yarxarilik يوللانغان ۋاقتى 2010-12-4 18:18:00

ئەتلەس ھەققىدا

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.ئارا،م كۈنلىرىڭلار خوشال ئۆتكەي،

ئەتلەس توغرىلىق چۈشەنچەم ناھايتى ئاز ئىكەن،شۇڭا تۆۋەندىكىلەرگە تەپسىلىيراق جاۋاپ ئىزدىگىم كەالدى.

دىيارىمىزدا ھازىرقەيەردە ئەتلەس ئىشلەپچقىرىدۇ؟كۆلەملەشكەن سۈپەتلىك ئىشلەپچقىرىدغان زاۋۇت كارخانىلار بارمۇ؟

قانچە خىل ئەتلەس بار؟

رەڭگى،قېلىن-نىپىزلىكى جەھەتتىن قانداق تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ؟

ئۇلارنىڭ خام ئەشياسى نىمنى ئاساس قىلىدۇ؟

ھەقىقى يەرلىك ئەتلەسلىرمىزنىڭ تۇقۇلۇش سۈپىتى قانداقراق؟سىپتا ،سىلىق تۇقۇلامدۇ؟

بۇ ئەتلەسلىرمىزنىڭ شىنجاڭدىن باشقا يەرلەردە بازارغا كىردىمۇ؟

رەھمەت!

mastura يوللانغان ۋاقتى 2010-12-4 20:52:40

بىلقۇت تور بېتىگە كىرىپ بېقىڭە، مەن بىر چاغدا بىلقۇت خەزىنىسىدە ئەتلەس ھەققىدە مەزمۇنلارنى كۆرگەندەك قىلغان.
شىنجاڭنىڭ باشقا يېرىدىكى ئەتلەس بازارلىرىنى ئۆزبېكلەر ئېچىۋاتامدىكىن. ئىككى-ئۈچ يىل بولۇپ قالدى، ئەتلەس كىيىدىغانلار جىقىيىپ، ئالدىنقى بىر يىلى ھېلىقى بىر غەلىتە ناخشىچى ئايال بارغۇ، بيوركمۇ، شۇ ئايال ئەتلەس كۆينەك كىيىپ ناخشا ئېيتقان. ئۆتكەن يىللىرى H&M دە ئەتلەس كۆينەكلەرنى سېلىۋېتىپتىكەن. بۇ يىلمۇ كىچىك دۇكانلارنىڭ كۆپىنچىسىدە ھەرخىل پاسونلاردىكى ئەتلەس كۆينەكلەرنى كۆردۈم.
بولسا دوپپىنىمۇ كىيىپ چىقسا.

baharxamili يوللانغان ۋاقتى 2010-12-4 22:02:23

ئەتلەس خوتەننىڭ جىيا يېزىسىدىكى دېھقانلارنىڭ قولىدا ئۈجمە پىلىسىنى خام ئەشيا قىلىپ پىششىقلاپ ئىشلىنىدۇ ، يازدا مەن مەخسۇس شۇ يېزىغا بارغان ئىدىم زىيارەت قىلىشىمچە جىيا يېزىسىدىكى ھەر بىر ئۆيدىن دىگۈدەك ئەتلەس بويايدىغان بوياق ھەم ئەنئەنىۋى توقۇش ئۈسكۈنىسى باردەك ھىس قىلدىم ، مەھلىيا ئەتلەس زاۋۇتى ھەم جىيا گۈزىلى ئەتلەس زاۋۇتى شۇ يەردىكى بىر قەدەر كۆلەملەشكەن ، نامى بار زاۋۇت ئىكەن دېھقانلار ئائىلىدە توقىغان ياكى بويىغان ئاز ساندىكى ئەتلەسلىرىنى ئاشۇ زاۋۇتقا ئەكىلىپ ئۆتكۈزىدىكەن ، مەن كۆرگەن مەھلىيا ئەتلەسچىلىك كارخانىسىدىلا 92 خىلدىن نۇسخا ھەم رەڭدىكى ئەتلەس بار ئىكەندۇق ، تېخى يەنە بىر خىل نىپىز شايىغا ئوخشاپ كىتىدىغان ئەتلەسنىمۇ كۆردۈم ئۇ خىل ئەتلەسنى ئۇلار خوتەن مەھلىيا ئەتلەس نامى بىلەن خاڭجۇدا مەخسۇس يىپەك زاۋۇتىدا ئىشلىتىپ ئەكەپتۇدەك .....  يەرلىك ئەتلەسلەرنىڭ سۈپەتتە مەسلە يوق قولىڭىزغا شۇنداقلا ئېلىپ بولغۇچە قۇرۇتلا پۇرايدىكەن ، ئەڭ مۇھىمى بەدەنگە ناھايتى پايدىلىقكەن ........ ئىشلەتكەن بوياقلارمۇ خىمىيىلىك ماددا قوشۇلمىغان تەبئىي ماتىريال بولغاشقا يۇغاندا ئاجايىپ رېڭى چىقىدىكەن ....... ئەتلەسنى ئاساسەن دىگۈدەك يازدا كىيىدىغان بولغاچقا قېلىن نىپىزلىكى بىر خىل دىگۈدەكلا ئىكەن ، ئۆزبەكىستان ، تاجىكىستان ئەتلەسلىرى بىلەن ئۆزىنىڭ تەبئىيلىكى ، ئىشلىتىلگەن ماتىرياللىرىنىڭ پۈتۈنلەي زىيانسىز بولىشى بىلەن زور پەرقلىنىدۇ بىزنىڭ ئەتلەسلىرىمىز ،،،،،،    مۇشۇنچىلىك بىلىدىكەنمە ئاران ............  ئىشقىلىپ مەن ھەر بىر ئايال كىشىنىڭ ھېچ بولمىغاندا بىر قۇردىن ئەتلەس كىيىمى بولىشى كېرەكمىكىن دەپ قارايمەن،  شۇنداقلا  4 يىلدىن بۇيان يىلدا بىر قۇر يېڭى نۇسخىدىكى ئەتلەستىن كىيىم كىيىشنى ئادەت قىۋالدىم ئۆزۈمگە ..................

