jewlan يوللانغان ۋاقتى 2010-12-1 20:55:09

National Geographic باھالاپ چىققان ئون چوڭ رەسىم

1.

بۇ يىل يازدا زامبىيە دۆلەتلىك ھايۋانات قوغداش رايونىدا كۆپ كۆرۈلمەيدىغان نىل دەرياسى تىمسىغى بىلەن زامبىيە پىلى ئوتتۇرىسدا كەسكىن كۆرەش يۈز بەرگەن ...

2.

رەسىمدىكى گىۋىدىمالا دىكى گۆمۈرلۈپ چۈشكەن "چوڭ ئازگال" ، خەنزۇچىدە 天坑 دەپ ئالىدىكەن ، نىمە دەيدىغانلىقىنى بىلمىدىم ، ماتىرياللارغا قاراپ باقسام يەرشارىنىڭ كۆپ قىىسىم جايلىرىدا مۇشۇنداق تۇيۇقسىز گۈمۈرلۈپ چۈشكەن جايلار خېلى كۆپ ئىكەن بەزىلىرىنىڭ شەكىللەنگەنلىكىگە ئۇزۇن بولغان بەزىلىرى تېخى يېقىندىلا شەكىللەنگەن بولۇپ چوڭ كىچىكلىگى جەھەتتىن پەرق قىلىدىكەن، بۇمۇ بىر تەبىئى ئاپەت ئوخشايدۇ ، كېلىپ چىقىش سەۋەبى ھەققىدە تالاش تارتىشلار بەك كۆپكەن ، لېكىن ئېنىقى يەر پوستىنىڭ ئۆزگىرىشى ئاساسلىق سەۋەب ئوخشايدۇ...

3.

بۇ يىل 5 - ئايدا تېخى يەرشارىدىكى جانلىقلارنىڭ قاتارىغا قوشۇلغان يېڭىدىن بايقالغان بۇ بېلىقنىڭ باشقا بېلىققا ئوخشىمايدىغان نەرى باردۇ؟جاۋابى بۇ بېلىقنىڭ قولى باركەن

4.

دېڭىز ئاستىدىن بايقالغان يېڭى جانلىق بولۇپ ئىسمى Mr. Blobby كەن.

5.

بۇ ئىسلاندىيە يانار تېغىنىڭ پارتىلىشى بىلەنچېقىۋاتقان چاقماقتىن قوشۇلۇپ ھاسىل بولغان تەبىئى مەنزىرە بولۇپ كىشىگە قانداقتۇر بىر فانتازىيلىك فىلىملەرنى ئەسلىتىدۇ ...

6.

بۇ يەرشارىدىكى ئەڭ يېقىندا پەيدا بولغان "چوڭ ئازگال" بولۇپ بۇمۇ بۇ يىل 6 - ئايدا گىۋىدىمالا دىگەن يەردە بولغان ئوخشايدۇ...

7.

كانايدەك بۇرنى ، شەپەرەڭدەك چىرايى ، مايمۇندەك بەدىنى بولغان بۇ مەخلۇق بۇ يىل يېڭى تېپىلغان جانلىقلار ئارىسىدىكى بىر قەدەر ھەيران قالارلىق بولۇپ ، ئاساسلىقى ئافرىقا ۋە ئامېركا قىتئەلىرىدە ياشايدىكەن ، سانى ئىنتايىن ئاز ئىمىش...

8.

بۇمۇ يېڭى تېپىلغان بېلىق ئىكەن ، شەكلى ۋە ھەيۋىتىدىن كىشى چۆچۈگىدەك ...

8.

مېكىسىكا قولتۇغى ،ئەنگىلىيە نېفىت شېركىتىنىڭ يەرشارىغا قىلغان بىر قېتىملىق زور بۇزغۇنچىلىقى !

10

بۇ بولغانغان دېڭىزنىڭ ئۈسىتىدىن كۆرۈنىشى بولۇپ، ئېيتىلىشىچە قۇشنىڭ تېنىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان كامېرادىن تارتىلغان سۈرەتمىش ، ئالىملار بۇ قېتىملىقيەنى 4 -ئايدا لەيلەپ چىققان نېفىتنىڭ تارقىلىشىنى بۇ ئاپەتنى باھالاشتىكى مۇھىمبىر ئامىل دەپ قارىماقتا ...

مەنبە :تور

Baghrim يوللانغان ۋاقتى 2010-12-1 21:13:09

تۇيۇقسىز ئازگاللارنىڭ پەيدا بولىشى بەك قورقۇنۇچلۇق ئىشكەن ، يولدا كېتىۋېتىپ تۇيۇقسىز چوڭقۇر ھاڭغا چۈشۈپ كەتسەم...

tarimi يوللانغان ۋاقتى 2010-12-1 21:15:47

يەنە بارمۇ ؟ئاران مۇشۇنچىلىىكما .

ئاۋۇ 2-رەسىمدىكى ئازگالغا قىزىقىپ قالدىم،

Musicfan يوللانغان ۋاقتى 2010-12-1 21:16:48

بىر مۇزىكا كىرىشتۈرۋەتكەن بولساق بوپتىكەن

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2010-12-1 22:03:08

jewlan:


6.

