Yuksel يوللانغان ۋاقتى 2010-12-1 19:06:04

ئىنساننى ئەزىزلەپ، ھاياتنى قەدىرلەيلى !

‹‹ ئەسىر ۋاباسى ›› دېگەن نام بىلەن كۆڭۈللەرنى شۈركەندۈرگۈچى ئەيدىز ( AIDS ) دۇنيا مىقىياسىدا ئاللىقاچان مىليۇنلىغان كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى. ئىنسانىيەت AIDS خىرس قىلغان تۇنجى كۈندىن باشلاپ ئۇنى بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن جان – جەھلى بىلەن تىرىشىپ كەلدى. تاكى شۇ تاپقىچە، نە AIDS نىڭ شىپاسى تېپىلغىنى ، نە AIDS نىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ۋاكسىنا ئىشلەپ چىقىلغىنى يوق. ئەمما، AIDS نى داۋالايدىغان دورىلارنى ياساشتا ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلىۋاتىدۇ، AIDS ۋاكسىنىسىنى ياساشتىمۇ بۆسۈشلەر بارلىققا كېلىۋاتىدۇ. بىر ئېغىز گەپ، بىز ھامان بىر كۈنى ئىنسانىيەتنىڭ AIDS ئۈستىدىن غالىب كېلىشىگە ئىشىنىشكە ھەقلىقمىز!

بۈگۈن 12 – ئاينىڭ 1 – كۈنى ، بۈگۈن 23 – نۆۋەتلىك ‹‹ دۇنيا ئەيدىز كۈنى ( World AIDS Day ) ›› . بۇ يىلقى دۇنيا ئەيدىز كۈنىدىكى تەشۋىقات باش تېمىسى يەنىلا ‹‹ ئەھدىمىزگە ۋاپا قىلىپ ، ئەيدىزنى چەكلەيلى ›› ، قوشۇمچە تېما ‹‹ ئىنساننى ئەزىزلەپ، ھاياتنى قەدىرلەيلى ›› دېگەندىن ئىبارەتتۇر.

رەقەملەردىن AIDS يۇقۇمىغا نەزەر

ب د ت ئەيدىز پىلان مەھكىمىسى ( UNAIDS ) نىڭ 2009 – يىلنىڭ ئاخىرىغىچە بولغان دۇنيا ئەيدىز يۇقۇمى ھەققىدە چىقارغان دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، دۇنيا بويىچە AIDS يۇقۇمدارلىرىنىڭ سانى 33 مىليۇن نەپەر ئىكەن. جۇڭگو سەھىيە مىنىستىرلىكى ئېلان قىلغان دوكلاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، 2010 – يىلى جۇڭگودىكى ئەيدىز ( AIDS ) يۇقۇمدارى ۋە بىمارى 370 مىڭ نەپەرگە، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەيدىز ( AIDS ) بىمارى 130 مىڭ نەپەرگە يەتكەن بولۇپ، ئەيدىز ( AIDS ) تۈپەيلى ئۆلۈپ كەتكەن كىشى 68 مىڭ نەپەر بولغان. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتى ئېلان قىلغان دوكلاتتا بىلدۈرۈلىشىچە، 2010 – يىلى 10 – ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ، شىنجاڭدا جەمئىي دوكلات قىلىنغان ئەيدىز ( AIDS ) يۇقۇمدارى 32532 نەپەرگە يەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە AIDS بىمارى 5651 نەپەر. AIDS يۇقۇمدارلىرىنىڭ ئومۇمىي سانى بويىچە مەملىكەت بويىچە 5 – ئورۇندا تۇرغان. ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەھىيە ئىدارىسى ئېلان قىلغان دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، 2010 – يىلى 9 – ئاينىڭ 30 – كۈنىگىچە ئۈرۈمچىدە دوكلات قىلىنغان ئەيدىز يۇقۇمدارى 10226 نەپەرگە يەتكەن بولۇپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى ئومۇمىي سانى ( 32532 نەپەر ) نىڭ ئازغىنە كەم 3 / 1 نى ئىگىلىگەن.