Seltenet يوللانغان ۋاقتى 2010-12-4 22:52:36

ئۆزبىكىستان ئەتلەسلىرى راستلا بەك چىرايلىق، ماڭا ئەتلەسنى ئىشلەپچىقىرىدىغاننى چۈشەندۈرگەندە، \" تۇت\" دىگەنتى،نىمە ئۇ ؟دىسەم  \" ياپراقىدا قۇرت باقامىزغۇ\" دىگەنتى،ھا ھا ھا..ئەسلىدە ئۈجمىنى تۇت دەيدىكەن ئۆزبىكلەر.

ئەتلەس سەئىدىيە خانلىقى مەزگىلىدە ئەڭ گۈللەنگەن، نۇسخىسىمۇ كۆپەيگەن، ھەتتا خان ئەتلەس دەپ ئايرىم ئەتلەس چىققان . ھازىرغىچە كېيىپ كېلىۋاتىمىزغۇ.

بىزدە 20نەچچە خىل نۇسخىسى ساقلىنىپ قالغان دەپ ئوقۇغانتىم، بېيجىڭدا ساقلىنىۋاتىدۇ دەپ...

گوگۇلدىن ئىزدەپ كۆرەيلىك قېنى.....مەنمۇ ئېھتىياجلىق مۇ شۇ بىلىملەرگە...

Seltenet يوللانغان ۋاقتى 2010-12-4 23:07:42

ئەتلەس – ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمىي يەرلىك قول ھۈنەر مەھسۇلاتى، ئۇ رەڭ، نۇسخا تەلىپى بويىچە توقۇلۇپ، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان يىپەك رەختلىرىنىڭ بىرى.
بۇياش جەريانىدا گۈل نۇسخىلىرىنىڭ رەڭگى ئاساسەن خىلمۇ-خىل رەڭدە بويىلىدۇ. ئۇ خۇددىي قەلەم بىلەن سىزىپ چىققاندەك گىرەلىشىپ، ئارىلىشىپ كەتكەن تەرتىپ ھالىتىنى شەكىللەندۈرىدۇ، نۇسخىلىرىمۇ ئۆزگىرىشچان ئىستېتىك ئالاھىدىلىكنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئۇيغۇر ئەتلەسلىرىنىڭ رەڭگى جۇلالىق بولۇپ، كۆپ ھاللاردا قىزىل، كۆك (ھاۋارەڭ) سېرىق، ماش رەڭ، قارا، زەيتۇن رەڭلىرىدە بولۇپ، بىر خىل ئەتلەس ئادەتتە ئۈچ-تۆت خىل رەڭنىڭ مۇۋاپىق بىرىكىشىدىن تەركىب تاپىدۇ، يىپ بۇياشتا ئاساسەن يەرلىك تەبىئىي رەڭ ئىشلىتىشكە ئادەتلەنگەن بولۇپ، بۇنداق رەڭلەر ئاسان ئۆڭمەيدۇ. ئەتلەس ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئېستېتىك تەپەككورىدا ئۆز يېرىنىڭ يەر تۈزۈلۈشىنى، گۈزەل باغۇ باستانلىرىنى، يېشىل لىنتىدەك سوزۇلۇپ ئاققان دەريالىرىنى، نەپىس ۋە رەڭدار يىپەك بىلەن تەقلىدىي ئىپادە قىلغان سەنئەت خەرىتىسىدۇر. ئۇ تەبىئىي ئالاھىدىلىك ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ قىزغىن، جۇشقۇن ھالىتىنى ئىپادىلەيدۇ. ئەتلەس ئاساسەن قەشقەر، خوتەن قاتارلىق جايلاردا پىششىقلىنىدۇ ئۇسلۇبى ئوخشىمايدۇ. ئەتلەسنىڭ كۆپ ھاللاردىكى نۇسخىسى بادام گۈلى، تاختاي گۈل نۇسخىسى ۋە تاغاق گۈلى قاتارلىق نۇسخىلاردا بولىدۇ. بۇ يىپەك رەخت ساپ پىلە غوزىسىدىن توقىلىدۇ. نۇسخىسى رەڭدار، جۇشقۇن، يارقىن، گۈل شەكلى ئۆزگىچە، ئىخچام، جانلىق، رەڭگى كۈچلۈك، راۋان، ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆنەر –سەنئەت ئۇسلۇبى ۋە قايناق زىننەت گۈزەللىكىنى ئىپادىلەپ، كىشىگە ئېستېتىك ھوزۇر بېغىشلايدۇ.

