىدۇ ، مەن ئىشخانىدا تورغا چىقالمىغاچقا مەنمۇ تىلفۇنۇمدا تورغا چىقىمەن .
  بۈگۈن ئەتىگەن شۇنداق چىرايلىق قار يېغىپتۇ ، بەك خوش بولدۇم ، تۇنجى قار !
  \"ھەربىر كۈنىڭىز بۈگۈنكى كۈندەك گۈزەل بولسۇن مەلىكەم \" تىلفۇنۇمدا تورغا چىقىپلا ئۇنىڭ ئۇچۇرىنى تاپشۇرىۋالدىم ، خوشاللىقىم ئۈستىگە خوشاللىق قۇشۇلدى .
  مىرادىل ئىككى ئايلىق تەربىيىلىنىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە ماڭدى ، خوشلىشىش رەسمىيەتلىرىمىز يەنىلا تور يۈزىدە بولدى ، ئۇنىڭ ئۇ يەردىمۇ كۈندە تورغا چىقىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرساممۇ شۇنداق كۆڭلۈم يېرىم بولدى ، نادىرە بولسا ئىشىنىڭ ناھايىتى ئوڭۇشلۇق كىتىپ بارغىنىدىن بەك خوشال .
__ ئۇ قايتىپ كەلسە ، ئۇنىڭغا دەيمەن ، __ دىدى نادىرە تۇيۇقسىزلا .
__ نىمىنى دەيسەن ؟ ، __ سورىدىم ھەيران بۇلۇپ .
__ كۆرۈشەيلى دەپچۇ ؟ ھېلىمۇ نەچچە ئاي بولدى ، سىنىمۇ كۆپ ئاۋارە قىلدىم ئىككىمىز ھازىر سەنلىشەتتۇق.
  ئۇنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ لەسسىدە بۇلۇپ قالدىم \"ياق نادىرە  ،ئۇنىڭ بىلەن سىنىڭ ئورنۇڭدا تۇرۇپ پاراڭلاشقانلىقىمنى ئۇنتۇپ كەت ، ئۇ بەك ياخشى يىگىت ئۇنى ئالدىمىغىن\"دىگۈم باتتى ئۇنىڭغا ئەپسۇس دىيەلمەيتتىم ، چۈنكى ئويلايمەن ، مىرادىل ھەرجەھەتتىن يىتىلگەن يىگت ، مەيلى چىراي ، بوي - تۇرقى ، مەيلى بىلىمى ، مەيلى ئائىلە ئىقتىسادى جەھەتتە بولسۇن ھەرقانداق قىزنى قايىل قىلالايدىغان يىگىت ، شۇڭا ئۇنىڭغا ئۆزىگە ئوخشاش شارائىتى ياخشى ، نادىرەگە ئوخشاش چىرايلىق قىزلار لايىق بۇلىشى كېرەك . مەن ئەسلا ، ئەسلا ئۇنىڭغا ماس كەلمەيمەن .
  \" مەلىكەم ، يوقاپلا كەتتىڭىزغۇ\"
  كەچتە يۇشۇرۇن ھالەتتە ئىدىم ، ئۇنىڭ ئۇچۇرىنى تاپشۇرىۋالدىم .
\" يوقاپ كەتمىدىم ، كىنو كۆرگەچ قاتتىق خىيال سۈرۈپ ئولتۇرىمەن\" دەپ قايتۇردۇم ئۇنىڭغا .
\" يەنە قانداق ياخشى كىنو تېپىۋالدىڭىز ؟\"
\"يەنە شۇ <<سىرلىق ئۈلۈم>>نى كۆرىۋاتىمەن .\"
\"ئەمىسە نىمىگە قاتتىق خىيال سۈرۈپ كەتتىڭىز ؟\"
\" ھازىرمۇ شۇنداق قىزلار ، يىگىتلەر بارمىدۇ ؟ دەپچۇ \"
\" بىر-بىرىنى شۇنداق پاك ياخشى كۆرىدىغان دىمەكچىمۇ ؟\"
\"ھەئە ، ھازىرقى ئىشلارغا ھەيرانمەن ، مەكتەپتىكى ۋاقىتتا ئوغۇللارغا چىرايلىق قىزلار لازىم ، مەكتەپ پۈتتۈرگەندە بولسا مۇقىم خىزمىتى بۇلىشى ياكى ئاتا-ئانىسىنىڭ پۇلى بۇلىشى ئالدىنقى شەرت ، قىزلارغا بولسا مەكتەپتىكى ۋاقىتتا كىلىشكەن ، پۇلى بار بولسىلا بولدى ، كىيىن بولسا خىزمىتى ۋە ئۆيى ،ھازىر جەمىيەتنىڭ يۈزلىنىشى شۇ تۇرسا ، ئەسلى مەكتەپتىكى ۋاقتىمىزنى ئاتالمىش ئېتى ئۇلۇغ مۇھەببەتكە سەرپ قىلمىساق بۇلاتتى ، كۆرىۋاتىمىز ، بىر كۈن كۆرمىسە چىداشمايدىغانلار ئۇقۇش پۇتتۈرۈپلا ناتۇنۇشلارغا ئايلىنىپ كىتىۋاتقان ، شۇڭا چوڭلار \" مەكتەپتىكى مۇھەببەت ، خۇدايىمغا ئامانەت \" ، ياخشى ئوقۇڭلار \" دىسە خۇددى قاقشاپ قۇيىدىكەنمىز ، \" ئۆزى ئوقۇيدىغاننى ئوقۇپ ، مۇھەببەتلىشىدىغاننى مۇھەببەتلىشىپ بىزگە كەلگەندە ۋەز - نەسىھەت ئېيتىپ كىتىدىكەن ، چۈشەنسە بۇلىدۇ \" دەپ ، لىكىن ئۇلارنىڭ ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەچكە شۇنداق دىيىشكىنىنى بىلمەيدىكەنمىز .
\" راست دەيسىز ، ئادەم بىرىنى ياخشى كۆرۈپ قالغاندا كۆزىگە ھىچنىمە كۆرۈنمەيدىكەن ، باشقىلار ھەرنىمە دىسىمۇ قۇلىقىغا كىرمەيدىغان گەپكەن ، ھەراست ، سىزدىن سوراپ باقاي ، ئۇ كىنودا سىزگە ئەڭ تەسىر قىلغان كۈرۈنۈش قايسى ؟\"
ئۇ خېلى ئۇزاقتىن كىيىن خەت قايتۇردى :
\" تەسىر قىلغان كۆرۈنۈشلەر بەك جىق ، بىرىنىلا تاللاش توغرا كەلسە يىگىتنىڭ قىز ماشىنىسىنى سېتىۋېتىپ تەييارلىغان پۇلنى قۇلىغا ئالغاندىكى كۈرۈنۈش ئەڭ تەسىرلىك  بىلىندى ، ئەڭ ئۆگىنىشكە تىگىشلىك روھ توغرىسىدا سۆزلەشسەك ، يىگىت قىزنى ئەسلەش ئۈچۈن تىرىشىدۇ ، ئۇنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ نېرۋىسىغا قارىماي تىرىشىدۇ ، چېنىقىدۇ ، ھەر قېتىم قىزنى ئەسلىگەندە ئۇنىڭ ئۈلۈپ كەتكىنى يادىغا يەتكىنىدە بولسا ياقىلىرىنى يىرتىپ ، مەيدىلىرىگە مۇشتلاپ شىر كەبى ھۆركىرەيدۇ ، ئاندىن دەرھال چېنىقىشقا كىرىشىدۇ ، مانا مۇشۇ روھ بىزدە كەم بولغان نەرسە . \"
  ئۇنىڭ ئەدەبىياتچىلاردەك سۆزلىگەن سۆزىدىن سۈيۈنگەنىدىم ، دەرھال ئۇچۇر قايتۇردۇم :
\" ھە ، قايغۇنى كۈچكە ئايلاندۇرۇش روھىنى دىمەكچىمۇ ؟\"
\" ياق ، بۇ ئۇنداق ئاددى گەپ ئەمەس ، ئەگەر  ، مەن مەسىلەن دىدىم ھە ، مەسىلەن مەن بىر قىزنى قاتتىق ياخشى كۆرۈپ قالدىم دەيلى ، كىيىن ئۇ قىز مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلى ئۈلۈپ كەتكەنمۇ بولسۇن ، مەن قانداق بۇلىمەن بىلەمسەن ، بىر ھاراقكەش بۇلىمەن ، باشقىلارغا ئاشىقىمنىڭ تۈگەپ كەتكەنلىكىنى دەپ دەرت تۈكىمەن ، ماڭا ئىچ ئاغىرتىدىغانلار ، مەن بىلەن تەڭ كۆتىرىدىغانلار كۆپ چىقىدۇ ، ئەگەر بىرەر يىگىت ، بىرەر سىتودىنت يىگىت مۇھەببىتىدىن ئايرىلىپ كەتسە قىلىدىغان بىرىنچى ئىشى نىمە ؟ ئۇنتۇيمەن دەپ شۇئار توۋلاش ، ھاراق ئىچىپ بىر مىنۇت بولسىمۇ يارىنى ئىسىدىن چىقىرىش ، لىكىن كىنودىكىسىچۇ ؟ ئۇنى ئۇنتۇپ قالماسلىق ئۈچۈن نىمىلەرنى قىلمايدۇ ؟ ھەتتا ئۆزىنىڭ بەدىنىگە ئۆزى قىزنىڭ ، قىساسكارىنىڭ ئىسمىنى ئۇيىدۇ ؟  ئۇ بىلىدۇ ، ھەرقېتىم قىز يادىغا كەلسە يۈرىكىنىڭ قانچىلىك ئاغرىيدىغىنىنى ، لىكىن ئۇ قىزنى ئۇنتۇشنى خالىمايدۇ .
\" ئويلىماپتىمەن ، شاھزادىنىڭ تەھلىل قىلىشى ئۆزگىچىكەن ، لىكىن خۇددى بىرىنى ياخشى كۆرۈپ باقمىغاندەك ، باغرى تاشتەك بىلىندى ماڭا \"
\" ھا  ھا ھھ ، ئادەمنى گەپكە سېلىشقا ئۇستىكەنسىز ھە ، خېلى گەپلەر چىقىدىغان بولدى بۈگۈن ، بۇرۇن مەنمۇ بىر قىزنى ياخشى كۆرگەن ، ياخشى كۆرگەندىمۇ ئاجايىپ ياخشى كۆرگەن \"
\" كىيىنچۇ ؟\" بۇ خەتنى يىزىۋېتىپ قوللۇرۇمنىڭ تىترەپ  ، يۈرىكىمنىڭ تىز - تىز سوقۇپ كىتىۋاتقىنىنى ھىس قىلدىم .