دىققىتىمىزنى قوزغاشقا تېگىشلىك بىر قانچە نۇقتا

1. دىيارىمىز جۇڭگودىكى ئەيدىز يۇقۇمى بىرقەدەر ئېغىر بولغان رايون. گەرچە ھۆكۈمەت دوكلاتلىرىدا تىلغا ئېلىنمىغىنى بىلەن شۇنى كۆرۈپ يەتمەك تەس ئەمەسكى ،دىيارىمىزدىكى ئۇيغۇرلار ئەيدىزنىڭ ئەڭ كەسكىن خىرسىغا دۇچ كەلمەكتە.
2. ئەيدىزنىڭ تارقىلىش يولىدا ئۆزگىرىش كۆرۈلگەن بولۇپ، ئىلگىرىكى زەھەر چېكىش جەريانىدا شىپىرىسنى ئورتاق ئىشلىتىش ئارقىلىق يۇقۇش ئاساسىي سالماقنى ئىگىلەشتىن ، جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇقۇش ئاساسىي سالماقنى ئىگىلەشكە ئۆزگەرگەن.
3. دىيارىمىزدىكى ئەركەك ھەمجىنىسۋازلار ئارىسىدىكى ئەيدىزنىڭ يۇقۇش سۈرئىتى تېز ئۆرلەش يۈزلىنىشىدە بولۇپ، بۇ خىل ھالەت كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ. تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋرىدە دىيارىمىزدىكى ئەركەك ھەمجىنىسۋازلار ئومۇمىي سانىنىڭ 30 مىڭدىن كەم ئەمەسلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
4. ئەيدىز يۇقۇمى يۇقتۇرۇۋېلىش خەتىرى يۇقىرى كىشىلەر توپىدىن بارغانسېرى ئادەتتىكى كىشىلەر توپىغا قاراپ كېڭەيمەكتە.
5. ئاياللار ئەيدىز يۇقۇمى ئالىدىدا ئاجىز توپقا ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ.
6. ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا ئەيدىز تەشۋىقاتىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ. ئوقۇغۇچىلارغا ئۆزىنى قەدىرلەش، ھاياتنى ئەزىزلەش تەربىيىسىنى كۈچەيتىش زۆرۈر.
7. ئەيدىز ھەققىدىكى تەشۋىقاتنى ناھىيە – بازارلار ، يېزا – قىشلاقلارغىچە ياخشى ئىشلەش ، ھەممە ئادەمنى ئەيدىز ھەققىدىكى ساۋاتلارنى خەۋەردار قىلىش كېرەك.

ئاخىرقى سۆز

دۇنيا ئەيدىز كۈنى يېتىپ كېلىش پەيتىدە ، يۈكسەل بلوگى بارلىق زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ ، AIDS گە ئالاقىدار بىلىم ، خەۋەر – ئۇچۇرلارنى يوللاپ ، كەڭ تورداشلارنىڭ دىققەت نەزىرىنى AIDS مەسىلىسىگە ئاغدۇرۇشقا تىرىشتى. ئاخىرىدا ، يۈكسەل بارىلىق تورداشلارنى ئۆزىمىزنى قەدىرلەپ ، AIDS دىن نېرى تۇرۇشقا ، AIDS بىمارلىرىنى كەمسىتمەي ئۇلارنى ئارىغا ئېلىپ، ئۇلارغا ئىللىقلىق ئاتا قىلىشقا، ئەھدىمىزگە ۋاپا قىلىپ، ئەيدىزنى چەكلەشكە، ئىنساننى ئەزىزلەپ، ھاياتنى قەدىرلەشكە چاقىرىق قىلىدۇ.

sharaf يوللانغان ۋاقتى 2010-12-1 20:24:00

ئۆتكەنلەردە ئەيدىز تەشۋىقاتى ئوبدان بولغاچقا نۇرغۇن كىشىلەر تۇرمۇشتا دىققەت قىلىدىغان بولغان ئىدى، يېقىندىن بۇيان تەشۋىقات ئازراق سۇسلاپ قېلىۋىدى، ھۇشيارلىقمۇ تۆۋەنلەپ كەتكەندەك بولىۋاتىدۇ.

Erzat يوللانغان ۋاقتى 2010-12-1 20:54:56

مەن ئىككى قېتىم ئەيدىز بىلەن مۆرە سوقۇشتۇرۇپ ئۆتۈپ كەتتىم، ئۈچىنچى قېتىم خۇدا ساقلىسۇن.

