gulen يوللانغان ۋاقتى 2010-12-5 04:44:06

ئۇيغۇرتىلنىڭ ئەپسانىسى ۋە رىياللىقى

ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە بىرقىسىم ئەپسانىلەرنىڭ تاراپ يۈرگەنىگە ئۇزۇن بولغان بولسىمۇ مەن ئانچە ئىرەن قىلمىغان ئىدىم. چۈنكى مائارىپ ئىدولوگىيەنىڭ بويۇنتۇرقىغا چۈشكەن جەمئىيەتتە ھەقىقى بىلىمدىن كۆپرەك ئىدولوگىيەنىڭ بازارلىق بولىدىغانلىقى تەسەۋۋۇرۇمدا ئىدى. يەككە ئىدولوگىيەنى مەنبە قىلغان جەمئىيەتتە كىشىلەر ئىدولوگىيە كۆرىشىگە بەنت بولۇپ كېتىپ ھەقىقەت ئۈستىدە ئىزدىنىشكە ئامالسىز قالىدۇ-دە ھەممە نەرسە مەلۇم ئىدولوگىيەنىڭ ياكى شۇ ئىدولوگىيەگە ئىنكاس شەكلىدە مەيدانغا چىققان باشقا بىر ئىدولوگيەنىڭ ۋاستىسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. مەن بۈگۈن توختالماقچى بولغان "ئۇيغۇر تىلى دۇنيادىكى ھەرقانداق تىلنىڭ تاۋۇشلىرىنى ئىپادە قىلالايدىغان ئەۋرىشىم تىل" دېگەن ئەپسانىمۇ دەل "ئۇيغۇر تىلى قالاق تىل، زامانىۋىي جەمئىيەتكە، مائارىپقا ماس كەلمەيدىغان تىل، زامانىۋىي پەن تېخنىكىنى ئىپادىلەشكە ئاجىز تىل" دېگەندەك ھاكىم ئىدولوگىيەنىڭ ئەپسانىسىگە قارشى ئىزچىل تىرەجەپ تۇرۇۋاتقان مەھكۇم ئىدولوگىيە ئەپسانىسىدۇر. مەنچە بۇ ئەپسانىنى ئىنكار قىلىش ھىچقانچە خەتەرلىك ئەمەس، ھەم ستراتىگىيەلىك دىتسىزلىقمۇ ئەمەس. مەنچە سەپسەتىگە، ساختىغا ئىشىنىپ پەخرلەنگەندىن ھەقىقەتكە ئىشىنىپ ئويلانغان ئەۋزەل.

  فونىتىكا تەجرىبىسىگە ئاسالانغاندا دۇنيادىكى ھىچقانداق مىللەت يات تىلدىكى تاۋۇشنى ئەينەن تەلەپپۇز قىلالامايدۇ. سەۋەبى يات تىل بىلمىگەن بىر كىشى يات تىل تاۋۇشنى ئۆز ئانا تىلىدىكى تاۋۇشقا ئوخشۇتۇپ ئاڭلىۋالىدۇ. باشقىچە ئاڭلىيالىشى مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى ئىنساننىڭ يات تىل تاۋۇشلىرىنى بىر بىرىدىن ئايرىش ئىقتىدارى ئون ئايلىق بولغاندا ئاساسەن يوقايدۇ، ۋە ئاناتىلدىكى تاۋۇشلار مىڭىدە مۇقۇملىنىشقا باشلايدۇ. يات تىل ئۆگىنىش جەريانى دەل شۇ يات تىلدىكى تاۋۇش ۋە شۇ تاۋۇشقا ئورالغان مەنىنى مەشىق ئارقىلىق ئۆزلەشتۈرۈش جەريانىدۇر. مۇشۇ قائىدىچە بولغاندا ئۇيغۇرلار ھەرقانداق تىلدىكى تاۋۇشنى پەقەت ئۇيغۇر تىلىدا بار 30 فونىمىغا ئوخشۇتۇپ ئاڭلايدۇ، بۇنىڭ سىرتىدىكىنى ئاڭلاپ پەرقمۇ قىلالمايدۇ. ئەگەر پەرق قىلماقچى، ئۆگەنمەكچى بولسا مەلۇم مۇددەت مەشق قىلىش كېرەك. شۇڭا ئۇيغۇر تىلى بارلىق تىللارنىڭ تاۋۇشلىرىنى ئىپادىلەش قۇدرىتىگە ئىگە دېگەن سۆزئىدولوگىيەچىلىكتۇر، ساۋاتسىزلىقتۇر. يۇقاردا دېگەن تەجرىبىنى مەن قىلىپ باققان. ھىندىستاندىكى مەلۇم بىر تىلدا توت د تاۋۇشى باركەن ھەم بىر بىرىدىن مۇتلەق پەرقلىق ئىكەن، مەن پەقەت ئۇيغۇرچىغا سەل ئوخشايدىغان بىرنىلا ئاڭلىيالىدىم. قالغاننى شۇبىر د دىن پەرقلەندۈرەلمىدىم.