gulziba يوللانغان ۋاقتى 2010-12-5 16:11:29

\" كىيىن ئاخماق قىلىندىم ، ھاقارەت قىلىندىم ، ئاڭلىغۇڭىز بولسا سۆزلەپ بىرەي \"
\" ئاڭلىغۇم بار ئەلۋەتتە  ، ئەمىسە باشلاڭ \"
\" مەلىكەم ، مۇنداق قىلايلىچۇ ، ئۇيغۇرچە خەت يىزىشمامدۇق ، ئادەم پىنيىنچە ھەجىلەپ ئۇقۇپ ...ئەجەپ تۇرىدىكەن \"
\" قانداق قىلىمىز ئەمىسە \"
\" سىز قۇبۇل قىلىڭ ، قالدى ئىشلارنى ماڭا قۇيۇپ بىرىڭ \"
  ئۇنىڭ يىراقتىن باشقۇرۇش ئىلتىماسىنى قۇبۇل قىلدىم ، بىردەمدىلا كومپىيۇتېرىم ئۇنىڭ كونتىروللىقىغا ئۆتتى ، ئۇ كومپىيۇتېرىمدا ۋوردنى ئاچتى ، ئۇيغۇرچە خەتكە تەڭشىدى ، ئاندىن ئىكرانىمدا ئۇنىڭ ھەربىر ھەرىپنى باسقانلىقىنى ئېنىق كۆردۈم .
\" ۋاي نىمانداق ياخشى \" ، __ دىدىم مەن ھاياجانلىنىپ ، __ باشتىلا مۇشۇنداق قىلساقچۇ \"
\" ھى ھى ھى ، تۇيۇقسىز ئىسىمگە كىلىپ قالدى بۇ ئەقىل ، مىڭ قىلغان بىلەن ئانا تىلدا پاراڭلاشقانغا يەتمەيدۇدە !\"
\" ئەمىسە باشلايلى \"
\" ۋاي چېقىلماي تۇر ۇڭ دەيمەن ، بۇنداق قىلساق ئىككىمىز بىر ئىكراننى تالاشقانداق ، مۇنداق قىلايلى ، ھەرقېتىم مەن گىپىم تۈگىگەندە تامام دەپ ئەسكەرتىش يازاي ، ئاندىن سىز باش قۇردىن باشلاپ يىزىڭ بۇلامدۇ ؟ تامام . \"
ماقۇل ، تامام \"
\"ھە ئەمدى بولدى ، قۇلىقى يۇمشاق مەلىكەم \"
\" مەلىكەم بارمۇسىز ؟ نىمە گەپ قىلمايسىز ؟
\" سىز تېخى تامام دىمىسىڭىز ، تامام \"
\" ھى ھى ھى ، ئىسىم قۇرسۇن ، كەچۈرۈڭ ، تامام .
\"قېنى ئەمىسە باشلاڭ ، تامام \"


            

