UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2010-12-3 11:58:25

تارىختا بۈگۈن (3-دىكابىر )

1818-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ئىللىنوئىس شىتاتى ئامېرىكىنىڭ 21-شىتاتى بولۇپ قالغان .

1904-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ئامېرىكىلىق ئاستېرىزم پىرېن(Charles Dillon Perrine) كالىفورنىيە شتاتىدىكى بىر رەسەتخانىدا يۇپىتېرنىڭ 6-ھەمراھىنى بايقىغان .

1910-يىلى بۈگۈنكى كۈندە نېئون لامپىسى(neon light)تۇنجى قېتىم پارىژدا كۆرگەزمە قىلىپ كۆرسىتىلگەن.
نېئون لامپىسى لامپا ئىچىدە بىرخىل گاز بار لامبا بولۇپ ،ئادەتتە ئېلان ۋىۋىسكىسىغا ئىشلىتىلىدۇ .

1912-يىلى بۈگۈنكى كۈندە 1-قېتىملىق بالقان ئۇرۇشى ئاخىرلاشقان .
1-قېتىملىق بالقان ئۇرۇشى 20-ئەسىرنىڭ بېشىدا ياۋروپادىكى ھەربى توقۇنۇش ۋە قارشىلىشىشلارنىڭ باشلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.بالقان يېرىم ئارىلى ئەزەلدىن كۆپ مىللەت توپلىشىپ ياشايدىغان رايون بولۇپ،تۈركىيەلىكلەر كوسۇۋۇ ئۇرۇشىدا بالقانلىقلارنى مەغلۇپ قىلغاندىن بۇيان ،بۇ رايون ئىزچىل ھالدا ئوسمانىيلارنىڭ باشقۇرۇشىدا بولۇپ كەلگەن.بۇ رايوندىكى كوسوۋۇلۇقلار ئوسمانىيلارنىڭ ئىستىلاسىغا كۆپ يىل ئۇچرىغان .19-ئەسىردە سېربىيە مىللەتچىللىرى كۆپ قېتىم قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ تۈركىيە ئىمپېرىيىسىدىن قۇتۇلۇپ مۇستەقىل بولۇشقا ئۇرۇنغان .روسىيە ئوتتۇرا دېڭىزدىكى چىقىش ئېغىزىغا ئېرىشىشىنى كۆزلەپ،تۈركىيە بىلەن 8-قېتىملىق ئۇرۇشنى قىلغان ،ئۇشبۇئۇرۇش ئارقىلىق تۈركىيە بىلەن كېلىشىم ئىمزالىغان .ئۇ كېلىشىمدە سېربىيە ۋە قاراتاغنىڭ مۇستەقىل بولۇشى ئوتتۇرىغا قويۇلغان .ھەمدە مۇستەقىل بولغان بۇلغارىيە بولسا ئاپتونومىيىگە ئېرىشكەن .
روسيەنىڭ قوللىشى،ۋە غەربتىكى دۆلەتلەرنىڭ مەدەت بېرىشى ئارقىسىدا،ئوسمانىيلارنىڭ باشقۇرۇشىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن بۇلغارىيە ۋە سېربىيە ئىتتىپاق تۈزگەن،كىيىن گىرىيسىيەمۇ ئۇشبۇ ئىتتىپاققا قوشۇلغان .1912-يىلى 10-ئاينىڭ8-كۈنى门特利哥罗تۈركىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلغان،10-ئاينىڭ14-كۈنى سېربىيە،بۇلغارىيە،گرېتسىيە تۈركىيە)ئوسمانلىلار(غا ئاخىرقى ئۇلتىماتۇمنى تاپشۇرغان .10-ئاينىڭ18-كۈنى گرېتسىيە تۈركىيىگە جەڭ ئېلان قىلغان .ئەڭ ئاخىرى تۈركىيە ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغان
.

1944-يىلى بۈگۈنكى كۈندە گرېتسىيە ئىچكى ئۇرۇشى پارتلىغان .

1945-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ئەنگىلىيىنىڭ>قان شورىغۇچىI<ناملىق كۈرەشچى ئايروپىلاننى تۇنجى قېتىم ئاۋىئاماتكا ئۈستىدە ئۇچۇپ-قونۇشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇنلىغان.


1952-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ھىندىستان ئوتتۇرىغا قويغان چاۋشىيەندە ئۇرۇش توختىتىشنى ئەمەگە ئاشۇرۇش تەكلىپىنى ماقۇللىغان .