ھەرقانداق ئىنساننىڭ تىل ھەققىدىكى تۇغما ئالاھىدىكى ئوخشاش. چۈنكى  تىل قايسى مىللەت بولۇشىدىن قەتئى نەزەر ئىنساننىڭ سول مىڭىسىدە بىر تەرەپ بولىدۇ. ئەمدى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ يات تىل تاۋۇشلىرىنى ئاسان تەلەپپۇز قىلالىشىغا كەلسەك، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ناخشا مۇزىكىغا ئالاھىدە ھېرىسمەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. چۈنكى تىلنىڭ تاۋۇش قىسمىنى سول مىڭە بىر تەرەپ قىلغان بىلەن جۈملىگە ۋە سۆز بېرىكمىسىگە تەۋە رېتىم قىسىمىنى ئوڭ مىڭە بىر تەرەپ قىلىدۇ. ئوڭ مىڭە مۇزىكىغا، رېتىمغا مەسئۇل بولغاچقا مۇزىكىغا ھېرىس كىشىلەر باشقىلارنى ئاسان دورىيالايدۇ. مۇرادىل ئىسىملىك كىنو ئارتىسىمىزنىڭ ئون خىلغا يېقىن يات تىلنى "سۆزلەپ" مەشرەپتە كىشىلەرنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولۇشى شۇ سەۋەپتىن. ئۇ كىشى ئارتىست بولغاچ ئاۋاز-مۇزىكىغا ئالاھىدە سەزگۈر، شۇ سەۋەپتىن نەچچە خىل يات تىلنى دوراپ چىقالىغان. مەنچە يەنە بىر ئامىل ئۇيغۇر بالىرىنىڭ كىچىكىدىن ئەرەب تىلىدىكى ئايەتلەرنى ئاڭلاپ چوڭ بولىشى ۋە دوراپ يادلىشىمۇ ئۇلارنىڭ تەلەپپۇز ئورگانلىرىنىڭ يات تاۋۇشلارنى تەلەپپۇز قىلىشقا كىچىكىدىن ماسلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن. بۇندىن باشقا ئۇيغۇرلارنىڭ يات تىل ئۆگىنىش ئىقتىدارىنىڭ باشقالارنى بېسىپ چۈشىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغانغا ئىلمىي ئاساس يوق. باشقا ئەپسانلەر ئېسىمگە سېلىنسا يەنە يېزىشىم مۇمكىن.

YAQUT-0997 يوللانغان ۋاقتى 2010-12-5 06:41:35

توغرا، ھەقىقەتەن ئويلىنىشقا تېگىشلىك.

sharaf يوللانغان ۋاقتى 2010-12-5 08:40:15

سىزنىڭ بۇ يازغانلىرىڭىزنىڭ ئەپسانىلىق كۈچى ئۆزىڭىز ئىنكار قىلغان مەسىلىدىن قېلىشمايدىكەن ياكى ئېشىپ كېتىدىكەن.

Musicfan يوللانغان ۋاقتى 2010-12-5 09:13:13

خەتكۈچ

Neshter يوللانغان ۋاقتى 2010-12-5 12:27:18

ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئەۋرىشىملىكىنى نەزەردىن ساقىت قىلامدۇق ؟! ... چۈنكى تاۋۇش چىقىرىش تىلنىڭ ئەۋرىشىملىكى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك تۇرسا ؟

erturk يوللانغان ۋاقتى 2010-12-5 13:36:31

ئۇيغۇرلارنىڭ تاۋۇش چىقىرىش جەھەتتىكى ئەۋزەللىكى ئەمەلىيەت. ئۇنى قۇددۇس ھاپىز ئىلمىيلىككە كۆتۈرۈش جەريانىدا بىر ئاز مۇبالىغە قىلىۋەتكەن، خالاس.  

yurtum1028 يوللانغان ۋاقتى 2010-12-5 14:51:17

رۇس تىلىدا ئىككى ش ھەرپى بار  ، بىرى ئۇيغۇرچىدىكىگە ئوخشىشىدۇ ،يەنە بىرى ئوخشىمايدۇ ، ئوخشىمايدىغىنىنى نەچچە ئاي مەشىق قىلىپ ئاران چىقارغانمەن . خەنزۇچىدىمۇ بىر قانچە ھەرپلەر بار ،مەيلى يىزىقتا ،مەيلى ئېغىز تىلىدا بىراقلا تەلەپپۇز قىلىپ چىقىرۋەتكىلى بولمايدىغان .

