تۈركچە ئۈگۈتۈڭ [ئۈگۈنەيلى]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم جامائەت.
ئۆتكەندە مۇشۇ ئىزدىنىشتا بىر تۈركچە ئۈگۈنۈشكە ئائىت يازمىلارنى كۆرۈپ ئازراق ساۋادلىق بولۇپ قالغاندىم، لىكىن ئۇ يازمىلارغا كۈندە قارايمەن ، ئوقۇتقۇچىمىز نەگە كەتكەندۇ ، نىمىشقا دەرس ئۆتمەيدىغاندۇ دەپ .
شۇڭا ئەجدادلىرىمىزدىن قالغان <سورا - سورا بىلىم ئاپتۇ، ئۇيىلا ئۇيىلا كېيىن قاپتۇ> دىگەن ئىدىيەگە ۋارسلىق قىلىپ ، ئوقۇتقۇچىمىزنىڭ ئېغىزىنى تاتىلاپ تۇرۇپ ئۈگۈنۈش قارارىغا كەلدىم.
بولسا مۇشۇ ئىزدىنىش ئارقىلىق ھىچ بولمىغاندا بىر تىلنى بولسىمۇ ئۈگۈنۈۋالساق ئەجەپ ئەمەس.
مېنىڭ ئاساسلىق سورايدىغانلىرىم مۇنۇ كىتابنىڭ مەزمۇنلىرى:
Teach Yourself Turkish
بۇ كىتابنىڭ ئىلكىتاب نۇسخىسىنى تورلاردىن ئىزدەپ ئاسانلا تاپقىلى بولىدۇ. ئاڭلاش ماتىرىيالىمۇ بار.
بولسا مۇشۇ كىتابنىڭ بىرىنجى دەرىسىدىن باشلاپ (ئەلۋەتتە يېڭى ئۈگەنگۈچىلەرنى قىزىقتۇرۇش ئۈچۈن ) سورالغان سۇئاللارغا جاۋاب بېرىلگەن بولسا.....
سۇئال سوراش مەندىن . جاۋابنى مۇشۇ ئىزدىنىش مۇنبىرىدىكى تۈرك تىلى ئۇستازلىرىدىن ئىزدەيمەن.
بولسا مۇشۇ كىتابنى ئاخىرىدا مۇشۇ بانىدا بىر ئۇيغۇرچە ماتىرىيال قىلىپ ، تۈرك تىلى ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن قولايلىق يارىتىپ بەرگەن بولسا دىگەننى ئىستەيمەن.
بىرىنجى دەرستىن باشلاپ كىتابنىڭ ئاخىرىغىچە سوراپ چىقىمەن. (كەچۈرۈڭ مۇئەللىم ،مەن مۇشۇنداق قاشاڭ ئوقوغۇچى) ئۇستازلارنىڭ ئۈگۈتۈشىگە مۇھتاج.
بۇغداينىڭ بانىسدا قارىمۇقمۇ سۇ ئىچكەي. بولسا ھەممەيلەن بىلمىگەننى سورايلى، مۇنبەردىكى ئۇستازلار باكا ماۋۇ بىلىمىنى ئۇنتۇپ قالمىغاي.
بولدىلا ،قۇرۇق گەپنى ئاز قىلاي، سۇئالىمنى باشلاي:
بىرىنجى دەرستىن باشلاپ سورايمەن ئەمىسە.
ھۆرمەتلىك مۇئەللىم ، بۈگۈن سىزدىن سورايدىغان سۇئالىم تۆۋەندىكى دىئالوگلارنى چۈشەندۈرۈپ قويغان بولسىڭىز:
بولسا ئۇيغۇرتىلى بولغان پەرقى توغۇرلۇق ئازراق چۈشەنچە بەرسىڭىز....
(مۇنۇ سۇئالغا جاۋاپ تېپىپ بولغاندىن كېيىن داۋاملىق سۇئالىم بار....)
بۇ سۇئاللارغا ئاجىزلىق قىلىدىكەنمەن.
تۇركچە بىلىدىغان ئۇستازلارنىڭ ئاغزىغا قارايلى ئەمىسە!!!!!1
نىمىنىڭ باھانىسىدە نىمە پايدا ئاپتۇ (پەقەت ئېسىمگە ئالالمىدىم بۇ ماقال تەمسىلنى )دەپ شۇ باھانىدە مەنمۇ ئۆگىنىۋالدىغان بولدۇم دە.............