1953-يىلى بۈگۈنكى كۈندە توڭلىتىلغان ئىسپېرما ئارقىلىق سۈنئى ئۇرۇقلاندۇرۇش تېخنىكىسى مۇۋاپىقىيەت قازانغان .
سۈنئى ئۇرۇقلاندۇرۇش تېخنىكىسى-سۈنئى ئۇسۇللارنى قوللىنىپ،ئىسپىرمىنى چىشى ئىندىۋىتنىڭ بالىياتقۇسىغا كىرگۈزۈش ئارقىلىق يېڭى ئىندىۋىد كۆپەيتىدىغان ئۇسۇل بولۇپ،ئەڭ بۇرۇن چارۋىچىلىق تېخنىكىسىغا ئىشلىتىلگەن.ئادەملەرگە نىسبەتەن ئاساسلىقى تۇغماسلىق،ھامىلدار بولماسلىق،كۆپىيىشكە ياردەم بېرىش قاتارلىق تېخنىكلاغا ئىشلىتىلىدۇ .يېقىنقى يىللاردىن مىقياسىدا بۇ تېخنىكا يەنە ئىسپېرما تەقدىم قىلغۇچىنىڭ ئىسپىرمىسىدىن پايدىلىنىپ،ئاياللارنىڭ ئەرلەر بولمىغان ئەھۋال ئاستىدىمۇ ھامىلدار بولۇش  ئىشلىرىغا  ئىشىلتىلىۋاتدۇ.


1961-يىلى بۈگۈنكى كۈندە دېموكراتىك گېرمانىيە بېرلىن تېمىنى مۇستەھكەملىگەن.

بېرلىن تېمى‏-شەرقى گىرمانىيەدىكىلەر فاشىزمغا قارىشى،قوغدىنىش تېمى دەپ ئاتايدۇ .بۇ تامنىڭ ئومۇمى ئۇزۇنلىقى تەخمىنەن 155Kmكېلىدۇ .ئېگىزلىكى 3-4مېتىر.بۇ تام دەسلەپتە قۇرۇلغان ۋاقتىدا سىم توسۇق ئىشلىتىلگەن بولۇپ ،كېيىنچە تېخىمۇ مۇستەھكەم بولغان خىش تامغا ئالماشتۇرۇلغان .بېرلىن تېمى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشلىرىدىن بىرى ،1989-يىلى 11-ئاينىڭ9-كۈنى 28يىل قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان بۇ تام ئاخىرى ئۆرۈلگەن ئىككى گېرمانىيە ئاخىرى قوشۇلۇپ ،بىرلىككە كەلگەن .
1945-يىلىدىكى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ گىرمانىيەنى بۆلۈپ باشقۇرۇش رايونى:

بېرلىن تېمى:(ئوڭ تەرەپ شەرقى بېرلىن،سول تەرەپ غەرىبى بېرلىن)

1967-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ئىنسانىيەت تارىختىكى تۇنجى يۈرەك كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسى جەنۇبى ئافرىقىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك قىلىغان .


1971-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ھىندىستان-پاكىستان ئۇرۇشى پارتلىغان.


1979-يىلى بۈگۈنكى كۈندە تېخىمۇ ئۆلچەملىك بولغان ماسلاشما دۇنيا ۋاقتىنى گىرنىۋىچ ۋاقتىنىڭ ئورنىدا ئىشلىتىش بەلگىلەنگەن.


1984-يىلى بۈگۈنكى كۈندەئامېرىكىنىڭ ھىندىستاندىكى كاربون زاۋۇتىدا سيانىدلىق بىرىكمىلەر ئېقىپ كېتىش ھادىسىسى يۈز بېرىپ ئىككى كۈن ئىچىدە 25،000دىن كۆپرەك ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.


1989-يىلى بۈگۈنكى كۈندە تۇنجى قېتىم يۈرەك،بۆرەك،جىگەر قاتارلىق كۆپ ئەزانى بىرلا ۋاقىتتا كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك قىلىغان .


1990-يىلى بۈگۈنكى كۈندە دۆلىتىمىزتارىخدىكى ئەڭ چوڭ لۇغەت)سۆزلۈك( خەنزۇچە چوڭ لۇغەت نەشىردىن چىققان.بۇ لۇغەتتە تەخمىنەن 50،600تاق سۆز بار.


2002-يىلى بۈگۈنكى كۈندە شاڭخەي دۇنيا يەرمەنكىسى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن .

مەنبە:ۋېكپىدىيە قامۇسى

yurtum1028 يوللانغان ۋاقتى 2010-12-3 12:13:41

ئەستە ساقلىغۇدەك كۈنكەن .

uyghurtegin يوللانغان ۋاقتى 2010-12-3 16:10:48

ھەجەپ جىق ئش بولاپ كېتىپتىكەنيا..

armanjan يوللانغان ۋاقتى 2010-12-4 20:59:19

2010- يىلى بۇگۇنكى كۇن بۇران چىقتى........   
بەت: [1]
: تارىختا بۈگۈن(3-دىكابىر)