بۇ يەرشارىدىكى ئەڭ يېقىندا پەيدا بولغان \"چوڭ ئازگال\" بولۇپ بۇمۇ بۇ يىل 6 - ئايدا گىۋىدىمالا دىگەن يەردە بولغان ئوخشايدۇ...



ما ئەدەم ئازگالغا بەك يېقى تۇرۋاپتۇ ، سۆرەپ كىرىپ كەتسە چاتاق . ئا ئازگال بەك چوڭكەن !

Ay يوللانغان ۋاقتى 2010-12-1 22:43:21

قويغۇچ يوققۇ؟ناخشا نەدىن چىقىۋاتىدۇ؟ھېلىقى بىر تېمىدىمۇ مۇشۇنداق\"مۆكۈۋالغان قويغۇچ\"يولداشلارنى خېلى ئىزدەتكەندەك قىلغان.

dervish يوللانغان ۋاقتى 2010-12-1 22:55:50

مەنمۇ خىلى ھازاغىچە ئىزدەپ ھىچ تاپالمىدىم دىسە ناخشا قويغۇچنى..

ئاۋۇ ئازگالنىڭ ئىشى قانداق ئىشتۇ ھەجەپ كۆپىيىپ قالدى دىسە...

rock يوللانغان ۋاقتى 2010-12-2 08:18:53

مۇشۇ NG غا قىزىقىدىغان باللا كۆپمىدۇ؟

turkex يوللانغان ۋاقتى 2010-12-2 09:29:27

ay____:
قويغۇچ يوققۇ؟ناخشا نەدىن چىقىۋاتىدۇ؟ھېلىقى بىر تېمىدىمۇ مۇشۇنداق\"مۆكۈۋالغان قويغۇچ\"يولداشلارنى خېلى ئىزدەتكەندەك قىلغان.

بۇنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ

Riwayetweb يوللانغان ۋاقتى 2010-12-2 09:54:08

فاتىمە-زۆھرە دېگەن ناخشا بولغان بولسا

بۇرۇنقى رەڭلىك ئۇچۇرلىرىڭىزنى سىغىنىپ قالدۇق

Istanbul يوللانغان ۋاقتى 2010-12-2 10:41:02

Musicfan يوللانغان ۋاقتى 2010-12-2 11:00:01

بىرىنى ئۆچۈرۈڭلار ھەي ...بىرسى يۇشۇرۇپ بىرىڭ دىمىگەندىكىن

Ay يوللانغان ۋاقتى 2010-12-2 11:36:37

turkex:

ay____:
قويغۇچ يوققۇ؟ناخشا نەدىن چىقىۋاتىدۇ؟ھېلىقى بىر تېمىدىمۇ مۇشۇنداق\"مۆكۈۋالغان قويغۇچ\"يولداشلارنى خېلى ئىزدەتكەندەك قىلغان.

بۇنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ

رەھمەت!ئەسلىدىغۇ...ناخشىنى چۈشۈرۈش خىيالىممۇ يوقتى،شۇ قويغۇچنى نەگە مۆكتۈرۈپ قويغىنىغا قىزىقىپ سوراپ باققانتىم

Ay يوللانغان ۋاقتى 2010-12-2 11:37:59

گۇمپىسىنى يوشۇرۇن نامايەندە قىلىدىغانلار خېلى كۆپ چىراي

joshua يوللانغان ۋاقتى 2010-12-2 17:17:57

فاتىمە-زۆھرە مەندە بار، كېرەكمۇ؟

yarkin92 يوللانغان ۋاقتى 2010-12-2 17:50:44

joshua:
فاتىمە-زۆھرە مەندە بار، كېرەكمۇ؟

-------------------------

كېرەك.

Filiz يوللانغان ۋاقتى 2010-12-2 20:08:45

ئاۋۇ چوڭ ئازگالدىن قورقۇپ تۇرسام ئاۋۇ مەخلۇق شۇنداقمۇ رەسىم ياسىغۇچتا ھەر خىل ھايۋانلارنىڭ ئۇيەر - بۇيىرىنى كىرىشتۈرۈپ ياساپ چىقىلغاندەك غەيرىكەن .....

ئازگالغا چۈشسەممۇ شۇ مەخلۇقنى ئويلاپ كىتىۋاتقان بولسام چۈشۈپ كەتكۈدەكمەن ....

Jewlaniy يوللانغان ۋاقتى 2010-12-3 00:48:00

Baghrim:

تۇيۇقسىز ئازگاللارنىڭ پەيدا بولىشى بەك قورقۇنۇچلۇق ئىشكەن ، يولدا كېتىۋېتىپ تۇيۇقسىز چوڭقۇر ھاڭغا چۈشۈپ كەتسەم...


خىيالى...

joshua يوللانغان ۋاقتى 2010-12-4 07:58:49

مەن بوشلۇق ئىزدەپ يوللاپ باقاي.

joshua يوللانغان ۋاقتى 2010-12-5 01:01:39

كىمدە بىكارلىق بوشلۇق بار؟ بىر ياردەم قىلىڭلارا
بەت: [1]
: National Geographic باھالاپ چىققان ئون چوڭ رەسىم