arek يوللانغان ۋاقتى 2010-12-2 18:12:53

تارىختا بۈگۈن (2-دېكابىر )

1988-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگولۇقلار جەنۇبىي قۇتۇپتىكى ۋېنسېن چوققىسىغا چىققان، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە چوققىغا چىقىش رىكورتىنى ياراتقان. شۇ كۈنى ئەتىگەندە، جۇڭگو-ئامېرىكا بىرلەشمە تاغقا چىقىش تەكشۈرۈش ئەترىتى جەنۇبىي قۇتۇپتىكى ئەڭ ئېگىز چوققا ۋېنسېن چوققىسىغا چىققان. ۋېنسېن چوققىسىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 5140 مېتىر كېلىدۇ. گەرچە ئىللىق پەسىل بولسىمۇ، تېمپېراتورا نۆلدىن تۆۋەن 40 گىرادۇس. ھەتتا بەزىدە بوران چىقىدۇ. بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى جەمئىي ئالتە كىشىدىن تەركىب تاپقان. جۇڭگولۇق لى جىشىن ۋىنسېن چوققىسىغا چىقىشقا يەتتە سائەت كەتكەن بولۇپ، تارىختىكى ئەڭ قىسقا نەتىجە ھېسابلىنىدۇ.

1982-يىلى ئامېرىكا دۇنيادىكى تۇنجى سۈنئىي يۈرەكنى مۇۋەپپەقىيەتلىك كۆچۈرگەن. 61 ياشلىق دوكتۇر كىراك سۈنئىي يۈرەكنى ئۆزىگە مەڭگۈلۈك كۆچۈرۈشنى قوبۇل قىلغان تۇنجى پىدائىي. ئۇ چىش دوختۇرى ئىدى. بۇ سۈنئىي يۈرەك كۆچۈرۈش ئوپىراتسىيەسىگە 7.5 سائەت كەتكەن. 1981-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمقى بۇدخانا ئىسپانىيەدە بايقالغان. بۇ مۇكەممەل ساقلانغان بۇدخانا تاش قوراللار دەۋرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە بايقالغان بولۇپ، 14 مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە. بۇ بۇدخانا تاغ ئۆڭكۈرىدە بايقالغان.

1975-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ماۋ زېدۇڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى فورد بىلەن كۆرۈشكەن. ماۋ زېدۇڭ ئامېرىكىلىق مېھمانلار بىلەن بىر-بىرلەپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەن. فورد دوستانە كەيپىيات ئىچىدە، كەڭ تېمىلار ئۈستىدە ئەستايىدىل چوڭقۇر سۆھبەتلەشتى. فورد جۇڭگوغا زىيارەتكە كېلىشتىن بۇرۇن: مەن جۇڭگوغا بېرىپ ئىككى ئۇلۇغ دۆلەتنىڭ يېڭى مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ ياخشىلايمەن، بىز ھازىر جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئۆز-ئارا ھۆرمەت قىلىدىغان مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرىمىز. بۇ ئاسىيانىڭ مۇقىملىقى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە پايدىلىق. فورد 1-دېكابىردىن 5-دېكابىرغىچە جۇڭگودا زىيارەتتە بولغان.

1971-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىكى رەسمىي قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان. ئەرەب دېڭىز قولتۇقى رايونىدىكى ئالتە خەلىپىلىك ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنى قۇرغان. بۇ ئالتە خەلىپىلىك: ئەبۇ زابى، دۇبەي، شارجا، فۇجەيرەھ، ئاجمان، ئامال كۇۋان. ئۇلار ئۇزۇن مەزگىلدىن بۇيان ئەنگىلىيەنىڭ ئاتالمىش قوغدىشى ئاستىدا ئىدى. بۇ ئالتە خەلىپىلىكنىڭ رەھبەرلىرى دۇبەيدە يىغىن ئۆتكۈزگەن.

1823-يىلى مونرو خىتابنامىسى ئېلان قىلىنغان. ئامېرىكىنىڭ 1-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى جېيمىس مونرو «پارلامېنتقا خەت يېزىش» ئۇسۇلى ئارقىلىق مۇھىم دىپلوماتىيە سىياسىتى باياناتنامىسى-مونرو خىتابنامىسىنى ئېلان قىلغان، 19-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا لاتىن ئامېرىكىسىنڭ مۇستەقىللىق ھەرىكىتى ئەۋج ئالدى، ئىسپانىيە ياۋروپادىكى «مۇقەددەس ئىتتىپاقداش» نىڭ ياردىمىدە، ئامېرىكا قىتئەسىدىكى مۇستەملىكىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى بولغان. ئەنگلىيە بىلەن «مۇقەددەس ئىتتىپاقداش» دىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر لاتىن ئامېرىكا قىتئەسىگە ھۇجۇم قىلىشقا باشلىدى. مونرو ياۋروپا قىتئەسىدىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ لاتىن ئامېرىكا قىتئەسى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىنى توسۇسنى مەقسەت قىلىپ، مونرو خىتابنامىسى ئېلان قىلغان.
-------------------------------------------

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى  

بەت: [1]
: تارىختا بۈگۈن(2-دېكابىر)