ئەمما ئاۋۇ دىئالوگدىكىلەرنى مەن چۈشەندىم، شۇنداق بولسىمۇ باشقا ئۇستازلارنىڭ چۈشەندۈرگىنىگە قۇلاق سالاي.
مەنمۇ ئانچە- مۇنچە يامىداۋاتقان. بىلىمنىڭمۇ زاكىتى بولىدۇ ھەي بىرىۋىتىڭلا، بەرمىساڭلار يامان بولىدۇ
كارىن بىر دەم ئېلىش كۈنى ناشتىلىق تەييارلاش ئۈچۈن يېمەك بازىرىغا بېرىپتۇ، تۆۋەندىكىسى ئۇنىڭ باققال بىلەن بولغان دىئالوگىكەن
كارىن:مەرھابا(ياخشىمۇسىز)
باققال:گۈنايدىن ئەفەندىم(ئەتىگەنلىكىڭىز خەيرىلىك بولسۇن ئەپەندىم)
كارىن:ئەكمەك ۋارمى؟(بولكا بارمۇ؟)
باققال:بار
كارىن:بىر ئەكمەك لۈتفەن(بولكىدىن بىرنى مەرھەمەت،لۈتفەن سۆزى ئىنگىلىزچىدىكى pleaseسۆزىگە ئوخشاش)بۇنې؟سالام مى؟(بۇنېمە؟ قېزىما؟)
باققال:سالام دېيىل،سۇجۇك(بۇ قېزا ئەمەس، سۇجۇك . بەلكى بۇمۇ قېزىنىڭ بىر خىلى بولسا كېرەك،مەنمۇ بىلمىدىم نېمىلىكىنى)
كارىن:گۈزەلمى؟(گۈزەل سۆزى بىزنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى گۈزەل سۆزى بىلەن ئوخشاش ئەمما تۈركچىدە بۇ سۆزنىڭ ئىشلىتىلىشى بىر قەدەر كەڭ،مەسىلەن بۇ يەردىكى مەناسى بۇ ياخشىمۇ،ياكى بۇ يېڭىمۇ دېگەندەك مەنىدە بولسا كېرەك)
باققال:چوك گۈزەل(ناھايىتى ياخشى. )
كارىن:100گرام سۇجۇك لۈتفەن
باققال:تابى ئەفەندىم(تابى-ئەلۋەتتە دېگەن مەنىدە)
كارىن:يېشىل زەيتىن ۋارمى؟(يېشىل زەيتۇن بارمۇ؟)
باققال:يېشىل زەيتىن يوك،سىياھ ۋار(يېشىل زەيتۇن يوق قارىسى بار)
كارىن: پېكى(ئېغىز تىلى بولىدۇ،ماقۇل،ئەمىسە دېگەندەك مەنىدە)ئىكى يۇز گرام لۈتفەن.
ئاقساقاللىق قىلىپ قويدۇم،ئەيىبكە بۇيرىمىغايسىلەر،مەن پەقەت تۈركچىنى يېرىم يىل ئۆگەنگەن يەنە كېلىپ تۈركىيىدە ئۆگەنمىگەن،شۇڭا تۈركىيىدىكى تورداشلار يەنىمۇ تەپسىلىراق ئۆگىتىپ قويارسىلەر، بىللە ئۆگىنىلى
كەچۈرۈڭلار ئەفەندىم سۆزى بىزنىڭ تىلدىكى ئەپەندىم سۆزى بىلەن ئوخشىمايدۇ راس، بۇمۇ بىر تەكەللۇپ سۆزى مەسىلەن بۇلار تېلىفۇن ئۇرغاندا كۆپرەك ئىشلىتىدۇ \"قۇلىقىم سىزدە، ئاڭلاۋاتىمەن\" دېگەندەك، بۇ دىئالوگدا بەلكىم شۇ مەنادا بولسا كېرەك چۈنكى ئا ئۈستىدىكى ئىنگىلىزچە چۈشەندۈرۈشتە كارىن نى she دەپ ئېلىپتۇ، دېمەك كارىن ئايال كىشىكەن شۇڭا ئەپەندىم دېيىش خاتاكەنمەن ئۇلارنىڭ تىلىنى يامان ئەمەس بىلىمەن،تۈركچىدە سوزۇق تاۋۇش بىز بىلەن ئوخشاش ئەمما ئۈزۈك تاۋۇز بىزدىن 3 تال كەم \" ق\"،\" خ\"،\"ڭ\" يوققۇ دەيمەن .