   كۆزلىرىم ئىكراندا قېتىپ قالغان ، ئۇنىڭ ھەربىر ھەرپنى ئۇرغىنىنى ئېنىق كۆرۈپ تۇرۇپتىمەن ، گويا بۇ دۇنيادا كومپىيۇتېر ۋە مەنلا بار ، ئۇ باشقا ئۆيدە ئەمەس گويا مىنىڭ يېنىمدىلا ...
\" گەپنى باشلىسام ئۇزىراپ كىتىپ قالغۇدەك ، ئىشەنسىڭىز تۇلۇق ئوتتۇرىدا كىتاپتىن باشقا ھىچنىمىگە قىزىقىدىغان بالا ئەمەس ئىدىم ، خېلى قىزلارنى كۆيدۈرۈپمۇ يۈرۈپتىكەنمەن ، پو ئاتمىدىم ، قىزلار يۈز-تۇرانە گەپ قىلىشتىن ئەيمەنسە كېرەك ، خەت يىزىشاتتى ، ئۇنداق قىزلارغا ئۆچ ئىدىم ، <نىمىشقا ۋاقتىنى زايا قىلىدىغاندۇ ، ئۆگىنىش قىلسا بولمامدىغاندۇ > دەپ ئويلايتتىم ، ئالىي مەكتەپكە بېرىپلا تەييارلىقتا بىر سىنىپتا ئوقۇيدىغان بىر قىزنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم ، ئۇ قىز ئۈرۈمچىلىك ئىدى ، ئۇنى قانداق تەرىپلەي ، دەسلەپتە ئۇنىڭ سىرتقى قىياپىتى ، شوخ كۈلكىسى ، سىنىپتا ھىچكىمدىن ئەيمەنمەي  دادىل پىكىر قىلىشى قىزىقىشىمنى قوزغىغان بولسا كىيىن ئۇنىڭ تىرىشچانلىقى ، تالانتى ، قايىللىقىمنى قوزغىدى ، بىلىپ - بىلمەي ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم ، كىيىن ئاڭلىسام ئۇنىڭ  يىگىتى باركەن ، چەتئەلدە ئوقۇيدىكەن ، شۇ گەپنى ئاڭلىغاندىن كىيىن ئۈزۈمنى قاتتىق كونتىروللۇققا ئالدىم ، چۈنكى خىيالىمدا تۇنجى سۆيگەن ئادىمىم تۇنجى سۆيۈلگۈچۈم بۇلىشى ، ئۇنىڭ بىلەن ئۆمۈرلۈك بۇلىشىم ، بارلىق تۇنجىلىرىمىز بىر ئۆمۈر بىزگە ئەستىھەلىك بۇلىشى كېرەك ئىدى ، ئامال بار ئۈزۈمنى ئۇنىڭدىن قاچۇرۇپ يۈردۈم ، كىيىن قانداق بولدى ئۇ ئۆزى تەشەببۇسكار بولدى ، بىرگە ئۆگىنىش قىلىدىغان ، دەم ئېلىش كۈنلىرىمىزنى بىرگە ئۆتكۈزىدىغان بولدۇق ، كىيىن يۈرۈپمۇۋالدۇق ، يېرىم يىلدىن ئارتۇق شۇنداق چىرايلىق ئۆتتۇق ، ئۇنىڭ ئۈچۈن قىلىشقا تىگىشلىكنىڭ ھەممىنى قىلدىم ، كىيىن تۇيۇقسىزلا ، ناھايىتى تۇيۇقسىزلا ئايرىلىپ كىتىشنى ئېيتتى ، سەۋەبى  ھېلىقى چەتئەللىك بۇرۇنقى يىگىتى بىلەن يارىشىۋاپتىمىش ، ئۇمۇ چەتئەلگە چىقىپ كىتەرمىش ...
  قانچىلىك ئارزۇلىرىمغا قارشى ھالدا ، مەن ئەڭ ئۇلۇغ بىلىدىغان تۇنجى\"غا ئەنە شۇنداق خاتىمە بىرىلدى ، قانداق قىلدىم ، مەن دىگەن ئوغۇل بالىدە ، چەتئەلدە ئۇقۇش شۇنچە چوڭ ئىش بولسا كۆزۈڭگە كۆرسۈتۈپ قۇيىمەنغۇ دىگەن نىيەتتە تىرىشتىم ، ھىچنىمىگە قارىمىدىم ، قىشلىق تەتىلدە ئۆيگە قايتمىدىم ، باشقىلار كېچىسى نەچچە سائەت ئۇخلىسا مەن شۇ ئۇيقۇنىڭ يېرىمىدىن كەچتىم ، شۇنداق قىلىپ ئۇقۇشۇم تۈگەيدىغان يىلىغىچە ئىنگىلىزتىلىدىن ئالتىنچى دەرىجىنى ئېپمۇ بولدۇم ، پاسپورت بىجىرىش دىگەنلىك ئىچكىرىدە ئىككى ھەپتىنىڭ ، ئىككى يۈز يۇەننىڭ ئىشى ، شۇنداق قىلىپ ئۇقۇش پۈتتۈرۈشتىن ئۈچ ئاي بۇرۇن نورۋىگىيەدىكى بىر مەكتەپنىڭ چاقىرىغىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم . قانداق بولدى دىمەمسىز ؟ ئۇ ، ئەينى ۋاقىتتا چەتئەلدە ئۇقۇش ئۈچۈن مىنى تاشلاپ كەتكەن قىز ئالدىمغا كەلدى ، ئۇ ئاللىقاچان تاشلانغانىدى  ، مەن ، مەن ئۇنىڭ ئالدىدا چاقىرىقنى يىرتىپ تاشلىدىم ، بۇنداق قىلغىنىم ھەرگىزمۇ ئۇنىڭغا قىيدىغىنىم ئەمەس ئىدى ، مەن پەقەت ئۇنىڭغا ئۈزۈمنى كۆرسۈتۈپ قويدۇم خالاس ، لىكىن مەن شۇ جەرياندا شۇنداق بىر ھەقىقەتنى ھىس قىلدىمكى ، ئاتا - ئانام ئۈچۈن مەن بۇ جاھاندا ئەڭ قىممەتلىك ئىكەنمەن ، ئۇلارنىڭ بارلىقى ، خوشاللىقى ئىكەنمەن ، ئۇلار مەن ئۈچۈن ھەرقانداق قۇربانلىقنى بىرىشكە تەييار ئىكەن ، لىكىن مەنچۇ ؟ مەن نىمىشقا ئۇلارنى ئويلىمايدىكەنمەن ، نىمىشقا ياشانغاندا ئۇلارنى تاشلاپ چەتئەلگە چىقىپ كەتكۈدەكمەن ، نىمىشقا ئۇلارنى يەنە نەچچە يىل يىغلاتقۇدەكمەن ، ئەنسىرەتكۇدەكمەن ، ئەجىبا چەتئەلدە ئۇقۇش شۇنچىۋالا چوڭ ئىشمۇ ؟ چەتئەلدە ئوقۇماي بىلىم ئىگەللىگىلى ، تەرەققىي قىلغىلى بولماسمۇ ؟
  شۇنداق قىلىپ ئۈرۈمچىدە قېلىش پۇرسىتىدىنمۇ ۋاز كىچىپ يېنىپ كەلدىىم ، ھازىر ئاپام - داداملار شۇنداق خوشال ، خاتىرجەم ، بىزنىڭ ئۆيمۇ شۇنچە ئاۋات ، مەنچە بولسا قىزلارغا شۇنچە بىپەرۋامەن ، ئۇلارنىڭ ئىككى يۈزلىمىچىلىكىنى ئويلىسام ...سىزنى دىمىدىم مەلىكەم ، ھىچ بولمىسا سىزنى ئۇنداق قىزلاردىن ئەمەس دەپ ئويلايمەن . لىكىن ...بولدىلا ، مۇشۇ يەرگىچە سۆزلەي ، چۈشەندىڭىزھە ؟ تامام \"
  ئۇنىڭ سۆزى ، ياق ھىكايىسى تۈگىدى ، ئىختىيارسىز كۆزلىرىمدىن ياش چىقىپمۇ كەتتى ، بىرەر تەسىرلىك ئىبارىغۇ يوق بولمىسا ، لىكىن نىمىشقىدۇر،ئۇنىڭ بەزى گەپلەرنى يىزىشتىن بۇرۇن جىممىدە تۇرۇپ كىتىشىدىن ئۇنىڭ ئېغىر - ئېغىر تىنىۋاتقىنىنى ھىس قىلغاندەك بولسام ، بەزى قۇرلاردىن ئۇنىڭ قوللىرى تىترەۋاتقاندەك ...توۋا ، بەك رومانتىك ، ھىسىياتچان بۇلۇپ كىتىۋاتامدىم نىمە ؟
  ئۈزۈمگە كىلىپ ئۇنىڭغا خەت قايتۇرديم :
\" ئويلىماپتىمەن ،،،نىمە دىيىشىمنى بىلمىدىم ... ، تامام \"
\" بۇ كۈنلەرمۇ ئۈتۈپ كىتىدۇ دىگەندەك گەپلەر بىلەن بولسىمۇ تەسەللى بەرمەمسىز دەيمەن ...ھى ھى ھى ...\"
  مانا مۇشۇنداق قىلىپ تاكى مىرادىلنىڭ ئۆگىنىشى تۈگىگىچە بىزنىڭ ئالاقىمىز قۇيۇقلىشىپ باردى ، دىيىشمەيدىغان پارىڭىمىزمۇ قالمىدى ، بىر كۈنى ئۇ تۇيۇقسىز رەسىم ئەۋەتىشىمنى ئىلتىماس قىلدى ، جىددىيلىشىپ \" ئاپام چاقىرۋاتىدۇ ، ئىشىم چىقىپ قالدى ، ھېلى كۈرۈشەيلى \" دەپلا توردىن چۈشۈپ كەتتىم .
  قانداق قىلىمەن ، ئۇنىڭغا يالغان گەپ قىلماسلىققا ۋەدە بەرگەنمەن ، لىكىن سۆزلىرىمنىڭ ئىچىدە قايسىسى راست ؟