دىمەك ھەممىلا تىلدىكى ھەممە  تاۋۇشلارنى تەلەپپۇز قىلالايمىز دەپ مىللى پسخىكىمىزغا تايىنىپلا  پو ئاتساق ئىلمىيلىك بولمايدۇ ئ

ئەۋرىشىملىكى راست ،ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇ ،ئەمما  ئەۋرىشىملىكى ئۇنىڭ مۇتلەق ھەممە تىلنى تەلەپپۇز  قىلالايدىغانلىقىنى ئەمەس پەقەت دۇنيادىكى نۇرغۇن تىللارغا سېلىشتۇرغاندا ئۆزىگە خاس ئەۋزەللىككە ئىگە ئىكەنلىكىنىلا  ئىسپاتلاپ بىرەلەيدۇ .

دۇنيادىكى تىلى ئەۋرىشىملىككە ئىگە بولمىغان نۇرغۇن مىللەتلەر تىرىشىپ جاپالىق مەشىق قىلىپ تەلەپپۇز قىلالمايدىغان تاۋۇشلارنىمۇ ئۆلچەملىك تەلەپپۇز قىلالايدىغان ھالەتكە كىلىۋاتقاچقا نى نى تىل ئۇستىلىرى بارلىققا كىلىۋاتمامدۇ ،بۇنىڭغا كۆز يۇمساق ئادىللىق بولماس ؟؟

gulen يوللانغان ۋاقتى 2010-12-5 19:08:34

erturk:

ئۇيغۇرلارنىڭ تاۋۇش چىقىرىش جەھەتتىكى ئەۋزەللىكى ئەمەلىيەت. ئۇنى قۇددۇس ھاپىز ئىلمىيلىككە كۆتۈرۈش جەريانىدا بىر ئاز مۇبالىغە قىلىۋەتكەن، خالاس.  

ئۇيغۇر تىلى كەسپىدە مەخسۇس بەش يىل ئوقۇغان ساۋاقدىشىمىزدىن سورىۋالاي،

قۇددۇس ھاپىز بۇنى ئىلمىيلىككە قانداق كۆتۈرۈپتىكەن؟ سىز \"ئەمەلىيەت\" دەپسىز بۇ قانداق ئەمەلىيەت، خىيالدىكىمۇ، تەسەۋۋۇردىكىمۇ، ياكى ئىدولوگىيەدىكىمۇ؟

sharaf يوللانغان ۋاقتى 2010-12-5 20:07:00

gulen:
erturk:

ئۇيغۇرلارنىڭ تاۋۇش چىقىرىش جەھەتتىكى ئەۋزەللىكى ئەمەلىيەت. ئۇنى قۇددۇس ھاپىز ئىلمىيلىككە كۆتۈرۈش جەريانىدا بىر ئاز مۇبالىغە قىلىۋەتكەن، خالاس.  

ئۇيغۇر تىلى كەسپىدە مەخسۇس بەش يىل ئوقۇغان ساۋاقدىشىمىزدىن سورىۋالاي،

قۇددۇس ھاپىز بۇنى ئىلمىيلىككە قانداق كۆتۈرۈپتىكەن؟ سىز \"ئەمەلىيەت\" دەپسىز بۇ قانداق ئەمەلىيەت، خىيالدىكىمۇ، تەسەۋۋۇردىكىمۇ، ياكى ئىدولوگىيەدىكىمۇ؟

ئىلمىيلىككە كۆتۈرگەچكە خەلقئارا مۇنبەرگە چىقىپتۇ.

كۆز ئالدىمىزدىكىنى دېگەندىمۇ، خەنزۇلار بىلەن ئۇيغۇرنى ئالساق ئۇيغۇر بالىلىرى خەنزۇچىنى ئاسان ئۆگۈنىۋالالايدۇ، تەلەپپۇزىنى توغرا چىقىرىشقا كۆپ كۈچ چىقارمايدۇ، باشقا تىللاردىمۇ شۇنداق. بۇ خەنزۇلارغا نىسبەتەن پەۋقۇلئاددە تەس ئىش. بۇنىڭغىمۇ جەدۋەل لازىم دەپ تۇرىۋالماڭ يەنە.

ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزدىكى مەسىلىگە جاۋاپ بېرىپ باققايسىز جەدۋەلشۇناس ئاغىينەم، كونا بەرقىدىشىم(چاخچاق جۇمۇ، ئانچە-مۇنچە چاخچاقلىشىپمۇ تۇرايلى، ئادەمنىڭ ئىچى سىقىلىپ قالىدىكەن مۇنداق)

karakqi520 يوللانغان ۋاقتى 2010-12-5 21:58:10

رۇسچىدىكى ئىككى ش نى ئاڭلاپلا پەرىق قىلالىغان، پەرقى روشەن بىلىنگەن، ئۇنىڭدىن باشقا خەنچىدىكى بىر قانچە ئوخشىمايدىغان تاۋۇشنىمۇ مەن ئېنىق پەرىق قىلالىغان ئىدىم...

مېنىڭچە - ئۇيغۇرچە تىل ئۆگىنىشتە باشقا تىللارغا قارىغاندا تېخىمۇ روشەن ئالاھىدىلىككە ئىگە، بۇنىڭدىن باشقا قۇددۇس ھاپىزنىڭ چەتئەل كىشى ئىسىملىرىنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىش توغرىسىدىكى ئىلمىي ماقالىسى ناھايىتى ئىلمىي قىممىتى يۇقىرى ماقالە.

شۇ ماقالىنى مۇشۇ يەرگە يوللاش مۇمكىن بولغان بولسا، ئۇيغۇر تىلىمىزدا باشقا تىللارنى ئىپادىلەش جەھەتتىكى ئىلمىيلىكنى چۇشەنگەن بولاتتۇق.

atella0997 يوللانغان ۋاقتى 2010-12-5 22:06:48

مىللىتىمىزنىڭ بېرەر سەبىي بالنى ۋە بېرەر سەبىي خەنزۇ بالىنى چاقىرىپ كېلىپ(باشقا مىللەت باللىرىنى سېلىشتۇرۇش ئىمكانىيىتى جىق يوق،دىيارىمىزدىكى باشقا ئاز سانلىق مىللەت باللىرىنىڭ نەتىجىسى تىل سېستىمىسى ئوخشاش بولغاچقا ئۇيغۇر باللىرى بىلەن ئوخشاش)،بۇ ئىككى مىللەتنىڭ تىلىدىن باشقا تىلدىن بېرەر مۇرەككەپ سۆزنى دىگۈزۈپ بېقىڭ.ئاندىن يەنە شۇ تىلنىڭ ئىگىسىنى چاقىرىپ باھالىتىپ بېقىڭ.قانداق نەتىجە چىقىدىكىن.

atella0997 يوللانغان ۋاقتى 2010-12-5 22:09:59

تىلىمىزنى باشقىلارنىڭ ئۆگىنىشى قىيىنغا چۈشمەيدۇ(نىسبەتەن ئېيىتقاندا)،ئەمما يېزىقىمىزنى ۋە ئىملاسىنى باشقىلارنىڭ ئۈگەنمىكى ئانچە ئاسانغا توختىمايدىغىنى راسىت.قۇشۇمچىلار ھەقىقەتەن كۆپ.

gulen يوللانغان ۋاقتى 2010-12-5 23:09:05

sharaf:
gulen:
erturk:

ئۇيغۇرلارنىڭ تاۋۇش چىقىرىش جەھەتتىكى ئەۋزەللىكى ئەمەلىيەت. ئۇنى قۇددۇس ھاپىز ئىلمىيلىككە كۆتۈرۈش جەريانىدا بىر ئاز مۇبالىغە قىلىۋەتكەن، خالاس.  

ئۇيغۇر تىلى كەسپىدە مەخسۇس بەش يىل ئوقۇغان ساۋاقدىشىمىزدىن سورىۋالاي،

قۇددۇس ھاپىز بۇنى ئىلمىيلىككە قانداق كۆتۈرۈپتىكەن؟ سىز \"ئەمەلىيەت\" دەپسىز بۇ قانداق ئەمەلىيەت، خىيالدىكىمۇ، تەسەۋۋۇردىكىمۇ، ياكى ئىدولوگىيەدىكىمۇ؟

ئىلمىيلىككە كۆتۈرگەچكە خەلقئارا مۇنبەرگە چىقىپتۇ.

كۆز ئالدىمىزدىكىنى دېگەندىمۇ، خەنزۇلار بىلەن ئۇيغۇرنى ئالساق ئۇيغۇر بالىلىرى خەنزۇچىنى ئاسان ئۆگۈنىۋالالايدۇ، تەلەپپۇزىنى توغرا چىقىرىشقا كۆپ كۈچ چىقارمايدۇ، باشقا تىللاردىمۇ شۇنداق. بۇ خەنزۇلارغا نىسبەتەن پەۋقۇلئاددە تەس ئىش. بۇنىڭغىمۇ جەدۋەل لازىم دەپ تۇرىۋالماڭ يەنە.

ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزدىكى مەسىلىگە جاۋاپ بېرىپ باققايسىز جەدۋەلشۇناس ئاغىينەم، كونا بەرقىدىشىم(چاخچاق جۇمۇ، ئانچە-مۇنچە چاخچاقلىشىپمۇ تۇرايلى، ئادەمنىڭ ئىچى سىقىلىپ قالىدىكەن مۇنداق)

\"ئىلمىيلىككە كۆتۈرگەچكە خەلقئارا مۇنبەرگە چىقىپتۇ.\" قايسى خەلقئارا مۇنبەرگە؟ قايسى تىل بىلەن؟ قاچان؟ ھازىر ئۇيغۇرتلىغا ئائىت ھەرقانداق ماقالىنى توردىن تاپالايسىز، مەن گوگۇللاپ باقتىم ھىچ ئۇنداق كىشىنىڭ ئىنگىلىزچە ياكى تۈركچە ياكى فارىسچە ماقالىسى يوققۇ؟ راست شۇنداق بولسا سىزچە قايسى تىلدا چىققاندۇ ئۇ خەلقئارا مۇنبەرگە؟ياكى سىلەرچە مەن قەستەن شۇنداق قىلىۋاتامدىغاندىمەن؟

سەپسەتە دېگەن شۇنداق تاتلىق بولىدۇ، ئەمما بۇنداق ھىچكىم ئىسپاتلىمىغان پەرەزنى ئۆز ئىچىمىزدە دەپ ئاغزىمزىنى تاتلىق قىلىشقىلا يارايدۇ.

بۇ خۇددى يۈسۈپ خاس ھاجىپ دۇنيادىكى ئون چوڭ پەيلاسۇپنىڭ بىرسى...دېگەندەك تالاي سەپسەتىلەرنىڭ بىرسى، مەن پەقەت كەسپىم بىلەن مۇناسىۋىتى بار بىرسىنىلا ئىنكار قىلىپ قويدۇم. بۇنى قوبۇل قىلالمايدىغانلارنىڭ كۆپ بولىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇغلۇق...بۇنىڭ سەۋەبىنى يازمىدا دەپ بولدۇم.

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2010-12-5 23:39:56

gulen:
مەنچە سەپسەتىگە، ساختىغا ئىشىنىپ پەخرلەنگەندىن ھەقىقەتكە ئىشىنىپ ئويلانغان ئەۋزەل.

توغرا گەپ، ئالمىنىڭ سىرتىغا قاراپ كىچىك بالىغا ئالمىنى ماختاپ بېرىۋەرسەك، بالا چوڭ بولغاندا ئۇنىڭ ئىچىدىن  سېسىق ياكى قۇرۇت  چىقىپ قالسا، بۇ بالا باشقىلارغا ئىشەنمەس بولۇپلا قالماي، ئالمىغىمۇ كىچىك ۋاقتىدىكىدەك ياخشى كۆرمەس بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا ياخشىسى ئالىمىنىڭ سېسىغىنىمۇ، قۇرۇتىنىمۇ بىلىدىغان ھالەتتە ياخشى كۆرسىتىش لازىم.

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2010-12-5 23:51:21

ئەلھەمدۇ دىكى \"ھ\"دا \"خ\"نىڭ چىكىتىسىز كىلىدىغان \"ھ\"سىمانراق بىر ھەرپنى نۇرغۇن كىشىلەر توغرا تەلەپپۇز قىلالمايدۇ، ئەرەپ تىلىدىمۇ ئۈچ خىل \"س\"، ئۈچ خىل \"ز\"، ئىككى خىل \"د\"،  ئىككى خىل \"ئە\" باركەن  بۇلارنىمۇ بىر بىرىدىن پەرقلەندۈرۈپ توغرا تەلەپپۇز قىلالايدىغانلار ناھايىتى ئاز.

xjdxwhx يوللانغان ۋاقتى 2010-12-6 00:15:38

تېما ئېگىسىنىڭ بەزى نەرسىلەرنى ئىنكار قىلىش قارىشى خاتا.

بىزدىكى بۇنداق كۆز قاراش ئاساسلىقى بىز بىلەن ياشاۋاتقان بۇ مىللەت خېلى كۆپ تاۋۇشلارنى تەلەپپۇز قىلىشتا بىزدىن كۆپ قىينالغاچقا كېلىپ چىققان. لېكىن بۇنىڭ ئىلمىي ئاساسى بار.