Musicfan يوللانغان ۋاقتى 2010-12-1 21:18:06

قانداق بىلدىڭىز ؟ ئالامەتلىرى قانداق بۇلىدىكەن ؟

tarimi يوللانغان ۋاقتى 2010-12-1 21:53:54

ئەركەك ھەمجنىسىلار دىگنىڭىز مۇۋاپىق بولماپتۇ ،ھەمجىنىس بولغاندىكدىكىن ئەركەك بولمايدىغاندۇ

Yuksel يوللانغان ۋاقتى 2010-12-1 22:01:36

tarimi:
ئەركەك ھەمجنىسىلار دىگنىڭىز مۇۋاپىق بولماپتۇ ،ھەمجىنىس بولغاندىكدىكىن ئەركەك بولمايدىغاندۇ

ئەركەك ھەمجىنىسلار دېمىدىم. دېگىنىم << ئەركەك ھەمجىنىسۋازلار >>.

ھەمجىنىسۋازلار ( 同性恋 ) 2 خىل ،ئۇلار ئەركەك ھەمجىنىسۋازلار (男同)، چىشى ھەمجىنىسۋازلار (女同)دىن ئىبارەت. ئەگەر ئەركەك - چىشىلىق سۈپىتىنى ھايۋانىي دەپ قارايدىغان ، ئىدىيىسى ئىلغارلىشىپ كەتكەن كىشىلەر بولسا، ئورنىغا ئەر - ئايال دېگەن سۆزنى ئالماشتۇرىۋالسىمۇ بولىدۇ.

Yuksel يوللانغان ۋاقتى 2010-12-1 22:02:50

ئاللاھ خۇدايىم ، تارىمىنىڭ ئىشارە قىلغان مەنىسىنى ئەمدى چۈشەندىم.

gulen يوللانغان ۋاقتى 2010-12-2 04:45:43

Yuksel:

tarimi:
ئەركەك ھەمجنىسىلار دىگنىڭىز مۇۋاپىق بولماپتۇ ،ھەمجىنىس بولغاندىكدىكىن ئەركەك بولمايدىغاندۇ

ئەركەك ھەمجىنىسلار دېمىدىم. دېگىنىم << ئەركەك ھەمجىنىسۋازلار >>.

ھەمجىنىسۋازلار ( 同性恋 ) 2 خىل ،ئۇلار ئەركەك ھەمجىنىسۋازلار (男同)، چىشى ھەمجىنىسۋازلار (女同)دىن ئىبارەت. ئەگەر ئەركەك - چىشىلىق سۈپىتىنى ھايۋانىي دەپ قارايدىغان ، ئىدىيىسى ئىلغارلىشىپ كەتكەن كىشىلەر بولسا، ئورنىغا ئەر - ئايال دېگەن سۆزنى ئالماشتۇرىۋالسىمۇ بولىدۇ.

بولسا گەپنى ئۇزارتماي جىنىسبازلا دەيلى، چۈنكى ھەمجىنىسباز دېگەن سۆز خەنچىنىڭ خەتمۇ خەت تەرجىمىسى بولۇپ قاپتۇ. فارىسچىدىمۇ جىنىسباز دەيدۇ. مەن ھېلىقى نىجاد دېگەننىڭ ھېجىيىپ تۇرۇپ دەر ئىران جىنىسباز نەدارە(ئىراندا جىنىسباز يوق) دېگەن گېپىنى ئاڭلاپ تېخىمۇ ئۆچ بولغان مۇستەبىتلىككە.

koktash يوللانغان ۋاقتى 2010-12-2 08:13:05

ھەمجنىس- ئەركەك، چىشىغا ئوخشاش قارىتىلغان. بەچەۋاز بولسا بۇنىڭ ئەركىكى، لەۋۋاز بولسا بۇنىڭ چىشىسىنى كۆرسىتىدۇ.