  دەسلەپتە بىر يۇرتلۇق دىگەن بولسام كىيىن ئۈزۈمنى باشقا يۇرتتىن ، بۇ يۇرتتا خىزمەت ئىشى بىلەن تۇرۇپ قالغان دىدىم ، ئۇ دىگەن مەن ئەمەس نادىرە ، بۇيۇمنى 1.72 ، تېرەمنى ئاق دىدىم ، ئۇ دىگەن مەن ئەمەس نادىرە ، مەن پەقەت 1.60 ، بۇغداي ئۆڭ ئاددى بىر قىز ، ئەڭ مۇھىمى خىزمىتىمنى مۇقىم دىدىم ، مەن پەقەت ئايدا 800كويغا ئىشلەيدىغان توختاملىق ئىشچى ...قانداق قىلىشىم كېرەك ، مەن پەقەت ئۇنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىمەن ، ئۇنىڭ بىلەن كىتاپ توغۇرلۇق پاراڭلىشالايمەن ، ئۇنى خوش قىلالايمەن خالاس ، مەن پەقەت ئۇنىڭ سۆزى بۇيىچە ئېيتقاندا بەك ئاقكۆڭۈل خالاس .
  قانداق قىلىشنى ئۇنىڭغا نىمە دەپ چۈشەندۈرۈشنى بىلمەي يۈرۋاتقىنىمدا ئۇ تۇيۇقسىز سوراپ قالدى :
\" ئىلتىماس ، پەقەت راست گەپ قىلىڭ ، بىز ياخشى دوستقۇ شۇنداقمۇ ، شۇڭا خۇدايىم بۇيرىسا راست گەپ قىلىڭ ھە ؟\"تامام
\"ئىم \"
\"مۇھاببەتلىشىپ باققانمىدىڭىز ؟\"تامام .
\"ياق ، تامام \"
\"راست ؟ ئىشەنگۈم كەلمەيدۇ ؟\"
\"راست ، ياخشى كۆرگەن ئادىمىم ھەتتا مىنىڭ ئۇنى ياخشى كۆرگىنىمنىمۇ بىلمەيدىغۇ دەيمەن ، ئۇ دىگەن تۇلۇق 3-يىللىقتىكى ئىش ، ئۇ كىيىن ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپكە كەتتى ، مەن بولسام شىنجاڭدا قالدىم ، ئالىي مەكتەپتە ھىكايە - رومان كىتاپلار بىلەن بەك مۇھاببەتلىشىپ كىتىپتىكەنمەن ، تامام\"
\" ھازىرچۇ ؟\"تامام
\"ھازىر ئۇنى كۆرمىدىم ، ئۇزاق بولدى ، ئۇنىڭ لايىقى بار ، ئۇلار يۈرگىلىمۇ ئۇزاق بولدى \"
   \"مەلىكەم ، بىز يۈرەمدۇق ؟\"
\" ھى ھى ھى ، راست دەۋاتامسىز ؟\"
؟راست دەۋاتىمەن ، سىز دەل مەن ئىزدىگەن قىز شۇ ، ماقۇل دەڭا ، بىز بىرلىكتە ئات مىنگىلى بارىمىز ، يۇرتقا بارغاندا سىزنى بىر يايلاققا ئاپىرىمەن ، بەك چىرايلىق ، ھەتتا ئاشۇ يايلاقتا بىر كەپە بار ، تېشىدىن قارىسىڭىز قۇرۇق - ئوت _ چۆپ خالاس ، لىكىن ئىچى بەك چىرايلىق ، ماقۇلمۇ ؟\"
\" ئات مىنىش ئۈچۈنلا سىزگە ماقۇل دەمدىم ، ئەپسۇس تامام ، ھى ھى \"
\" ياق ، دىمەكچى بولغىنىم تۇنجى ئات مىنىش ، سىز تۇنجى دىگەن بۇ سۆزگە سەل قارىماڭ \"
  ئۇنىڭ بۇ خېتىنى كۆرۈپلا دەرھال نادىرەدىن سورىدىم
__ نادىرە ئات مىنىپ باققانمۇسەن ؟
__ ھەئە ،  جىق مىنگەنمەن .
__ ھە ...
  مىرادىلغا كىمنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ گەپ قىلىۋاتقىنىمنى ئاڭقىرالمايۋاتىمەن ، نادىرەنىڭ ئورنىدا تۇرۇپ گەپ قىلماقچى بۇلىمەنيۇ ، يەنىلا ئۈزۈمگە قايتىپ كىتىمەن ، يەنىلا ئۈزۈمنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ خەت قايتۇردۇم :
\"  ئىم ماقۇل ، يەنىچۇ ؟\"
\"يەنە ، ئۈچتۇرپاندا بىزنىڭ تۇققانلار بار ، توققۇز بۇلاققا ئاپىرىمەن ، يەنە بىر يەر بار ، سۇغا چۈمۈلگىلى بارىمىز ، ئۇ يەرنىڭ سۈيى ھىچيەرنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ ، بەك - بەك سۈزۈك  ، بىلىمەن ، سىز تېخى بىرەرسى بىلەن سۇ ئۈزگىلى بېرىپ باقمىدىڭىز\"تامام
\" ھى ھى ، يەنىچۇ ؟\"
\" بەك جىق ، قالغىنىنى يۈرگەندىن كىيىن ئالدىرماي بىلىپ قالىسىز \"
\" قېنى ئاۋال قايتىپ كىلىىڭ ، سىزنى كۆرەپ باقاي ، شەرتىمگە چۈشەمسىز يوق ، ھى ھى ھى \"
\" مەلىكەمگە تاشقى كۈرۈنۈشۈم مۇھىمكەندە ، ھەي ئىسىت ، ئۈمىدسىزلىنىپ كىتىدىغان بولدىڭىز ، راستىنى دىسەم بۇيۇم سىزنىڭ بۇيىڭىزنىڭ يېرىمى ، يۈزۈمدە مەڭ بەك جىق ، يەنە ساقال - بۇرۇتۇم بەك قۇيۇق بولغاچقا سىزدىن چوڭ كۈرۈنۈپ قالارمەنمىكىن ...ھى ھى ھى \"
  بىر كۈن ئۆتسە بىر كۈن ، تەشۋىش  ، ئەندىشە بەزىدە ئۈمۈدسىزلىك ، بۇرۇن تاشقى گۈزەللىك ئىككىنچى ئامىل دەپ قارايتتىم ، مانا ھازىر تاشقى گۈزەللىكنىڭ كۈچىگە ھەرگىز سەل قارىغىلى بولمايدىغانلىقىنى ھەقىقى ھىس قىلىۋاتىمەن ...ئەگەر نادىرەدە بولغان شارائىت مەندىمۇ بولغان بولسا ھە ...
  نادىرەنىڭ گىپى بۇيىچە ھەممىنى ئۇنىڭغا بەردىم ، ئەمدى ئۇنىڭ چ چ سىغا چىقمايمەن ، ئۇ ئۆزى چىقىدۇ ، ئۇ ئەمدى ئۇ ، مەن ئەمدى مەن .
  ئۇ چۈشەنمىگەن يەرلەرنى مەندىن سورايدۇ :
__ ئۇ نىمىشقا چ چ چ  دەپ يازىدۇ ؟
__ ئۇ مىنى چۈجەم دەيدۇ ، شۇڭا ...، __ دەيمەن چاندۇرماي ،
__ سىنى ئەمەس مىنى ، __ دەيدۇ نادىرە ئەسكەرتىپ ، مەن پەقەت ئۇلۇغ كىچىك تىنىپ قۇيىمەن خالاس ،
  قاچان مىرادىل بىلەن پاراڭلىشىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالدىم مانا شۇنىڭدىن باشلاپ ھەممە نىمە ئەھمىيەتسىز ، مەنىسىز ، يىغا تۇتۇپلا تۇرىدۇ ، ئۇنىڭ بىلەن خىيالىمدا پاراڭلىشىمەن ، كومپىيۇتېرىمدا ئۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرچە يىزىشقان خەتلىرىمنى ساقلاپ تىقىپ قويغان يەرلىرىمدىن تېپىپ كۆرىمەن .
  نادىرە ئۇنىڭغا رەسىمىنى ئەۋەتتى ، ئۇلار مىرادىل قايتىپ كەلگەندە كۈرۈشمەكچى بولدى ، ئىچىم ئېچىشقان بولسىمۇ ئامال يوق ، ئازاپلانغان بولساممۇ ئامال يوق ، چۈنكى مال خىلى بىلەن بۇلىشى كېرەك .
  كۈنلىرىم نادىرەنىڭ خوشاللىقىغا يالغاندىن ھەمدەم بۇلۇش ، ئاۋازىمنى چىقىرماي يىغلاش بىلەن ئۆتمەكتە ، مەنمۇ دۆت ، نىمىشقىمۇ ئارىلاشقاندىمەن ئۇلارنىڭ ئىشىغا .
  بىر كۈنى نادىرە تۇيۇقسىز سوراپ قالدى تۇمشۇقلىرىنى ئۇچلايتىپ تۇرۇپ  :
__ ئۇ نىمىشقا ھەدېسە سىز ئۆزگىرىپ كەتتىڭىز دەيدۇ ؟
__ مۇنداق قىلە قاراپ باقاي ، __ ئىرادەمگە خىلاپ ھالدا  كومپىيۇتېر ئېكرانىنىڭ ئالدىغا كېلىپ
ئۇلارنىڭ پاراڭلىشىش خاتىرىسىنى ئاچتىم .


