arek يوللانغان ۋاقتى 2010-12-4 17:18:25

تارىختا بۈگۈن (4-دېكابىر )

<

2001-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئامېرىكا ئۇرۇش ئايروپىلانى 100 دىن ئارتۇق ئافغانىستانلىقنى پارتلاتقان. ئامېرىكا ئارمىيىسى ئايروپىلانى ئافغانىستاننىڭ شەرقىدىكى شەھەر جالالئابادنىڭ ئەتراپىنى ئىزچىل بەش كۈن پارتلاتقان. ئاز دېگەندە 115 بىگۇناھ پۇقرا ئۆلگەن، 50 دىن ئارتۇق كىشى يارىلانغان. ئامېرىكا ئاخبارات تارمىقىنىڭ خەۋەر يەتكۈزۈشىگە قارىغاندا، 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىكى ئاساسلىق گۇماندار بېن لادىننىڭ مۇشۇ يەرگە يوشۇرۇنغانلىق ئېھتىمالى يۇقىرى ئىكەن، شۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا ئارمىيىسى بۇ رايونغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىپ، نۇرغۇن يېزىنى پارتلاتقان، پارتلىغانلار ئىچىدە ئاياللار ۋە بالىلار بار ئىدى.

1986-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، سوۋىت ئىتتىپاقى ئالەمنىڭ دۇنيادىكى تۇنجى گېئولوگىيىلىك خەرىتىسىنى سىزىپ چىققان. بۇ سەككىز كۋادرات مېتىر كېلىدىغان گېئولوگىيىلىك خەرىتە سوۋىت ئىتتىپاقى سۈنئىي ھەمراسى بىلەن ئوربېتىسى تارتقان رەسىمگە ئاساسەن سىزىلغان، لېنىنگرادتا كۆرگەزمە قىلىنغان. بۇ خەرىتىنىڭ ئارتۇقچىلىقى يەر شارىنىڭ قۇرۇلمىسى بىلەن ھەر قايسى رايونلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى كۆرگىلى بولىدۇ. يەنە كاسپىي دېڭىزىنىڭ شىمالىدىكى نېفىت تەبىئىي گاز رايونىنى، قازاقىستاندىكى يېڭى كاننى، سىبىرىيەدىكى ئالماس كانىنى بايقىغان.

1981-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ھىندىستاننىڭ پايتەختى يېڭى دېھلىنىڭ ساياھەت قىلىدىغان مەنزىرىلىك رايونىدىكى دۇنياغا داڭلىق بوگو كونفىلىت مۇنارىدا دەسسلىش يۈز بېرىپ، ساياھەتچى قازا قىلغان، 21 ساياھەتچى يارىلانغان. شۇ كۈنى سائەت 11 يېرىمدە، مۇنارنىڭ ئىچكى يورۇتۇش چىرىغى تۇيۇقسىز ئۆچۈپ قىلىپ، نەق مەيدان قالايمىقانلىشىپ كەركەن، كىشىلەر ئالاقزادە بولۇپ، قىستىلىشىپ، دەسسىلىشىپ، ئۆلۈم ئەھۋالىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

1965-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئامېرىكا «جەۋزا يۇلتۇز تۈركۈنى 7-نومۇر» لۇق ئالەم كېمىسىنى قويۇپ بەرگەن. شۇ كۈنى سائەت 19 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، ئامېرىكىنىڭ كېننىدى تۇمشۇقىدا قويۇپ بېرىلگەن. ئالەم كېمىسىدە ئىككى ئۇچقۇچى بار ئىدى. بۇ ئالەم كېمىسىنىڭ ئېغىرلىقى 3289 كىلوگرام، قويۇپ بېرىلىپ ئالتە مىنۇتتىن كېيىن ئوربېتىغا كىرگەن. بۇ ئالەم كېمىسىنىڭ يەر شارىغا يېقىن جايى 161 كىلومېتىر، يىراق جايى 325 كىلومېتىر كېلىدۇ. 14 كۈن مەشغۇلات قىلىدىغان بۇ ئالەم كېمىسىدە ئېغىرلىق يوقىتىشنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان تەسىرى تەتقىق قىلىنىدۇ.

بۈگۈن جۇڭگو قانۇن تەشۋىقات كۈنى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن تارقاتقان «مەركىزىي تەشۋىقات بۆلۈمى، ئەدلىيە مىنىستىرلىكىنىڭ پۇقرالار ئىچىدە قانۇن تەشۋىقات تەربىيەسى ئېلىپ بېرىشتىكى بەشىنچى پىلانى»دا مەملىكىتىمىزنىڭ ھازىرقى ئاساسىي قانۇنىنىڭ يۈرگۈزۈلگەن ۋاقتى 4-دېكابىر بولۇپ، بۇ كۈن دەل ھەر يىللىق قانۇن تەشۋىقات كۈنى قىلىپ بېكىتىلگەن.


مەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى    

Jalzat0013 يوللانغان ۋاقتى 2010-12-5 13:51:21

ئۇيغۇر بالىغ نىڭ ئازراق شەخسىي ئىشى چىقىپ قالغانلىق تۈپەيلى ، بۇسەھىپىنى ۋاقىتلىق داۋاملاشتۇرالمايدۇ . (ئۇيغۇر بالىغ بۇرۇن بىر مەزگىل مەخسۇس مۇشۇ تىمىنى يوللىغانىدى.)

ھەرقايسى ئىزدىنىشلىقلارنىڭ بۇسەھىپىنى توختىتىپ قويماي داۋاملاشتۇرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .    بۇھەممىزگە پايدىلىق !

بەت: [1]
: تارىختا بۈگۈن(4-دېكابىر)