يولداش جۇئىنلەيمۇ ئەينى ۋاقتىدا \"جۇڭگودا جىنسىي كېسەل يوق\" دەپ جاكارلىغان ئىدى. چۈنكى ئەينى چاغدا تەكشۈرۈش ۋە دىئاگنوز ئەسلىھەلىرى قالاق بولغاندىن باشقا، جىنسىي كېسىلى بارلارغا توي خېتى كەسمەيتتى، شۇڭا قايسى بىمار ئۆزىنى \"جىنسىي كېسىلىم بار\" دەپ دوختۇرخانىغا باراتتى دەيسىز.  ھازىر قارىسىڭىز، كوچا-كوچىلاردا جىنسىي كېسەلنى داۋالاش ئېلانلىرىنى كۆرۈپ تۇرىمىز.

دەل شۇنىڭغا ئوخشاش، ئىراندەك ھەمجىنىسلارغا قەتئىي قارشى دۆلەتتە كىممۇ ئۆزىنى \"مەن ھەمجىنىس\" دەپ دوكلات قىلسۇن!؟

erkekler يوللانغان ۋاقتى 2010-12-2 09:37:52

دۇنيا ئەيدىز كۈنىدە بۇ كىسەلگە مۇناسىۋەتلىك تېمىنىڭ مۇنبەرگە يوللانغىنىدىن خۇشال بولدۇم. لېكىن ماۋزۇ ئانچە قولاشمىغاندەك تۇرامدۇ نىمە؟

گۇلەن ئەپەندى، پارىسچە ئۆگىنىش ئويۇم بار ئىدى. ماتېرىيال تاپالماي قالدىم. ماڭا ياردەم بېرەلەسىزمۇ؟

Erzat يوللانغان ۋاقتى 2010-12-2 13:50:14

بىرىنچى قېتىملىقى 2007 -يىلى، تىز قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە چىققان ۋاقتىم، بىر كۈنى كەچتە دۈمبە، قوساقلىرىغا پىچاق يىگەن بىرسىنى ئەكەپتىكەن، ئالدىراشچىلىقتا پەلەي كيىۋېلىشنىمۇ ئۇنتۇپ، بىمارنىڭ كىيىملىرىنى قايرىپ يارا ئېغىزلىرىنى تېڭىپ، كىسەلخانىغا يولغا سالدىم، قوللىرىم قان بوپ كېتىپتىكەن يۇيۇۋەتتىم. ئەتىسى چۈشتە بىر تويدا پولو يەپ ئولتۇرسام خىزمەتداشلىرىم كىرىپلا، تۆنۈگۈن سەن ئەۋەتكەن بىمار ئەيدىزكەن دىمەسمۇ، يەۋاتقان ئېشىمنى شۇ يەردە قويۇپ چىقىپ قولۇمنى مانچە قېتىم سوپۇنلاپ يۇيدۇم. قولۇمدا يارا بولمىسا يۇقمايدىغانلىقىنى بىلسەممۇ، قولۇم ئانچە-مۇنچە ئەتتىكەن بوپ قاپتىكەن، ئەنسىرەپ 15 كۈندە بىر قان تەكشۈرتۈپ 3 ئاي بولغاندا ئاخىرى خاتىرجەم بولدۇم.ئارىلىقتا خېلى ئىشلارغا دىققەت قىلىشقا توغرا كەلدى.

gulen يوللانغان ۋاقتى 2010-12-2 23:16:26

erkekler:

دۇنيا ئەيدىز كۈنىدە بۇ كىسەلگە مۇناسىۋەتلىك تېمىنىڭ مۇنبەرگە يوللانغىنىدىن خۇشال بولدۇم. لېكىن ماۋزۇ ئانچە قولاشمىغاندەك تۇرامدۇ نىمە؟

گۇلەن ئەپەندى، پارىسچە ئۆگىنىش ئويۇم بار ئىدى. ماتېرىيال تاپالماي قالدىم. ماڭا ياردەم بېرەلەسىزمۇ؟

مەنمۇ تازا ئوبدان بىلمەيمەن، لېكىن دىققەت قىلسام يامان ئەمەس ئاڭلاپ چۈشىنىمەن. ماڭا خەت يازسىڭىز مەن تەپسىلى مەسلەھەت بەرسەم، قولۇمدىن كەلسىلا يارىدەم سىزدىن ئايلانسۇن.

بەت: [1]
: ئىنساننى ئەزىزلەپ، ھاياتنى قەدىرلەيلى !