gulziba يوللانغان ۋاقتى 2010-12-5 16:12:03

\"مەلىكەم ، مەلىكەم ...نىمە دىگەن مەتو ، بۇنداق چاقىرماڭە ئادەمنى \" ، __ دىگەنىدى نادىرە بىر يەردە .
\"نىمە دەيمەن ئەمىسە ؟\"
\"تاتلىقىم ، جېنىم ، ئومىقىم دىسىڭىزمۇ بۇلىدىغۇ ئەمىسە \"

يەنە بىر يەرلەردە مۇنداق پاراڭ بار ئىدى :
\" مەلىكەم ، بىزنىڭ كەلگۈسىدىكى ئۆيىمىزنىڭ خەرىتىسىنى سىزىپ چىقتىم ، كۆرۈپ باقامسىز ؟ ئۆيىمىزنىڭ ئارقىدىكى كىچىككىنە كۆكتاتلىقمۇ بار تېخى \"
\" مىنى سەھراغا ئەپكەتمەيدىغانسىز ؟ نىمە كۆكتاتلىق ئۇ ؟\"
\"بىز دىيىشكەنىدۇققۇ ، ئۆزىمىز ئۆي سالىمىز ، ئۆيىمىزدە بېغىمىز ، كۆكتاتلىقىمىز بۇلىدۇ ، سەيلەرنى ئۆزىمىز تېرىيمىز ، ئۆزىمىز تېرىغان كۆكتاتنى يەيمىز ، دەپ . \"
\"  ھە...ھەراست ، ئىسىمگە كەلدى ، لىكىن ، راستىنى دىسەم مەن يەنىلا بىنا ئۆيلەردە ئولتۇرۇشنى ياخشى كۆرىمەن ، مىھمانخانىسىنى خۇددى بىزنىڭ ئۆيدەك كاتتا بېزىسەم ، تىلىۋىزور قانچە چوڭ بولسا شۇنچە ياخشى ، كىرىسلومۇ چوڭ ھەم يۇمشاق بولسا ھى ھى ھى \"
\"توۋا تۇرۇپلا بۇرۇنقىغا ئوخشىماي قېلىۋاتىسىز \"
  ئۇلارنىڭ پارىڭىنىڭ ھەممىنى تۇلۇق كۆلمىسەممۇ بىرەر قۇر كۆرۈپ چىقتىم . ئۇ ، مىرادىل ھەرھالدى ئازراق بولسىمۇ ھىس قىپتۇ ، يۈرۈكۈمگە ئىللىق بىر ئېقىم تارقالغاندەك  قىلدىيۇ بۇرۇنلىرىمنىڭ ئۇچى ئېچىشىپ ، كۆزلىرىمدە ياش لىغىرلاپ قالدى . دەرھال نەرسە كېرەكلىرىمنى يىغىشتۇرغان كىشى قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ نادىرەگە كەينىمنى قىلىۋالدىم :
__ قارا نادىرە ، __ دىدىم ئۇنىڭغا كەينىمنى قىلىۋەرگەچ ، __ سەن بۇرۇن ئۇنىڭ بىلەن قىلىشقان پاراڭنىڭ خاتىرىسىنى كۆرگەنىدىڭغۇ شۇنداقمۇ ؟ شۇڭا سەل كاللا ئىشلىتىشىڭ كېرەكتە ئاخىر ، مىرادىل ئۇ كىتابخۇمار بالا ، سۈنئى نەرسىلەر بىلەن پەقەت خوشى يوق ، ئەڭ ياخشىسى بىرەر - ئىككى پارچە كىتاپ كۆرۈپ قوي ، بەلكىم پاراڭلىشىشقا تىما چىقىپ قالار ، ھەراست ، ئەڭ ياخشىسى ئۇنىڭغا سەن ئامراق ktv،قەھۋەخانا ، مۇزىكىلىق ئارامگاھ دىگەنلەرنىڭ گىپىنى چىقىرىپ سالما ، بولمىسا بەكلا چېنىپ قالىسەن ، مەن ئۇنىڭغا ئاللىقاچان <بىلمەيمەن ، بېرىپ باقمىغان> دەپ جاۋاپ بىرىپ بولغان .
__ سەنمۇ قىززىقكەنسەن ، نىمىشقا ئاشۇنداق پاراڭلارنى قىلىشقاندا مەندىن سورىمايسەن ، بولمىسا ھازىر بۇنچىلىك جاپا تارتىپ يۈرمەستىم .
__ مەن ئەمەس سەن قىززىقكەنسەن ، __ دىدىم ئۇنىڭغا راستىنلا خاپا بۇلۇپ ، __ مەن ئۇنىڭ بىلەن سائەت نەچچىدە پاراڭلىشىمەن ، سەن نەچچىدە ئۇخلايسەن ؟!كۆڭۈلچەكنىڭ بىرنىمىسى ئۇچۇق دەپ راست دەپتىكەن ، نىمىشقىمۇ ئارىلاشقاندىمەن بۇ ئىشىڭغا ؟!
  ئۇ قېتىپلا قالدى ، بىر ئۆيدە تۇرغان شۇنچە ۋاقىتتىن بىرى بۇ ئۆيىمىزدە كۈلكە - چاخچاقلا بار ئىدى ، مانا بۈگۈن تۇنجى قېتىم قىزىرىشىپ قالدۇق  . لىكىن ئۇزاققا بارمىدۇق .
  ئۆزۈم تاپقان بالانىڭ داۋاسىغا نەگە بارالايتتىم .
  مىرادىلنىڭ تۇنجى سۆزى ماڭا خېلى تەسىر قىلغان بولسا كېرەك ، دائىم ئويلاپ قالىمەن ، راست ، مەندەك تېخى مۇھەببەتلىشىپ باقمىغان بىر قىزغا نىسبەتەن \"تۇنجى\"لار بەك كۆپكەن ...
  بىر كۈنى ئاشۇ تۇنجىلارنى ئويلاپ ئولتۇرۇپ نادىرەدىن سوراپ قالدىم :
__ نادىرە ، بىزنىڭ قوشنا ياتاقتا قارا ، ئالىي مەكتەپتىكى چاغنى دەيمەن ، بىرقانچە ئۈرۈمچىلىك قىزلار باتتى ، ئۇلار ئىچىپ قۇياتتى پات - پات ، ياتاقنىڭ ئىشىكىنى ئىچىدىن تاقىۋېلىپ ، مەن دىمەكچى ، سەنمۇ ئىچىپ باققانمۇ ؟
  كومپىيۇتېرغا قادىلىپ ئولتۇرغان نادىرە گىپىمنى ئاڭلاپ مەنىلىك ھىجايغان پېتى يېنىمغا كەلدى ۋە پۇتىنى ئالماپ ئولتۇرۇپ سۆزلەشكە باشلىدى :
__ دەپقاپسە ، مەنمۇ ئىچىمەن ، لىكىن كۆرگەنلىكى ئادىمىم بىلەن ئەمەس ، بىر قېتىم مۇنداق بولدى ، خۇددى مىرادىلغا ئوخشاش بىر كىتاپ خالتىسىغا يولۇقتۇم ، قىزىقىپ قالسام بولىدۇ ، لىكىن ئۇ كىتاپ خالتىسى قىزلارغا سەل قاتتىق تەلەپ قويىدىكەن ، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئالدىدا قاغىدىن ئاق ، سېغىزخاندىن ساق ھالەتكە كىرىۋالسام بولىدۇ ، بىر قېتىم ئۇنىڭ بىرقانچە دوستلىرى بىلەن ياتاق ئېچىپ ئولتۇرۇپ قالدۇق ، جاھاننىڭ تارچىلىقىدا ئۇنىڭ بىر دوستىنىڭ بىرنىمىسىنىڭ بىر دوستىمۇ ئىشقىلىپ مىنىڭ بۇرۇنقى بىر تۇنۇشۇم چىقىپ قالدى ، ئۇ قىزلار قارىسا مەن بۇرۇنقى مەن ئەمەس ، ھېلىقى ھىچكىمگە گەپ بەرمەيدىغان ، ئوغۇللار بىلەن رومكا تالىشىپ تۇرۇپ ئىچىدىغان نادىرە يوق ، ئەكسىچە قىزىرىپ تۇرىدىغان نادىرە ، شۇنىڭ بىلەن قىزلار ئوتتۇرىدا قوساق ئۇرىشى بىلەن كۆز ئۇرىشى باشلىنىپ كەتتى ، ئوغۇللار بۇنىڭدىن بىخەۋەر ، بىر چاغدا ئىچىشىش باشلىنىپ كەتتى ، \" ئىچىپ باقمىغان \" دىسەم ھېلىقى قىزدىن بىرى نىمە دەيدۇ دىمەمسەن ، \" جېنىم ئاداش ، بىزمۇ ئاپىمىزنىڭ قورسىقىدىن رومكا كۆتۈرۈپ چۈشمىگەن ، ئېلىڭە ياندۇرماي ، بىزنى ياراتمايۋاتامسىزيا ، سىزنى ئىچىپ باقمىغان دەپ كىچىككىنە قىزىلغا سوغاق ئىچىملىك ئارىلاشتۇردۇق شۇ ، كېلې ئىچكەندەكلا ئىش بۇ \" دىمەسمۇ  كۆزۈمنىڭ ئىچىگە قاراپ تۇرۇپ، شۇنىڭ بىلەن ئامالسىز قالدىم ، ئوغۇللارمۇ ئۇنىڭغا گەپ بەرمىدى \" ئىچسە نىمە بوپتۇ ھە ، باشقا ئادەمنىڭ ئالدىدا ئىچمىدى ، سىنىڭ ئالدىڭدا ئىچتى \"دەپ ، ھېلىقى بىر نىمىلەر ھەممىنى ئارىلاشتۇرۇپ باپلاپتۇ دىگىنە مىنى ، بولمىسا مەن نادىرە ئۇنداق ئىتتىك يېقىلىدىغانلاردىن ئەمەستىم ، ئاق ، قىزىل ، ۋوتكا ، قىزىل كالا ، قىزىل چاي ، كۆك چاي ھەممىنى ئارىلاشتۇرغان گەپ ، شۇنىڭ بىلەن نەچچە رومكىدىلا قىزىپتىمەن ، توختىماستىن يەنە ئىچىمەن ، يەنە ئىچىمەن دەپ ياتاقنى بىر ئاپتىمەن ، ئاغزى - ئاغزىمغا تەگمەي بۇرۇنقى ئىشلارنى سۆزلەپتىمەن ، ھى ھى ھى ، شۇنداق قىلىپ ھېلىقى كىتاپ خالتىسىنىڭ ئالدىدا تازا سەتلىشىپ ئايرىلىپ كەتكەنمەن  ، لىكىن كېرەك يوق ، مەن بەرىبىر ئۇنى ياخشى كۆرمەيتتىم ، ئۇنىڭدىن باشقىمۇ نەچچىسى تۇرسا ، كەتسەم كەتتىم دىدىمدە كىتىپ قالدىم . \"
  مانا بۇ نادىرە ، لىكىن مىرادىلنىڭ كۈتكىنى ئۇ ئەمەس ، مەن نىمە قىلىپ قويدۇم ، مەن ئۇنى ، ئۇنىڭ ھىسىياتىنى ، ئۇنىڭ ئىشەنچىسىنى ئالدىدىممۇ قانداق ؟ ياق ، ئۇنىلا ئەمەس ، ئۈزۈمنىمۇ قۇشۇپ ئالدىدىم ، گاھىدا مەن بولدۇم گاھىدا نادىرە بولدۇم ، بىلىپ - بىلمەي ئۇنىڭغا كۆندۈم ھەم كۆيدۈم .