    ئەتلەس- پىلىدىن يىپ ئىگىرىپ ، ئۇنى بۇياپ، قول ئارقىلىق توقۇپ چىقىلىدۇ. شىنجاڭدىكى خەنزۇلار ئەتلەسنى، ‹‹يەرلىك يىپەك›› دەيدۇ. ئۇنىڭ رەڭگى ئاق-قارا كىرىشتۈرۈلگەن ياكى قىزىل–يىشىل رەڭ بىرىكتۈرۈلگەن، رەڭدار گۈللىرى كۆزنى قاماشتۇرۇپ، رومانتىك تۈس پەيدا قىلىدۇ ، كەيسىڭىز سىزنى ئۇچىڭىزدا رەڭگارەڭ بۇلۇتلار لەيلەۋاتقاندەك تۇيغۇغا كەلتۈرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھالقا، ئۈزۈك، بىلەيزۈك، مارجانلارنىڭ كىرىشمە نۇرلىرى كىشىلىك ھاياتنىڭ جەزبىدار، يارقىن ساپ گۈزەللىكنى ئەكىس ئەتتۈرۈدۇ.

ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ كۆپىنچىسى كۆينەك ئۈستىگە تاش كىيىم ياكى كەنجازا، كۆينەك ئىچىگە ئۇزۇن، رەڭدار گۈللۈك ئىشتان كىيىدۇ. ئىشتان رەڭدار رەختتىن ياكى يىپەكتىن تىكىلىدۇ. خاس رەڭ رەختتە ئىشتان تىكىپ، ئاندىن ئىشتاننىڭ پۇشقىغا كەشتە قىلىۋالىدۇ. ئاياللارنىڭ ئۇزۇن تاش كىيىمى ئاساسەن قوش ياقا، تىك ياقا ئىككى خىل بولىدۇ. ياشىراق ئاياللار قىزىل، يېشىل، سۆسۈن قاتارلىق ئوچۇق رەڭلەرگە ئامراق، ياشانغان ئاياللار قارا، كۆك، قارامتۇل يېشىل قاتارلىق بىرىكمە گۈللۈك، چاچم گۈللۈك تاۋار-دۇردۇن ياكى رەختلەردىن كىيىشكە ئامىراق، كىيىمگە مىس، كۈمۈش، ئالتۇن يالىتىلغان يۇمۇلاق، ياپىلاق يۇمۇلاق، زەيتۇن دەرىخىنىڭ ياپرىقى شەكلىدىكى توپچىلارنى قادىۋالىدۇ. ياقا، يەڭ قاتارلىق جايلارغا كەشتە قىلىۋېلىشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئايالچە سىرتقى قىسقا كىيىملەر چىداملىقىغا قاراپ قىسقا تاشقى كىيىم، ئوڭ ئۆتۈشمە كىيىم، يېرىم ئۆتۈشمە قىسقا كىيىم دەپ ئۈچ خىل بولىدۇ.

Seltenet يوللانغان ۋاقتى 2010-12-4 23:18:21

http://bbs.merifet.net/read.php?tid=380

ئەتلەس خانىم -قىزلىرىمىزنىڭ گۈزەللىكىگە گۈزەللىك، سۈلكىتىگە سۈلكەت قوشۇپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋى كېيىم-كىچەك ماتېرىيالى بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندە يېڭىچە قىياپەت بىلەن خەلقىمىزنىڭ مول ۋە رەڭگا رەڭ كىيىم-كىچەك مەدەنىيتىنى جانلاندۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىماقتا.

  خەلقىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسىمى بولغان ئەتلەسنى چۈشنىش، ھازىرقى كىيىم -كېچەك مەدەنىيتىمىزنىڭ تەرەققىياتىدا يەنىلا بەلگىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. ئەتلەسنىڭ گۈل نۇسخىلىرى ۋە رەڭ تۈرلىرىنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكى تۆۋەندىكىچە .

  قارا ئەتلەس ئەتلەس ئائىلىسىدىكى ئەڭ قەدىمىي ۋە ئەڭ ئومۇمىي نۇسخا بولۇپ، تېگى قارا، گۈلى ئاق رەڭدە بولىدۇ. تەگلىك رېڭى ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن‹‹ قارا ئەتلەس›› دەپ ئاتىلىدۇ.قارا ئەتلەسنىڭ گۈل نۇسخىسى ئەمەلىيەتتە خانتاجىنىڭ تەكشىلىكتىكى مۇبالىغلەشتۈرۈلگەن كۆرۈنۈشىدۇر. قارا ئەتلەس يۈزىدىكى گۈللەرنىڭ جايلىششىنى ئۈچ گۇرۇپپىغا بۆلۈشكە بولىدۇ. ئەنە شۇ ئۈچ گۇرۇپپا گۈللەردىن ھاسىل بولغان بىر يۈرۈش گۈل نۇسخىسى بىر كېيىملىك ئەتلەسنىڭ 4/1 قىسمىغا چۈشۈرۈلىدۇ ۋە شۇ ئاساستا بىر تاق ئەتلەس يۈزىگە تۆت قېتىم دەۋر قىلىپ چۈشۈرۈلىدۇ.

  قارا ئەتلەس كىشىگە جىمجىتلىق، سەلتەنەت، سىرلىقلىق تۇيغۇسى بېغىشلايدۇ. ئۇ ئىلگىرى ئۇيغۇر ئاياللىرى ئارىسىدا ياشلارمۇ، ياشانغانلارمۇ ياقتۇرۇپ كىيىدىغان، تۆي-مەرىكىلەردە كىيىشكىمۇ، ھازا -ماتەملەردە كىيىشكىمۇ باپ كېلىدىغان ئەتىۋارلىق بۇيۇم ھېسابلىناتتى. ھازىر ئاساسەن ياشانغان ئاياللار كۆپرەك كىيىدۇ.