ئىشقىلىپ بىزدىكى \" ب\" نى \"پ\" .....بازارنى پازار،بەكنى پەك،پاچاقنى باچاق...يەنە مەننى بەن،مىڭنى بىن،..مۇشۇ قائىدىگە چۈشىدىغىنى بار ئىدى.
كۈننى گۈن، \" ك\" نى \"گ\" دەيدۇ....بويتاقنى بىكار دەيدۇ، كىچىكنى كۈچۈك دەيدۇ، بولسۇن ،بول دىگەننى ئولسۇن ،ئول دەيدۇ.ئاۋارىچىلىقنى زەخمەت،..............
ھەي ...ئەڭ ياخشىسى بىلىدىغانلار سۆزلىسۇن،مەن چالتاقشىماي جىم ئولتۇراي،ئەمما ئۆزبىكچىدىن سورىساڭلار گەپ يۇق جۇمۇڭلار، ئۇيغۇرچە بىلەن بولغان پەرقىنى قانۇنىيتىنى دەپ بېرىمەن.
hawaskar:ناھايتى ياخشى جاۋابلار چۈشۈۋاتىدۇ. مەن مۇشۇنداق ئوقۇتقۇچىلارغا مۇھتاج.
ئۆتكەندە مۇشۇ ئىزدىنىشتا بىر تۈركچە ئۈگۈنۈشكە ئائىت يازمىلارنى كۆرۈپ ئازراق ساۋادلىق بولۇپ قالغاندىم، لىكىن ئۇ يازمىلارغا كۈندە Teach Yourself Turkish
بۇ كىتابنىڭ ئىلكىتاب نۇسخىسىنى تورلاردىن ئىزدەپ ئاسانلا تاپقىلى بولىدۇ. ئاڭلاش ماتىرىيالىمۇ بار.
ماڭائەۋەتىپ بېرەلەرسىزمۇ؟
رەھمەت. كۆپ رەھمەت. ئەمىسە مەن يەنە سۇئالىمنى داۋاملاشتۇراي.
ھەراست ماتىرىياللارنى بۇ يەردىن چۈشۈرۋالغايسىزلەر.
ئەفىفە ،مانا سىزگە لازىملىق تۈركچە ئۈگۈنۈش ماتىرىياللىرىنىڭ ھەممىسى مۇشۇ يەردە.
http://iask.sina.com.cn/u/1647100324/ish?folderid=52584&page=0
سىز دىگەن ئۇ تۈركچە كىتابنى ماڭىمۇ ئەۋەتىپ بىرەلەرسىزمۇ؟
بۇ تىكىسىتتىكى سۆزلۈكلەرنىڭ مەنىسىنى بىلمىدىم
چۈشەندۈرۈپ قويسىڭىز مۇئەللىم. رەھمەت.
afifiya:hawaskar:
ئۆتكەندە مۇشۇ ئىزدىنىشتا بىر تۈركچە ئۈگۈنۈشكە ئائىت يازمىلارنى كۆرۈپ ئازراق ساۋادلىق بولۇپ قالغاندىم، لىكىن ئۇ يازمىلارغا كۈندە Teach Yourself Turkish
بۇ كىتابنىڭ ئىلكىتاب نۇسخىسىنى تورلاردىن ئىزدەپ ئاسانلا تاپقىلى بولىدۇ. ئاڭلاش ماتىرىيالىمۇ بار.
ماڭائەۋەتىپ بېرەلەرسىزمۇ؟
http://ishare.iask.sina.com.cn/f/7939472.html
http://ishare.iask.sina.com.cn/f/7939472.html
مەن يوللاپ قويغان ئادىرستىن چۈشۈرۋىلىڭ . مەنمۇ شۇ يەردىن چۈشۈرۋالغان . بۇنى تەمىنلىگەن تورداشقا رەھمەت.
مەندە تۈركچە-خەنزۇچە لۇغەت بار ،لازىملىقلار ئۇچۇر قىلىڭلار،ئەۋەتىپ بېرىمەن .PDFشەكلىدە.