   ۋاقىت ئۆز سىھرى كۈچىنى كۆرسىتىپ ناھايىتى تىز ئۆتمەكتە ، مىرادىل قايتىپ كەلدى ، ئۇلار كۆرۈشتى ، ئۇلارنىڭ مۇھەببىتى باشلاندى ...
  مەن بولسام ھىچنىمىنى ئويلىماي بار كۈچۈم بىلەن ئىمتھانغا تەييارلىق قىلىشقا كىرىشتىم ، ئۆيدىكىلەر بىلەن كۆپ تالاشتىم .
__ ھەممە ئادەم بىزنىڭ بۇ يەر بىلەنلا قالىدىكەن ئاپا ، قەشقەر ، خوتەننىڭ بىرەر چەتراق ناھىيىسىغا بۇلامدۇ ، يېزىسىغا بۇلامدۇ ئىمتھان بىرەي بۇلامدۇ ؟ ، __ دەيتتىم ئۆيدىكىلەرنى قايىل قىلالماي .
__ نىمىلا ئىش بولسا قىز بالا دىگەن ئۆزىنىڭ ئاتا - ئانىسىنىڭ يېنىدا تۇرغانغا يەتمەياۇ ، __ دەيتتى ئاپاممۇ داۋاملىق ئۆز گىپىدە چىڭ تۇرۇپ ، __ بىز سىزنى پۇل تاپسىكەن دىمەيمىز ، مانا مۇشۇنداق ئىمتھان بىرىپ يۈرۈپ بۇ يىل ئۆتمىسىڭىز كېلەر يىل ، بۇ قېتىم ئۆتمىسىڭىز كېلەر قېتىم ئۈتۈپمۇ قالارسىز ، ئىمتھان بىرىڭ ، ناھىيىنىڭ ئىچىگە بىرىڭ ، يېزىغا كىتىشكە بولمايدۇ .
  ئاپام ، داداملارنىڭ كۆرسەتمىسى بۇيىچە تاللىدىم ئۇرۇننى ، ئۈتۈشكە ئىشەنچىم بولمىسىمۇ ئۆز - ئۈزۈمنى مەجبۇرلاپ \"قاتتىق \" ئۆگىنىشكە چۈشۈپ كەتتىم ، مىرادىل بىلەن نادىرەمۇ مىنى تولا تاماققا تەكلىپ قىلىپ ھاردى ، نادىرە ئاساسەن كەچ قايتاتتى ، تولاراق ئۆيدىكىلەر ئۇخلاپ بولغاندا كىلەتتى ، مەن بولسام ئۇنىڭ ئۈچۈن تىلفۇن ساقلاپ ئىشىكنى ئېچىپ بەرگەچ ئۆگىنىشىمنى قىلاتتىم .
  ئۇلار دەسلەپتە شۇنداق چىرايلىق ئۆتتى ، كىيىن قارىسام تازا ياخشى ئەمەس ، نادىرەگىمۇ مىرادىلنىڭ گىپى خۇش ياقمىغاندەك ...مىرادىل بولسا داۋاملىق ماڭا ئۇنى \" ئۆزگىرىپ كەتتى \" دىيىش بىلەن ئاۋارە .
  نادىرەنىڭ دىيىشىچە مىرادىلدا قەددى - قامەت بولغان بىلەن جەلپكارلىق يوقمىش ، ئۇنىڭغا يېڭىدىن - يېڭى ھىس تۇيغۇ ئاتا قىلالماسمىش ، مىرادىلدىن ئايرىلىپ كەتمەكچىمىش !
  نادىرەنىڭ مىجەزىنى بىلسەممۇ ئۇنى مىرادىلنى ھەقىقى ياخشى كۆرۈپ قالدى دەپ ئويلىغانمەن ، مىرادىل ، مىرادىل ئۇ قانداق قىلار ؟
__ ئۇنداق ئادەم نىمىشقا ئۇنى ئاخماق قىلىسەن ؟ ، __ دىدىم نادىرەگە ئاچچىقلىنىپ .
__ مەن ئۇنى ئاخماق قىلمىدىم ، يۈرۈپ كۆرەپ باقتىم شۇ . قارا جېنىم ، ياخشى كۆرۈش ۋە توي قىلىش ئىككىسى ئىككى ئىش ، ياخشى كۆردۈم دەپلا سەن چىقىشالمايدىغان بىرى بىلەن بىر ئۆمۈر بىرگە ياشىيالامسەن ؟ ماقۇل ، مەن ئۇنى ئاخماق قىلماسلىق ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن توي قىلايمۇ دەي ، كىيىن قانداق بولماقچى ، كىيىن بەرىبىر ئاجىرشىدىغان گەپ ...
__ بولدى قىلە نادىرە ، باھانىڭمۇ كۆپكەن ، ساڭا يۈرۈش ، ئايرىلىش ، توي قىلىش ، ئاجىرىشىش شۇنچىۋالا ئاددى ئىشمۇ ؟ ھەرقانچە بولسىمۇ مىرادىلنى ئاخماق قىلمىساڭ بۇلاتتى .
__ مەن ئۇنى ئاخماق قىلمىدىم ، بەك ئىچىڭ ئاغرىپ كەتكەن بولسا ئۈزۈڭ يۈرىۋال بېرىپ !
  بۇ قېتىم نادىرە بىلەن قاتتىقلا دىيىشىپ قالدۇق . ئۇ بىر خاتىرىنى زەردە بىلەن ئالدىمغا تاشلىدى :
__ ئەگەر بۇنى كۆرمىگەن بولسامتى كاشكى ، ساڭا دىسەممۇ چۈشەنمەيسەن ، دەسلىۋىدە ئۇنى ئاستا - ئاستا ئۆزۈم تەرەپكە قايتۇرۇپ ئەكىلەلەيمەن دەپ ئويلىدىم ، چۈنكى بىلىسەن ئۈزۈمگە قانچىلىك ئىشىنىدىغىنىمنى ، لىكىن مىنىڭ شوخلىقىم ، مىنىڭ چىرايلىق كىيىملىرىم ، باشقىلار ھەۋەسلىنىپ قارايدىغان ئۇستىخىنىم ئۇنى ئۆزگەرتەلمىدى . يەنە قاچانغىچە سىنىڭ رولىڭدا يۈرۈيمەن ، مەن ئۇنداق مۇھەببەت يوق تۇرمۇشنى تاللايدىغان ئاخماق ئەمەس .
  نادىرەگە ئاچچىقىم بولسىمۇ ئۇ چىقىپ كەتكەندىن كىيىن خاتىرىنى قۇلۇمغا ئالدىم ، ئالدىميۇ كۆز ياشلىرىم تاراملاپ تۈكۈلۈشكە باشلىدى ، مەن نىمە بولدۇم ، ھەيرانمەن ، كۆزۈمدىن ئاسانلىقچە ياش چىقمايتتى ، مانا ئەمدى ...
  خاتىرىنى ئوقۇغانسىرى كۆز- ياشلىرىم تېخىمۇ ئۇلغۇيۇشقا باشلىدى ، راست ، مىرادىل بىلەن يېقىنلىشىپ بىر كۈنمۇ ئۇچۇر قىلىشمايدىغان كۈنلەرگە يەتكەندە يىزىشقا باشلانغان بۇ خاتىرىدە بىرمۇ يەردە نادىرەنىڭ چىرايلىقلىقى تىلغا ئېلىنمىغان ، بۇ خاتىرىدە يىزىلغىنى پەقەت مەنكەنمەن ، راستلا ئۈزۈمكەنمەن ، بىر قېتىم بىر چوڭ ئاپاشقا ياردەملىشىپ بانكىدىكى ئىشىنى بېجىرىشىپ بىرىمەن دەپ چۈشتە تاماقسىز قالغىنىم ، ئۇنىڭ بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغاندىن كىيىن ئاقكۆڭۈللۈكۈمگە بولغان قايىللىقى ، بىر قېتىم چاكىنا كىيىۋالغان بىر قىزغا تەنبىھ بىرىمەن دەپ چوڭ يولدىلا خەق بىلەن سوقۇشۇپ كەتكىنىم ، ئۇنىڭ دادىللىقىمغا بولغان كۆز - قارىشى ، يەنە بىر قېتىم ئىدارىدىكى بىر ئىچى- قوتۇر قىزغا ئىزچىل ياخشى مۇئامىلە قىلىپ ئۇنى ئۆزگەرتىپ ئاخىرىدا ئۇنىڭ بىلەن ياخشى دوست بۇلۇپ قالغىنىمنى ئېيتىپ بەرگىنىمدە ئۇنىڭ مىنى پىسخولوگىيىدە ئوقۇدىمىكىن دەپ ئويلاپ قالغىنى ، يەنە ئىككىمىزنىڭ كۆكتاتلىقى ، كىيىن بىرلىكتە شېئىرلار توپلامى چىقارماقچى بولغىنىمىز ، ئۇنىڭ تېخى باشقىلار تەرىپىدىن سۆيۈلۈپ باقمىغان پاك ، بىغۇبارسىز قىزغا بولغان قىزىقىشى ، ئەگەر كۈرۈشكەندىن كىيىن ئىكران يۈزىدىكى مەن بىلەن ئەمەلىيەتتىكى مەننىڭ ئوخشاشلا بولسا چۇقۇم تىرىشىپ ئەڭ ياخشى ئائىلە بەرپا قىلالايدىغانلىقىغا كۆزى يەتكەنلىكى ...
  نىمىسىنى دەي . كۆڭلۈمنىڭ قايسى دەرىجىدە يېرىملىقىنى بىر ئۆزۈم بىلىمەن ، شۇھامان ، ئۇنى ئىزدەپ بېرىپ ھەممىنى ئېيتقۇم ، ئۇنىڭ باغرىغا ئۆزۈمنى ئېتىپ قانغۇچە يىغلىۋالغۇم كەلدى ، لىكىن ئامالسىزمەن ، ئەمدى بۇ كۈنگە كەلگەندە ئۇنىڭ ئالدىغا نىمە دەپ بارىمەن ؟ ئۇ چۈشىنەمدۇ ؟
  نادىرە بىلەن بۇرۇنقىدەك ئېچىلىپ يېيىلىپ گەپلىشەلمەيدىغان بولدۇق ، ئۇ ئىككىسىنىڭ ئىشى قانداقراقكىن ئۇنىمۇ بىلمەيمەن ، مەن بولسام بار كۈچۈم بىلەن ئىمتھانغا تەييارلىق قىلىش بىلەن ئالدىراش .
  ئىمتھان نەتىجىسى چىققان كۈنى ھەيرانلىقتىن قېتىپلا قالدىم ،  300نەچچە  ئىمتاھان بەرگۈچىنىڭ ئىچىدە 1-بولغانىدىم . بۇ چاغدىكى خوشاللىقىمغا ھىچنىمە توغرا كەلمەيدۇ . بەلكىم ، ئالتە يىل بۇرۇن ئالىي مەكتەپنىڭ چاقىرىق قەغىزىنى تاپشۇرىۋالغىنىمدا مۇشۇنداق ھاياجانلانغانىمەن ، بەلكىم تۇنجى سۆيگۈمنى ئىتراپ قىلغان ئاشۇ كۈنۈم مۇشۇنداق ھاياجانلانغانىمەن...
  يېڭى خىزمەت ئورنى ، يېڭى خىزمەتداشلىرىم ، يېڭى مۇھىت خېلىغىچە كاللامغا ئارامچىلىق ئېلىپ كىردى ، نادىرە بولسا يۆتكىلىپ كىتىشنىڭ غەلۋىسىنى قىلىش بىلەن ، ئۇلار ئايرىلىپ كىتىپتۇ ، نادىرەنىڭ ئەڭ ياخشى دوستى بۇلۇش سۈپىتىم بىلەن مىرادىلغا تەسەللىي بىرىشكە باشلىدىم .
  ئىشقا چۈشكەن كۈنۈمدىن باشلاپ بىزنىڭ ئۆيدە ئۆزگىرىش چوڭ ، بۇرۇن يولدا كۆرسە تۇنۇمايدىغان \"ئاپاشلار\" مانا ھازىر ماڭا ئۆزى تۇنۇشلۇق بىرىپ سالاملىشىدۇ ، ئەقىللىقلىقىمنى ، ئاپامنىڭ ئوبدانلىقىنى ، ئائىلىمىزنىڭ ئىسىللىقىنى ماختىشىدۇ .