  قارا ئەتلەسنىڭ يەنە زۆتىنە تەگ ئەتلەس، يېشىل تەگ ئەتلەس، قىزىل تەگ ئەتلەس، چەش رەڭ تەگ ئەتلەس، ماش رەڭ تەگ ئەتلەس ۋە ئاق پېلەك ئەتلەس قاتارلىق يەتتە خىل رەڭ تۈرى بار.

  سېرىق ئەتلەس بۇ خىل ئەتلەسنىڭ گۈل رېڭى سېرىق، تېگى ئاق رەڭدە بولىدۇ، شۇڭا ئۇ‹‹ سېرىق ئەتلەس›› دېيىلىدۇ. ئۇنىڭ گۈل نۇسخىسى ئۈچ قەۋەت، ئوتتۇرىسىدا تەقرىبىي رومبا شەكىللىك ئاساسىي گۈل، گۈل مەركىزىدە قوش مونچاق، رومبىنىڭ ئاستى-ئۈستىدە بىر نەچچىدىن ئاسما مونچاق بولىدۇ.

  سېرىق ئەتلەسنىڭ ئىككى گىرۋىكىدە سېرىق قىزىل ياكى سېرىق قارا رەڭلىك زەنجىر شەكىللىك كانارا گۈل بولىدۇ، بۇ، سېرىق ئەتلەسنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى ھېساپلىنىدۇ.

  سېرىق ئەتلەس يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئومۇمىي ئالاھىدىلىكتىن باشقا، رەخت يۈزىدىكى تارغاق شەكىللىك گۈل سانىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا قاراپ ‹‹ قوش تارغاق سېرىق ئەتلەس ›› ۋە ‹‹ تاق تارغاق سېرىق ئەتلەس›› دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ. سېرىق ئەتلەس گۈللىرىدە ئاساسەن تارغاق ۋە مونچاق شەكلى ئاساسىي گۈل ئېلېمېنتى قىلىنىدۇ. بۇ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ياسىنىش تارىنىشنى ياخشى كۆرۈش، پاكىزلىق، گۈزەللىكنى قىزغىن سۆيۈشتىن ئىبارەت ئىستېتىك ئالاھىدىلىكىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.

  تاق تارغاق سېرىق ئەتلەسنىڭ گۈللىرى چوڭ، ئازادە بولىدۇ. قوش تارغاق سېرىق ئەتلەسنىڭ ئىككى رەت گۈلى سىممېتىرىك جايلاشقان، چوڭ -كىچىك شەكىللىرى بىربىرىگە جىپسىلاشتۇرۇلغان بولۇپ، گۈل نۇسخىسى ساددا، ئەمما نەپىس بولىدۇ. ياش ۋە ئوتتۇرا ياش ئاياللارنىڭ كىيىشىگە باپ كېلىدۇ.

  يېقىنقى يىللاردا سېرىق ئەتلەسنىڭ سېرىق يېشىل زەنجىر كانارىلىق، قوش قاتار زەنجىر كانارىلىق ۋە زەنجىر كانارسىز رەڭ تۈرلىرىمۇ ئارقا ئارقىدىن بارلىققا كەلدى.

  قىزىل ئەتلەسبۇ خىل ئەتلەسنىڭ گۈل رەڭگى قىزىل، تېگى سېرىق ياكى ئاق بولىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ‹‹ قىزىل ئەتلەس›› دەپ ئاتىلىدۇ. قىزىل ئەتلەس گۈللىرىمۇ ئىككى رەت، ئۈچ قەۋەت جايلاشتۇرۇلىدۇ. ئادەتتە ئەتلەس بوي ئوتتۇرا سىزىقىنىڭ ئىككى تەرىپىگە بىر رەتتىن گۈل چۈشۈرۈلىدۇ.

  قىزىل ئەتلەسنىڭ سەپلىمە گۈل شەكىللىرى بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، ئەتلەس يۈزىدە ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدىغان گۈل شەكىللىرىگە قاراپ‹‹ يىلان باغرى قاش ئەتلەس›› ، ‹‹ ئامۇتگۈل قىزىل ئەتلەس›› ، ‹‹ ناغرىگۈل قىزىل ئەتلەس›› قاتارلىق خاس ناملار بىلەن پەرقلەندۈرۈلىدۇ. بۇلار ئىچىدە ئامۇتگۈل قىزىل ئەتلەسنىڭ يەنە‹‹ ئۈچ ئامۇت قىزىل ئەتلەس››، ‹‹ تۆت ئامۇت قىزىل ئەتلەس››، ‹‹ بەش ئامۇت قىزىل ئەتلەس، قاتارلىق شەكىل ئۆزگىرىشلىرى بار.

  قىزىل ئەتلەس گۈللىرىنىڭ جايلىشىشى سىممېتىرىك، رەڭ پەرقى ئېنىق، شوخ، كۆركەم بولۇپ، ئۇنىڭغا چۈشۈرۈلگەن گۈل نۇسخىلىرى مېۋىلەر مەي باغلاپ پىشىپ كەتكەن، نەغمە -ناۋالار ياڭراۋاتقان باغ مەنزىرىسىنى ئىپادىلەيدۇ ۋە قويۇق مىللىي ئالاھىدىلىكىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. قىزىل ئەتلەس قىزلار ۋە ياش ئاياللار ياقتۇرۇپ كىيىدىغان نۇسخا ھېساپلىنىدۇ.