1. ئۇيغۇر تىلىنىڭ تاۋۇش سېستىمىسغا قاراپ باقساق. ئۇيغۇر تىلىدا تىل ئالدى، تىل ئارقا، تىل ئارا سوزۇق تاۋۇشلار، لەۋلەشكەن، لەۋلەشمىگەن سوزۇق تاۋۇشلار. ئېگىز، ئوتتۇرا، پەس سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ھەممىسى بار شوڭا ئۇيغۇرلار باشقا تىللارنى ئۆگەنگەندە سوزۇق تاۋۇش سېستىمىسىنى ئاسان ئۆگۈنىۋالالايدۇ. لېكىن خەنزۇ تىلىنىڭ سوزۇق تاۋۇش سېستىمىىسى ئۇنداق ئەمەس. مەسىلەن ئۇلاردا لەۋلەشكەن تىل ئالدى  سوزۇق تاۋۇشى يوق. شۇڭا ئۇلار لەۋلەشكەن تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇشى بىلەن لەۋلەشمىگەن تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇشلىرىنى پەرقلەندۈرۈپ تەلەپپۇز قىلالمايدۇ. ئۇيغۇر تىلىدىمۇ قوشما سوزۇق تاۋۇشلار يوق، بۇ بىزگە قىينچىلىق تۇغدۇرىشى مۇمكىن ئىدى. لېكىن بىز كىچىكىمىزدىن تارتىپ خەنزۇ تىلى بىلەن ئۇچراشقان بولغاچقا، قوش سوزۇق تاۋۇش بار تىللارنىڭ سوزۇق تاۋۇش سېستىمىسىنىمۇ قىينالماي ئۆگۈنەلەيمىز.

2. ئۆزۈك تاۋۇش سېستىمىسىغا كەلسەك مەسىلە تېخىمۇ روشەن ئىپادىلىنىدۇ. ئۈزۈك تاۋۇشلار ئاساسەن تاۋۇش چىقىرىش ئۇسۇلى ۋە تاۋۇش چىقارغان ئورۇنغا ئاساسەن بۆلۈنىدۇ. ئۇيغۇر تىلىنىڭ تاۋۇش چىقىرىش ئۇسۇلى ئاساسەن بىز كۆپ ئۇچرىشىدىغان تىللارنىڭ تاۋۇش چىقىرىش ئۇسۇللىرنىڭ ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. شۇڭا كۆپ ئوقۇغۇچىلار تىل ئۆگەنگەندە تاۋۇش چىقىرىش ئۇسۇلىدا قىينالمايدۇ. يەنە بىرسى تاۋۇش ئورنى مەسىلىسى، بۇمۇ ئوخشاش. خەنزۇ تىلىدا تاۋۇشلارنىڭ تاۋۇش چىقىرىش ئورنى جەھەتتىن جايلىشىشى بىر قەدەر تار. ئۇيغۇر تىلىدا بولسا بىر قەدەر كەڭرى ھەم تەكشى. بۇ ئەۋزەللىكمۇ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىل ئۆگەنگەندە ئازراق جاپا تارتىشىغا سەۋەب بولالايدۇ.

3. يەنە بىرسى بىزنىڭ تىلىمىزدا يوق، يەنى تاۋۇش ئورنى جەھەتتىن بىزنىڭ تىلىمىزغا ئوخشىمايدىغان تاۋۇشلارنىڭ تەلەپپۇز قىلىش مەسىلىسىگە كەلسەك. بىز كۆپنىچە خەنزۇ تىلىنىنىڭ تاۋۇش سېستىمىسىنى ئۆگۈنۈپ بولغاندىن كېيىن، باشقا بىر چەتئەل تىلىنى ئۆگۈنىدىغان بولغاچقا، خەنزۇ تىلىدىكى بىزنىڭ تىلىمىزدا بولمىغان بەزى تاۋۇشلار بىزنىڭ باشقا بىر چەتئەل تىلىنى ئۆگۈنىشىمىزگە ياردىمى بولىدۇ. مەسىلەن ئىنگىلىز تىلىدە ئىككى خىل تەلەپپۇز قىلىنىدىغان \"ج\" تاۋۇشى بار. بىرسى  drink دېگەندەك سۆزلەردىكى، يەنە بىرسى Job دېگەندەك سۆزلەردىكى. ئەمەلىيەتتە خەنزۇ تىلىنىڭ تاۋۇش سېستىمىسى بىلەن ئۇچرىشىپ باقمىغان ئوقۇغۇچىغا بۇ ئىككىسىنىڭ پەرىقىنى ئۆگۈتۈش بىر ئاز تەس كېلىدۇ. ئەمما، كۆپىنچىمىز خەنزۇ تىلىنىڭ تاۋۇش سېستىمىسى بىلەن تونۇش بولغاچقا ئالدىنقىسى ئۇيغۇر تىلىدىكى \"ج\" بىلەن كېيىنكىسى خەنزۇ تىلىدىكى Zh بىلەن ئوخشىغاچقا ئۆگۈنىۋېلىشىمزغا تەس توختىمايدۇ. يەنە كەلتۈرسەم بۇنداق مىساللار ناھايىتى كۆپ. بۇنىڭدىن باشقا ئەرەب تىلى ئۆگۈنۈش، ھىچ بولمىغاندا ھەپتىيەك ئۆگۈنۈش، پەقەت بولمىغاندا بىر ئىككى ئايەتنى بىلىش ۋە ياكى ئۆزى بىلمىسىمۇ باشقىلارنىڭ ئوقۇغىنىنى ئاڭلاشنىڭمۇ يات تىللارنىڭ تاۋۇش سېستىمىسىنى ئېگەللەشكە خېلى كۆپ پايدىسى بولىدۇ.