  بۇرۇنلاردا ئوغلى بارلىقى ئىسىگە كەلمىگەن ئاپامنىڭ يېقىنلىرىمۇ ئوخشاش ، تۇيۇقسىز ئۇلارنىڭ يادىغا ئوغلى كىلىدۇ ، مىنىڭ ئەقىللىق ، ئەدەپ - ئەخلاقلىق چوڭ بولغانلىقىم ئىسىگە كىلىدۇ ، ئاپام بىلەن تېخىمۇ ياخشى تۇققانلاردىن بوپ ئۆتمەكچى بۇلىدۇ .
  ئىزدەشمىگىلى نەچچە يىل بولغان ساۋاقداشلىرىم تىلفۇن قىلىشقا ، ئۆتكەن بىرمەزگىل بەك ئالدىراش بۇلۇپ كەتكەچكە ئىزدىشىپ ئۈتۈشكە ۋاقتى چىقمىغانلىقىنى ، مانا ئەمدى زادى ئىزدىشىپ ئۆتمىسەك بولمايدىغانلىقىنى دىگەچ ئۆزرەخالىق ئېيتىشىدۇ .
  بەزى بىر ئىش - كۆرگەنلەر بولسا \" مانا ئەڭ ياخشى خىزمەت ئورنىغىمۇ ئىرىشتىڭ ، ئەمدى ئالدىرىما ، لايىقنىڭ ئەڭ ئوبدىنى سىنىڭ بۇلىدۇ \" دىيىشىدۇ . مەن ئاخماق بولسا ياخشى خىزمەت ئورنى ۋە ياخشى لايقنىڭ نىمە مۇناسىۋىتى بارلىقىنى بىلىپ بۇلالماي ئاۋارە!
  ئالدى كەينىمگە قاراپ بولغۇچە يەنە بىر يىل ئۆتۈپ كەتتى ، ئۆزگىرىش بولدى دىيىلسە مىجەزىم بۇرۇنقىدىن كۆپ ئېغىرلىشىپ كەتتى دىسەممۇ بۇلىدۇ . نادىرەنىڭ يۆتكىلىش ئىشى ئاساسىي جەھەتتىن ھەل بولدى ، كېلەر ئايدا قايتىپ قېلىشى مۇمكىن .
  مەن ياخشى كۆرىدىغان ئالتۇن كۈز پەسلى ، كۆڭلۈم خېلى كۆتۈرۈلۈپ قالدى ، ھازىر مىرادىل بىلەن ئادەتتىكىدەك ئالاقىلىشىپ قۇيىمەن ، بەزىدە ئۇنى نادىرە ئۈچۈنلا مەن بىلەن ئالاقىسىنى ساقلاپ كىلىۋاتقاندىمۇ دەپ ئويلاپمۇ قالىمەن ، لىكىن ئۇنىڭ ئالدىمدا بىرەر قېتىم نادىرە توغۇرلۇق ئېغىز ئاچقىنى يادىمدا يوق . ئاپام بولسا ماڭا لايىق تاللاش بىلەن ئاۋارە .
  __ ئەمدى بۇ مىنىڭ تاپقىنىم دىمىسىڭىز مەن تاپقىنىمغا ماقۇل دىسىڭىز بۇلىدۇ ، يېشىڭىزمۇ كىچىك ئەمەس ، ئەمدى بۇ ئىشلارغا تۇتۇش قىىلمىساق بولمايدۇ ، __ دەيدۇ ئاپام توختىماي .
  يېقىندىن بىرى شۇنداق بىرى يەنە پەيدا بولدى ، ئىسىمنى بىلسەم تۇلۇق ئوتتۇرىدا شۇنداق بىر ساۋاقدىشىم بۇلىدىغان ، تولا كىتابىمنى تىقىۋالىدىغان ، تازا ئىزدىتىپ ئاندىن قايتۇرۇپ بىرىدىغان ، بەزىدە تۇرۇپلا ماڭا ئاچچىقلىنىپ قوپال مۇئامىلە قىلىدىغان ، بەزىدە تۇرۇپلا چېكىدىن ئاشقان ياخشى مۇئامىلىدە بۇلۇپ كىتىدىغان ، ئالىي مەكتەپ ھاياتى تۈگىگىچە \"سىنى ياخشى كۆرۈپ قاپتىمەن \" دەپ خەت يىزىپ ھارمىغان ، مانا شۇ غەلىتە ساۋاقدىشىم ئۇقۇش پۈتتۈرۈپلا مەمۇرىلىق ئىمتاھانىدىن ئۆتكەنىدى ھەمدە خىزمەتكە چۈشۈپ ئۇزاق ئۆتمەيلا \" ئەمدى ماقۇل دىمىسەڭ  كەينىمگە كىرىۋالغان قىزلارغا ئالدىنىپ كىتىمەن ، يا ئاپام ئۇلارنىڭ ئاپىلىرىغا \" دىگەنىدى . ئەينى ۋاقىتتا ئۇنى پوچى دەپ ئىچىمدە مازاق قىلغان بولسام مانا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە چىن پۈكتۈم .
  ئۇنى يەنە پەيدا بولدى دىسەم توغرا بولمىغۇدۇك ، ئۇ ئىزچىل يېنىمدا بار ، مەيلى مەن قانچىلىك رەت قىلماي ، ئۇ يەنىلا مىنىڭ يېنىمدا ، مەن ئىمتھاندىن ئۆتمىگەندىمۇ شۇنداقتى ، مانا ھازىرمۇ شۇنداق !
  تەقدىرگە تەن بىرىپ ئۇ ساۋاقدىشىم بىلەن مۇناسىۋىتىم ناھىيىتى ياخشى كىتىپ بارغان كۈنلەردە نادىرەنىڭ يۆتكىلىش ئىشى ھەل بۇلۇپ ماڭىدىغان كۈنىمۇ يىتىپ كەلدى ، ئۇ ئەتە ماڭىدۇ دىگەن كۈنى تۇققانلار يىغىلىپ ئۇنى ئۇزىتىپ قويدۇق ، ئۇ كىتىشكە خوشال بولسىمۇ ئاپامغا قىيمىغاندەك ئىدى ، ئاپامنى قۇچاقلىۋېلىپ كۆز يېشىمۇ قىلدى مىنى ھەيران قىلدۇرۇپ ، ئاپاممۇ شۇ .
  __ ئەتە باشقا ئىشىڭ بولمىسا سىنى بىريەرگە تەكلىپ قىلاي ، __ دىدى نادىرە كەچلىكى .
__ سەن ماڭىمەن دەۋاتساڭ نىمە ئىشىم بولسۇن ، ئەتە بىركۈنۈم ساڭا مەنسۇپ .
  ئەتىسى ئۇنىڭ تەكلىپ قىلغىنى بۇيىچە دىيىشكەن يەرگە كەلدىم ، نىمە دىگەن جىمجىت ، نىمە دىگەن يېشىللىق يەر بۇ ، ئەجەپ ياخشىكەن .
  شۇلارنى ئويلاپ تۇرسام نادىرەدىن ئۇچۇر كەلدى :
  \" بىز بىر ئۆيدە ياشاۋاتقىلى نەق ئىككى يىل بوپتۇ ، بۇ جەرياندا ساڭىمۇ كۆپ ئېغىرچىلىقمنى سالدىم كەچۈرگىن ، مەنغۇ كەتكىدەكمەن ، لىكىن ھەممىنى ئۈزۈم بىلەن بىرگە ئېلىپ كىتەلمىگۈدەكمەن ، شۇنىڭ ئۈچۈن مىرادىلنىڭ خاتىرىسىنى سىنىڭ خاتىرەڭگە قۇشۇپ ئۇنىڭغا قايتۇرۇپ بەردىم ، خاتىرەڭنى ئوغۇرلۇقچە ئوقۇۋالغىنىمنى كەچۈر ، سىنىڭ ھىسىياتىڭنى پەقەت ئويلىماپتىمەن ، جېنىم ، بىلسەڭ سەن بەك چىرايلىق ، راست ، سەن مەندىنمۇ چىرايلىق ، بۈگۈن مىرادىل بىلەن كۆرۈشۈپ ئۆزۈڭلار بىر نەرسە دىيىشىڭلار ، مەن ئالدىڭلاردا كۆپ خىجىل ، كەچۈر ، ساڭا بەخت ، خوشاللىق تىلەيمەن \"
  ھەيرانلىقتىن قېتىپلا قالغانىدىم ، كۆزلىرىم تىلفۇندا بولسىمۇ سەزگۈلىرىم ھەممىنى ئېيتىپ بىرىپ تۇراتتى ، مىرادىل كىلىۋاتىدۇ ، مانا ، نەچچە قادەملا قالدى ، ئۇنىڭ قۇلىدا خاتىرەم ۋە ئۇنىڭ خاتىرىسى بار ، يۈرۈكۈم نىمانچە تىز سۇقۇدۇ ؟ ھۇدۇقماسلىقىم كېرەك ، ئۇنى ياخشى كۆرگەن بولسام ئۇ دىگەن بۇرۇنقى ئىش ، مەن دىگەن ھازىر باشقا بىرىنىڭ لايىقى ، مەن چۇقۇم ئۈزۈمگخمۇ باشقىلارغىمۇ يۈز كىلەلىشىم كېرەك ، ئۇنىڭ ياخشى كۆرگىنى مەن ئەمەس ، نادىرە ، شۇنىڭ ئۈچۈن ھۇدۇقماسلىقىم كېرەك ، مەن لايىقىمغا يۈز كىلەلىشىم كېرەك .
  ئەڭ زور غەيرەتكە كىلىپ بېشىمنى كۆتۈردۈم ، كۆتۈردۈميۇ ئۇنىڭ ئازراق قىزىرغان ئەمما ئوت يېنىپ تۇرغان كۆزلىرىگە قاراپ يەنە ھۇدۇقتۇم ...
  ئالدىمدا ئۆزۈم كۆيگىنىم ، دەردىدە يىغلىغىنىم ، بىرگە بۇلۇشنى ئارزۇ قىلغىنىم تۇراتتى ، ئەمما خىيالىمدا بولسا يەنە بىر جۈپ كۆز ماڭا قاراپ تۇراتتى ، ئۇ بىر جۈپ كۆزدە \" قېنى ساداقەت ، قېنى مەجبۇرىيەت ؟ \" دىگەن خەتلەر چاقنايتتى ،،،قانداق قىلىشىم كېرەك ...خۇددى ،،،خۇددى ساقچىدىن قاچقان ئوغردەك ، ساردىن قاچقان توشقاندەك شۇنچىلىك تۇيۇقسىز ، شۇنچىلىك تىز يۈگۈردۈمكىن ئۇ ئىسىنى يىغىپ ئارقامدىن قوغلاپ يىتىشەي دىگىنىدە مەن ئاللىقاچان كىرا ماشىنىسىغا چىقىپ بولغانىدىم ...
  كاللام قۇپقۇرۇق ، ئۆيگە ھاسىراپ - ھۆمۈدەپ كىرگىنىمنى كۆرۇپ  قورقۇپ كەتكەن ئاپام يۈگرەپ دىگۈدەك ئالدىمغا كەلدى ، ئوتتەك قىززىق قوللىرى بىلەن پىشانەمدىكى تەرنى سۈرتتى ، ئۈزۈمنى تۇتۇۋالالماي ئاپامنىڭ باغرىغا ئۈزۈمنى ئاتتىم ، ئاپا باغرى نىمە دىگەن ئىسسىق ، نىمە دىگەن بىخەتەر ، نىمە دىگەن ئىللىق ھە ، يىغلاۋاتساممۇ خوشال ئىدىم ، ھاياجانلىناتتىم .
  ئۇزاقتىن بىرى ئۈزەمدىن باشقا ئىنسى - جىنغا تىنمىغان يۈرەك سىرلىرىمنى ئاپامغا ئېيتىشنى قارار تاپتىم . راست ، شۇنداق قىلىشىم كېرەك ، چۈنكى ئۇ دىگەن ئاپا ، ئۇ دىگەن مىنىڭ ئاپام ، ئەمدى ھىسىياتقا ئەمەس ، ئەقىلگە تايىنىپ ئىش قىلىشىم كېرەك ، ئىشىنىمەنكى ئاپام ماڭا ئەڭ ياخشى قارارنى ، ئەڭ ياخشى مەسلىھەتنى بىرەلەيدۇ ، كۆڭلۈم ئىزىغا چۈشتى ، يىغىلىرىم توختىدى ، ئاپام بىلەن يۈزمۈيۈز ئولتۇردۇق ، ئۇنىڭغا ھەممىنى ئېيتتىم . ئېيتىپ بۇلۇپ يەلكەمدىكى ئەڭ ئېغىر يۈكتىن قۇتۇلغان كىشىدەك شۇنچىلىك يىنىك ھىس قىلدىم ئۈزۈمنى ، ئاپامنىڭ كۈلكە جىلۋىلىنىپ تۇرغان مىھرىبان چىرايىدىن ئۇنىڭ جاۋابىنى ھىس قىلغاندەك بولدۇم ،،،دەرىزىدىن كىرگەن كۈز شامىلى ماڭا بەختنىڭ ، توينىڭ ، ئىللىق ئائىلىنىڭ ھىدىنى ھىس قىلدۇرغاندەك ئىدى ...