  يەركەن ئەتلىسى بۇ خىل ئەتلەس يەنە ‹‹ بېلىشمان نۇسخا ئەتلەس›› دەپمۇ ئاتىلىدۇ. يەركەن ئەتلىسىگە يۇقىرىقى ئەتلەسلەردىكى گۈل ئۆرنەكلىك ئېلېمېنتلىرىنىڭ بىر قىسمى كىچىكلىتىپ ئىشلىتلگەندىن تاشقىرى، ئۆزىگە خاس بەزى گۈل ئېلېمېنتلىرىمۇ بار. ئۇنىڭ باشقا ئەتلەسلەردىن ئەڭ چوڭ پەرقى گۈل يوللىرى ئەتلەس ئېنىگە ئۈچ يول ئىككى دەۋر، تۆت يول ئىككى دەۋر، بەش يول، ئالتە يول، يەتتە يول ئىككى دەۋر قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. ئادەتتە قىزىل، قارا، ھال، يېشىل،زۆتىنە قاتارلىق رەڭلەر تەگلىك رەڭ قىلىنىدۇ. ئومۇمىي تەكشلىك كۆرۈنۈشىدە، ھەر بىر يولدىكى ھەر بىر گۈل گۇرۇپپىسىنى تەشكىل قىلغۇچى گۈللەر ئۈچ قەۋەت جايلىشىدۇ.

  يەركەن ئەتلىسىنىڭ گۈللىرىنىڭ جايلىششى رىتىملىق، كىچىك ۋە زىچ بولۇپ، شەكىل ئۆزگىرىشى مول، رەڭ تۈرى كۆپ، شوخ كەلگەچكە، ياش ئاياللار ۋە كىچىك قىزلارنىڭ كىيىشىگە باپ كىلىدۇ.

  يەركەن ئەتلىسىنى رەڭ تۈرى ۋە گۈل ئالاھىدىلىكىگە ئاساسلىنىپ، قارا ئەتلەس، سېرىق ئەتلەس ۋە قىزىل ئەتلەستىن كېيىن بارلىققا كەلگەن دېيىشكە بولىدۇ.

  ئالاقاغا شايى ئەتلەس بۇخىل ئەتلەسنىڭ گۈل نۇسخىسى بەزى جەھەتتىن سېرىق ئەتلەس گۈلىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ.ئەمما ئەتلەس گۈللىرىدە ھەرە چىشى سىزىقلىق رومبا شەكلى ئاساسىي گۈل قىلىنىدۇ، شۇنداقلا گۈللەر ئۇششاق ۋە زىچ ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.

  جەينەكگۈل ئەتلەس بۇ ئەتلەسنىڭ بارلىققا كەلگىنىگە ئۇزاق بولمىغان بولۇپ، تۆت خىل رەڭ تۈرى بار. مەسىلەن: جەينەكگۈل قىزىل ئەتلەس دېسەك بۇنىڭ گۈللىرى ئاق رەڭدە بولىدۇ.بۆرەك، تارغاق قاتارلىق قارا ئەتلەسكە خاس بەزى گۈل نۇسخىلىرى چۈشۈرۈلىدۇ. بۇ جەھەتتە قارا ئەتلەسكە ئوخشىشىپ كەتسىمۇ، لېكىن تىگى قىزىل رەڭلىك بولۇش، گۈللىرى ئۈچ قەۋەتكە بۆلۈنۈپ، بىرىنچى ۋە ئۈچىنچى قەۋەت گۈللىرى ئوخشاش بولۇش، ئەتلەس يۈزىدە جەينەكگۈل ئالاھىدە گەۋدىلىنىش جەھەتتە پەرقلىنىدۇ.

  بۇنىڭدىن باشقا تەگلىك رېڭى يېشىل بولغان جەينەكگۈل يېشىل ئەتلەس، جەينەكگۈل سۆسۈن ئەتلەس ۋە جەينەكگۈل زۆتىنە ئەتلەس قاتارلىقلارمۇ بار.

  كەلكۈن نۇسخا ئەتلەس بۇ خىل ئەتلەسنىڭ ئۆرۈشىدە گۆش رەڭ ئاساس قىلىنىدۇ شۇنداقلا يەنە بىر بۆلۈك ئۆرۈشلەر چىگمە بوياق ئۇسۇلى ئارقىلىق سېرىق، قىزىل، زۆتىنە،يېشىل، قارا رەڭلەردە بويىلىدۇ، ئارقاق يىپ گۆش رەڭدە بويىلىدۇ. بۇ ئەتلەسنىڭ چاچما كەلكۈن نۇسخا ۋە تاج كەلكۈن نۇسخا دېگەن ئىككى خىل قېرىنداش نۇسخىسى بار. چاچما كەلكۈن نۇسخىلىق ئەتلەستە چاقماق شەكىللىك ياغلىقگۈل ئاساسىي گۈل قىلىنىدۇ. ئۇ چوڭ بىر ئاساسىي گۈل ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىغا سىممېترىك جايلاشقان تۆت سەپلىمە چاقماقگۈلدىن تۈزۈلگەن گۈل گۇرۇپپىسىنىڭ تەكرار داۋام قىلىشىدىن ھاسىل بولىدۇ.