يىغىنچاقلىغاندا، ئۇيغۇر تىلىنىڭ تاۋۇش سېستىمىسىنىڭ بىر ئاز ئەۋزەللىكى بار. (ھىچبولمىغاندا، خەنزۇ تىلىغا سېلىشتۇرغاندا). ئۇيغۇر باللارنىڭ باشقا تىللارنىڭ تاۋۇش قىسىمىنى تىز ۋە ياخشى ئېگەللىشى بىر جەھەتتىن موشۇ تاۋۇش سېستىمىسى جەھەتتىكى ئەۋزەللىكتىن بولسا، يەنە بىر جەھەتتىن بىزنىڭ باشقا تىللار بىلەن بالدۇر ئۇچرىشىدىغانلىقىمىزدىن ۋە كۆپ تىل بىلەن ئۇچرىشىدىغانلىقىمىزدىن بولىدۇ دەپ قارايمەن.

لېكىن بىر تىلنى ياخشى ئېگەللەش ئۇنىڭ تاۋۇش سېستىمىسىنى ئېگەللەش بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ قايسى تىللارنىڭ قايسى سېستىمىسىنى ئۆگۈنۈشتە باشقىلارغا قارىغاندا قانداق ئەۋزەللىكى ۋە قولايسىز تەرەپلىرى بارلىقىنى بىلىش ئۈچۈن مەخسۇس تەتقىقات ئېلىپ بېرىشقا توغرا كېلىدۇ. ھەمدە تىلشۇناسلىقنىڭ مەخسۇس موشۇنداق تەتقىقاتى بىلەن شوغۇللىنىدىغان تارماق پېنىمۇ بار.

يوقىرىدا گۈلەن ئەپەندىنىڭ يازمىسىغا ئىنكاس شەكلىدە مەن تاۋۇش جەھەتتىكى ئويلىغانلىرىمنى دەپ باقتىم. يەنە پىكىرلىشەرمىز.

gulen يوللانغان ۋاقتى 2010-12-6 00:49:48

دېگىنىڭىز ئەستايىدىل پكىر بوپتۇ. لېكىن بۇنىڭ ھەممىسى ئىسپاتلانمىغان پەرەز. سىزنىڭ قاراشلىرىڭىزپەقەت  تەلەپپۇز ئىمكانىيىتى بارلىقى ھەققىدىكى پەرەزنى چۈشەندۈرىدۇ، لېكىن شۇ ئىمكانىيەت مەشقلەندۈرۈشكە مۇھتاج. بۇنداق ئىمكانىيەت بار دېگەنلىك ھەر قانداق ئۇيغۇر ھىچ بىر مەشقسىز بىۋاستە شۇنداق قىلالايدۇ دېگەنلىك ئەمەس.ئەمەلىيەتتە بۇنداق ئىماكىنىيەتكە ئىگە تىللار ئۇيغۇر تىلىلا ئەمەس.