<div align=center>      تامام   
                 2010_يىلى 11-ئاينىڭ 2-كۈنى كۈسەندە يىزىلدى ...
</div>

Jeck يوللانغان ۋاقتى 2010-12-5 16:43:42

شۇنداقلا تۈگىدىما ئاخىرى چىقماي؟

gulziba يوللانغان ۋاقتى 2010-12-5 17:10:03

....................................................................................

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2010-12-5 17:26:27

مەنبەسى

Jeck يوللانغان ۋاقتى 2010-12-5 17:50:53

gulziba:
ھەئە . ئاخرى سىز شۇ كىم بىلەن توي قىلغان بولسا ياخشى بۇلىتى دەپ ئويلىغان بولسىڭىز شۇنىڭ بىلەن توي قىلدى دەپ ئويلاۋېىرىڭ


مەنغۇ ئويلاۋىرىمەن، لېكىن سىز يېزىپ قويسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بۇلاركەندۇق، ھىندىستاننىڭ كىنولىرى ئۇسلۇبى بويىچە.

begtash يوللانغان ۋاقتى 2010-12-5 17:58:57

ئۆزىگە بولغان ئىشەنىچمۇ بەك مۇھىمكەن، بولمىسا تۇرمۇشتىن كۆڭلى بەك سوۋۇپ كىتىدىكەن ئادەمنىڭ.

gulziba يوللانغان ۋاقتى 2010-12-5 18:05:34

ئاپتورى :مەن،

ئىلگىرى ئەلكۇيىدە بىغۇبارىم دىگەن نامدا يوللىغان ئىدىم ،

ghapbar يوللانغان ۋاقتى 2010-12-5 18:31:47

ساقلىۋېلىپ ئالدىرماي كۆرەي

yurtum1028 يوللانغان ۋاقتى 2010-12-5 19:19:14

ئەلكۈيىدە داۋامى چىقمىغاندەكلا يادىمدا بارتى ، ئىنكاس قالدۇرۇپ كىيىن داۋاملىق ئوقۇي ،،،،،،

qehwe يوللانغان ۋاقتى 2010-12-5 19:32:50

ئاۋۇ قاشتېشى مۇنبىرىگە يوللىغان يەنە بىر ئاخىرى چىقمىغان ئەسىرىڭىزنىمۇ يوللىۋەتسىڭىز بوپتىكەن ئاخىرىنى چىقىرىپ،يېرىم يىل بولدىغۇ دەيمەن.

MVXVK يوللانغان ۋاقتى 2010-12-5 19:47:57

ئولتۇرۇپلا ئوقۇۋەتتىم

خېلى تەبىئىي چىققاندەك

Toghrak يوللانغان ۋاقتى 2010-12-5 19:49:11

gulziba:

ئاپتورى :مەن،

ئىلگىرى ئەلكۇيىدە بىغۇبارىم دىگەن نامدا يوللىغان ئىدىم ،

ئىككى ئىسىمنىڭ بىرسىنى مۇقىم ئىشلىتىدىغانسىز ھە؟

qorukbay يوللانغان ۋاقتى 2010-12-5 22:29:46

يىگىتلەرنى تەجىربىگە ئىگە قىلىپ  قويىدىغان بولدىڭىزدە....

atella0997 يوللانغان ۋاقتى 2010-12-5 22:35:02

ئورۇن ئېلىپ قوياي.

tanha يوللانغان ۋاقتى 2010-12-6 01:56:25

ياخشىمۇ سىز گۈلزىبا؟ ھېكايىڭىزنى ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقتىم. مېنىڭچە بۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك چىققان بىر پارچە ياخشى ئەسەركەن. باشلىنىش، بايان، دىئالوگ، تەپسىلاتلار تەسۋىرى ناھايىتى چىن، تۇرمۇشقا يېقىن تەسىرلىك  يېزىلىپتۇ. كۆز ياشلىرىمنىڭ ئىختىيارسىز ئېقىشىغا سەۋەبچى بولغان تۈگەللىمە ئادەمنى ھەقىيقەتەن ھاياجانغا سالىدىكەن.

بۇ ئەسىرىڭىز مەتبۇئات يۈزىدە ئېلان قىلىنغان بولسا بەك ياخشى بولاتتىكەن. قەلىمىڭىزگە بەرىكەت، ئىجادىيىتىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن!

بەت: [1] 2
: چىرايلىق قىز(ھىكايە)