  تاج كەلكۈن نۇسخىلىق ئەتلەسنىڭ ھەر بىر گۈل گۇرۇپپىسى ئىككى قەۋەت بولۇپ، ئۈستۈنكى قەۋىتىدىكى يۈرەك شەكىللىك گۈلنىڭ سىرتىغا قاتمۇقات جايلاشقان ئۈچ قات رومبا شەكللىرىدىن تۈزۈلىدۇ. ئاستىنقى قەۋەتتىكى گۈلنىڭ ئۈستۈنكى يېرىمى رەڭدار سىزىقلاردىن، ئاستىنقى يېرىمى سېرىق سىزىقلىق مۇنچاق شەكىللىك گۈللەردىن تەركىب تاپىدۇ.

  موكىگۈل ئەتلەسموكىگۈل ئەتلەس 2000- يىلى لوپ ناھىيىسىنىڭ جىيا يېزىسىدا ئىجاد قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ گۈللىرى ئەتلەس ئېنىگە قاتار ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. بۇلار موكىگۈل ئەتلەسنىڭ بەش خىل قېرىنداش نوسخىسىنى شەكىللەندۈرىدۈ. ھەر بىر قېرىنداش نوسخا قارا، قىزىل، زۆتىنە، يېشىل، گۆش رەڭ، پور رەڭ، سۆسۈن، سېرىق قاتارلىق سەككىزخىل تەگلىك رەڭ ئۆزگىرىشلىرىگە ئىگە بولۇپ، نۇسخا ۋە رەڭ تۈرى 40 خىلغا بارىدۇ.

  چاقماقَگۈل ئەتلەس بۇ تىك تۆتبۇلۇڭ( چاقماق ياكى كاتەكچە) شەكىللىك رەڭدار يوللۇق ئەتلەس بولۇپ، قىزىل چاقماق ئەتلەس، قارا ، زۆتىنە، يېشىل، گۆش رەڭ چاقماق ئەتلەستىن ئىبارەت بەش خىل رەڭ تۈرىگە بۆلۈنىدۇ. ئەتلەس يۈزىدىكى گۈللەر سەركەش جايلاشقان رەڭدار چاقماقلاردىن تەشكىل تاپىدۇ.شۇڭا‹‹ چاقماق ئەتلەس ›› ياكى ‹‹ كاتەكچە ئەتلەس›› دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ بەش خىل ئەتلەسنىڭ تەگلىك رېڭى بىردەك ئاق رەڭلىك بولىدۇ. قىزىل چاقماق ئەتلەسنىڭ گۈلى قىزىل رەڭلىك، قارا چاقماق ئەتلەسنىڭ گۈلى قارا رەڭلىك، زۆتىنە چاقماق ئەتلەسنىڭ گۈلى زۆتىنە رەڭلىك بولىدۇ.

  چاقماق ئەتلەسنىڭ گۈل تۈزۈلۈشى ئاددىي بولۇپ، شاھمات تاختىسى شەكلىدە ئىككى خىل رەڭدىن تەشكىل تاپىدۇ. باشقا سەپلىمە گۈللەر بولمايدۇ    .

.....................................................

http://attirgul.blogbus.com/logs/73813823.html

گوگۇلغا ئەتلەس دەپ يازسام تېپىپ بەرگەن،يۈزۈمنى پولۇدەك قىلىپ چاپلاپلا قويدۇم.

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2010-12-4 23:21:35

ئەتلەس ماركىسىنى قايسى بىر خەنسو قېرىندىشىمىز تىزىمغا ئالدۇرۇپ ئىشلىتىپ يۈرگەن تۇرغان ئۈرۈمچىدە.

yarxarilik يوللانغان ۋاقتى 2010-12-5 05:06:21

mastura:
بىلقۇت تور بېتىگە كىرىپ بېقىڭە، مەن بىر چاغدا بىلقۇت خەزىنىسىدە ئەتلەس ھەققىدە مەزمۇنلارنى كۆرگەندەك قىلغان.
شىنجاڭنىڭ باشقا يېرىدىكى ئەتلەس بازارلىرىنى ئۆزبېكلەر ئېچىۋاتامدىكىن. ئىككى-ئۈچ يىل بولۇپ قالدى، ئەتلەس كىيىدىغانلار جىقىيىپ، ئالدىنقى بىر يىلى ھېلىقى بىر غەلىتە ناخشىچى ئايال بارغۇ، بيوركمۇ، شۇ ئايال ئەتلەس كۆينەك كىيىپ ناخشا ئېيتقان. ئۆتكەن يىللىرى H&M دە ئەتلەس كۆينەكلەرنى سېلىۋېتىپتىكەن. بۇ يىلمۇ كىچىك دۇكانلارنىڭ كۆپىنچىسىدە ھەرخىل پاسونلاردىكى ئەتلەس كۆينەكلەرنى كۆردۈم.
بولسا دوپپىنىمۇ كىيىپ چىقسا.

gucci مۇ ئەتلەسدىن لاھىيلەپ ئېلان قىلغان ئىدى،قەتئىييييي تاپالمايۋاتىمەن رەسىملىرنى .H&M نىڭ ئەتلەس ئىشلەتكىنى توغرىلىق خەۋىرىم يوق ئىكەن،رەسىملەر بولسا ھايىت دەۋىتەسىز.

yarxarilik يوللانغان ۋاقتى 2010-12-5 05:10:38

baharxamili:

ئەتلەس خوتەننىڭ جىيا يېزىسىدىكى دېھقانلارنىڭ قولىدا ئۈجمە پىلىسىنى خام ئەشيا قىلىپ پىششىقلاپ ئىشلىنىدۇ ، يازدا مەن مەخسۇس شۇ يېزىغا بارغان ئىدىم زىيارەت قىلىشىمچە جىيا يېزىسىدىكى ھەر بىر ئۆيدىن دىگۈدەك ئەتلەس بويايدىغان بوياق ھەم ئەنئەنىۋى توقۇش ئۈسكۈنىسى باردەك ھىس قىلدىم ، مەھلىيا ئەتلەس زاۋۇتى ھەم جىيا گۈزىلى ئەتلەس زاۋۇتى شۇ يەردىكى بىر قەدەر كۆلەملەشكەن ، نامى بار زاۋۇت ئىكەن دېھقانلار ئائىلىدە توقىغان ياكى بويىغان ئاز ساندىكى ئەتلەسلىرىنى ئاشۇ زاۋۇتقا ئەكىلىپ ئۆتكۈزىدىكەن ، مەن كۆرگەن مەھلىيا ئەتلەسچىلىك كارخانىسىدىلا 92 خىلدىن نۇسخا ھەم رەڭدىكى ئەتلەس بار ئىكەندۇق ، تېخى يەنە بىر خىل نىپىز شايىغا ئوخشاپ كىتىدىغان ئەتلەسنىمۇ كۆردۈم ئۇ خىل ئەتلەسنى ئۇلار خوتەن مەھلىيا ئەتلەس نامى بىلەن خاڭجۇدا مەخسۇس يىپەك زاۋۇتىدا ئىشلىتىپ ئەكەپتۇدەك .....  يەرلىك ئەتلەسلەرنىڭ سۈپەتتە مەسلە يوق قولىڭىزغا شۇنداقلا ئېلىپ بولغۇچە قۇرۇتلا پۇرايدىكەن ، ئەڭ مۇھىمى بەدەنگە ناھايتى پايدىلىقكەن ........ ئىشلەتكەن بوياقلارمۇ خىمىيىلىك ماددا قوشۇلمىغان تەبئىي ماتىريال بولغاشقا يۇغاندا ئاجايىپ رېڭى چىقىدىكەن ....... ئەتلەسنى ئاساسەن دىگۈدەك يازدا كىيىدىغان بولغاچقا قېلىن نىپىزلىكى بىر خىل دىگۈدەكلا ئىكەن ، ئۆزبەكىستان ، تاجىكىستان ئەتلەسلىرى بىلەن ئۆزىنىڭ تەبئىيلىكى ، ئىشلىتىلگەن ماتىرياللىرىنىڭ پۈتۈنلەي زىيانسىز بولىشى بىلەن زور پەرقلىنىدۇ بىزنىڭ ئەتلەسلىرىمىز ،،،،،،    مۇشۇنچىلىك بىلىدىكەنمە ئاران ............  ئىشقىلىپ مەن ھەر بىر ئايال كىشىنىڭ ھېچ بولمىغاندا بىر قۇردىن ئەتلەس كىيىمى بولىشى كېرەكمىكىن دەپ قارايمەن،  شۇنداقلا  4 يىلدىن بۇيان يىلدا بىر قۇر يېڭى نۇسخىدىكى ئەتلەستىن كىيىم كىيىشنى ئادەت قىۋالدىم ئۆزۈمگە ..................

بايا بىرسى بىلەن كۆرەشسەم قولدا توقىغىنى ھەقىقى جىڭ ئەتلەس،زاۋۇتتا توقىغىنى جا دەيدۇ،ھىچ چۈشەنمىدىم.

باھار شامىلى ،مەھلىيا شىركىتىنىڭ  ئەتلەسلىرى قولدا تۇقۇلغانمكەن،توقۇلىشى سىمپتىمىكەن؟رەختىنى بىر سىيلاپلا بىلىۋالىسىلەرغۇ قىزلار!