كۆپ تىل بىلگەن كىشى تىلنىڭ تەلەپپۇز قىسمىنى ئاسان ئۆگىنەلەيدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى يات تىل ئۆگىنىش جەريانىدا تاۋۇشلارنىڭ ئورنى ۋە تەلەپپۇز ئۇسۇلىغا سەزگۈرلۈك يېتىلدۈرگەنلىكتىن بولغان. بۇنداق سەزگۈرلۈك باشقا تىللارنى ئۆگەنگەندە تەلەپپۇز ئۈچۈن ئەسقاتىدۇ. كۆپ تىللىق موھىتتا ئۆسكەن بالىلارنىڭ يات تىل تاۋۇشلىرىنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى يەككە تىللىق موھىتتا چوڭ بولغانلاردىن ئاسان يېتىلىدۇ. مەن بۇنى ئەرەب تىلىنى مىسال قىلىپ دەپ بولدۇم. مېنىڭ دېگەنلىرىم پەرەز ئەمەس تەجرىبە ئەمەلىيىتى. سىز دېگەن خەنچە ج ياكى ئىنگىلىزچە ج نى خەنچە ياكى ئىنگىلىزچە بىلمىگەن ئۇيغۇر بالىسى بىرنەچچە ئاڭلاپمۇ پەرق قىلالمايدۇ. پەقەت سىز ئوخشايدۇ، دەپ بەرسىڭىز ھە شۇنداقكەن دەيدۇ. بىز تەجرىبىدە بۇنداق سوبىكتىپ تۇيغۇنى تۇيغۇنى تەجرىبىگە قاتناشقۇچىغا ھەرگىز بەرمەيمىز.

خەنچە بىلگەننىڭ ئىنگىلىزچە ئۆگىنىشتە تىرناقچىلىكمۇ پايدىسى يوق، خەنچىدىكى ج بىلەن ئىنگىلىزچە ھەرگىز ئوخشىمايدۇ. بىز خەنچە بىلگەچكە شۇنداق ئوخشۇتۇپ ئاڭلىۋالىمىز، بۇنىڭ پەقەت تاۋۇشلارنى پەرقلەندۈرۈشكە تېرىقچىلىك يارىدىمى بولىشى مۇمكىن. مەن بۇنىڭ سەۋەبىنىمۇ دەپ ئۆتتۈم.

gulen يوللانغان ۋاقتى 2010-12-6 01:16:04

ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ خەنلەرگە قارىغاندا يات تىل ئۆگىنىشتىكى ئەۋزەللكى مۇزىكا سەزگۈسى، يات تىل بىلەن كىچىكىدىن ئۇچرىشىش(دىن ۋاستىسى بىلەن، ياكى باشقا سەۋەپتىن)، ئوچۇق مىللي پىسخىكا، بۇلارئەقىلگە ئۇيغۇن پەرەزلەر لېكىن بۇلارنىڭ ھىچقايسىسى ئىسپاتلانمىغان. مەنچە بۇلار قىلىشنى كۈتۈپ تۇرغان ئىشلار.

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2010-12-6 01:24:46

ئىنساننىڭ يات تىل تاۋۇشلىرىنى بىر بىرىدىن ئايرىش ئىقتىدارى ئون ئايلىق بولغاندا ئاساسەن يوقايدۇ، ۋە ئاناتىلدىكى تاۋۇشلار مىڭىدە مۇقۇملىنىشقا باشلايدۇ. يات تىل ئۆگىنىش جەريانى دەل شۇ يات تىلدىكى تاۋۇش ۋە شۇ تاۋۇشقا ئورالغان مەنىنى مەشىق ئارقىلىق ئۆزلەشتۈرۈش جەريانىدۇر. مۇشۇ قائىدىچە بولغاندا ئۇيغۇرلار ھەرقانداق تىلدىكى تاۋۇشنى پەقەت ئۇيغۇر تىلىدا بار 30 فونىمىغا ئوخشۇتۇپ ئاڭلايدۇ، بۇنىڭ سىرتىدىكىنى ئاڭلاپ پەرقمۇ قىلالمايدۇ. ئەگەر پەرق قىلماقچى، ئۆگەنمەكچى بولسا مەلۇم مۇددەت مەشق قىلىش كېرەك

=======

كىلىش مەنبەسىنى سورىسام بولارمۇ؟

ئەگەر ئادەمنىڭ ئاۋازلارنى پەرىق ئىتىش ئىقتىدارى بولمىغاندا مەشىق قىلغان بىلەنمۇ بىكار بولار؟

xjdxwhx يوللانغان ۋاقتى 2010-12-6 01:28:35

ziyali:

كىلىش مەنبەسىنى سورىسام بولارمۇ؟

ئەگەر ئادەمنىڭ ئاۋازلارنى پەرىق ئىتىش ئىقتىدارى بولمىغاندا مەشىق قىلغان بىلەنمۇ بىكار بولار؟

چومىسكىنىڭ نەزەرىيىسى ئوخشايدۇ.

بەت: [1] 2 3
: ئۇيغۇرتىلنىڭ ئەپسانىسى ۋە رىياللىقى