UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2010-12-2 06:12:29

تارىختا بۈگۈن (2-دىكابىر )

1908-يىلى بۈگۈنكى كۈندە<ئەڭ ئاخىرقى پادىشاھ>فۇيى تەخىتكە چىققان.

1939-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ئامېرىكىنىڭ لاگۋاردىيە ئايرىپورتى(LaGuardia Airport) رەسمى يۇسۇندا ئىشلىتىلىشكە باشلىغان.

لاگۋاردىيە ئايرىپورتى ئامېركىنىڭ ئۈچ چوڭ ئايرىپورتىنىڭ بىرى .

1942-يىلى بۈگۈنىكى كۈندە مانخاتتۇن پىلانىنىڭ رەھبىرى فىرمى(Enrico Fermi )چىكاكو ئۇنۋېرسىتىتىدا تۇنجى يادرو رېئاكتورىنى تەجرىبەقىلىپ مۇۋاپپىقىيەت قازانغان.

مانخاتتون پىلانى(Manhattan Project)- ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى تەرپىدىن باشلانغان ،ئاتوم بومبىسى ياساش گورۇپىسىنىڭ مەخپى بەلگىسى ،بۇ پىلانغا سېلىنغان ئومۇمى مەبلەغ2مىليارىد دوللارغا يىتىدۇ.1945-يىلى ئامېرىكىنىڭ تۇنجى ئاتوم بومبىسى يېڭى مېكسىكا شىتاتىدىكى قۇملۇقتا پارتىلىغان بولۇپ ،پارتىلاش كۈچى 21مىڭ توننا تىرى نېترو تولىئول(TNT)نىڭ پارتىلاش كۈچىگە باراۋەر بولغان.

1943-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ئامېركىنىڭ ئاتوم بومبىسى ياساش تەجىربە گورۇپىسى قۇرۇلغان.

1961-يىلى بۈگۈنكى كۈندە فىدىل كاستىرو ئۆزىنىڭ ماركىسىزىمچى ئىكەنلىكىنى ،كۇبانىڭ سوتسىيالىستىك تۈزۈمنى يولغا قويدىغانلىقىنى ئىلان قىلغان.

1971-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قۇرۇلغانلىقى جاكارلانغان.

1976-يىلى بۈگۈنكى كۈندە كاستىرو(Fidel Castro) كۇبانىڭ زوڭتۇڭى بولغان.

1991-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ئالما كومپىيوتېرى بىرىنجى ئەۋلادQuickTimeنى ئوتتۇرغا چىقارغان.

2005-يىلى بۈگۈنكى كۈندە Microsoftنىڭ Xbox 360سى ياۋروپا بازارلىرىغا سېلىنغان.


مەنبە:ۋېكپىدىيە قامۇسى

Huqush يوللانغان ۋاقتى 2010-12-2 14:36:34

QuickTime   نېمە دېتال بۇ ؟
بەت: [1]
: تارىختا بۈگۈن(2-دىكابىر)