yarxarilik يوللانغان ۋاقتى 2010-12-5 05:16:10

Seltenet:
ئەتلەس – ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمىي يەرلىك قول ھۈنەر مەھسۇلاتى، ئۇ رەڭ، نۇسخا تەلىپى بويىچە توقۇلۇپ، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان يىپەك رەختلىرىنىڭ بىرى.
بۇياش جەريانىدا گۈل نۇسخىلىرىنىڭ رەڭگى ئاساسەن خىلمۇ-خىل رەڭدە بويىلىدۇ. ئۇ خۇددىي قەلەم بىلەن سىزىپ چىققاندەك گىرەلىشىپ، ئارىلىشىپ كەتكەن تەرتىپ ھالىتىنى شەكىللەندۈرىدۇ، نۇسخىلىرىمۇ ئۆزگىرىشچان ئىستېتىك ئالاھىدىلىكنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئۇيغۇر ئەتلەسلىرىنىڭ رەڭگى جۇلالىق بولۇپ، كۆپ ھاللاردا قىزىل، كۆك (ھاۋارەڭ) سېرىق، ماش رەڭ، قارا، زەيتۇن رەڭلىرىدە بولۇپ، بىر خىل ئەتلەس ئادەتتە ئۈچ-تۆت خىل رەڭنىڭ مۇۋاپىق بىرىكىشىدىن تەركىب تاپىدۇ، يىپ بۇياشتا ئاساسەن يەرلىك تەبىئىي رەڭ ئىشلىتىشكە ئادەتلەنگەن بولۇپ، بۇنداق رەڭلەر ئاسان ئۆڭمەيدۇ. ئەتلەس ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئېستېتىك تەپەككورىدا ئۆز يېرىنىڭ يەر تۈزۈلۈشىنى، گۈزەل باغۇ باستانلىرىنى، يېشىل لىنتىدەك سوزۇلۇپ ئاققان دەريالىرىنى، نەپىس ۋە رەڭدار يىپەك بىلەن تەقلىدىي ئىپادە قىلغان سەنئەت خەرىتىسىدۇر. ئۇ تەبىئىي ئالاھىدىلىك ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ قىزغىن، جۇشقۇن ھالىتىنى ئىپادىلەيدۇ. ئەتلەس ئاساسەن قەشقەر، خوتەن قاتارلىق جايلاردا پىششىقلىنىدۇ ئۇسلۇبى ئوخشىمايدۇ. ئەتلەسنىڭ كۆپ ھاللاردىكى نۇسخىسى بادام گۈلى، تاختاي گۈل نۇسخىسى ۋە تاغاق گۈلى قاتارلىق نۇسخىلاردا بولىدۇ. بۇ يىپەك رەخت ساپ پىلە غوزىسىدىن توقىلىدۇ. نۇسخىسى رەڭدار، جۇشقۇن، يارقىن، گۈل شەكلى ئۆزگىچە، ئىخچام، جانلىق، رەڭگى كۈچلۈك، راۋان، ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆنەر –سەنئەت ئۇسلۇبى ۋە قايناق زىننەت گۈزەللىكىنى ئىپادىلەپ، كىشىگە ئېستېتىك ھوزۇر بېغىشلايدۇ.

    ئەتلەس- پىلىدىن يىپ ئىگىرىپ ، ئۇنى بۇياپ، قول ئارقىلىق توقۇپ چىقىلىدۇ. شىنجاڭدىكى خەنزۇلار ئەتلەسنى، ‹‹يەرلىك يىپەك›› دەيدۇ. ئۇنىڭ رەڭگى ئاق-قارا كىرىشتۈرۈلگەن ياكى قىزىل–يىشىل رەڭ بىرىكتۈرۈلگەن، رەڭدار گۈللىرى كۆزنى قاماشتۇرۇپ، رومانتىك تۈس پەيدا قىلىدۇ ، كەيسىڭىز سىزنى ئۇچىڭىزدا رەڭگارەڭ بۇلۇتلار لەيلەۋاتقاندەك تۇيغۇغا كەلتۈرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھالقا، ئۈزۈك، بىلەيزۈك، مارجانلارنىڭ كىرىشمە نۇرلىرى كىشىلىك ھاياتنىڭ جەزبىدار، يارقىن ساپ گۈزەللىكنى ئەكىس ئەتتۈرۈدۇ.

ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ كۆپىنچىسى كۆينەك ئۈستىگە تاش كىيىم ياكى كەنجازا، كۆينەك ئىچىگە ئۇزۇن، رەڭدار گۈللۈك ئىشتان كىيىدۇ. ئىشتان رەڭدار رەختتىن ياكى يىپەكتىن تىكىلىدۇ. خاس رەڭ رەختتە ئىشتان تىكىپ، ئاندىن ئىشتاننىڭ پۇشقىغا كەشتە قىلىۋالىدۇ. ئاياللارنىڭ ئۇزۇن تاش كىيىمى ئاساسەن قوش ياقا، تىك ياقا ئىككى خىل بولىدۇ. ياشىراق ئاياللار قىزىل، يېشىل، سۆسۈن قاتارلىق ئوچۇق رەڭلەرگە ئامراق، ياشانغان ئاياللار قارا، كۆك، قارامتۇل يېشىل قاتارلىق بىرىكمە گۈللۈك، چاچم گۈللۈك تاۋار-دۇردۇن ياكى رەختلەردىن كىيىشكە ئامىراق، كىيىمگە مىس، كۈمۈش، ئالتۇن يالىتىلغان يۇمۇلاق، ياپىلاق يۇمۇلاق، زەيتۇن دەرىخىنىڭ ياپرىقى شەكلىدىكى توپچىلارنى قادىۋالىدۇ. ياقا، يەڭ قاتارلىق جايلارغا كەشتە قىلىۋېلىشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئايالچە سىرتقى قىسقا كىيىملەر چىداملىقىغا قاراپ قىسقا تاشقى كىيىم، ئوڭ ئۆتۈشمە كىيىم، يېرىم ئۆتۈشمە قىسقا كىيىم دەپ ئۈچ خىل بولىدۇ.

كۆپ رەھمەت سەلتەنەت.

.ماتىريالنى ساقلىۋالدىم.

matu يوللانغان ۋاقتى 2010-12-5 10:02:29

لەيدىي گاگاغا ئەتلەس سوۋغا قىلساق،داڭقى چىقاتتى.

President يوللانغان ۋاقتى 2010-12-5 11:41:35

matu:

لەيدىي گاگاغا ئەتلەس سوۋغا قىلساق،داڭقى چىقاتتى.


كىمنىڭ چىقاتتى؟ئەتلەسنىڭ؟گاگانىڭ؟ياكى سوۋغا قىلغۇچى بويتاقنىڭ؟
بەت: [1]
: ئەتلەس ھەققىدا