adil621:كارىن بىر دەم ئېلىش كۈنى ناشتىلىق تەييارلاش ئۈچۈن يېمەك بازىرىغا بېرىپتۇ، تۆۋەندىكىسى ئۇنىڭ باققال بىلەن بولغان دىئالوگىكەن
كارىن:مەرھابا(ياخشىمۇسىز)
باققال:گۈنايدىن ئەفەندىم(ئەتىگەنلىكىڭىز خەيرىلىك بولسۇن ئەپەندىم)
كارىن:ئەكمەك ۋارمى؟(بولكا بارمۇ؟)
باققال:بار
كارىن:بىر ئەكمەك لۈتفەن(بولكىدىن بىرنى مەرھەمەت،لۈتفەن سۆزى ئىنگىلىزچىدىكى pleaseسۆزىگە ئوخشاش)بۇنې؟سالام مى؟(بۇنېمە؟ قېزىما؟)
باققال:سالام دېيىل،سۇجۇك(بۇ قېزا ئەمەس، سۇجۇك . بەلكى بۇمۇ قېزىنىڭ بىر خىلى بولسا كېرەك،مەنمۇ بىلمىدىم نېمىلىكىنى)
كارىن:گۈزەلمى؟(گۈزەل سۆزى بىزنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى گۈزەل سۆزى بىلەن ئوخشاش ئەمما تۈركچىدە بۇ سۆزنىڭ ئىشلىتىلىشى بىر قەدەر كەڭ،مەسىلەن بۇ يەردىكى مەناسى بۇ ياخشىمۇ،ياكى بۇ يېڭىمۇ دېگەندەك مەنىدە بولسا كېرەك)
باققال:چوك گۈزەل(ناھايىتى ياخشى. )
كارىن:100گرام سۇجۇك لۈتفەن
باققال:تابى ئەفەندىم(تابى-ئەلۋەتتە دېگەن مەنىدە)
كارىن:يېشىل زەيتىن ۋارمى؟(يېشىل زەيتۇن بارمۇ؟)
باققال:يېشىل زەيتىن يوك،سىياھ ۋار(يېشىل زەيتۇن يوق قارىسى بار)
كارىن: پېكى(ئېغىز تىلى بولىدۇ،ماقۇل،ئەمىسە دېگەندەك مەنىدە)ئىكى يۇز گرام لۈتفەن.
ئاقساقاللىق قىلىپ قويدۇم،ئەيىبكە بۇيرىمىغايسىلەر،مەن پەقەت تۈركچىنى يېرىم يىل ئۆگەنگەن يەنە كېلىپ تۈركىيىدە ئۆگەنمىگەن،شۇڭا تۈركىيىدىكى تورداشلار يەنىمۇ تەپسىلىراق ئۆگىتىپ قويارسىلەر، بىللە ئۆگىنىلى
رەھمەت. مۇئەللىم ، بىلىۋالدىم .
UyghurBaligh:
مەندە تۈركچە-خەنزۇچە لۇغەت بار ،لازىملىقلار ئۇچۇر قىلىڭلار،ئەۋەتىپ بېرىمەن .PDFشەكلىدە.
ماڭا لازىم ، يوللاپ بىرەلەمسىز؟
hawaskar@yeah.net
رەھمەت.
ئوي رەھمەت دېيىشنىڭ ھاجىتى يوق، مۇئەللىم بولۇشقا ئاجىزمەن مەنمۇ سىزدەك ئۆگەنگۈچى ئىزدىنىشتا تۈركچىنى سويىۋېتىدىغانلار كۆپ، قېنى شۇ دوستلار ئۆگەتمەمدۇ ھەممىمىز بىرلىكتە ئۆگىنەيلى
مەندە تۈركچە ئۆگىنىش ماتىرياللىرى بەك كۆپ، ئۈن ماتىرىياللىرىمۇ بار، ھەممىسى پەنسانارىمدا، كىمگە لازىم؟ ھايىت دەڭلار،
ياكى aytvrk@hotmail.com بۇ خەت ساندۇقىغا تۈركچە ماتىرىيال لازىم دەپ خەت يوللىساڭلار ھەقسىز يوللاپ بېرىمەن،
ئۇيغۇرچە-تۈركچە،خەنزۇچە-تۈركچە،ئۆزبىكچە -تۈركچە،ئىنگىلىزچە - تۈركچە،قايسىغا ئېھتىياجلىق بولسىڭىز شۇنى ئەۋەتىمەن....
كىمۇ بىرسى دەرىس ئۆتىۋاتقان راس بىر تېمىدا . ئوقۇغۇچىلارنى تەنەپىسكە چىقىرىۋېتىپلا يۈتۈپ كەتتىغۇ ئۆزى
ئوقۇغۇچىلار ساقلاپ كەتتى قېنى بۇ مالىم. سىنىپقا كىرىڭ ھوي !...
ماڭا ئۇيغۇرچە تۈرۈكچە ماتىرىيالنى ئەۋەتىپ بىرەمسىز